ئەرمېنىيە

ئورنى Wikipedia
مەنبەلەلەر ياكى پايدىلانغان ماتېرياللار يىتەرلىك ئەمەس

ئشەنچىلىك مەنبە ئارقىلىق تۇلۇقلاڭ، مەنبەسى بولمىغان مەزمۇن ئۆچۇرلىدۇ.

ئارمېنىيە جۇمىۇرىيىتى
Republic of Armenia
دۆلەت گىمىنى
پايتەختى يېرېۋان
بىر مىليۇن 300مىڭ
ئەڭ چوڭ شەھرى
رەسمى تىلى
ئاھالىسى
ئاھالىنىڭ 98%نى ئەرمەنلەر
1.3%نى كۇردلار
0.5%نى رۇسلار
0.2%نى ئازەربايجانلار ئىگەللەيدۇ
دىنى ئارمېنىيە ئاھالىسىنىڭ 95%ى ئەرمەن پروۋىسلاۋىيە دىنىغا
2%ئىسلام دىنى شىئە مەزھىبىگە ئىشىنىدۇ
زېمىنى 29800 كۋادرات كىلومېتىر.
ئېتنىك گۇرۇپلار
سىياسى سېستىمىسى
رەئىس جۇمھۇر
باش مىنىستىر
يەر مەيدانى
ئاھالىسى ئارمېنىيەنىڭ2006-يىللىق
نۇپۇسى 2مىلىيۇن 976مىڭ372
نۇپۇس زىچلىقى
كىشى بېشىغا توغرا كىلدىغان كىرىم
پۇل بىرلىكى
ۋاقىت رايۇنى
ئىنتېرنېت
خەلقارالىق تېېلفۇن كود نۇمۇرى 374
  • ئەرمەن تىلى دۆلەت تىلى. ئاھالىلەر ئەرمەن ۋە رۇس تىلىنى قوللىنىدۇ.

پۇلى:[تەھرىرلەش]

دەرھەم. 2006-يىلى 414.69دەرھەم = بىر دوللار، 2004-يىلى 533.45دەرھەم = بىر دوللار، 2002-يىلى573.35 دەرھەم = بىر دوللار. ئىقتىسادى: ئارمېنىيە مۇستەقىل بولۇشتىن بۇرۇن سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ رەڭلىك مېتال ۋە ئېلىكتىر ئېنىرگىيىسىنى نۇقتىلىق تەرەققى قىلدۇرغان رايونى ئىدى، مۇستەققىل بولغان دەسلەپكى يىللاردا ئۇرۇش ۋە خوشنا ئەللەرنىڭ ئىمباگوسى تۈپەيلى ئارمېنىيە ئىقتىسادى ۋەيران بولۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان ئىدى. كېيىن دۇنيا بانكىسىنىڭ قەرز پۇلى بىلەن دۆلەت ئىقتىسادى تەرتىپكە چۈشتى. ھازىر ئارمېنىيەنىڭ دۆلەت قەرزى بىر مىليارت دوللاردىن ئاشىدىغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تاشقى قەرزى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت ھىساپلىنىدۇ. 2006 -يىلى ئارمېنىيەنىڭ ئۇمۇمىي مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 6مىليارت 600مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 5مىڭ400 دوللار توغرا كەلگەن. ئارمېنىيەنىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 10%دىن يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ.

دۆلەت بايرىمى: (1991-يىلى)9ئاينىڭ 21-كۈنى، ئارمېنىيەنىڭ مۇستەقىل بولغان كۈنى ۋاقىت رايونى :(شەرقى3- ۋاقىت رايونى)

قىسقىچە تارىخى:[تەھرىرلەش]

ئارمېنىيە ئەسلىدە تۈركلەرنىڭ ئانا ماكانى بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇنقى 20-ئەسىردە دون دەريا بويلىرىدىن كەلگەن ھىندى ياۋروپا قان-سېستىمىسىدىكى ئارىئانلار بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىش رۇخسىتىنى ئالغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىردە يەھۇدى ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنى بولغان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 9-ئەسىردىن 6-ئەسىرگىچە مۇستەققىل ئۇرادۇ پادىشاھلىقى قۇرۇلغان، 6-ئەسىردىن كېيىن ئىران ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 331-يىلى ئىسكەندەر ماكىدونىسكى تەرپىدىن ئىشغال قىلىنغان ۋە خىرىستىان پروۋسلاۋ دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 190-يىلى ئەرمەنلەر قۇدرەتلىك ئارتاش پادىشاھلىقىنى قۇرغان ۋە مىسىرغىچە بولغان زىمىننى ئىشغال قىلىپ غەربى ئاسىيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلانغان. مىلادىدىن كېيىن شەرقى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، مىلادى 64-يىلى رىم ئىمپىرىيىسىگە بېقىندى ئارشاكۇن پادىشاھلىقى قۇرۇلغان ، مىلادى 224-يىلى ئەرمەنىيە ئىران ساسانىلار خانلىقىغا بېقىندى بولۇپ قالغان ، مىلادى 301-يىلى ئەرمەن پادىشاھى تىرىدات(Trdat III)خرىستىان دىنى پروۋىسلاۋ مەزھىبىنى دۆلەت دىنى قىلىپ دۇنيادىكى تۇنجى يەككە دىنلىق دۆلەت بولۇپ قالغان. مىلادى 405-يىلى ئەرمەن يېزىقى ئىجاد قىلىنغان. مىلادى428-يىلى ئارشاكۇن پادىشاھلىقى ساسانىلار پادىشاھلىقى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. مىلادى 680-يىلى ساسانىلار ئىمپىرىيىسى ئەرەپ ئىسلام ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان، ئەرمەنلەر ئىسلام ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، مىلادى 885-يىلى ئەرمەن قەھرىمانى ئاشوت (Ashot I)مۇستەقىللىق ھەركىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، باگراتون (Bagratunian)پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 1064-يىلى شەرقى رىم ئىمپىرىيىسى ئەرمەن پادىشاھلىقىنى بېسىۋالغان مىلادى 1071يىلىدىن كېيىن ئەرمەن دۆلىتى سالجۇق تۈركلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. بىر قىسىم كۆچمەن ئەرمەنلەر ھازىرقى سۈرىيەنىڭ دېڭىز بويى رايونىدا رۇبىنىئان پادىشاھلىقىنى قۇرۇپ ئەھلى سەلىبنىڭ ئىتىپاقدىشىغا ئايلانغان. 1375-يىلى ئوسمان ئىمپىرىيىسى رۇبىنىان پادىشاھلىقىنى يوقىتىپ ئەھلى سەلىپنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئىتىپاقدىشىنى يوقاتقان. 1730-يىلىدىكى نەخىۋان ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىراننىڭ ئۆلكىسىگە ئايلانغان، 1828-يىلى چاررۇسىيە ئىمپىرىيىسى ئەرمەنىيەنى ئىراندىن تارتىۋالغان. 1918-يىلى ئەرمەنلەرنىڭ داشناق زۇردىيۇن پارتىيىسى مۇستەققىل جۇمھۇرىيەت قۇرغان، 1920-يىلى ئەرمەنىيە سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئىتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىگە ئايلانغان. دەل مۇشۇ مەزگىلدە تۈركىيە تەۋەسىدە ئازاربەيجان بىلەن تۈركىيىنى ئېتنىك جەھەتتىن تۇتاشتۇرۇپ ئپانتۈركىزىمغا يول ئېچىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بىر يېرىم مىليۇن ئەرمەن قىرغىن قىلىنغان. 1991-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى پارچىلىنىپ ئەرمەنىيە مۇستەققىل بولغان 1995-يىلىدىن كېيىن ئەزەربەيجاندىكى ئەرمەنلەر ئولتۇراقلاشقان رايون تاغلىق -قاراباغ )ناگورنو قاراباخ( نى تالىشىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان. ئەرمەنىيە زىمىنى ئىگىزلىك ۋە تاغلاردىن شەكىللەنگەن، ھۆل يېغىنى مۇۋاپىق مۆتىدىل بەلباغقا تەۋە بولۇپ،15% ئورمانلىق.2% تېرىلغۇ يەر. تۇپراق ئۈنۈمدارلىقى بىر قەدەر يۇقىرى، كان بايلىقى مول . ئارمېنىيەدە ئاھالىنىڭ ئۈچتىن بىرى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 2006-يىلى ئارمېنىيەنىڭ ئىقتىسادىدا يېزا ئىگىلىك كىرىمى 18%،سانائەت42%، مۇلازىمەت 40%نى ئىگەللىگەن بولۇپ -2005يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 600مىڭ ، يانپون ئابونتى 320مىڭ بولغان، ئىنتېرنېت ئابونتى150مىڭ بولغان.

*[تەھرىرلەش]