بېلورۇسسىيە

ئورنى Wikipedia
row 1, cell 1
دۆلەت گىمىنى
row 1, cell 1
پايتەختى
ئەڭ چوڭ شەھرى
رەسمى تىلى
ئېتنىك گۇرۇپلار
سىياسى سېستىمىسى
رەئىس جۇمھۇر
باش مىنىستىر
يەر مەيدانى
نۇپۇسى
نۇپۇس زىچلىقى
كىشى بېشىغا توغرا كىلدىغان كىرىم
پۇل بىرلىكى
ۋاقىت رايۇنى
ئىنتېرنېت
خەلقارالىق تېېلفۇن كود نۇمۇرى


بېلارۇس جۇمھۇرىيىتى Republic of Belarus پايتەخت: مىنىسكى، ئاھالىسى 1مىلىيۇن 510مىڭ زىمىنى 207مىڭ600 كۇۋادىرات كىلومېتىر ئاھالىسى: بېلارۇسىيەنىڭ 2006-يىللىق نوپۇسى 10مىلىيۇن 293مىڭ بولۇپ، ئاھالىنىڭ 48%نى بېلارۇسلار، 11.4%نى سېربلار، 4%نى پولەكلەر ئىگەللەيدۇ.يەنە 1% تاتار ۋە باشقا مىللەتلەر بار. رۇس ۋە بېلارۇس تىلى دۆلەت تىلى. دىنى : بېلارۇسلار ۋە رۇسلار ئاساسەن پروۋسلاۋىيە دىنىغا، پولەكلەر كاتولىك دىنىغا ئىشىنىدۇ. پۇلى: بېلارۇس رۇبلىسى ، (2006-يىلى) 2144رۇبلى=بىر دوللار. 2004-يىلى 2160رۇبلى=بىر دوللار. 2002-يىلى 1790رۇبلى=بىر دوللار . بېلارۇسىيە 2010-يىلىغا بارغاندا رۇسىيە بىلەن بىللە ئىقتىسادى گەۋدە قۇرۇپ رۇبلىنى بىرلىككە كەلتۈرمەكچى. ئىقتىسادى: 2006 -يىلى بېلارۇسىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 28مىليارت560مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا7800دوللار توغرا كەلگەن. بېلارۇسىيەنىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 8%-9% بولۇۋاتىدۇ.

دۆلەت بايرىمى:( 1944-يىلى)7 -ئاينىڭ 3-كۈنى، بېلارۇسىيەنىڭ تۇنجى قېتىم بىر پۈتۈن مەمۇرى بىرلىك سۈپىتىدە جۇمھۇرىيەت بولغان كۈنى ۋاقىت رايونى :(2- ۋاقىت رايونى)

قىسقىچە تارىخى:[تەھرىرلەش]

بېلارۇسىيە زىمىنى سىلاۋيانلارنىڭ ئانا زىمىنى بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇن ھۇنلارنىڭ پاراكەندىچىلىك سالىدىغان يايلىقى ئىدى. مىلادىدىن كېيىن گۇتلار(گېرمانىيىلىكلەرنىڭ ئەجدادى)بېلارۇسىيە زىمىنىدىن سۇيۇرغال سۈپىتىدە پايدىلانغان، 6-7-ئەسىرلەردە جەنۇپقا كۆچكەن بىر قىسىم لىتۋالىقلار بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ كىچىك بەگلىكلەرنى قۇرغان،9-ئەسىردىن 11-ئەسىرگىچە ككپ قىسىم زىمىنى كىيىۋرۇس بەگلىكىگە تەۋە بولغان. 14-ئەسىردە قۇرۇلغان پولەك-لىتۋا بىرلەشمە پادىشاھلىقى دەۋرىدە بېلارۇسىيە تۇنجى قېتىم بىر مۇنتىزىم بىرلىككە كەلگەن ھاكىمىيەت ئاستىدا بىر دۆلەتنىڭ زىمىنى بولغان. 17-ئەسىردىن كېيىن بېلارۇسىيىنىڭ كۆپ قىسىم زىمىنى روسىيە ئىمرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بېلارۇسىيە مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلاپ كۆپ ئۆتمەيلا سوۋېت ئىتىپاقىغا قوشۇلغان، 1938-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى پولشانىڭ شەرقىدىكى بىرىست ۋە خىرودنا دىن ئىبارەت ئىككى ئوبلاستنى تارتىۋېلىپ بېلارۇسىيىگە قوشۇپ بەرگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بېلارۇسىيە مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە ب د ت غا ئەزا بولۇپ سوۋېت ئىتىپاقى تەركىۋىدىكى ئىتىپاقداش جۇمھۇرىيەت بولغان. 1991-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى سابىق سوۋېت ئىتىپاقى پارچىلانغاندا بېلارۇسلار ئۇمۇمى خەلق ئاۋازىغا قويۇپ مۇستەقىللىق جاكارلىغان. بېلارۇسىيە سابىق سوۋېت ئىتىپاقىدىكى بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىدىنلا قالسا بىر قەدەر باي جۇمھۇرىيەت بولۇپ، تۇپرىقى ئۈنۈملۈك، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۆلىمى كەڭ، سابىق سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئاساسلىق ئاشلىق ۋە ماشىنىسازلىق بازىسىنىڭ بىرى ئىدى. پارچىلانغاندىن كېيىن گەرچە يەككە ئىگىلىككە ئادەتلىنىپ قالغان بېلارۇسىيىنىڭ ئېكىسپورتى تەسىرگە ئۇچرىغاندىن سىرت ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى جازاسىغا ئۇچراپ ئىقتىسادى تېز چېكىنگەن بولسىمۇ، ئەمما بېلارۇسىيە رۇسىيە نېفىت ۋە گازلىرىنىڭ ياۋروپاغا چىقىش ئېغىزى بولغاچقا ئەسلىدىكى سانائەت ئاساسى، رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادى ياردىمى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرى ساپالىق مەلىكىلىك خادىملارغا تايىنىپ يەنىلا ئوتتۇرا سەۋىيىدىكى ھاللىق دۆلەتلەر قاتارىدا كېتىۋاتىدۇ. 2006-يىلى بېلارۇسىيەنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %9.3، سانائەت %31.6، مۇلازىمەت %59.1نى ئىگەللەيدۇ. -2006يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 3مىلىيۇن284مىڭ، يانپون ئابونتى 4 مىليۇن100مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 3مىلىيۇن 394مىڭ بولغان.



ّ