سىپرۇس

ئورنى Wikipedia
row 1, cell 1
دۆلەت گىمىنى
row 1, cell 1
پايتەختى
ئەڭ چوڭ شەھرى
رەسمى تىلى
ئېتنىك گۇرۇپلار
سىياسى سېستىمىسى
رەئىس جۇمھۇر
باش مىنىستىر
يەر مەيدانى
نۇپۇسى
نۇپۇس زىچلىقى
كىشى بېشىغا توغرا كىلدىغان كىرىم
پۇل بىرلىكى
ۋاقىت رايۇنى
ئىنتېرنېت
خەلقارالىق تېېلفۇن كود نۇمۇرى

سىپرۇس جۇمھۇرىيىتى Republic of Cyprus ( سىپرۇس ئەمەلىيەتتە گىركلەر ئىشغالىدىكى جەنۇب ۋە تۈركلەر ئىشغالىدىكى شىمالدىن ئىبارەت ئىككى مۇستەقىل دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان) پايتەخت: نىكوزىيە، ئاھالىسى 363مىڭ (گىرىك رايونىدا 273مىڭ، تۈرك رايونىدا 90مىڭ) زىمىنى 9مىڭ250 كۇۋادىرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە شىمالى سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشغالىدىكى زىمىن 3355كۇۋادىرات كىلومېتىر. ئاھالىسى: سىپرۇسنىڭ 2006-يىللىق نوپۇسى 784مىڭ 301بولۇپ، ئاھالىنىڭ 77%نى گىرىكلار، 18%نى تۈركلەر، قالغانلىرىنى ئەرمەن، ئەرەپ، كۇردلار ئىگەللەيدۇ . گىرىك رايونىدا گىرىك تىلى، تۈرك رايونىدا تۈرك تىلى دۆلەت تىلى. شىمالى سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشغالىدىكى زىمىنىڭ نوپۇسى 264مىڭ172. دىنى :گىرىكلار، بىر قىسىم ئەرەپلەر ۋە ئەرمەنلەر پروۋسلاۋىيە دىنىغا، تۈركلەر ۋە كۇردلار ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ. پۇلى: گىرىكلار رايونىدا سىپروس فوندى تۈركلەر رايونىدا تۈرك لىراسى . سىپرۇس 2008-يىلىدىن باشلاپ ياۋوپا ئىتىپاقىنىڭ رەسمى ئەزاسى بولىدۇ ۋە ياۋرونى ئاساسلىق پۇل بىرلىكى قىلىدۇ. ئىقتىسادى: 2006 -يىلى سىپرۇس گىرىك رايونىنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 17مىليارت790مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 22700دوللار توغرا كەلگەن، يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 3.7% . تۈرك رايونىنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 2مىليارت540مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 7135دوللار توغرا كەلگەن، يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 10% . دۆلەت بايرىمى:گىرىك رايونىدا( 1960-يىلى)10-ئاينىڭ 1-كۈنى، سىپرۇسنىڭ ئەنگىلىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان كۈنى، تۈرك رايونىدا( 1983-يىلى)11-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىمالى سىپرۇسنىڭ سىپرۇستىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان كۈنى ۋاقىت رايونى :ياۋروپا ۋاقتى(2- ۋاقىت رايونى)

قىسقىچە تارىخى:[تەھرىرلەش]

سىپرۇس ئارىلى ئەسلىدە ئاسۇرىيانلارنىڭ زىمىنى بولۇپ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 10-ئەسىرلەردە گىرىكلار كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، مىلادىدىن كېيىن بۇ يەر شەرقى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان.7-ئەسىرلەردە ئەرەپ ئىمپىرىيىسى بۇ جاينى بويسۇندۇرۇپ ئىككى ئەسىردىن كېيىن چېكىنىپ كەتكەن، 1192-يىلى سىپروستىكى گىرىكلار مۇستەقىل پادىشاھلىق قۇرۇپ 1489-يىلى ۋېنتسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. 1571-يىلى تۈرك ئىمپىرىيىسى سىپرۇس ئارىلىنى تارتىۋالغان. 1878-يىلى ئەنگىلىيە سىپرۇس ئارىلىنى ئىشغال قىلغان. 1960-يىلى ئەنگىلىيە سىپرۇستىكى ئاكروتىرى ۋە داكېلىيا دىن باشقا جايلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا قوشۇلغان، 1983-1976-يىلى سىپرۇستىكى گىرىكلار بىلەن تۈركلەر ئوتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتىلىغاندا تۈركىيە سىپرۇسقا ئەسكەر چىقىرىپ سىپرۇسنىڭ شىمالىدىكى 32%زىمىننى ئىشغال قىلغان، سىپرۇسنىڭ باشقا جايلىرىدىكى تۈركلەر شىمالدىكى تۈركلەر ئىشغالىدىكى رايونلارغا كۆچۈپ كەلگە. 1983-يىلى سىپرۇسنىڭ شىمالىدىكى تۈركلەرنىڭ رەھبىرى رەئۇف دىنىقتاش مۇستەقىل شىمالى سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ تۈركىيىدىن باشقا بىرمۇ دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن. سىپرۇس ئوتتۇرا دېڭىزدىكى مەنزىرىسى گۈزەل، تۆت پەسىل باھاردەك ئۆتىدىغان، كان بايلىقى مول، يېرى مۇنبەت ئارال بولۇپ يېقىنقى يىگىرمە يىلدىن بۇيان ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ زور سوممىلىق ياردىمى ئارقىسىدا ساياھەت ۋە يۇقىرى تېخنىكا كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ دۇنيادىكى باي دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. تۈركلەر كونتىرۇللىغىدىكى شىمالى سىپرۇسمۇ(تۈركچە كۈزەي كىبرىس) تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىدە باغۋەنچىلىك، ساياھەت ۋە كان ئېچىشنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ھاللىق دۆلەتلەر سەۋىيىسىدە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.2006-يىلى گىركلەر ئىشغالىدىكى سىپرۇسنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %3.7 سانائەت %19.6، مۇلازىمەت %76.8 نى ،تۈركلەر ئىشغالىدىكى سىپرۇسنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %10.6 سانائەت %20.5، مۇلازىمەت %68.9 نى ئىگەللىگەن.2005-يىلى جەنۇبى سىپرۇسنىڭ مۇقىم تېلپون ئابونتى 420مىڭ، يانپون ئابونتى 718مىڭ800، ئىنتېرنېت ئابونتى 298مىڭ، شىمالى سىپرۇسنىڭ مۇقىم تېلپون ئابونتى 92مىڭ، يانپون ئابونتى 143مىڭ178، ئىنتېرنېت ئابونتى 67مىڭ بولغان.