ئېستونىيە

ئورنى Wikipedia
row 1, cell 1
دۆلەت گىمىنى
row 1, cell 1
پايتەختى
ئەڭ چوڭ شەھرى
رەسمى تىلى
ئېتنىك گۇرۇپلار
سىياسى سېستىمىسى
رەئىس جۇمھۇر
باش مىنىستىر
يەر مەيدانى
نۇپۇسى
نۇپۇس زىچلىقى
كىشى بېشىغا توغرا كىلدىغان كىرىم
پۇل بىرلىكى
ۋاقىت رايۇنى
ئىنتېرنېت
خەلقارالىق تېېلفۇن كود نۇمۇرى
ئېستونيە جۇمھۇرىيىتى (ئېستونچە:Eesti Vabariik)

پايتەخت: تاللىن

پايتەخت[تەھرىرلەش]

تاللىن، ئاھالىسى 525مىڭ زىمىنى 45مىڭ227 كۇۋادىرات كىلومېتىر

ئاھالىسى[تەھرىرلەش]

ئېستونيەنىڭ 2006-يىللىق نوپۇسى 1،324،000 بولۇپ، ئاھالىنىڭ 67٪نى ئۇرال تىل سېستىمىسى، فىن تىلى ئائىلىسىگە تەۋە ئېستون تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئېستونلار، 25%ىنى رۇسلار، 2%ىنى ئوكرائىنلار، 1%ىنى فىنلار ئىگەللەيدۇ . ئېستون تىلى دۆلەت تىلى.

دىنى[تەھرىرلەش]

ئېستونيەلىكلەرنىڭ ٪13.6 پروتىستانت دىنىنىڭ لۇتېر مەزھىبىگە، ٪12 پروۋسلاۋىيە دىنىغا، ٪1 كاتولىك دىنىغا ئىشىنىدۇ. كۆپ قىسمى دىنغا ئىشەنمەيدۇ.

پۇلى[تەھرىرلەش]

ئېستونىيەنىڭ بۇلى ياۋرو. ئېستونىيە 2004-يىلىدىن بۇيان ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ئەزاسى.

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

2006 -يىلى ئېستونىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 13مىليارت620مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 19مىڭ600دوللار توغرا كەلگەن. ئېستونىيەنىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 10%بولۇۋاتىدۇ.

دۆلەت بايرىمى[تەھرىرلەش]

( 1918-يىلى)2-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئېستونىيەنىڭ روسىيەدىن مۇستەققىل بولغان كۈنى،(1991-يىلى)8-ئاينىڭ 20-كانى مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كۈنى ۋاقىت رايونى :ياۋروپا ۋاقتى(شەرقى1- ۋاقىت رايونى)

قىسقىچە تارىخى[تەھرىرلەش]

ئېستونىيە زىمىنى ئەسلىدە لاتىشلارنىڭ زىمىنى بولۇپ بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىر ئەتراپىدا ئۇرال خەلقلىرىدىن بولغان فىن ۋە ئېستون خەلقى بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىپ ئۇششاق بەگلىكلەرنى قۇرغان. 10-ئەسىردە ئېستونىيە دانىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. مىلادى 1397-يىلى دانىيە، شىۋىتسىيە، نورۋىگىيەلەر كارما ئىتتىپاقىنى قۇرغاندا ئېستونىيە شىۋىتسىيەگە قاراشلىق ئۆلكە بولغان. 1710-يىلى ئېستونىيەنى چار روسىيە بېسىۋالغان. 1917-يىلى ئېستونىيە مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ 1918-يىلى گېرمانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان.1920-يىلى قايتىدىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن. 1940-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى ئېستونىيەنى مەجبۇرى ئۆزىگە قوشۇۋالغان.1941-يىلى گېرمانىيە ئېستونىيەنى قايتىدىن ئىشغال قىلغان، 1944-يىلى 9-ئايداسوۋېت ئىتىپاقى ئېستونىيەنى قايتۇرىۋالغان. 1991-يىلى ئېستونىيە تۇنجى بولۇپ مۇستەقىللىق جاكارلاپ سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالغان. ئېستونىيە زىمىنى ئاساسەن تۈزلەڭلىك، ھۆل يېغىنى مۇۋاپىق بولسىمۇ ياز مەزگىلى قىسقا، يازلىق ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىسى 19سېلسىيە بولغاچقا دېھقانچىلىق قىلىش ئەپسىز، ئەمما ئۆي قۇشى ۋە سۈت كالىسى باقمىچىلىقى يۈكسەك تەرەققى قىلغان، سانائەت ئاساسى ياخشى، پۇخرالارنىڭ ساپاسى يۇقىرى بولۇپ سابىق سوۋېت ئىتىپاقىدىكى ئەڭ باي جۇمھۇرىيەتنىڭ بىرى ئىدى. مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن توغرا ئىقتىسادى سىياسەت ۋە ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ياردىمىدە يىلىغا 10%دىن يۇقىرى سۈرئەت بىلەن تەرەققى قىلىپ ھازىر ياۋروپادىكى باي دۆلەتلەر بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. 2005-يىلى ئېستونىيىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى 3.4%، سانائەت 28%، مۇلازىمەت 68.6%نى ئىگەللىگەن بولۇپ -2005يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 442مىڭ، يانپون ئابونتى 1 مىليۇن544مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 690مىڭ بولغان. www.sahawet.com دى ن ئېلىندى