فىنلاندىيە

ئورنى Wikipedia
row 1, cell 1
دۆلەت گىمىنى
row 1, cell 1
پايتەختى
ئەڭ چوڭ شەھرى
رەسمى تىلى
ئېتنىك گۇرۇپلار
سىياسى سېستىمىسى
رەئىس جۇمھۇر
باش مىنىستىر
يەر مەيدانى
نۇپۇسى
نۇپۇس زىچلىقى
كىشى بېشىغا توغرا كىلدىغان كىرىم
پۇل بىرلىكى
ۋاقىت رايۇنى
ئىنتېرنېت
خەلقارالىق تېېلفۇن كود نۇمۇرى
Finland 1996 CIA map.jpg
Flag of Finland.svg
Coat of arms of Finland.svg

فىنلاندىيە جۇمھۇرىيىتى Republic of Finland پايتەخت: خېلسىنكى، ئاھالىسى 1مىلىيۇن 359مىڭ زىمىنى 338مىڭ145 كۇۋادىرات كىلومېتىر ئاھالىسى: فىنلاندىيەنىڭ 2006-يىللىق نوپۇسى 5مىلىيۇن 231مىڭ بولۇپ، ئاھالىنىڭ 93%نى ئۇرال تىل سېستىمىسىغا تەۋە فىن تىلىدا سۆزلىشىدىغان فىنلار، 6%ىنى شىۋىدلار(فىنلاندىيەدىكى شىۋىتلار ئاساسەن ئالاند تاقىم ئاراللىرى، فىن تىلىدا ئاخۋىنانما تاقىم ئاراللىرى)دا ئولتۇراقلاشقان)، 0.5% نى رۇسلار، 1%ىنى ئېستون، سامى قاتارلىق ئۇرال مىللەتلىرى ۋە كۆچمەنلەر ئىگەللەيدۇ . فىن تىلى ۋە شىۋىد تىلى دۆلەت تىلى. دىنى : فىنلارنىڭ 85%پروتىستانت دىنىنىڭ لۇتېر مەزھىبىگە، 1% پروۋسلاۋىيە دىنىغا، 1%كاتولىك دىنىغا ئىشىنىدۇ. قالغانلىرى دىنغا ئىشەنمەيدۇ. پۇلى: ياۋرو. فىنلاندىيە 2004-يىلىدىن بۇيان ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ئەزاسى. ئىقتىسادى: 2006 -يىلى فىنلاندىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 184مىليارت231مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 35مىڭ242دوللار توغرا كېلىدۇ. فىنلاندىيەنىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 5%بولۇۋاتىدۇ. دۆلەت بايرىمى:( 1917-يىلى)12-ئاينىڭ 6-كۈنى، فىنلاندىيەنىڭ روسىيىدىن مۇستەققىل بولغان كۈنى ۋاقىت رايونى :ياۋروپا ۋاقتى(شەرقى1- ۋاقىت رايونى)

قىسقىچە تارىخى:[تەھرىر]

Suomenlinna.jpg
SchärenTurku.jpg
Helsinki University of Technology auditorium.jpg

مىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىر ئەتراپىدا ئۇرال خەلقلىرىدىن بولغان فىنلارنىڭ ئەجدادى بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىپ ئۇششاق بەگلىكلەرنى قۇرغان. 10-ئەسىردە فىنلاندىيە دانىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. مىلادى 1397-يىلى دانىيە، شىۋىتسىيە، نورۋىگىيەلەر كارما ئىتتىپاقىنى قۇرغاندا فىنلاندىيە شىۋىتسىيەگە قاراشلىق ئۆلكە بولغان. 1581-يىلى فىنلاندىيە شىۋىتسىيەگە قاراشلىق كېنەزلىك بولغان.1809-يىلىدىكى شىۋىتسىيە چارروسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن فىنلاندىيەنى چار روسىيە بېسىۋالغان. 1917-يىلى فىنلاندىيە مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ 1939-يىلى سوۋېت-فىنلاندىيە ئۇرۇشى پارتىلاپ فىنلاندىيە بىر قىسىم زىمىنىدىن ئايرىلىپ قالغان.1941-يىلىدىن 1944-يىلىغىچە فىنلاندىيە گېرمانىيە تەرەپتە تۇرۇپ سوۋېت ئىتىپاقى بىلەن بولغان ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1948-يىلى 4-ئايداسوۋېت ئىتىپاقى بىلەن فىنلاندىيە پارىژ كېلىشىمى ئىمزالاپ فىنلاندىيە بىتەرەپ دۆلەت بولغان. فىنلاندىيە زىمىنى ئاساسەن ئورمانلىق ۋە كۆل بىلەن قاپلانغان بولۇپ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ياۋروپادا 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. تۈزلەڭلىك كۆپ، ھۆل يېغىنى مۇۋاپىق، ئەمما كۆپ قىسىم زىمىنى قۇتۇپ چېگرىسىغا جايلاشقان، ياز مەزگىلى قىسقا، تېمپىراتۇرا تۆۋەن بولغاچقا دېھقانچىلىق قىلىش ئەپسىز، ئەمما ئورمان بايلىقىغا تايىنىپ قەغەز سانائىتى ۋە سۈت كالىسى باقمىچىلىقى يۈكسەك تەرەققى قىلغان،فىنلاندىيە دۇنيادا كانادادىن قالسىلا 2-چوڭ قەغەز ئېكىسپورت دۆلىتى، ئورمانچىلىق ماشىنىسازلىقى ، ئۇچۇر سانائىتى تەرەققىياتى ۋە خەلقارا ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچى دۇنيادا 1-ئورۇندا ئورۇندا تۇرىدۇ.فىنلاندىيە پۇخرالىرنىڭ ساپاسى يۇقىرى بولۇپ 1958-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى ئۇمۇملاشقان. ئاھالىنىڭ 32% ئالى مائارىپ سەۋىيىسىگە ئىگە. 2005-يىلى ئېستونىيىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى 3.4%، سانائەت 28%، مۇلازىمەت 68.6%نى ئىگەللىگەن بولۇپ -2005يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى2مىلىيۇن 120مىڭ، يانپون ئابونتى 5 مىليۇن231مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 3مىلىيۇن286مىڭ بولغان.