ئىراق

ئورنى Wikipedia
row 1, cell 1
دۆلەت گىمىنى
row 1, cell 1
پايتەختى
ئەڭ چوڭ شەھرى
رەسمى تىلى
ئېتنىك گۇرۇپلار
سىياسى سېستىمىسى
رەئىس جۇمھۇر
باش مىنىستىر
يەر مەيدانى
نۇپۇسى
نۇپۇس زىچلىقى
كىشى بېشىغا توغرا كىلدىغان كىرىم
پۇل بىرلىكى
ۋاقىت رايۇنى
ئىنتېرنېت
خەلقارالىق تېېلفۇن كود نۇمۇرى
ئىراق
دۆلەت بايرىقى

ئىراق بولسا ئاسىيا جايلاخكان بىر دۇلات. ئۇنىڭ پايتاھتى بولسا باغداد، ئاڭ قوڭ خاھرى بولسا باغداد. دۇلات تىلى بولسا ئەرەب تىلى. ئازىركى زۇڭتۇڭ جالال تالابانى. ئازىركى باش ۋەزىر نوئۇرى ئال-مالىكى. بۇ دۇلات 1932 يىلى 10 ئاينىڭ 3 كۇنى مۇستاككىل بولگان، يار مايدانى 438 مىڭ 317 كۇۋادىرات كىلومەتىر، نوپۇسى 29 مىللىئون 267 مىڭ.

ئىراق جۇمھۇرىيتى ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئۇتتۇرا شەرق رايۇنىغا جايلاشقان بۇلۇپ، جەنۇپتا سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە كۇۋەيت بىلەن، شىمالدا تۈركىيە، غەربىي شىمالدا سۈرىيە بىلەن، شەرقتە ئىران بىلەن، غەربتە ئىيوردانىيە بىلەن چېگرالىنىدۇ. ئىراق تارىختا «مېسوپوتامىيە» دەپ ئاتالغان بۇلۇپ، بۇ جاي ئىنسانلار مەدەنىيتى بارلىققا كەلگەن ئاساسلىق جايلارنىڭ بىرى، ھازىر ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىنىڭ قۇشۇنلىرى ئىراقنى بېسۋالغاچقا، ئىراق ۋەزىيتىدە زور ئۆزگىرىش بۇلۇۋاتىدۇ.

ئېفرات ۋە دەژلە دەرياسى ئارىلىقىدىكى مېسوپوتامىيە تۈزلەڭلىكىدىكى مۇنبەت زېمىندا دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەت - سۇمېر، بابىل ۋە ئەسسۇرىيە مەدەنىيتى بارلىققا كەلگەن. مىلادىيە 656 - يىلى بۇ رايوننى ئەرەپ ئىمپېرىيەسى بېسىۋالغان. شۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خېل ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە بۇ جاي پېرسىيەنىڭ بىر قىسمى ئىدى. 762 - يىلى ئابباس خەلىپىلىكى (مىلادىيە 750 - يىلدىن 1250 - يىلغىچە) قەدىمقى بابىل يېنىدىكى باغدادقا كۆچكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، تاكى ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيەسى ئۇنى قۇشۇۋالغىچە، باغداد ئەرەپ دۇنياسىنىڭ مەركىزى بولغان. ئەنگىلىيە ئارمىيەسى 1915 - يىلى ئىراقنى بېسىۋىلىپ، تاكى ئىراق 1932 - يىلى مۇستەقىل بولۇپ، ھاشىم خانلىقى ھۆكۈمرانلىقىدىكى پادىشاھلىق دۆلەت قۇرۇلغىچە، خەلقئارا ئىتتىپاق نامىدا ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1968 - يىلى سوتسىيالىزىم ئارقا كۆرۈنۈشى بولغان ئىراق گۈللىنىش پارتىيەسى ھاشىم خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان. سادام ھۈسەيىن 1979 - يىلى مەزكۈر پارتىيەنىڭ داھىيسى بولغان ھەم مۇستەبىت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. سادام ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە ئوخشاش بولمىغان سىياسىي قاراشتىكىلەرگە ھەدەپ زەربە بەرگەن ھەم ئۇلارنى قىرغان. 1980 - يىلى ئىراق قوشنا دۆلەت ئىران بىلەن سەككىز يىل ئۇرۇشقان بۇلۇپ، 1988 - يىلى ئىككى دۆلەت ئاندىن ئۇرۇش توختاتقان.

1990 - يىلى ئىراق ئارمىيەسى كۇۋەيتكە تاجاۋۇز قىلغان، 2 - يىلى يانۋاردا پارس قۇلتۇقى ئۇرۇشى پاتىلغان بۇلۇپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى كۆپ دۆلەت قۇشۇنى ئىراقنى مەغلۇپ قىلىپ، كۇۋەيتتىن قوغلاپ چىقارغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۆلەتلەر ئىراققا ئۇزاق ۋاقىت جازا يۈرگۈزگەن ھەم « ئىراقتا قىرغىنچىلىقى زور قۇراللار بار» دېگەننى باھانە قىلىپ، ب د ت نامىدا ئىراقنىڭ قورال - ياراغلىرىنى كۆپ قېتىم تەكشۈرگەن. 2003 - يىلى 20 - مارت ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر :« ئىراقنىڭ قىرغىنچىلىقى زور قوراللىرى بار، شۇنداقلا ب د ت بىلەن ھەمكارلاشمايۋاتىدۇ» دېگەن باھانە بىلەن ئىراققا بىرلىشىپ ئەسكەر چىقىرىپ، ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىغان. ئاپرېلدا گۈللىنىش پارتىيەسى ھاكىمىيتى ئامېرىكا - ئەنگىلىيە بىرلەشمە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، ئىراق ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيەسىنىڭ كونتۇرۇللۇقىغا ئۆتكەن بولسىمۇ، ئىراقتا قىرغىنچىلىقى زور بولغان قوراللار بارلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە دەلىل - ئىسپات تېپىلمىدى.