قازاقىستان

ئورنى Wikipedia
قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى

قازاقچە Қазақстан Республикасы

گېرب بايراق
پايتەخت ئاستانا
رەسمىي تىللار قازاقچە
دىنى ئىلام
نۇپۇسى 19millon
قۇرۇلىشى
يەر كۆلىمى
ۋاقىت رايونى 6+UTC
پۇلى Tenge,теңге

قازاقىستان ياكى رەسمىي نامى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى (قازاقچە: Қазақстан Республикасы) غەربىي تۈركىستان ياكى ئوتتۇرا ئاسىياغا جايلاشقان بىر جۇمھۇرىيەت بولۇپ، كۈنىمىزدىكى يەتتە مۇستەقىل تۈرك دۆلىتىنىڭ بىرىدۇر. پايتەختى ئاستانا شەھرى، ئەڭ چوڭ شەھرى ئالمۇتا شەھرى. 1991 - يىلى 16 - دېكابر س س س ر دىن مۇستەقىل بولغان. يەر مەيدانى 2 مىليۇن 717 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر. جايلاشقان ئورنى جەھەتتىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق مەملىكىتى ھېسابلىنىدۇ، غەربى كاسپىي دېڭىزى، شەرقى خىتتاي، شىمالى رۇسىيە فېدېراتسىيىسى، جەنۇبى ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ۋە قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. كۆپ قىسىم يەرلىرى تۈزلەڭلىك ۋە ئېدىرلىق بولۇپ، قاقاس ۋە يېرىم قاقاس يەرلەر زېمىنىنىڭ 60% نى تەشكىل قىلىدۇ. نوپۇسى 19 مىليۇندىن كۆپرەك ئاھالىنىڭ 70.4% ى قازاقلار

جۇغراپىيىسى[تەھرىرلەش]

قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي خەرىتىسى

يەر كۆلىمى 2 مىليون 724 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر. ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەر مەيدانى ئەڭ كەڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى. شىمالدا رۇسىيە، جەنۇبتا ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، قىرغىزىستانلار بىلەن چېگرىلىنىدۇ. غەربىدە كاسپىي دېڭىزى بار، شەرقتە جۇڭگو بىلەن چېگرىلىنىدۇ، «ھازىرقى زاماندىكى يىپەك يولى» دەپ ئاتالغان «ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى» قازاقىستاننىڭ پۈتۈن چېگراسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. قازاقىستان زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمى تۈزلەڭلىك ۋە پەس يەرلەر بولۇپ، غەربىدىكى ئەڭ پەس جاي دېڭىز يۈزىدىن 132 مېتىر تۆۋەن؛ شەرقى ۋە شەرقىي جەنۇب قىسمىدا ئالتاي تېغى ۋە تەڭرىتاغ بار؛ تۈزلەڭلىكلەر ئاساسلىقى غەرب، شىمال ۋە غەربىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان؛ ئوتتۇرا قىسمى قازاق ئېدىرلىقلىرى. چۆللۈك ۋە يېرىم چۆللۈك قازاقىستان ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %60ىنى ئىگىلەيدۇ.

مەمۇرىي رايونلىرى[تەھرىرلەش]

قازاقىستاندا ئىككى شەھەر، 14 ئوبلاست (ۋىلايەت) باردۇر.

ئىككى شەھەر بولسا:

ئوبلاست/ۋىلايەتلەر؛

نوپۇسى[تەھرىرلەش]

قازاقىستاندا 130 دىن ئارتۇق مىللەت بار، ئەمما مىللەت، دىن مەسىلىسى كۆرۈنەرلىك ئەمەس، ھەقىقەتەن ئىناق دېيىشكە بولىدۇ. تەخمىنەن 18 مىليون 815 مىڭ بولۇپ، قازاق، رۇس، ئۇكرائىن، ئۆزبېك، نېمىس ۋە تاتار قاتارلىق 131 مىللەتتىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار نوپۇسنىڭ %70 ىنى ئىگىلەيدۇ. قازاق تىلى دۆلەت تىلى، ئاھالىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە پراۋۇسلاۋىيە دىنى، خرىستىئان دىنى قاتارلىق دىنلار بار.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار[تەھرىرلەش]

قازاقستان جۇمھۇريىتى مەدېنيەت ۋە ئاخپارات مېنىستىرلىقى مىللەتلەر مۇناسۋىتىنى تەتتىق قىلىش مەركىزىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ، قازاقستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 241400 بۇلۇپ قازاقستان نوپۇسىنىڭ %1.6 نى ېىگىلەيدۇ . ئاساسى ئالماتى ئوبلاستىنىڭ چيلەك ، پانفيلوۈ ، شارىن ، ئەمگەكچى قازاق ، چونجى قاتارلىق ناھيەلەرگە جايلاشقان . ئولار ئۇز تىلىنى ، ئۆرۈپ ئادەتىنى ياخشى ساقلىغان ، ئۇيغۇرچىدىن باشقا قازاق تىلى ۋە روس تىلىنى ئشلىتىدۇ .

قازاقستاندا دولەت ئىچىدە خىزمەت قىلۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن دوكتور 42 نەپەر ، ئاكادېميىك 4 نەپەر ، دوتسېنت 200نەپەرىدن ئارتۇق ، 5نەپەر قازاقستان خەلق ئارتېسى ، 20 نەپەر قازاقستانغا ئەجىر سىڭدۇرگەن خىزمەتكار بار .

دولەتنىڭ ھەر قايسسى مەمۇري ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان ئۇيغۇرلار 393 نەپەر بۇلۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە 13 نەپەر سياسي جىزىمەت ئەزاسى ، مەملىكەتنىڭ توۋەن پالاتاسى ۋە ئوبلاسىت ، شەھەر ، يەرلىك پالاتالاردىمۇ ئۇيغۇر ئەزالار بار .

قازاقستان مەملىكەتلىك ئۇيغۇرلار مەدېنيەت مەركىزى مەملىكەت تەرىپىدىن تەسىقلانغان ئۇيغۇرلار مەدېنيەت تەرەققي قىلدۇرۇش مەركىزى بۇلۇپ ، رەھىسى ئەخمەتجان بەكىروۈ يولداش . قازاقستان ئۇيغۇرلار مەدەنيەت مەركىزىنىڭ خىزىمىتى مەركەزنىڭ ئىش بىجىرىش ئەزالىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىلىپ بىرىلىدۇ . (ئەزالار 35نەپەر ، 5 نەپەر دوكتور ، 2 نەپەر ئاكادېمىك ، 3نەپەر دوتسېنت ، 1نەپەر خەلق ئارتېسى ، 5نەپەر قازاقستانغا ئەجىر سىڭدۇرگەن خىزمەتچى بار ) مەركەزدە ، مائارىپ ئۇيۇشمىسى ، چوڭلار ئۇيۇشمىسى ، ياشلار ۋە ئاياللار ئۇيۇشمىسى ، رەسساملار ئۇيۇشمىسى ، تەنھەركەتچىلەر ئۇيۇشمىسى ، مەشىرەپ ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئۇيۇشمىلار بۇلۇپ مەملىكەتلىك مەركەز 9 ئوبلاستتىن قوشۇمچە مەركەز تەشكىللىگەن .

مەملىكەت ئاخپارات ۋاستىلىرى ئاساسى ئەر قايسسى مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايونغا جايلاشقان ، ئالماتى شەھىرى ۋە ئالماتى ئوبلاستىدا ئۇيغۇر تىللىق ئاخبارات ۋاستىسى 11 بۇلۇپ ، قازاق سىمسىز تېليۇزورمۇ كۇنىگە 15 مينوت ئۇيغۇرچە تارقىتىدۇ .

ھازىر ئالماتىدا 3 ئۇيغۇر مەكتەپ ، 3 ئارلاشما تىللىق مەكتەپتە جەمئى 2114 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بار . ئالماتى ئوبلاستى پانفيلوۈ رايونى ، تارجار رايونلىرىدا 11 ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپ ، 78 ئارلاش تىللىق مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 12841 نەپەر . 18 ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپ جاساندى سەرىك كانالى (卫星频道 دېمەكچىمەن) يىراقتىن ئوقۇتۇش سېستىمىسى ئورناتقان . مەملىكەت ھەر يىلى ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ۋە تەجىربە ئەسۋاپلىرى ئۇچۇن مەركەز خەزىنىسىدىن 13 ميلليون تەڭگە ئاجىرىتىدۇ . مائارىپنىڭ تەرەققي قىلىشىغا ئەگىشىپ دۆلەتمۇ ئاجىرىتدىغان خىراجەتنى كۆپەيتمەكتە

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

نوپۇسى ئاران 17 مىليون 500 مىڭ، ئەمما نېفىت ۋە تەبئىي گاز بايلىقى مول بولغان قازاقىستان ئىنتايىن باي بىر دۆلەتكە ئايلاندى (2013- يىلى كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 13 مىڭ 48 ئامېرىكا دوللىرى).

كۆچمەنلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن پۇل، ئۆي ۋە يەر بېرىدۇ.

قازاقىستان كۆچمەنلەرنى جەلپ قىلىشقا ئىزچىل كۈچەپ، پۇل، ئۆي ۋە يەر تەمىنلىمەكتە، ئامال يوق، دۆلەت چوڭ، پۇلى كۆپ تۇرسا!!! يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆچمەنلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنىڭ دائىرىسى كىچىكلەپ، ئاساسلىقى قازاق كۆچمەنلەرلا جەلپ قىلىنماقتا،

قازاقىستان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىزچىل تۈردە سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئېغىر سانائەت بازىسى بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ئىقتىسادى ياخشى ئىدى. مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى يىللاردا گەرچە تېخنىكىلىق رۇس ۋە نېمىسلارنىڭ كۆپلەپ كۆچۈپ چىقىپ كېتىشى بىلەن ئىگىلىك تەسىرگە ئۇچراپ ئىقتىسادى ئازراق چېكىنگەن بولسىمۇ ئەمما خەلقئارادا نېفىت ۋە باشقا كان بايلىقلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ قازاقىستاننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىقتىسادى يىلىغا 10% ئەتراپىدا ئىزچىل ئۆرلىدى. قازاقىستاندا يېزا ئىگىلىك ئاھالىسى 20%، سانائەت ئاھالىسى 30%، مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 50%نى ئىگەللەيدۇ. قازاقىستاننىڭ 2008-يىللىق مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 141مىليارت ئامېرىكا دوللىرى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۇل بىرلىكى12000 دوللار بولدى. قازاقىستاننىڭ پۇل بىرلىكى تەڭگە. 2002-يىلى 153 تەڭگە بىر دوللار، 2004-يىلى 136 تەڭگە بىر دوللار، 2006-يىلى 126تەڭگە بىر دوللار، 2008-يىلى 120تەڭگە بىر دوللار بولدى.

2008-يىلى قازاقىستاندا مۇقىم تېلفون ئىشلەتكۈچىسى 3مىليۇن237مىڭ، يان تېلپون ئىشلەتكۈچىسى 12 مىليۇن 588 مىڭ، ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىسى بىر مىلىيۇن 901 مىڭ بولدى.

ئىقلىمى[تەھرىرلەش]

ھاۋا كىلىماتى ئېغىر قۇرغاق قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ، ياز پەسلى تومۇز ئىسسىق ھەم قۇرغاق بولىدۇ، قىش پەسلىدە قەھرىتان سوغۇق بولىدۇ ۋە قار ئاز ياغىدۇ. 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃19- دىن ℃4- قىچە، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃19تىن ℃26قىچە بولىدۇ. مۇتلەق ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئايرىم ئايرىم ھالدا ℃45 ۋە ℃45-، قۇملۇقتىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃70قا يىتىدۇ. يىللىق ھۆل يىغىن مىقدارى چۆللۈك رايونلىرىدا 100 مىللىمېتىرغا يەتمەيدۇ، شىمالىي قىسمىدا 300 مىللىمېتىردىن 400 مىللىمېتىرغىچە؛ تاغلىق رايونلاردا 1000 2000 مىللىمېتىر بولىدۇ.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

بايلىقى[تەھرىرلەش]

ساياھەتچىلىكى[تەھرىرلەش]

مائارىپى[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]