خوتەن شەھىرى

ئورنى Wikipedia
‎Uyghur Latin Yéziqi.
Xoten.jpg
Khotan-melikawat-chicas-d03.jpg

خوتەن شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر شەھىر بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن خوتەن ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. خوتەن تارىختا ئۇدۇن ۋە ئىلچى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن، ھازىرقى خوتەن شەھىرى قەدىمدىن تارتىپ بۇ رايوننىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كەلگەن.

ئومۇمى ئەھۋالى[تەھرىر]

خوتەن شەھىرى يۇرۇڭقاش دەرياسى بىلەن قاراقاش دەرياسىدىن ھاسىل بولغان تىنما تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، شەھەر مەركىزىدىن يۇرۇڭقاش دەرياسىغىچە بولغان ئارىلىق نەچچە كىلومىتېرلا كىلىدۇ. شەرقى تەرىپى لوپ ناھىيىسى بىلەن يۇرۇڭقاش دەرياسى ئارقىلىقلا ئايرىلىپ تۇرىدۇ، غەربى تەرىپى خوتەن ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ، قاراقاش ناھىيە بازىرى خوتەن شەھىرىنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئارىلىقى 20كىلومىتېر كېلىدۇ. شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان تاشيول مۇساپىسى 1500 كىلومېتىر، قەشقەر شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 500كىلومىتېر ئەتراپىدا كېلىدۇ.

تارىخ[تەھرىر]

خوتەن شەھىرى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇدۇن دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋەيسا تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە نامى خوتەن < > دەپ ئاتالغان. مىنگو 2 - يىلى خوتەن ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان. 1959 - يىلىغا كەلگەندە خەنزۇچىدىكى < > خېتىگە ئۆزگەرتىلگەن. 1984 - يىلى خوتەن ناھىيىسىنىڭ بىر قىسمى ئايرىلىپ چىقىلىپ خوتەن شەھىرى تەسىس قىلىنغان ھەم خوتەن ۋىلايىتىگە قارىغان

جۇغراپىيە[تەھرىر]

خوتەن شەھىرى يۇرۇڭقاش دەرياسى بىلەن قاراقاش دەرياسىدىن ھاسىل بولغان تىنما تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان. شىمالىي تەرىپى لوپ ناھىيىسى بىلەن دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، غەربىي تەرىپى خوتەن ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 27 كىلومېتىر، شەرقىتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 11.5 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 189 كۋادرات كىلومېتىر.

مەمۇرىي رايون[تەھرىر]

خوتەن شەھىرى قارمىقىدا جەمئى 2 بازار 6 يېزا، 4 مەھەللە ئىش بېجىرىش باشقارمىسى، 28 ئاھالە كومىتېتى، 58 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار

ئىقتىساد[تەھرىر]

ئۇزۇندىن بېرى خوتەن شەھىرىنىڭ ئىقتىسادى مۇقىم تۈردە تېز تەرەققى قىلىپ كەلدى. خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىپ، كىشى-بېشىغا كەلگەن ئوتتۇرىچە كىرىم ئۈزلۈكسىز مۇقىم ئاشتى. 2010-يىلى پۈتۈن شەھەرنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى 2مىليارد500مىليون بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14ئاشقان. يەرلىك مالىيە كىرىمى 250مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41ئاشقان، كىشى-بېشىغا كەلگەن ئوتتۇرىچە كىرىم 3800يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14ئاشقان.

نوپۇس ئەھۋالى[تەھرىر]

خوتەن شەھىرىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى380مىڭ(2010-يىلىدىكى 6-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسى) بولۇپ، ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق قاتارلىق 13مىللەت ياشايدۇ.

ساياھەتچىلىك[تەھرىر]

بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خوتەننىڭ ساياھەتچىلىكى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ماس قەدەمدە تېز ھەم مۇقىم تەرەققى قىلدى. خوتەن ئۆزىنىڭ <ئېچىۋېتىلگەن خوتەن، گۈزەل قاشتېشى ماكانى سىزنى قارشى ئالىدۇ> دېگەن شۇئارى بىلەن ساياھەتچى دوستلارنىڭ خوتەندىكى ساياھەت قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا. ئۇندىن باشقا خوتەن شەھىرىدە خوتەن چۇقۇ بازار چوڭ مەسچىتى، ئات بازىرى رايونى، كوئىنلۇن باغچىسى، قاشتېشى مەدەنىيەت سېبىلى، قىزىل يۇلتۇز سودا شەھەرچىسىدىكى قۇملۇق كۆزىتىش مۇنارى قاتارلىق ساياھەت نۇقتىلىرى بار بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ.

مائارىپ[تەھرىر]

خوتەن شەھىرىدە نۇرغۇنلىغان ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىۋاتقان مەكتەپلەر بار، بۇلارنىڭ ئىچىدا كىشىلەر تەرىپىدىن دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان ئىككى مەكتەپ بار بولۇپ، ئۇلار شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومى ۋە خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى. ئۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان كەسپىي مەكتەپلەر بار بولۇپ، ئۇلار خوتەننىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزىنىڭ تېگىشلىك تۆھپىلىرىنى قوشماقتا. 1) شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومى: بۇ مەكتەپ خوتەن شەھىرى غەربى بېيجىڭ يولىغا جايلاشقان بولۇپ، 1989-يىلى قورۇلغان. مەكتەپ ئۇيغۇر تىبابىتى تەتقىقاتىدا نۇرغۇنلىغان كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئۇيغۇر تىبابىتى ساھاسىدە بىر ئابىدە بولۇپ قالغۇسى. مەكتەپنىڭ بارلىق دەرسلىرى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىنىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىبابىتىگە ئالاقىدار ئېچىلغان دەرس جەمئى20دىن ئارتۇق. ئابدۇقادىر مۇئەللىم باش بولۇپ تۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابىتى ئالىي تېخنىكومى ژورنىلى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا، ئۇيغۇر تىبابىتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. 2) خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى: بۇ مەكتەپمۇ خوتەن شەھىرى غەربى بېيجىڭ يولىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ مەكتەپ 1938-يىلى قۇرۇلغان خوتەن پىداگوگىكا مەكتىپى ئاساسىدا 1978-يىلى خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى بولۇپ قۇرۇلغان. مەكتەپ ماتېماتىكا، فىزىكا، بىئولوگىيە، خىمىيە، جۇغراپىيە، تەنتەربىيە، ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىياتى، تارىخ، خەنزۇ تىلى، ئۇيغۇر تىلى، كومپيوتېر، گۈزەل-سەنئەت، مۇزىكا، سىياسەت نەزەرىيىسى، مائارىپ نەزەرىيىسى قاتارلىق 17كەسىپنى يولغا قويغان بولۇپ، پۇتۈن مەملىكەن دائىرىسىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. مەكتەپتە ھازىر ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى سانى 5000غا يېتىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىدۇ، يەنە ئاز ساندا خەنزۇ، قازاق، قىرغىز ۋە تاجىك قاتارلىق مىللەت ساۋاقداشلىرىمۇ بار.

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىر]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (مەركەز: ئۈرۈمچى) Flag of the People's Republic of China.svg
جايلار, ئاپتونوم ئوبلاسىت , ناھىيە, ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | شۇيموگۇ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | داۋانچىڭ رايونى | دۇڭسەن رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان ۋىلايىتى: تۇرپان شەھىرى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى: قۇمۇل شەھىرى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى | گۇما ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىس | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھرى | مارالبېشى ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى | تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايون: شىخەنزە شەھىرى | ئارال شەھرى | تۇمشۇق شەھرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتى:

ئاپتونوم ئوبلاسىت: غۇلجا شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم يېزىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | ۋۇسۇ شەھىرى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | ساۋەن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | چىڭگىل ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | كوكتوقاي ناھىيىسى | بۇرچىن ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى