ئافغانىستان

ئورنى Wikipedia
Emblem of Afghanistan.svg
Flag of Afghanistan.svg
row 1, cell 1
دۆلەت گىمىنى
row 1, cell 1
پايتەختى
ئەڭ چوڭ شەھرى
رەسمى تىلى
ئېتنىك گۇرۇپلار
سىياسى سېستىمىسى
رەئىس جۇمھۇر
باش مىنىستىر
يەر مەيدانى
نۇپۇسى
نۇپۇس زىچلىقى
كىشى بېشىغا توغرا كىلدىغان كىرىم
پۇل بىرلىكى
ۋاقىت رايۇنى
ئىنتېرنېت
خەلقارالىق تېېلفۇن كود نۇمۇرى
Afghan topo en.jpg
كابۇل
New Building Blocks in Kabul.jpg
Northwestern Afghanistan.jpg
Evstafiev-afghan-apc-passes-russian.jpg
GW Bush and Hamid Karzai in Kabul 2006-03-01.jpg
Eastern Afghanistan.jpg

ئافغانىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى The Islamic State of Afghanistan پايتەخت: كابۇل، ئاھالىسى 2مىليۇن838مىڭ دۆلەت نوپۇسى: 31,056,997 زىمىنى: كۇۋادىرات كىلومېتىر 652مىڭ 300كىلومېتىر تىلى: ئاھالىنىڭ%45نى ئىگەللەيدىغان پۇشتۇ تىلى ۋە%26 نى ئىگەللەيدىغان دارا پارىس تىلى دۆلەت تىلى بولۇپ بۇلاردىن باشقا 3مىليۇن ھاجارا، 2مىليۇن600مىڭ ئۆزبېك ۋە 710مىڭ تۈركمەن، 300مىڭ بەلۇجى، 84مىڭ قىرغىز قاتارلىقلار پۇلى: ئافغانى، بىر ئافغانى=100پۇل. ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى 46ئافغانى=بىر دوللار (2006), 49 ئافغانى=بىر دوللار(2003), 41 ئافغانى=بىر دوللار(2002) ئافغانىستاننىڭ2006-يىلى يىل ئاخىرىدىكى ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 8مىليارت900مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 280دوللار توغرا كېلىدۇ. دىنى : پۈتۈن مەملىكەتتە ھاجارالار ۋە ۋاخان كارىدورىدىكى ئاز سانلىق قەبىلىلەرئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىبى، ئىسمائىلىيە پىرقىغە ئەگەشكەندىن باشقا 85% دىن ئارتۇق ئاھالە ئىسلام دىنى سۈننى مەزھىبىدە. دۆلەت گۈلى بۇغداي، دۆلەت بايرىمى (1919-يىلى) 8-ئاينىڭ 19-كۈنى ۋاقىت رايونى : ئورتا ئاسىيا ۋاقتى(-5ۋاقىت رايونى) دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ۋاقتى: 1955-يىلى1-ئاينىڭ20-كۈنى قىسقىچە تارىخى: مىلادىدىن ئىلگىرى ئالىكساندىرىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغاندىن تارتىپ ئېلىمىزنىڭ غەربى قىسمى بىلەن سودا ۋە سىياسى ئالاقىلەردە بولغان. كېيىن شىمالى قىسمى تۈركلەرنىڭ، جەنۇبى قىسمى پۇشتۇلاردنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ كەلگەن. چىڭگىز ئىمپىرىيىسى دەۋرىدىن تاكى1532 -يىلىغىچە چاغاتاي خانلىقلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان.--1747يىلى بابۇرخان قۇرغان موغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ كابۇل، بەدەخشان، بەلىخ، ھىرات، قەندەھار ئۆلكىلىرى مۇستەقىللىق جاكارلىغان.1838-يىلىدىن1919-يىلىغىچە ئەنگىلىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ 3قېتىملىق ھۇجۇمىغا، روسىيە ئىمپىرىيىسنىڭ 7قېتىملىق ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرغان. ئاخىرى ئىككى چوڭ ئىمپىرىيە قوشنا بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئافغانىستان مۇستەقىللىغىنى ئېتىراپ قىلغان. 1979-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى ئافغانىستاننى كومپارتىيىسىنى يۆلەشنى باھانە قىلىپ ئافغانىستانغا بېسىپ كىرگەن. ئافغانىستان پادىشاھلىغىنىڭ نامى ئافغانىستان دىمكىراتىك جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. ھافغانىستان خەلقىنىڭ سوۋېت ئارمىيىسىگە قارشى قوراللىق كۈرىشى بىر كۈنمۇ توختىمىغانلىقتىن پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ياردەم بېرىشى نەتىجىسىدە 1989-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرگەن. 1992-يىلى 4-ئاينىڭ28-كۈنى ئافغانىستان دۆلەت نامىنى ھازىرقىغا ئۆزگەرتكەن. ئافغانىستاندا زامانىۋى سانائەت ئاساسەن يوق بولۇپ نېفىت ۋە تەبىئى گاز بايلىقلىرى ئېچىلمىغان، ئاھالىنىڭ 80% دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.