قورغاس ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
قورغاس ناھىيىسى

霍城县.Qorghas County

قورغاس ناھىيىسى خەرىتىدىكى ئورنى
ئومۇمىي ئەھۋال
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ئوبلاست ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى
مىللەتلەر ئۇيغۇرقازاق
تىللار ئۇيغۇرچەقازاقچە
كوچا باشقارمىسى سانى 0 دانە
بازارلىق سانى 5 دانە
يېزا سانى 4 دانە
نوپۇس (2015-يىل) 357,657 [1]
يەر مەيدانى 5,466.25 كۋادرات كىلومېتىر
باشقىلار
ۋاقىت رايونى UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى)
تېلېفون رايون نومۇرى 999 (0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新F

قورغاس ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Qorghas Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر شەھىر بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تىگە قارايدۇ. قورغاس ناھىيىسى تەڭرى تېغىنىڭ ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ غەربىي شىمال قىسىمىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى غۇلجا شەھىرى ۋە غۇلجا ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي بورتالا شەھىرى ۋە ئارىشاڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي تەرىپى قازاقىستان بىلەن چىگرىلىنىدۇ (چىگرا سىزىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 128 كىلومېتىر). جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 120 كىلومېتىر، شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان كەڭلىكى 85 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 5559.3 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بەش بازار، تۆت يېزا، 73 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ ئالتە تۇەن - مەيدانى ۋە تۇەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق كارخانىلار بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 653 كىلومېتىر.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

قورغاس ناھىيىسى قارمىقىدا 5 دانەبازارلىق بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 سۈيدۈڭ بازىرى Süydüng Baziri Suydung Town 水定镇 13 3 14.9
2 چىڭسىخوزا بازىرى Chingsixoza Baziri Qingshuihe Town 清水河镇 15 46.7 185.2
3 لۇسىگۇڭ بازىرى Lusigung Baziri Lucaogou Town 芦草沟镇 11 35.4 346
4 كۈرە بازىرى Küre Baziri Kure Town 惠远镇 4 21.4 138.6
5 ساربۇلاق بازىرى Sarbulaq Baziri Sarbulaq Town 萨尔布拉克镇 11 28.2 431.7
  • ئىزاھات:

غۇلجا ناھىيىسى قارمىقىدا 4 دانە يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە/كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 لەڭگەر يېزىسى Lengger Yézisi Lengger Township 兰干乡 10 31.1 246
2 سەندوخوزا يېزىسى Sendoxoza Yézisi Sandaohe Township 三道河乡 3 9.3 78.7
3 داشىگۇ يېزىسى Dashigu Yézisi Daxigou Township 大西沟乡 7 10.8 252.7
4 سەنگۇڭ خۇيزۇ يېزىسى Sengung Xuyzu Yézisi Sangong Hui Township 三宫回族乡 5 15 126.9

يەر تۈزۈلۈشى[تەھرىرلەش]

ناھىيىنىڭ يېرى شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. تاغلىق جايلار 41.7% نى، ئېدىرلىق 25.2% نى، تۈزلەڭلىك 23.8% نى، سايلىق 0.4% نى، قۇملۇق 8.9% نى ئىگىلەيدۇ. 23 چوڭ - كىچىك دەريا - ئېقىن بولۇپ، يىللىق ئېقىن مىقدارى 10 مىليارد 21 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 8 مىليارد 23 مىليون كۇب مېتىر. تۆت پۇتلۇق قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى، قارا تايغان بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن، ھالقا بويۇن قىرغاۋۇل، ئاققۇ، ياۋا چوشقا، تۈلكە، ئېيىق، قاپلان، قۇندۇز قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرى ۋە قومۇش، ياۋا كەندىر، چۈچۈك بۇيا، سۇغىگۈل، قىزىل چوغلۇق قاتارلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىرىدىن كۆمۈر، ھال تېشى، سىڭىر تاش، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، فوسفور، مەرمەر تاش، گىرانت تاش قاتارلىقلار بار.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

قورغاس ناھىيىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىقى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 53 مىڭ 100 گېكتار (375 مىڭ 500 مو) ئورمانلىق، 258 مىڭ 800 گېكتار (3 مىليون 882 مىڭ 500 مو) يايلاق بار بولۇپ، بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، پاختا، كەندىر، قوي قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. كۆمۈركان، سېمونت، ھاراق ئېچىتىش، تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، قېزىلما بايلىقلىرىنى ئېچىش قاتارلىق سانائەت تۈرلىرى بار.قورغاس ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. دۆلەت يولىنىڭ 231 - ۋە 218 - لىنىيىلىرى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزىلاردىكى يوللار تەرەپ - تەرەپكە تارالغان.

ئىقلىمى[تەھرىرلەش]

قورغاس ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ مۆتىدىل قۇرغاق كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 9.1℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇراىسى 40.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا - 36.6℃، قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2869.5 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرا 3534.0℃، قىروسىز مەزگىلى 168 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 218.9 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1410.1 مىللىمېتىر.

ساياھەتچىلىكى[تەھرىرلەش]

ناھىيىدە ئاساسلىق مەدەنىي يادىكارلىقلاردىن خۇييۈەنجۇڭ دۇمباق مۇنارى، ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسى قاتارلىقلار بار.

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

مائارىپى[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. "ئاپتونوم رايونلۇق سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2017-يىلىلىق نوپۇش سىتاتىستىكا جەدۋىلى". Archived from the original on 2017-10-11. Retrieved 2018-05-26.

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى