تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى تۈركىيە)
row 1, cell 1
دۆلەت گىمىنى
row 1, cell 1
پايتەختىئەنقەرە
ئەڭ چوڭ شەھرىئىستانبۇل
رەسمى تىلى تۈركچە
ئېتنىك گۇرۇپلار
سىياسى سېستىمىسى جۇمھۇرىيەت
رەئىس جۇمھۇرئابدۇللاھ گۈل
باش مىنىستىررەجەپ تاييىپ ئەردوغان
يەر مەيدانى 783 مىڭ 562 كۋادرات كىلومېتىر
نۇپۇسى72مىليون 561 مىڭ
نۇپۇس زىچلىقى
كىشى بېشىغا توغرا كىلدىغان كىرىم
پۇل بىرلىكى تۈرك لىراسى
ۋاقىت رايۇنى
ئىنتېرنېت tr
خەلقارالىق تېېلفۇن كود نۇمۇرى90
تۈركىيە
دۆلەت بايرىقى

تۈركىيە- تولۇق ئىسمى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى (تۈركچە : Türkiye Cumhuriyeti, ئىنگىلىزچە: Republic of Turkey) ئاساسى قانۇنلۇق، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى، جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن ياۋروپا ۋە ئاسىيا قىتئەسىگە جايلاشقان بىر دۆلەت. ئۇنىڭ پايتەختى بولسا ئەنقەرە، ئەڭ چوڭ شەھىرى بولسا ئىستانبۇل. دۆلەت تىلى بولسا تۈرك تىلى. نۆۋەتتىكى پرىزدېنتى (تۈركچە جۇمھۇرباشقانى)ئابدۇللاھ گۈل. نۆۋەتتىكى باش مىنىستېر (تۈركچە باشباقان) رەجەپ تاييىپ ئەردوغان. تۈركىيە 1923 - يىلى 29 - ئۆكتەبىر كۈنى مۇستەقىللىقىنى جاكارلاپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئورناتقان.


مەزمۇنى

[تەھرىر] قىسقىسچە ئەھۋالى

يەر مەيدانى 783 مىڭ 562 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 72مىليون 561 مىڭ.

[تەھرىر] تۈركىيەنىڭ سىياسى مۇساپىسى

تۈركىيە ئەنئەنە جەھەتتىن ئىسلام دۆلىتى بولغاچقا ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغا مۇناسىۋىتىنىڭ دۆلەتنىڭ ھايات-ماماتىغا تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ئېھتىيات قىلىپ دۆلەتتە دىن بىلەن ھاكىمىيەتنى ئۈزۈل-كېسىل ئايرىپ 1923-يىلىدىن بۇيان ھەرقانداق دىنى ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە پارتىيەنى قانۇنسىز ھىساپلاپ كەلگەن. ئاساسى قانۇندىكى بۇ شەرتلەرنى قوغداش ئىزچىل تۈردە تۈركىيە ھەربى تەرەپنىڭ ئىزچىل تۈركىيەسىياسىتىنى كونتىرۇل قىلىشىدىكى ئاساسى سەۋەپ بولۇپ كەلگەن ئىدى. 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، تۈركىيە دەسلەپ بىتەرەپ تۇرىدۇ، كېيىن 1945-يىلى 2-ئايغا كەلگەندە، گېرمانىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ، 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ تەسىرى تۈركىيىگە سىڭىپ كىرىدۇ. 1980-يىلى 4-ئايدا، پىرىزدېنت قەھرى گۇرۇ تۈركنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى توشىدۇ. پارلامېنت 100 قېتىمدىن كۆپرەك سايلام ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ كۈرىشى جىددىي بولغاچقا، يېڭى پىرىزدېنتنى سايلاپ چىقالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەتنىڭ ئامانلىقى ناچارلىشىپ، ھەرخىل تېرورلۇق ھەرىكەتلەر ئەۋج ئالىدۇ. 9- ئايىنىڭ 12-كۈنى، باش شتاب باشلىقى ئەۋرەن باشچىلىقىدىكى مەملىكەتلىك ئامانلىق كومىتېتى«ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئۈچۈن، ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى جاكارلايدۇ، ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىدۇ، بارلىق سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ پائالىيىتىنى چەكلەيدۇ. شۇ ئاينىڭ 13- كۈنى ئەۋرەن دۆلەت باشلىقى بولىدۇ. 20- كۈنىگە كەلگەندە، سابىق دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى ئولوسۇ باشچىلىقىدا يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ.

1980- يىلى ھەربىيلەر ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ۋەزىيەتنى تۇراقلاشتۇرىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى زور كۈچ بىلەن رەتكە سېلىپ، ھەرخىل قانۇنسىز تەشكىلاتلارنى كەڭ كۆلەمدە تەكشۇردى. 1981- يىلى 9- ئايدىلا 45 مىڭ ئادەمنى قولغا ئالدى. 750 مىڭ ھەرخىل قورال-ياراغنى مۇسادىرە قىلدى. نەتىجىدە، تېررورلۇق ھەرىكەتلەر ھەربىي ئىدارە قىلىشنىڭ ئالدىدىكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە ئازايدى.

1982- يىلى 11- ئاينىڭ 7- كۈنى، مەملىكەتلىك ئامانلىق كومىتېتى يېڭى ئاساسىي قانۇننى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىشىگەقويىدۇ، نەتىجىدە ھەربىي ھۆكۈمەت خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، ئەۋرەن جۇمھۇرىيەت پىرىزدېنتى بولدۇ ھەمدە دېموكراتىيە مۇساپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى موسكۋاغا زىيارەتكە بارىدۇ، ئەۋرەن جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىدۇ.

1983-يىلى 5- ئايدا، ھۆكۈمەت كوردلارنى كەڭ كۆلەمدە باستۈرۇپ، 574 كىشىنى سوتلايدۇ. 35 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىدۇ ھەمدە ئىراق زېمىنىغا كىرىپ كورد قوراللىق كۈچلىرىگە زەربە بېرىدۇ. 1983- يىلى 11-ئايدا ئۆزەل باشچىلىقىدىكى ۋەتەن پارتىيىسى بۈيۈك خەلق پارلامېنتى سايلىمىدا غەلىبە قىلدى. 1996-يىلى 6- ئاينىڭ 28-كۈنى ، تۈركىيە گۈللىنىش پارتيىسىنىڭ رەھبىرى ئىرباقان سابىق زۇڭلى، توغرا يول پارتىيىسىنىڭ رەئىسى چېللەر بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىل قىلغان، بۇنىڭ بىلەن تۈركىيە ھازىرقى زامان تارىخىدىكى تۇنخى ئىسىلاملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچى باش مىنىستىر بارلىققا كەلگەن. نەجمىدىن ئىرباقان ھۆكۈمىتى تۈركىتىنىڭ 54- نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىرباقان ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن بىرقاتار ئىسلاملاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىغان. شۇنىڭ بىلەن، ئىرباقان ھەرنىي تەرەپنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئاران بىر يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپلا تەخىتتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان. 1998 - يىلى 1- ئاينىڭ 1-كۈنى، تۈركىيە ئەڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى تۈركىيە گۈللىنىش پارتىيىسىنى ئاساسى قانۇنغا خىلاپ دەپ قاراپ تارقىتىۋېتىشنى جاكارلىغان. 2000- يىلى 5- ئاينىڭ 5- كۈنى ئەخمەت نەجدت نى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 10- نۆۋەتلىك پىرىزدېنتلىقىغا سايلىغان باش مىنىستىرى ئەجۋېت بولغان.2005-يىللىق سايلامدا گۈللىنىش پارتىيىسىدىن ئۆزگەرتىلگەن ھەقىقەت ۋە تارەققىيات پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى رەجەپ تايىپ ئەردۇئان باش مىنىستىر بولۇپ سايلاندى. 2007-يىللىق تېنچ سايلامدا تۈركىيە گۈللىنىش پارتىيىسىنىڭ پىرىزدېنت نامزاتى ئابدۇللا گۈل 51% مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن پىرىزدېنتلىقنى ئالدى. سايلام پۈتۈنلەي دىموكراتىك تەرتىپكە ئۇيغۇن بولغاچقا خەلقارا ۋە تۈركىيە ھەربى تەرەپ ئامالسىز قالدى. ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن، نەچچە يۈز مىڭ كىشىلىك «دىنى ئارقا كۆرۈنۈشى بار رەھبەرلەرنى قارشى ئالماسلىق» نامايىشىدىن باشقا ھىچقانچە ۋەقەمۇ يۈز بەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيەدە 80يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئىسلام دىنىنى چەتكەن قېقىش سىياسىتى ئاخىرلاشتى.

دىپلوماتىيە سىياسىتى: تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت. تۈركىينىڭ ھەرقارارلىق ھۆكۈمەتلىرى ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئىتتىپاقداشلىق سىياسىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە غەربىي ياۋروپا بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلدى ۋە ئىزچىل تۈرە ياۋروپا ئىتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ . يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئوتتۇرا شەرق، بالقان ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قاتارلىق رايونلاردىكى ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكىمۇ ئەھمىيەت بەرمەكتە. ھازىر تۈركىيىنىڭ يەر شارىدىكى 125 دۆلەت ۋە رايون بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 6دۆلەت، پاكىستان، ئىران ۋە ئازەربەيجان بىلەن بىللە قۇرغان «ئىقتىسادى گۈللىنىش تەشكىلاتى» تۈركىيەنىڭ كېيىنكى سىياسى ۋە سىپلوماتىيە-ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا مۇھىم كۆرسەتكۈچلۈك ئەھمىيەتكە ئىگە.


[تەھرىر] تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى

تۈركىيە تارىختىن بۇيان دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان يېزائىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. تۈركىيە ئەمگەك كۈچىنىڭ %35دېقھانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانسىمۇ، بىراق دېھقانچىلىقتىن كىرىدىغان كىرىم دۆلەت ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %9.3نى ئىگىلەيدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، تۈركىيىنىڭ توقۇمىچىلىق، پولات-تۆمۈر، قەغەز ئىشلەپچىقىرىش، سېمۇنت ئىشلەپچىقىرىش ۋە قەنت ياساش سانائىتىنى خېلى راۋاجلانغان. تۈركىيىنىڭ كان بايلىقى مول بولۇپ، كۆمۈر، مىس قاتارلىقلارنىڭ زاپىسى بىرقەدەر كۆپ. 2007-يىلى تۈركىيەنىڭ مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 361مىلىيارد دوللار بولغان دۇنيا بويىچە 20-ئورۇندا تۇرغان. تۈركىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى دۇنيادىكى ئىسلام ئەللىرى ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. تۈركىيەنىڭ 2006-يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى9100دوللار سانائەت مەھسۇلات مىقدارى ئۇمۇمى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 31%نى، مۇلازىمەت كىرىمى 60%نى ئىگەللىگەن.


پۇل بىرلىكى: تۈرك لىراسى. تۈركىيە ئىقتىسادى سىياسىتى ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ زور تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا 2004-يىلىغا كەلگەندە پۇلى پاخاللىشىپ بىر مىليۇن500مىڭ لىرا بىر دوللارغا توغرا كېلىدىغان پۇل پاخاللىقى يۈز بەرگەن ئىدى. 2005-يىلىدىكى 6نۆلنى قىسقارتىشتىن كېيىن تۈركىيەدە 1.34يېڭى تۈرك لىراسى=بىر دوللار، 2006-يىلى 1.42يېڭى تۈرك لىراسى=بىر دوللار بولۇۋاتىدۇ. دۆلەت بايرىمى: (1923-يىلى)10-ئايىنىڭ 29-كۈنى (جۇمھۇرىيەت كۈنى).

[تەھرىر] قىسقىچە تارىخى

تۈركىيە سالجۇقىلار دەۋردىلا بۈيۈك ئىمپىرىيە قۇرغان. كېيىن ئوسمان ئىمپىرىيىسىنى قۇرۇپ، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن شىمالى ئافرىقا ۋە شەرقى ياۋروپاغا قەدەر بولغان ئارىلىققا 500يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1- دۇنيا ئۇرۇشتا مەزگىلىدە، تۈركىيە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر سېپىدە تۇرۇپ ئۇرۇشتا مەغۇلۇپ بولىدۇ. ئۇنىڭ شىمالىي ئافرىقا ھەم كىچىك ئاسىيادىكى بېقىندى دۆلەتلىرى ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيە مۇستەملىكىلىك ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. 1919- يىلى مۇستاپا كامال رەھبەرلىكىدىكى مىللىي بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى فېئودال پادىشاھلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ، چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىقىنى چېكىندۈرىدۇ. 1920- يىلى مىللىي ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ. 1923- يىلى 10- ئاينىڭ 29- كۈنى جۇمھۇرىتەت قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، مۇستاپا كامال تۇنجى پىرىزدېنت بولىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئىلىكتىرلىشىش ۋە ئالاقە ئىشلىرى ئورتىھال تەرەققى قىلغان بولۇپ مۇقىم تېلپون ئابونتى19مىلىيۇن، يانپون ئابونتى44مىلىيۇن ، ئىنتېرنېت ئابونتى 13مىلىيۇن بولغان.


[تەھرىر] دۆلەت مۇداپىئەسى

ھەربىي مەجبۇرىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، 18ئاي ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. نۆۋەتتە 670مىڭ ئەسكەر ۋەزىپە ئۆتەۋاتىدۇ.


[تەھرىر] تۈركىيەدىكى سىياسى پارتىيەلەر


[تەھرىر] تۈركىيەدە مائارىپ

تۈركىيەدىكى بىرقەدەر داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتللار


[تەھرىر] تەنتەربىيە

پۇتبول - تۈركىيەدە پۇتبول باشقا تەنتەربىيە تۈرلىرىگە قارىغاندا بىر قەدەرې راۋاجلانغان، ئاممىۋىلىقى كۈچلۈك، جەلبكارلىقى يۇقىرى بىر پائالىيەت تۈرىدۇر. يىللىق ئايلانما مۇسابىقىلىرىدىن تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى ئايلانمىسى ۋە تۈركىيە لوڭقىسى باردۇر.

داڭلىق پۇتبول كۇلۇپلىرىى:


[تەھرىر] نگارخانا

</noinclude>

شەخسىي قوراللار

ۋارىيانتلار
ئات بوشلۇقى
مەشغۇلات
يولباشچى
قورال ستونى
باشقا تىلاردا