تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى

ئورنى Wikipedia

UYGHURCHE, УЙҒУРЧӘ


تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى

Türkiye Cumhuriyiti

بايرىقى
مارشى
ئىستىقلال مارشى
پايتەخت

ئەڭ چوڭ شەھىرى

ئەنقەرە

ئىستانبۇل

تىلى تۈركچە
دىنى ئىسلام دىنىي ،سۈنئىي مەزھەب
مىللەتلەر

سانى بىرقەدەر كۆپلىرىدىن تۈرك، كۇرد، ئۇيغۇرلار، قازاق،ئەزەر ،تاتار،ئەرەب،لاز،قىرغىز،چىچەن،ئۆزبەك ،تۈركىمەن،ئەرمەن ،گىرىك،گىرمان قاتارلىق 145مىلەت ۋە قەۋىم ياشايدۇ (2016-يىلىدىكى مەلۇمات)

ھۆكۈمەت

- ئەلباشى
- باشۋەكىل

باشۋەكىللىك

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىنئالى يىلدىرىم

قۇرۇلغان ۋاقتى
1923- يىلى 10- ئاينىڭ 29- كۈنى
يەر مەيدانى

-سۇ

783,562 كلومتر2 (37.)
1.1%
نوپۇسى

-زىچلىقى

78،741،053 جان(2015) (18.)

102جان\كلومېتر2

ئ.ئ.ئۇ.ق
-2009 تەخمىنەن

-كىشى باشى

99,544 مىلىيارد دوللار

4،887 دوللار\كىشى

پۇل بىرلىكى تۈرك لىراسى
ۋاقت رايونى

يازلىق

(DAZD (UTC+2

(DAYZD (UTC+3)

قاتناش ئوڭدىن
خەلقئارالىق تېلېفون كودى 90+
تور بەت tr.


تۈركىيە- تولۇق ئىسمى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى (تۈركچە : Türkiye Cumhuriyeti, ئىنگىلىزچە: Republic of Turkey) ئاساسى قانۇنلۇق، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى، يىقىدا ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمگە ئۆزگەرتىمەكچى جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن ياۋروپا ۋە ئاسىيا قىتئەسىگە جايلاشقان بىر دۆلەت. ئۇنىڭ پايتەختى بولسا ئەنقەرە، ئەڭ چوڭ شەھىرى بولسا ئىستانبۇل. دۆلەت تىلى بولسا تۈرك تىلى. نۆۋەتتىكى پرىزدېنتى (تۈركچە جۇمھۇرباشقانى)رەجەپ تايىپ ئەردۇغان . نۆۋەتتىكى باش مىنىستېر (تۈركچە باشباقان) بنئالى يىلدىرىم. تۈركىيە 1923 - يىلى 29 - ئۆكتەبىر كۈنى مۇستەقىللىقىنى جاكارلاپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئورناتقان.

قىسقىسچە تارىخى[تەھرىرلەش]

تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى ئاسيا قىتئەسىنىڭ غەربى، كىچىك ئاسيا دەپ نام ئالغان ئانادولۇ يېرىم ئارىلى ۋە ياۋرۇپا قىتئەسىنىڭ ئاڭ شەرقى بولمىش رۇمئەلى يرىم ئارىلىغا جايلاشقان، بولۇپ بۇگۈنكى زېمىنىنڭ 3% ياۋرۇپا قىتئەسىدە يەر ئالماقتا. يىراق قەدىمكى زامانلاردىن بېرى ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت ئىزنالىرى قالدۇرۇلغان بۇ توپراقلاردا رىم ۋە ۋىزانتىيە ئىمېرىيەلىرىدىن كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن نۇرغۇن يادىكارلىقلار باردۇر. 1071- يىلى سولجۇقىيلەر سۇلتانى ئالپ ئارسلان نىڭ تۈرك قوشۇنلىرىنى باشلاپ ئانادولۇغا كىرىشى بۇگۈنكى تۈركلەرنىڭ رەسمىي تەرزدە كىچىك ئاسىيادىكى ھاكىميىنىتڭ باشلانغۇچى ھېساپلانماقتا. رۇم تۈرك سۇلتانلىقى ياكى باشقا ئىسمى بىلەن ئانادولۇ سەلجۇق سۇلتانلىقى بۇ توپراقلاردا قۇرۇلۇپ كونيانى پايتەخت قىلىپ بىر مەزگىل گۈللەپ ياشنىدى ۋە ئانادولۇنىڭ ئىسلاملىشىشى ۋە تۈركلىشىشىنى تىزلەتتى. 1299- يىلى بۇرسادا قۇرۇلغان ئوسمان بەگلىكىنىڭ كېيىنچە كۈچۈيۈپ ئوسمانيە دۆلىتى ۋو ھەتتا دەۋلەتى ئالى ئوسمانىيە ياكى ئوسمانلى ئىمپاراتورلىقىغا ئايلىنىشى، 1453- يىلى 29- باھار\ماي كۈنى ئىستانبۇل ڧەتھىدە خىرىستىيانغا قارشى زەپەر قۇچۇشى بۇگۈنكى تۈركىيە توپراقلىرىنىڭ تامامەن تۈركلەر قولىغا ئۆتىشنىڭ تاماملىنىشىدۇر. 1517- يىلى 9- ئوسمانلى پادىشاھى ياۋۇز سۇلتان سەلىم خان مىسىر مەملۇك سۇلتانلىقى نى مۇنقەرز قىلىپ ئىسلام خەلىڧەسى ئۇنۋانىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بۇ تارىختىن ئىتىبارەن 1924- يىلغىچە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ ھوقۇقلۇق كىشىسى بولمىش خەلىڧەلەر ئوسمانلى پادىشاھ جەمەتىدىن بولغان شاھزادەلەردىن چىققاندۇر. 19- ئەسرنىڭ ئىككىنچى يارىمىدىن سوڭرە غەربلىشىشنىڭ ئەۋج ئېلىشى نەتىجىسدە ئالىي ئوسمان سۋۇلتانلىرى ياۋروپايى تەرزگە مايىللىقىنى ئارتتۇردى. ئۆزىدە بار بولغان شەرىقانە ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت سەنئەت ۋە مائارىڧ سېستىمىسى زامانداش ياۋرۇپا ئۇسلۇبلىرىغا ئۆتكۈزىلىشكە باشلىدى. 1- دۇنيا ئۇرۇشىدا، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ئىتتىڧاقداش دەۋلەتلەر سېپىدە تۇرۇپ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولدى. ئۇنىڭ شىمالىي ئافرىقا ھەم كىچىك ئاسىيادىكى بېقىندى دۆلەتلىرى ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق ياۋروپا دەۋلەتلىرىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالدى. غازى مۇستاڧا كامال ئاتاتۈرك رەھبەرلىكىدە 1919- يىلى 19- باھار\مايدا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى باشلادى. 1920- يىلى 23- ئۈمىد\ئاپرېل كۈنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئەنقەرەدە ئېچىلدى. 1922- يىلى 1- ئوغلاق\نويابر كۈنى سەلتەنەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ۋە 623 يىللىق ئوسمانلى دەۋلەتى تارىخقا كۆمۈلدى. 1923- يىلى 29- ئوغۇز\ئۆكتەبر يېڭى پايتەخت ئەنقەرەدە تۈركىيە جۇمھۇرىيەتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى رەسمى جاكارلاندى. تۇنجى دەۋلەت رەئىسى مۇستاڧا كامال پاشا سايلاندى.

تۈركىيەنىڭ سىياسى مۇساپىسى[تەھرىرلەش]

تۈركىيە ئەنئەنە جەھەتتىن ئىسلام دۆلىتى بولغاچقا ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغا مۇناسىۋىتىنىڭ دۆلەتنىڭ ھايات-ماماتىغا تەئسىر يەتكۈزۈشىدىن ئېھتىيات قىلىپ دۆلەتتە دىن بىلەن ھاكىمىيەتنى ئۈزۈل-كېسىل ئايرىپ 1923-يىلىدىن بۇيان ھەرقانداق دىنى ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە پارتىيەنى قانۇنسىز ھىساپلاپ كەلگەن. ئاساسى قانۇندىكى بۇ شەرتلەرنى قوغداش ئىزچىل تۈردە تۈركىيە ھەربى تەرەپنىڭ ئىزچىل تۈركىيەسىياسىتىنى كونتىرۇل قىلىشىدىكى ئاساسى سەۋەپ بولۇپ كەلگەن ئىدى.

2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، تۈركىيە دەسلەپ بىتەرەپ تۇرىدۇ، كېيىن 1945-يىلى 2-ئايغا كەلگەندە، گېرمانىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ، 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ تەسىرى تۈركىيىگە سىڭىپ كىرىدۇ.

1980-يىلى 4-ئايدا، پىرىزدېنت قەھرى گۇرۇ تۈركنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى توشىدۇ. پارلامېنت 100 قېتىمدىن كۆپرەك سايلام ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ كۈرىشى جىددىي بولغاچقا، يېڭى پىرىزدېنتنى سايلاپ چىقالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەتنىڭ ئامانلىقى ناچارلىشىپ، ھەرخىل تېرورلۇق ھەرىكەتلەر ئەۋج ئالىدۇ. 9- ئايىنىڭ 12-كۈنى، باش شتاب باشلىقى ئەۋرەن باشچىلىقىدىكى مەملىكەتلىك ئامانلىق كومىتېتى«ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئۈچۈن، ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى جاكارلايدۇ، ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىدۇ، بارلىق سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ پائالىيىتىنى چەكلەيدۇ. شۇ ئاينىڭ 13- كۈنى ئەۋرەن دۆلەت باشلىقى بولىدۇ. 20- كۈنىگە كەلگەندە، سابىق دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى ئولوسۇ باشچىلىقىدا يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ.

1980- يىلى ھەربىيلەر ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ۋەزىيەتنى تۇراقلاشتۇرىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى زور كۈچ بىلەن رەتكە سېلىپ، ھەرخىل قانۇنسىز تەشكىلاتلارنى كەڭ كۆلەمدە تەكشۇردى. 1981- يىلى 9- ئايدىلا 45 مىڭ ئادەمنى قولغا ئالدى. 750 مىڭ ھەرخىل قورال-ياراغنى مۇسادىرە قىلدى. نەتىجىدە، تېررورلۇق ھەرىكەتلەر ھەربىي ئىدارە قىلىشنىڭ ئالدىدىكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە ئازايدى.

1982- يىلى 11- ئاينىڭ 7- كۈنى، مەملىكەتلىك ئامانلىق كومىتېتى يېڭى ئاساسىي قانۇننى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىشىگەقويىدۇ، نەتىجىدە ھەربىي ھۆكۈمەت خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، ئەۋرەن جۇمھۇرىيەت پىرىزدېنتى بولدۇ ھەمدە دېموكراتىيە مۇساپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى موسكۋاغا زىيارەتكە بارىدۇ، ئەۋرەن جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىدۇ.

1983-يىلى 5- ئايدا، ھۆكۈمەت كوردلارنى كەڭ كۆلەمدە باستۈرۇپ، 574 كىشىنى سوتلايدۇ. 35 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىدۇ ھەمدە ئىراق زېمىنىغا كىرىپ كورد قوراللىق كۈچلىرىگە زەربە بېرىدۇ. 1983- يىلى 11-ئايدا ئۆزەل باشچىلىقىدىكى ۋەتەن پارتىيىسى بۈيۈك خەلق پارلامېنتى سايلىمىدا غەلىبە قىلدى. 1996-يىلى 6- ئاينىڭ 28-كۈنى ، تۈركىيە گۈللىنىش پارتيىسىنىڭ رەھبىرى ئىرباقان سابىق زۇڭلى، توغرا يول پارتىيىسىنىڭ رەئىسى چېللەر بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىل قىلغان، بۇنىڭ بىلەن تۈركىيە ھازىرقى زامان تارىخىدىكى تۇنخى ئىسىلاملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچى باش مىنىستىر بارلىققا كەلگەن. نەجمىدىن ئىرباقان ھۆكۈمىتى تۈركىتىنىڭ 54- نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىرباقان ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن بىرقاتار ئىسلاملاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىغان. شۇنىڭ بىلەن، ئىرباقان ھەرنىي تەرەپنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئاران بىر يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپلا تەخىتتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان. 1998 - يىلى 1- ئاينىڭ 1-كۈنى، تۈركىيە ئەڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى تۈركىيە گۈللىنىش پارتىيىسىنى ئاساسى قانۇنغا خىلاپ دەپ قاراپ تارقىتىۋېتىشنى جاكارلىغان. 2000- يىلى 5- ئاينىڭ 5- كۈنى ئەخمەت نەجدت نى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 10- نۆۋەتلىك پىرىزدېنتلىقىغا سايلىغان باش مىنىستىرى ئەجۋېت بولغان.2005-يىللىق سايلامدا گۈللىنىش پارتىيىسىدىن ئۆزگەرتىلگەن ھەقىقەت ۋە تارەققىيات پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى رەجەپ تايىپ ئەردۇئان باش مىنىستىر بولۇپ سايلاندى. 2007-يىللىق تېنچ سايلامدا تۈركىيە گۈللىنىش پارتىيىسىنىڭ پىرىزدېنت نامزاتى ئابدۇللا گۈل 51% مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن پىرىزدېنتلىقنى ئالدى. سايلام پۈتۈنلەي دىموكراتىك تەرتىپكە ئۇيغۇن بولغاچقا خەلقارا ۋە تۈركىيە ھەربى تەرەپ ئامالسىز قالدى. ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن، نەچچە يۈز مىڭ كىشىلىك «دىنى ئارقا كۆرۈنۈشى بار رەھبەرلەرنى قارشى ئالماسلىق» نامايىشىدىن باشقا ھىچقانچە ۋەقەمۇ يۈز بەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيەدە 80يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئىسلام دىنىنى چەتكەن قېقىش سىياسىتى ئاخىرلاشتى.

دىپلوماتىيە سىياسىتى[تەھرىرلەش]

تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت. تۈركىينىڭ ھەرقارارلىق ھۆكۈمەتلىرى ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئىتتىپاقداشلىق سىياسىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە غەربىي ياۋروپا بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلدى ۋە ئىزچىل تۈرە ياۋروپا ئىتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ . يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئوتتۇرا شەرق بالقان ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قاتارلىق رايونلاردىكى ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكىمۇ ئەھمىيەت بەرمەكتە. ھازىر تۈركىيىنىڭ يەر شارىدىكى 125 دۆلەت ۋە رايون بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 6دۆلەت، پاكىستان، ئىران ۋە ئازەربەيجان بىلەن بىللە قۇرغان «ئىقتىسادى گۈللىنىش تەشكىلاتى» تۈركىيەنىڭ كېيىنكى سىياسى ۋە سىپلوماتىيە-ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا مۇھىم كۆرسەتكۈچلۈك ئەھمىيەتكە ئىگە.

جۇغراپىيەسى[تەھرىرلەش]


تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى[تەھرىرلەش]

تۈركىيە تارىختىن بۇيان دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان يېزائىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. تۈركىيە ئەمگەك كۈچىنىڭ %35دېقھانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانسىمۇ، بىراق دېھقانچىلىقتىن كىرىدىغان كىرىم دۆلەت ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %9.3نى ئىگىلەيدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، تۈركىيىنىڭ توقۇمىچىلىق، پولات-تۆمۈر، قەغەز ئىشلەپچىقىرىش، سېمۇنت ئىشلەپچىقىرىش ۋە قەنت ياساش سانائىتىنى خېلى راۋاجلانغان. تۈركىيىنىڭ كان بايلىقى مول بولۇپ، كۆمۈر، مىس قاتارلىقلارنىڭ زاپىسى بىرقەدەر كۆپ. 2007-يىلى تۈركىيەنىڭ مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 361مىلىيارد دوللار بولغان دۇنيا بويىچە 20-ئورۇندا تۇرغان. تۈركىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى دۇنيادىكى ئىسلام ئەللىرى ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. تۈركىيەنىڭ 2006-يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى9100دوللار سانائەت مەھسۇلات مىقدارى ئۇمۇمى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 31%نى، مۇلازىمەت كىرىمى 60%نى ئىگەللىگەن.


پۇل بىرلىكى: تۈرك لىراسى.

تۈركىيە ئىقتىسادى سىياسىتى ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ زور تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا 2004-يىلىغا كەلگەندە پۇلى پاخاللىشىپ بىر مىليۇن500مىڭ لىرا بىر دوللارغا توغرا كېلىدىغان پۇل پاخاللىقى يۈز بەرگەن ئىدى. 2005-يىلىدىكى 6نۆلنى قىسقارتىشتىن كېيىن تۈركىيەدە 1.34يېڭى تۈرك لىراسى=بىر دوللار، 2016 تۈركىيە ھەربىي ئۆزگىرىش تەشەببۇسىدىن كېيىن تۈرك لىراسىنىڭ دوللارغا بولغان ئايرىۋاشلاش نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ يوقرى پەللىگە چىقىپ 3.1 تۈرك لىراسى = 1 ئامېرىكان دوللارى بولغان.

دۆلەت مۇداپىئەسى[تەھرىرلەش]

ھەربىي مەجبۇرىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، 18ئاي ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. نۆۋەتتە 3مىليون 720مىڭ نەپەر ئەسكەر ۋەزىپە ئۆتەۋاتىدۇ.

تۈركىيەدىكى سىياسى پارتىيەلەر[تەھرىرلەش]

تۈركىيەدە مائارىپ[تەھرىرلەش]

تۈركىيەدىكى بىرقەدەر داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتللار

تەنتەربىيە[تەھرىرلەش]

پۇتبول - تۈركىيەدە پۇتبول باشقا تەنتەربىيە تۈرلىرىگە قارىغاندا بىر قەدەرې راۋاجلانغان، ئاممىۋىلىقى كۈچلۈك، جەلبكارلىقى يۇقىرى بىر پائالىيەت تۈرىدۇر. يىللىق ئايلانما مۇسابىقىلىرىدىن تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى ئايلانمىسى ۋە تۈركىيە لوڭقىسى باردۇر.

داڭلىق پۇتبول كۇلۇپلىرىى:

ئالاقىلىشىش[تەھرىرلەش]

تۈركىيەنىڭ ئىلىكتىرلىشىش ۋە ئالاقە ئىشلىرى ئورتاھال تەرەققى قىلغان بولۇپ مۇقىم تېلېڧون ئابونتى 19مىلىيۇن، يانڧون ئابونتى 44 مىلىيۇن، ئىنتېرنېت ئابونتى 13 مىلىيۇن بولغان.

سۈرەتلەر[تەھرىرلەش]