چىرا ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia

چىرا ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن خوتەن ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. چىرانىڭ يەر مايدانى 31،590 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا ، ئۇنىڭ نۇپۇسى 130،000.

تارىخ[تەھرىر]

خەن سۇلالىسى دەۋرىدە چىرانىڭ شىمالىي قىسمى ئۇزۇتقات دۆلىتىنىڭ يېرى، جەنۇبىي قىسمى كېرىيە دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. سۈي، تاڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدە ئۇدۇن دۆلىتىگە قوشۇۋېتىلگەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 9 - يىلى (1883 - يىلى) كېرىيە ناھىيىسى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن چىرا كېرىيە ناھىيىسىگە قاراشلىق بىر كەنت بولغان. مىنگو 8 - يىلى (1919 - يىلى) چىرا باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگو 81 - يىلى (1929 - يىلى) ناھىيە تەسىس قىلىنغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خوتەن ۋالىي مەھكىمىسى، خوتەن ۋىلايىتىگە قارىغان.

جۇغراپىيە[تەھرىر]

چىرا ناھىيىسى كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبى چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى كېرىيە بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇب تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايون بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى لوپ ناھىيىسى، خوتەن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى قۇملۇق ئارقىلىق ئاقسۇ شەھىرى، شايار ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 468 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 35 ~ 121 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 33 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، يەتتە يېزا، 124 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خوتەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر چارۋىچىلىقى فېرمىسى بارا. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 4131 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسىى 125 مىڭ 700 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 98.51% نى، خەنزۇلار 1.46% نى، باشقا مىللەتلەر 0.03% نى تەشكىل قىلىدۇ.

يەر تۈزلۈشى: جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس. جەنۇبىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان تاغ چوققىلىرى ئارىسدا تار سايلار بار. ئوتتۇرا قىسمىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى تۇز، قۇم ئېتىزلارنى ئوراپ تۇرىدۇ. شىمالىي قىسمى چەكسىز كەتكەن قۇم بارخانلىرى. تاغلىق يەرلەر 40.5% نى، چۆل - باياۋان 56.65% نى، بوستانلىق 2.9% نى ئىگىلەيدۇ. توققۇز پەسىل خاراكتېرلىك دەيا ۋە ئالتە بۇلاق سۈيى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 624 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى 378 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاق بوغۇز بۆكەن، بۆرە، ياۋا توشقان، سۇغۇر، ئۇلار، چىل قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن قارلەيلىسى، چاكاندا، يېكە سېرىقى، قانتېپەر، توشقان زەدىكى، تېبەت قىزىل گۈلى، ئالقات، يەر مەدىكى، قومۇش يىلتىزى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن ئالتۇن، تۆمۈر، قاشتېشى، ھاك تېشى، كۋارتس تاش، سۈرمە تاش، چىرىمتال، تاش پاختا، سىڭىرتاش، گۈڭگۈرت، تۇز قاتارلىقلار بار. چىرا ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.9℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.9℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 23.9℃. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر يىلنىڭ 91.3 كۈنىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30℃ تىن ئاشىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2689.6 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4262.5℃. قىروسىز مەزگىلى 231 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 33.2 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2588.2 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە قاتتىق قۇم ئۇچۇش - بوران چىقىش ۋاقتى 25.2 كۈن. چىرا ناھىيىسى يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق ناھىيىسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر 18 مىڭ 400 گېكتار (276 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 8000 گېكتار ( 120 مىڭ مو) ئورمانلىق، 375 مىڭ گېكتار (5 مىليون 625 مىڭ مو) ئوتلاق بار. يەنە 142 مىڭ 300 گېكتار (2 مىليون 134 مىڭ 500 مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، پۇرچاق، ياغلىقدان، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا ئوتلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى دەپ ئايرىلىدۇ. چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات، ئېشەك قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، يىپەك تارتىش، پاختا چىقىرىش، گىلەمچىلىك، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. چىرا ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ 315 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشتۇرۇلغان. 1000 پروگراممىلىق تېلېفون مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلگەن.

يېزلەر (بەخشلەر)[تەھرىر]

مەمۇرىي رايون[تەھرىر]

ئىقتىساد[تەھرىر]

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىر]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىر]

تەربىيە[تەھرىر]

ساياھەتچىلىك[تەھرىر]

مائارىپ[تەھرىر]

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىر]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىر]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (مەركەز: ئۈرۈمچى) Flag of the People's Republic of China.svg
جايلار, ئاپتونوم ئوبلاسىت , ناھىيە, ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | شۇيموگۇ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | داۋانچىڭ رايونى | دۇڭسەن رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان ۋىلايىتى: تۇرپان شەھىرى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى: قۇمۇل شەھىرى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى | گۇما ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىس | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھرى | مارالبېشى ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى | تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايون: شىخەنزە شەھىرى | ئارال شەھرى | تۇمشۇق شەھرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتى:

ئاپتونوم ئوبلاسىت: غۇلجا شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم يېزىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | ۋۇسۇ شەھىرى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | ساۋەن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | چىڭگىل ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | كوكتوقاي ناھىيىسى | بۇرچىن ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى