شىمالىي ياۋروپا

ئورنى Wikipedia
‎Uyghur Latin Yéziqi.

شىمالىي ياۋروپا (Nordic Europe)


«شىمالىي ياۋروپا» سىياسىي ۋە جۇغرافىيىلىك ئاتالغۇ بولۇپ، شىمالىي ياۋرۇپا كېڭىشىگە ئەزا دانىيە، شىۋىتسىيە، نورۋىگىيە، فىنلاندىيە ۋە ئىسلاندىيە قاتارلىق بەش دۆلەتنى كۆرسىتىدۇ. (يۇقارقى بەش دۆلەتتىن سىرت مۇتلەق مۇختارىيەتكە <ئاپتوردىن :ئاپتونومىيە> ئىگە فارويى تاقىم ئاراللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.) شىمالىي ياۋروپا غەربتە ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن، شەرقتە شەرقىي ياۋروپا بىلەن، شىمالدا شىمالىي مۇز ئوكيان بىلەن، جەنۇپتا ئوتتۇرا ياۋروپا بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومومىي يەر كۆلۈمى 13مىليون كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق. يەر شەكرى تۈزلەڭلىك، تاغلىق، كۆل، يۇمىلاق تاشلىق، جىرالىق، ئېگىز-پەس جىلغىلاردىن تۈزۈلگەن. شىمالىي ياۋروپانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى سۇبفىرىزگىد (Sub-frigid zone) قىتئە كېلىماتىغا تەۋە بولۇپ ، قىش پەسلى ئۇزۇن، تېمپىراتورا تۆۋەن، ياز قىسقا سەلكىن بولىدۇ. شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ نوپۇس زىچلىقى باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قارىغاندا كۆپ تۆۋەن بولۇپ، ئىقتىسادىي سەۋىيىسى ياۋروپا بويىچە ئەڭ يۇقىرىدۇر. دانىيە، شىۋىتسىيە قاراتلىق دۆلەتلەرنىڭ گەرەژدانلار ئىشلەپ چىقىرىش ئومومىي قىممىتى دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدىدۇر. ئورمانچىلىق، ئېلىكتىر ئېنىرگىيىسى، تۆمۇر كان، بېلىقچىلىق، كېمىسازلىق ۋە سۇ ترانسىپورت قاتارلىقلار شىمالىي ياۋروپانىڭ ئەنئەنىۋىي ئىقتىساد ئەنزىسىدۇر.    شىمالىي ياۋروپاغا مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇلار: 1. شىمالىي ياۋروپا (Northern Europe) 1) تەبئىي جۇغرافىيىلىك مەنىسى: كەڭ مەنىدىن ياۋرۇپانىڭ شىمالىنى كۆرسىتىدۇ. ئالپىس تېغىنىڭ شىمالىدىكى رايۇنلاردۇر. 2) ئانتروپوگېئوگرافىيىلىك مەنىسى: غەربىي ياۋروپانىڭ شىمالىنى كۆرسىتىدۇ. گېرمانىيە، گوللاندىيە، بىلگىيە، لۇتسىنبورگ، ئاۋىستىريە ۋە شىمالىي ياۋروپا بەش دۆلىتىدۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2. ئىسكەندىناۋىيە(Scandinavia) 1) تەبئىي جۇغرافىيىلىك مەنىسى: ئىسكەندىناۋىيە يېرىم ئارىلىنى كۆرسىتىدۇ. دانىيە، شىۋىتسىيە، نورۋىگىيە ۋە فىنلاندىيىنىڭ شىمالىي قىسمىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. 2) ئانتروپوگېئوگرافىيىلىك مەنىسى: ئىسكەندىناۋىيە تىل تارمىقىدىكى دۆلەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. دانىيە، نورۋىگىيىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي قىسمى، ئىسلاندىيە، فارويى ۋە شىۋىتسىيىدىكى شۇ تىل تارمىقىغا تەۋە مىللەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

خەلقئارا مۇناسىۋەت دانىيە: ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت، ياۋرۇ رايونى ئەمەس. شىۋىتسىيە: ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت ئەمەس، ياۋرۇ رايونى ئەمەس. فىنلاندىيە: ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت ئەمەس، ياۋرۇ رايونى. نورۋىگىيە: ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەمەس، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت ئەمەس، ياۋرۇ رايونى ئەمەس.

چېگرىدىن كىرىش قائىدىسى 1. شىمالىي ياۋروپا ۋەتەنداشلىرى شىمالىي ياۋروپا كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە ھېچقانداق رەسمىيەت ئىشلەتمەيدۇ. ( چىگرا يوق.) 2. ياۋروپا ئىتتىپاقى گەرەژدانلىرى دانىيە، فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيىگە كىرىش ئۈچۈن كىملىكىنى بولسىلا بولىدۇ(گىرىتسىيە بۇنىڭ سىرتىدا). شىۋىتسارىيە، Liechtenstein، سان- مارىنو ۋەتەنداشلىرىغا شىمالىي ياۋروپا ۋەتەنداشلىقى بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدۇ. 3. ئامېرىكا، ياپونىيە، بىرىتانىيە بىرلەشمىسى(ئەنگىلىيە، ئېرلاندىيە،شوتلاندىيە،ئاۋىستىرالىيە، كانادا... قاتارلىق دۆلەتلەر)، ۋاتىكان دىنىي ئوردىسى، بالتىد دۆلەتلىرى، غەربىي سىلىۋانىيە دۆلەتلىرى، ھونگىرىيە، گىرىتسىيە، سېپروس، ئىسرائىلىيە، كورىيە ۋە كۆپ قىسىم لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرى، ئاز بىرقىسىم ئوكيانىيە دۆلەتلىرى پاسپورت ئارقىلىق چىگرىدىن كىرەلەيدۇ، لېكىن ۋىزا كېرەك قىلمايدۇ. 4. جۇڭگو، شىمالىي كورىيە، ۋېتنام، روسسىيە، يۇگۇسلاۋىيە دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ قىسىم ئاسىيا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغان دۆلەتلەر ۋىزا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

ئۇيغۇرلار

1.نوپۇس ۋە كۆپۈيىش : شىمالىي ياۋروپا ئۇيغۇرلار ياۋروپادا بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، كۆپ قىسمى جۇڭگو شىنجاڭ رايۇنىدىن ئوقۇش- تەتقىقاد، سودا- تىجارەت، تېخنىكىلىق خىزمەت، نىكاھ ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ ۋەتەنداشلىققا ئۆتكەنلەر بولۇپ، تەخمىنەن 5مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىمالىي ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسى تېز كۆپىيىشكە باشلىغان بولۇپ، كۆپىيىش سەۋەبى ئاساسلىقى تەبئىي كۆپۈيۈش، ئوقۇش- تەتقىقاد ئۈچۈن كەلگەنلەرنىڭ ۋەتەنداشلىققا ئۆتۈشى، شىمالىي ياۋروپا ئۇيغۇر ۋەتەنداشلىرىنىڭ ئەسلىي يۇرتىغا قايتىپ نىكاھلىق بولۇپ رەپىقىسىنى ئېلىپ كېلىشى قاتارلىقلاردۇر.

 2. ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت ئورنى: شىمالىي ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز جايىدىكى جەمئىيەت ئورنى باشقا كۆچمەن مىللەتلەرگە قارىغاندا ئوتتۇرا-يۇقىرى سەۋىيىدە بولۇپ، كۆپ قىسمىنىڭ ئۆز ئۆيى، مۇقىم خىزمىتى بار. 

3. دىنىي ئېتىقاد: كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سوفىزىم مەزھىپىگە، ئاز قىسمى مەسىھىيچىلىككە، ئازساندىكىلى ئاتىزمغا ئىشىنىدۇ. 4. تىل ۋە مەدەنىيەت: مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى ئۇيغۇر تىلى بولۇپ، شىمالىي ياۋرۇپادىكى ئوخشىمىغان دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلىتىنىڭ تىلىنى بىلىدۇ، كۆپ قىسمى ئېنگىلىس، خەنزۇ ۋە تۈرۈك تىللىرىنى بىلىدۇ. شىمالىي ياۋروپا ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇپ ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئاز بىر قىسىمى ئەرەب، فارىس ۋە تۈرۈكلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ كېيىنىش ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىدە ئۇيغۇر مىللىي ئەنئەنىسىنى يوقاتقان. ئاز ساندىكىلەر ئۆزى ۋەتەنداش بولغان دۆلەتنىڭ تەسىرىدە مىللىي كىملىكى كىرىزىستە قالغان.

باج ۋە پاراۋانلىق شىمالىي ياۋروپادىكى بەش دۆلەت تىپىك پاراۋانلىق دۆلىتى بولۇپ، يۇقىرى مۇئاش، يۇقىرى باج ۋە يۇقىرى پاراۋانلىق خاراكتېرىگە ئىگە. شىمالىي ياۋروپا دۇنيادىكى پارىخورلۇق ، چىرىكلىك ئەڭ ئاز رايون بولۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. رەئىس جۇمھۇر ۋە خان جەمەتى ئەزالىرىنىڭ ئاددىي پۇقرالار ئارىسىدا بىرگە سەپ تۇرۇپ تاللا بازىرىدا ياكى سودا سارىيىدا نەرسە- كېرەك سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش مۇمكىن. شىمالىي ياۋروپانىڭ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىنىڭ مەنبەسى باياشات ئىقتىساد بولماستىن، بەلكى ئابستراكىت بولغان ئائىلە، ساغلاملىق، دوستلۇق، ئىشەنچ ۋە مۇھەببەت قاراتلىق ئانىللار ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس. شىمالىي ياۋروپا ئومۇمىي دۆلەت كىرىمىنىڭ %30نى جەمئىيەت پاراۋانلىقىغا ئىشلىتىدىغان بولۇپ، مەكتەپ يېشىدىكى ھەربىر ئۆسمۈر ھەر يىلى ھۆكۈمەتتىن تاپشۇرۇپ ئالىدىغان پاراۋانلىق پۇلى 10مىڭ ياۋرۇ، ھەربىر ۋەتەنداش مەيلى قايسى مىللەت بولىشىدىن قەتئىينەزەر 24 ياشقا توشۇشتىن بۇرۇن دۆلەت پاراۋانلىقىدىن بەھىرلەنگەن پۇلى 160مىڭ ياۋرۇ بولۇپ، ھەرقاندان بىر ۋەتەنداشنىڭ بۇ پاراۋانلىقتىن بەھىرلىنىش ھوقۇقى بار. مائارىپ گەرەژدانلارغا ھەقسىز بولۇپ، پۈتۈن چىقىم دۆلەتنىڭ باج كىرىمىدىن تۆلىنىدۇ.