ئىسلام

ئورنى Wikipedia

ئىسلام

ئىتىقادلار

ئاللاھنىڭ بار ۋە بىرلىكى
پەيغەمبەرلەر
مۇقەددەس كىتابلار
پەرىشتەلەر · تەقدىر
قىيامەت كۈنى

ئىبادەتلەر

شاھادەت · ناماز
روزا · زاكات · ھەج

مەتىنلەر & قانۇن

قۇئان · سۈننەت · ھەدىس
فىقىھ ·شەرىئەت · كەلام

تارىخ & مۇھىم شەخسلەر

زامان سىزىقى · مۇھەممەد (ئە.س)
ئەھلى بەيت · ساھابە
تۆرت خەلىفە · ئىمامەت  · خىلافەت
ئىسلامنىڭ تارقىلىشى

مەزھەبلەر

سۇننىي ·شىئە · سۇفىيلىك
قادىرىيلىك · ئىبادىيلىك
قۇرئانچىلىق · مەزھەبسىزلىك

مەدەنىيەت & جەمئىيەت

ئوقۇ-ئوقۇتۇش · سەنئەت
كالىندار · دېموگرافى  ·سىياسەت
ھېيت-بايراملار · مەسجىدلەر
قۇربانلىق ·پەلسەپە
ئىلىم-پەن ·ئاياللار

ئالاقىدار

ئىسلامچىلىق · ئىسلاموفوبى
مۆتىدىل ئىسلام · ئىسلام دۇنياسى
ئىسلام مىللىتى  · باشقا دىنلەر

ئىسلام پورتالى

ئىسلام، ئىسلامىيەت[1] ياكى مۇسۇلمانچىلىق[1] (ئەرەبچە: الإِسْلاَم\ئەلئىسلام)، بىر خۇدالىق ئېتىقادقا تايانغان ئەڭ كەڭ تارقالغان ساماۋىي دىنلارنىڭ بىرىدۇر.[2] ئىسلام پەيغەمبەرى ھەزرەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاسىتەسى بىلەن 7. ئەسردە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە تارقىلىشقا باشلىغان بىر دىن. ئىسلام دىنى مۇرىتلىرىغا ئىمان كەلتۈرگەن، ئېتىقادلىق دېگەن مەنىدە مۇئمىن ياكى ئاللاھقا تەسلىم بولغان مەنىسىدىكى مۇسۇلمان دېيىلىدۇ.[3] بەئزىدە غەيرى مۇسلىم مەنبەلەردە قوللىنىلغان مۇھەممەدىيلىك ياكى مۇھەممەدىزىم ئاتالغۇلىرى[4][5][6] مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن قوللىنىلمايدۇ.[7]

ئىسلام ئىتىقادىچە، ئىسلامنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولمىش قۇرئان كەرىمنى تەشكىل قىلغان ئايەتلەر ۋە سۇرەلەر جىبرىئىل ئىسىملىك پەرىشتە ۋاسىتەسى بىلەن ئاغزاكى شەكىلدە ھز. مۇھەممەد ئە.س غە ۋەھىي قىلىنغاندۇر. ئىسلامنىڭ ئاساسىدا، تەۋھىد ئېتىقادى تۇرۇركىم، بۇ ئوقۇم ئاللاھنىڭ بار ۋە بىرلىكىگە ئىشەنمەك دېمەكتۇر.

دەستلەپتە سىياسىي، كېيىنچە تېئولوگىيلىك-ئوقۇمچان ئوخشىماسلىقلارغا ئىگە شىئەلىك ۋە ئانا ئېقىمنى تەمسىل قىلغان سۈننىيلىك، ئاساسلىق ئىسلام مەزھەبلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئاستىدا ئىسلامىي فىقىھ ۋە ئېتىقاد قاتارلىق تېمىلارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مەزھەبلەر باردۇر.

ھز. مۇھەممەد ئە.س، ئىسلام دىنىنى تارقىتىش بىلەن بىرگە كېيىنچە خەلىپىلەر ۋە خانەدانلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلغۇسى ئىسلام دۆلىتىنى ھەم قۇرغاندۇر. كېيىنچە ئىمپېراتورلۇققا ئۆزگەرگۈسى بۇ دۆلەتنىڭ بۆلۈنىشى بىلەن يېڭى ئىسلام ئەللىرى ئوتتۇرىغا چىققان.

"ئىسلام" سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشى[تەھرىرلەش]

ئىسلام، ئەرەبچەدە "س-ل-م" تومۇرىدىن تۈرلەنگەندۇر.[2][8] ئىسلام كەلىمەسى يىلتىزنىڭ ئېنىقلىغۇچى رەۋىشداش شەكلى بولغان ئەسلەمە دىن تۈرلەنگەن ۋە "تەسلىمىيەت" دېگەن مەنىگە كېلىدۇ. نەتىجىدە ئىسلام، "تەسلىمىيەت"[2] دېمەكتۇر. مۇسۇلمان بولسا، "تەسلىم بولغۇچى" دېمەكتۇر؛ بۇ يەردە تەسلىم بولۇنغان بىردىنبىر تەڭرى بولغان ئاللاھ دۇر.[8][9][10]

لۇغەتتە: "قۇرتۇلۇشقا ئېرىشىش، بويۇن ئېگىش، تەسلىم بولماق؛ تەسلىم قىلماق، تېنچلىق قىلىش" مەنىلىرىدىكى سىلم (سەلم) يىلتىزىدىن تۈرلەنگەن ئىسلامنىڭ ئېتىمولوگىيىسىنى ئىشلىگەن تۇنجى ئالىملاردىن ئىبن قۇتەيبە بۇ كەلىمىنى "بويۇن ئەگمەك (ئىنقىيات) ۋە ئىتائەت قىلماق" شەكلىدە ئىزاھلىغان. كېيىنكى مەنبەلەردە ھەم ئومۇمەن بۇ ئىزاھلار تەكرارلانغان، "سۇلھ ۋە سالامەت غايەسى بىلەن بويۇن ئەگمەك، تەبئىي ۋە تەسلىم بولماق" مەنىلىرى ئالدىغا چىققان.[11]

مۇسۇلمان كەلىمىسى، ئەرەبچە ئەسىللىق مۇسلىم كەلىمىسىنىڭ ڧارسچە گرامماتىكا قائىدىسىگە كۆرە كۆپلۈك شەكلى بولغان مۇسۇلمان دىن كېلىدۇ.[12] لېكىن ئۇيغۇرچە بىرلىك شەكلى سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ ۋە كۆپلۈك شەكلى مۇسۇلمانلار دۇر. مۇسۇلمان كەلىمىسى ئىسلام دىنىغا مەنسۇب كىشىلەرنى ئاتاشقا قوللىنىلىدۇ ۋە "باغلانغان"، "تەسلىم بولغان" دېگەن مەنىدەدۇر.

«ئىسلام» ‐‐ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ئىتائەت قىلىش، تېنچ-ئەمىنلىك دېگەن مەنىدە. دىنىي نۇقتىدىن ئالغاندا، ئىسلام دىنى ئاللاغا شەرتسىز ئىتائەت قىلىش ۋە بويسۇنۇشنى، ئاللانىڭ ئىرادىسىگە ۋە پەرزلىرىگە ئىتائەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار مۇسۇلمان يەنى «تىنچلىقسۆيەر»، «ئىتائەت قىلغۇچى» دەپ ئاتىلىدۇ. تىنچلىققا ئىنتىلىش ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئەقەللىي ساپا. «قۇرئان»دا «ئى مۆمىنلەر! ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار (يەنى ئىسلام دىنىنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرىغا بويسۇنۇڭلار، بەزى ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىپ، بەزى ئەھكاملىرىنى تەرك ئەتمەڭلار)، شەيتاننىڭ يوللىرىغا (ۋە ئىغۋاسىغا) ئەگەشمەڭلار، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر» دېيىلگەن. ئىسلام دىنى ئەپۇچانلىق ۋە ساداقەتمەنلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان دىن. «قۇرئان»دا «(ئۇلارنىڭ گۇناھىنى) ئەپۇ قىلسۇن، كەچۈرسۇن، ئاللاھ نىڭ سىلەرگە مەغپىرەت قىلىشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر». «(ئۆتۈنگەن ئادەم) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئۆزئارا ئېھسان قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر», «كىمكى (ئىنتىقام ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئەپۇ قىلسا ۋە (ئۆزى بىلەن يامانلىق قىلغۇچىنىڭ ئارىسىنى) تۈزىسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بېرىدۇ» دېيىلگەن. ھەقىقىي مۇسۇلمان ئىسلام دىنىنى بايراق قىلىۋالغان زوراۋانلىق قىلمىشلىرى بىلەن ئالاقىسىز. تېررورىزمغا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي مۇسۇلمان ئەمەس، ئۇلار ئىسلام دىنىنىڭ ئەھكاملىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن گۇناھكار دەپ قارىلىدۇ. «قۇرئان» ۋە «ھەدىس»تە «ئاللاھ چەكلىگەن جانلىقلارنى ئۆلتۈرۈش»، «ئادەم ئۆلتۈرۈش» كۇناھى كەبىر، قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلىشى كېرەك دەپ قارىلىدۇ. ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشمۇ قاتىللىققا تەۋە بولۇپ، قاتتىق چەكلىنىدۇ. «قۇرئان»دا «ئى مۆمىنلەر! بىر ـ بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى (ئوغرىلىق، خىيانەت قىلىش، بۇلاش، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش قاتارلىق) ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشقان سودا ـ سېتىق ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەر ئۆزۈڭلارنى (يەنى بىر-بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر» دېيىلگەن.

ئۆتمۈش[تەھرىرلەش]

ئانا ماددە: ئىسلام تارىخى
622-750 يىللار ئارىسى ئىسلام دۆلىتى     ھەزرىتى مۇھەممەد ئە.س دەۋرىدە قولغا كىرگۈزۈلگەن زېمىنلار (622-632)     تۆرت خەلىپە دەۋرىدە قوشىۋېلىنغان زېمنلار (632-661)     ئەمەۋىيلەر دەۋرىدە قوشىۋېلىنغانلار (661-750)

ئىسلامىيەت 7. ئەسردە ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاسىتەسى بىلەن مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىدە دىن سۈپىتىدە قەبۇل قىلىنغان. ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ۋاڧاتىدىن سوڭرە ئىسلام دۆلىتىنىڭ باشىغا تۆرت خەلىپە ئۆتكەن. ئۇلار نەۋبەت بىلەن: ئەبۇ بەكر، ئۆمەر، ئوسمان ۋە ئەلى ر.ئە لاردۇر. دىننىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدا تارقىلىش باشقۇچى ھەم بۇ دەۋىردىن سوڭرە باشلىغان. ھەزرىتى ئەلىنىڭ شاھادەتىدىن سوڭرە قىسقا ۋاقىتلىق بولسىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بەيئىتى بىلەن ھز. ھاسان خەلىڧە بولغان، لېكىن قولىدىكى كۈچتىن پايدىلىنىپ مۇئاۋىيە ر.ئە خىلاپەتنى ئالغان ۋە ھوقۇقنى قولغا كىرگۈزگەن.[13] ھز. پەيغەمبەرنىڭ ۋاڧاتىدىن سوڭرە ھوقۇق تۇتقان دەستلەپكى تۆرت خەلىڧەگە سۇننىي ئەدەبىياتىدا دائىما خۇلەڧائى راشىدىن يەئنى راستچىل خەلىپىلەر دېيىلگەن ۋە بەئزىدە بۇلارغا ھاسان ر.ئە ھەم قوشۇپ قويۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ۋە ئوسمان ر.ئە نىڭ خەلىپەلىكلىرى ئادەتتە شىئە ۋە ئەلىۋىيلەر تامانىدىن ئىتىراپ قىلىنمايدۇ. خارىجىيلەرنىڭ كۈنىمىزدىمۇ داۋام قىلماقتا بولغان بىر تارمىقى بولمىش ئىبادىيە بولسا پەقەتلا ئىككى خەلىپىنى، يەئنى ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەرنى قەبۇل قىلىدۇ ۋە راستچىل خەلىپە دەپ قارايدۇ.

ھز. ئەبۇ بەكرى دەۋرىدە ئەڭ باشتا ھز. پەيغەمبەرنىڭ ۋاڧاتىدىن سوڭرە ئەرەبىستاندا توغۇلغان قالايماقانچىلىقلار بېسىقتۇرۇلغان، كېيىنچە ساسانىي ئىمپېرىيىسى ۋە شەرقىي رىم ئىمپېرىيسىگە قاراپ ئىلگىرلىگەن. ھز. ئۆمەرنىڭ خىلاڧەتى نۆۋەت بىلەن ئىسلام دۆلىتىنىڭ چىگرىسى تېخىمۇ كېڭەيگەن.[14] مېسسوپوتامىيە ڧەتىھ قىلىنىپ قولغا كىرگۈزۈلۈپ، مىسىر، ئىران، پەلەستىن، سۈرىيە، شىمالىي ئاڧرىقا ۋە ئەرمەنىستاننىڭ بەئزى رايونلىرىنى قولغا كىرگۈزگەن.[10] كېيىنچە ئۈچىنچى خەلىڧە تاللانغان ئوسماننىڭ[15] خىلاڧەتى ئەسناسىدا ئىراننىڭ تامامىنى، شىمالىي ئاڧرىقىنىڭ ئاساسەن تامامىنى، كاڧكازىيە ۋە قىبرىس ئىسلام دۆلىتى توپراقلىرىغا قوشۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۆز زامانىسىدا بەئزى يېقىنلىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىڧەلەرگە ئاتىلىشى ۋە باشقا بەئزى ئىچكى زىددىيەتلەر سەبەبى بىلەن ھز. ئوسمان قەتل قىلىنغان.[15] ئوسماننىڭ قەتلى ۋە توغۇلغان ئىچكى ئۇرۇش مۇھىتى سەبەبى بىلەن ھز. ئەلىنىڭ دەۋرىدە خىلاڧەت ئىچكى نىزالارغا مەركەزلەشكەن، ئىچكى ئۇرۇش بىلەن ھەپىلەشكەندۇر.[15][16]

ئىچكى ئۇرۇش ۋە نىزالار نەتىجەسىدە ھز. ئەلى ھەم قەتىل قىلىنغان[16]، ئۇنىڭدىن كېيىن خەلىڧە بولغان ئوغلى ھاسان بولسا خىلاڧەتنى مۇئاۋىيەگە تاپشۇرۇپ بەرمەككە مەجبۇر قالدى.[13] مۇئاۋىيە بىن ئەبۇ سۇڧيان بولسا ئىسلام دۆلىتىنىڭ پايتەختىنى شامغا يۆتكىگەن، ئىمپېرىيە خاراكتېرىدىكى دۆلەتنىڭ ئۇلىنى سالغان، ئۆزىدىن كېيىن ئوغلى يەزىدنى تەيىنلەپ، ئىسلام سىياسىي تارىخىدا سەلتەنەتنى باشلاتقان.[13] بۇ ھەرىكەتكە قارشى ھز. مۇھەممەد ئە.س نىڭ نەبىرەسى، تۆرتىنچى خەلىڧە ئەلى بىن ئەبى تالىبنىڭ ئوغلى ھز. ھۈسەيىن بولسا، يەزىد تامانىدىن ئىبەرلىگەن چېرىكلەر تامانىدىن، كەربەلادا تەرەپتارلارى بىلەن بىرگە ئۆلتۈرۈلگەن.[17][18] نىتەكىم بۇ نوقتىدىن تارتىپ تېخىمۇ قاتتىق بىر شىئە ئايرىلىقى مەيدانغا چىققان. مۇئاۋىيە بىلەن بىرلىكتە باشلىغان يېڭى دەۋىرگە ئەمەۋىيلەر دەۋرى دېيىلگەن. ئەمەۋىيلەر دەۋرىدە بۈيۈك رايونلار قولغا كىرگۈزلگەن، ئىسلام دۆلىتى ئىبەر يېرىم ئارىلىغا قەدەر ئىلگىرلىگەن.[19] ھەر نېمە بولسا سىياسىي كېڭەيمىچىلىككە ئۆتكەن بولسىمۇ، دىنىي مەنادا كېڭىيىش دەپ بولمايدۇ؛ نىتەكىم بۇ دەۋىردە دىنىي كېڭىيىشنىڭ دۆلەتنىڭ غەيرى مۇسۇلمانلاردىن ئېلىنغان باج كۆزدە تۇتۇلۇپ بەك كۈچەپ تەشۋىق قىلىنمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ.[19] ئەمەۋىيلەردىن سوڭرە مىلادى 750- يىلى ئەتراپىدا قۇرۇلغان ئابباسىي ھۆكۈمدارلىقى، ئەمەۋىيلەرنىڭ كونترولىنى ئەندەلۇس (ئىبەر يېرىم ئارىلىدىكى قىسىم) سىرتىدىكى پۈتۈن توپراقلارنى قولغا كىرگۈزگەن.[20][21] ئابباسىيلەرنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشى بىلەن ئابباسىيلەر دەۋرى باشلىغان ۋە ئابباسىيلەرنىڭ خىلاڧەتى 750-1258 يىللار ئارىسى دەۋام قىلغان.[22] ئابباسىيلەر دەۋرىدە خىلاڧەت پايتەختى قايتا ئۆزگىرىپ، شامدىن باغدادقا ئېلىنغان.[22]

ئەمەۋىيلەر ۋە ئابباسىيلەر دەۋرىدە قىلىنغان ڧەتىھلەر نەتىجەسىدە ئىگەللەنگەن يېڭى زېمىنلار ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئىسلام بىلەن تونۇشقان بولاتتى. بۇنىڭ نەتىجەسىدە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن نۇرغۇن رايونلار مۇسۇلمانلاشقان. ئەۋۋەلا يېقىن رايونلاردا ياشاغۇچى ئىرانلىقلار، 10. ئەسردە توپ توپ ھالدە تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئىسلام تارقىلىشقا باشلىدى. تىجارەتچىلەر مۇناسىۋىتى بىلەن ئىسلام بىلەن شەرەپلەنگەن ئىدىل بۇلغارلىرى تۇنجى مۇسۇلمان تۈرك دۆلىتى ئىدى. قارلۇق، ياغما ۋە چىڭگىل تۈركلىرى بولسا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇنجى مۇسۇلمان تۈرك دۆلىتى بولمىش قاراخانىيلار خانلىقىنى (840)، ئوغۇزلار كېيىنچە سەلجۇقىيلار سۇلالىسىنى (1038) قۇردىلەر. ئابباسىيلەر ھاكىمىيەتىدە ئەسكەرىيەدە بۈيۈك رول بېرىلگەن تۈركلەر تەرىپىدىن شەكىللەنگەن مەملۇكلەر كۈچلىنىشكە باشلىغان، ئابباسىيلەر ھاكىمىيەتىنىڭ ئىككى يۈز يىللىق دەۋرىدە زاۋاللىققا يۈز تۇتتى.[22] نىتەكىم 1250- يىلى مىسىردا مەملۇك سۇلتانلىقى باشلىغان، مەملۇكىيلەرنىڭ بۇ يەردىكى ھاكىمىيىتى 1517 گىچە دەۋام قىلغان. 1517- يىلى مىسىرنى ڧەتىھ قىلغان ئوسمانلىلار خىلاڧەتنى ئۆز قولىغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ئوسمانلى سۇلتانلارى، پادىشاھ شۇنداقلا خەلىپە ئۇنۋانىنى ئالغانلار.[22][23] ئابباسىي خانەدانلىقىنىڭ ئاقىبەتى 1258- يىلى باغدادنىڭ موڭغۇل ئىستىلاچىلارى تامانىدىن ياغمالانىشى بىلەن نىھايەت تاپقان.[22][24] ئەندەلۇستىكى ئەمەۋىي كونترولى بولسا 13. ئەسردە چۆكۈشكە باشلىغان، بۇ رايوندىكى ئەڭ سوڭغى ئىسلام ھۆكۈمدارلىقى بولغان گراناتا ئەمىرلىكى 1492- يىلى مەغلۇب بولغان.[10][25] بۇلاردىن باشقا، 909-1171 ئارىسى مەغرىب ۋە مىسىردىكى ئوخشىمىغان رايونلاردا ڧاتىمىيلەر ئىسمى بىلەن ئەرەب شىئە (ئىسمائىلىي) خانەدانى ھۆكۈم سۈرگەن.[8][22][26] خانەدانلىقنىڭ باشىدىكى خەلىڧە شىئە ئىسمائىلىي ئىمامى ئىدى ۋە بۇ سەبەب بىلەن سەكۇلەر كۈچى بىلەن بىرگە ئىسمائىلىي ئىمامەت تۈشەنچىسىدە ھەم مۇھىم بئورۇنغا ۋە تارىخى ئورۇنغا ئىگە. ڧاتىمەلەرنىڭ 12. ئەسردىكى چۆكۈشلىرى بىلەن بىرگە شەرقتە ھۆكۈم سۈرگەن مىسىر، سۇرىيە، يەمەن ۋە ھىجاز قاتارلىق رايونلاردا ئەييۇبىي خانەدانى باشقا ئۆتكەن.[26] 1517- يىلى ئوسمانلىلارنىڭ ئېلان قىلىنغان خەلىپىلىك 1924- يىلىغا قەدەر دەۋام قىلغان، 1924- يىلى ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ ۋارىسى بولمىغ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ مەجلىسىنىڭ (ت ب م م) ئالغان بىر قارار بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، باشقۇرۇش سېستىمىسى ئۆزگەرگەن.[23] ئوسمانلى دۆلىتى تامانىدىن قىلىنغان ڧەتىھلەر بىلەن ئاناتولىيەنىڭ تامامى ۋە بالقانلاردا مۇسۇلمان نۇپۇس ئارتقان، ئىسلام يېيىلغاندۇر.

ئىسلام
ئىمان
كەلىمەئى شاھادەت · ناماز

روزا · زاكات · ھەج

ئىتىقاد
ئاللاھنىڭ بىرلىكى · پەيغەمبەرلەر

مۇقەددەس كىتابلار · پەرىشتىلەر

تەقدىر · قىيامەت كۈنى

كىتاب
قۇرئان كەرىم · ھەدىس · سىيەر
قانۇن
ڧەتۋا · ڧىقىھ · مەزھەبلەر
چوڭ بايرام
قۇربان ھېيت

روزا ھېيت

ئىسلام بىر دىن بولۇپلا قالماي بەلكى بىر مەدەنىيەتتۇر. ئىسلام دىنى بۇددا دىنى ۋە خىرىستىيان دىنى بىلەن بىر قاتاردا دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇ ئۇزاق تارىخقا ۋە ئىجابىي تەسىرگە ئىگە بولۇپ، دۇنيا مەدەنىيىتىگە زور تۆھپە قوشتى ۋە قوشىدۇ. لېكىن ھازىر دۇنيا مىقياسىدا، ئايرىم كىشىلەرنىڭ چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىق قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن بىر قىسىم كىشىلەردە ئىسلام دىنىغا قارىتا خاتا چۈشەنچە پەيدا بولدى. ئىسلام دىنىنى ئۆچ كۆرىدىغان بىر قىسىم كىشىلەر ۋە ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەرسىز كىشىلەر ئىسلام دىنىنى ئالۋاستىلاشتۇرۇشقا، ئىسلام دىنىغا «زوراۋانلىق»، «تېررورلۇق» ۋە «ئېكىستىرمىزم» قالپىقىنى كىيگۈزۈشكە ئۇرۇنىۋاتىدۇ. بۇ ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىقسۆيەر دىن بولۇش ماھىيىتىگە زىت كېلىدۇ.


پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش[تەھرىرلەش]

بىز ئەمدى مۇسۇلماننىڭ ئىيمان ئېيتىشى زۇرۇر بولغان ئەقىدە بابىنىڭ ئىككىنچى ئاساسى تېمىسى ئۈستىدە توختىلىمىز، ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۇرۇشتۇر. بىز بۇ تېمىغا چۈكۈپ كېرىشتىن بۇرۇن ئاددىغىنا بىر ئىزاھلىما بېرىپ ئۈتۈشنى مۇۋاپىق دەپ قارىدۇق،ناۋادا سىز يولدا كېتىۋاتقان بىرەر ئەما كىشىنىڭ ئالدىدا چوڭ بىر ئويماننى كۆرسىڭىز نېمە قىلسىز؟، شۇنىسى تەبئىيكى ئىختىيارسىز ئاگاھلاندۇرۇسىز، پەخەس بولۇشقا ئۈندەيسىز. بىز گەپنىڭ نىگىزىنى دېسەك چەكسىز مېھرى – شەپقەتلىك الله، بەندىلىرىنىڭ تېڭىرقاپ تۇيۇق يولغا كېرىپ قالغانلىقىنى، قانداق ياشاشنى بىلمەي نادانلىق بىلەن ھالاكەت يولىغا قەدەم قويغانلىقىنى كۆرگىنىدە، دۇنيا – ئاخىرەتنىڭ توغرا يولىنى كۆرسەتكۈچى، يامان يولىدىن ئاگاھلاندۇرغۇچى يىتەكچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى.چۈنكى گۈزەل ئىسىم- سۈپەتلىك الله ئۆزبەندىلىرىنى يولبازچىسىز تاشلاپ قويمايدۇ ئەلۋەتتە. دېمەك پەيغەمبەر الله نىڭ بىز ئىنسانىيەتكە ئەۋەتكەن رەھمىتىدىن ئىبارەتتۇر خالاس.« بىز سېنى پەقەت ئالەمگە رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن پەيغەمبەر قېلىپ ئەۋەتتۇق» بۈيۈك الله نىڭ ھېكمىتى ھەربىر ئۈممەتكە بىردىن، بەزىدە بىر نەچچىدىن پەيغەمبەر ئەۋەتىشنى تەقەززا قىلغان، ئەمما پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بارچە ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىكەن.

ئىمام ئەھمەد نەقىل قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلەنىڭ سانىنى 124 مىڭ دەپ كۆرسەتكەن، جۈملىدىن بىز ئىسمىنى بىلىدىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ سانى ناھايىتى ئاز بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە 25 پەيغەمبەر تىلغا ئېلىنغان. ھەدىس شەرىپتا، قۇرئان كەرىمدىكى 25 پەيغەمبەردىن باشقا ئىككى پەيغەمبەر تىلغا ئېلىنغان. دېمەك بىز بىلىدىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ سانى 27 بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغانلىرى:

ھەدىس شەرىفتە تىلغا ئېلىنغان ئىككى پەيغەمبەر بولسا:

  1. شىيش ئەلەيھىسسالام
  2. يۇشائ ئەلەيھىسسالام

پەيغەمبەر ياكى ئەمەسلىكى ئېنىق بولمىغانلار ئىككى كاتتا زات «1- زۇلقەرنەين. 2- تۇببەئز» بولۇپ، ھاكىم ۋە ئىمام بەيھەقى نەقىل قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تەلىم بەرگەن خېزىرغا كەلسەك بۇ زاتنىڭمۇ پەيغەمبەر ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا ئىسلام ئالىملىرى ئارىسىدا ئوخشاشمىغان قاراشلار مەۋجۇد. ئەمما "كەھپ" سۈرىسىدىكى بۇ زاتقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتنى ياخشى مۇلاھىزە قىلساق، ئۇ زاتقا بۈيۈك الله تەرپىدىن ۋەھىي كىلدىغانلىقىنى ئاسانلا بايقىۋالالايمىز . مەيلى قانداقلابولمىسۇن مۇسۇلماننىڭ الله ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرگە ۋە پەيغەمبەرلەر الله تەرپىدىن ئېلىپ كەلگەن ۋەھىيگە بىردەك ئىمان كەلتۈرىشى ئىماننىڭ ئاساسىدۇر.

پەيغەمبەرلەرنىڭ بۇرچ ۋە ۋەزىپىللىرى[تەھرىرلەش]

ئەينەن يەتكۈزۈش[تەھرىرلەش]

پەيغەمبەرلەر الله نىڭ ۋەھىينى يەتكۈزىدىغان ئەلچىللىرىدۇر، ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئىنسانىيەتكە ۋەھىينى يەتكۈزۈشتۇر.« ئەي پەيغەمبەر!، ساڭا پەرۋەردىگارىڭدىن نازىل بولغان ۋەھىينى ئەينەن يەتكۈزگىن!، ناۋادا ئۇنداق قىلمىساڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى يەتكۈزمىگەن بولىسەن، الله سېنى بارچە كىشلەر دىن قوغدايدۇ » .

ھەممىمىزگە ئېنىقكى ھەقنى يەتكۈزۈش بەزىدە گەپ سۆز ئارقىلىق بولسا، كۆپىنچە ئەمەلىي ئىش ھەرىكەت ئارقىلىق روياپقا چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز ئارقىلىق بىلدۈرگەن دىنى تەلىماتىدىن ئەمەلىي ئىش – ھەركەتلىرى بىلەن بەرگەن تەلىماتىنىڭ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەلليدىغانلىقىنى كۆرىمىز.

الله نىڭ دىنىغا دەۋەت قېلىش[تەھرىرلەش]

پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ھەقنى يەتكۈزۈپ قۇيۇش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ، بەلكى كىچە – كۈندۈز كىشلەرنى ھەققە دەۋەت قىلىش، بارلىق سۆز- ھەركەتلىرىدە، ئىچى – تېشىدا ، ئۆزى تەشەببۇس قىلغان ھەقىقەتنى ئەمەلىيلەشتۈرش ئارقىلىق باشقىلارغا ئۆرنەك بولىدۇ. بارچە پەيغەمبەرلەر « ئەي ئىنسانلار !، سىلەر الله نىڭ بەندىلىرى، الله سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ۋە پەرۋەردىگارىڭلار. سىلەرنىڭ دۇنيا – ئاخىرەتتە بەخىتلىك كىشلەردىن بولىشىڭلار ئۈچۈن الله بىزنى سىلەرگە يىتەكچى قىلىپ ئەۋەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر بىز ئېلىپ كەلگەن ۋەھىيگە جۈملىدىن بىزگە ئىتائەت قىلىشىڭلار كېرەك» دېگەن نوقتىنى ئۆزدەۋىتىنىڭ ئورتاق تېمىسى قىلغان.

بىز پەيغەمبەرلەرنىڭ يولىدا قانچىلىغان جاپا – مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى سۈرە نۇھتىن ۋە بىز پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نىڭ ئىش- ئىزلىرىدىن ئېنىق كۆرۋالالايمىز.نۇھ سۈرىسى 1- 25 ئايەت

خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش، ئاگاھلاندۇرۇش[تەھرىرلەش]

پەيغەمبەرلەر كىشلەرنى دەۋەت قىلىش بىلەن بىرگە توغرا يولدا ماڭغانلار دۇنيا ئاخىرەتتە ئېرىشىدىغان بەخت – سائادەت بىلەن خۇش- خەۋەر بەرسە، نەپسخاھىشنىڭ قۇلى بولۇپ،خاتا يولغا كىرىپ قالغانلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.

{وَمَا نُرْسِلُ الْمُرْسَلِينَ إِلاَّ مُبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَ فَمَنْ آمَنَ وَأَصْلَحَ فَلاَ خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلاَ هُمْ يَحْزَنُونَ }الأنعام48

ئىسلام

قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەر

ئادەمئىدرىس

نۇھھۇدسالىھ

ئىبراھىملۇت

ئىسمائىلئىسھاق

يەئقۇبيۇسۇڧ

ئەييۇبشۇئەيب

مۇساھارۇن

داۋۇدسۇلايمان

زۇلكېڧىليۇنۇسئىلياس

ئەليەسەزەكەرىيا

يەھيائىسا

مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ

قەلب- روھلارنى ئىسلاھ قىلىپ ئالىيجاناپ كىشلەرنى يېتىشتۇرۇپ چىقىش[تەھرىرلەش]

ئىسلامنىڭ بىردىن-بىر نىشانى ئىنسانىيەتنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئىسلاھ قىلىپ، روھىيىتىنىڭ ساغلاملىقىغا ۋە ساغلام تەرەققى قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، جاھىلىيەتنىڭ زۇلمىتىدىن ئىسلامنىڭ نۇرىغا ئازغۇنلىقنىڭ پاتقىغىدىن، نادانلىقنىڭ سېرىتمىغىدىن ھىدايەتنىڭ نۇرىغا، بارچە پەيغەمبەر كۆرسەتكەن داغدام يولغا يىتەكلەشتۇر. ﴿ وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَى بِآيَاتِنَا أَنْ أَخْرِجْ قَوْمَكَ مِنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ وَذَكِّرْهُمْ بِأَيَّامِ اللّهِ إِنَّ فِي ذَلِكَ لآيَاتٍ لِّكُلِّ صَبَّارٍ شَكُورٍ﴾

پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېلىپ كەلگەن نۇردىن بەھرى ئالمىغان ئادەملەر دىلى كورلۇققا مۇپتالا بولىدۇ، ئۆز ئۆزىنى دۇنيا – ئاخىرەتنىڭ ھالاكىتىگە تاشلايدۇ. فَإِنَّهَا لَا تَعْمَى الْأَبْصَارُ وَلَكِن تَعْمَى الْقُلُوبُ الَّتِي فِي الصُّدُورِ } « ماھىيەتىن ئېلىپ ئېيتساق، كۆز كور بولمايدۇ، بەلكى كۆكرەكتىكى دىل كور بولىدۇ» .

خاتا ئىدىيە – خوراپى قاراشلارنى تۈزىتىش[تەھرىرلەش]

ئىنسانىيەت ھىدايەت نۇرى بىلەن يىتەكلەنمىسەقايمۇقۇپ قالىدىغانلىقىنى رېئاللىق بىزگە ئىسپاتلاپ بەردى، گاھ قۇياشقا، گاھ چاشقانغا، گاھ ئاللىقانداق ئادەملەرگە ئىبادەت قىلىۋالىدۇ، ھىندىستاننىڭ ئۆزىدىلا 5 مىڭ خىل دىننىڭ بولىشى بۇ نوقتىنى دەلىللەيدۇ.

ئۆز قەۋمىنى توغىرا يولغا يىتەكلەش ۋە ئۇلارغا ھىدايەت يولىنى كۆرسىتىپ بىرىش ھەربىر پەيغەمبەرنىڭ ئورتاق نىشانى ۋە بۇرىچى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆز زامانىسىدا ئەۋج ئالغان ئىدىيە سەرسانلىقىنى، ئېتقاد ياتلىشىشىنى ئىسلاھ قىلاتتى، نۇھ ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ بۇدقا چۇقۇنۇشتىن ئىبارەت ئىدىيە خاتالىقىنى ئوڭشاش ئۈچۈن 950 يىل كۆرەش قىلسا، مۇسا ئەلەيھىسسالام خورلىقنى، قۇللۇقنى كۈندۈلىك تۇرمۇش كاتېگورىيسىگە كىرگۈزۋالغان بەنۇئىسرائىلنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەلەمشۇمۇل كۈرەش قىلدى، ئىنسان چىدغۇىسىز جاپالارنى تارتتى.سالىھ ئەلەيھىسسالام قەۋمى ئىچىدە ئەۋج ئالغان ئىجتىمائىي بۇزۇقچىلىققا قارشى تۇرسا، لۇت ئەلەيھىسسالام قەۋمىدە ئۇمۇملاشقان پسخىكىلىك رەزىل ئىللەت بەچچىۋازلىقنى جىنايىتىنى يوقتىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر جەڭ قىلدى.

زېمىندىكى رەڭگارەڭ بۇزۇقچۇلۇق ئىنساندىكى خاتا ئىدىيە، ناتوغرا ئىيتقادنىڭ تەبىئىي مەھسۇلىدۇر، شۇڭا بارچە پەيغەمبەرلەربارچە ئۆمۈرنى يات ئىدىيە – ئېيتقادلارنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن سەرىپ قىلغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدىمۇ ، تۇلۇق 13 يىلنى ئېيتقاد ئىسلاھاتى ئۈچۈن سەرىپ قىلدى، ئىنسانىيەت ئۈچۈن الله تەرپىدىن نازىل قىلىنغان، ئىنسان ئۇنىڭسىز ئادىمىيلىكنى يوقىتىپ قويىدىغان مۇكەممەل ئىسلام ئېيتقاد سىستېمىسىنى ئەلگە يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى. ئادەمنى كومپىيوتېر دەپ پەرەز قىلساق، ئېيتقاد ۋىندوۋز مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئوخشايدۇ،ۋىندوۋز سىستېمىسدىكى ھەربىر بوشلۇق ۋېرۇسنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولغاندەك، ئىنساندىكى ئېيتقاد بوشلىقى خاكېرلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىدۇر. ماھىيەتتە ۋىندوۋز سىستېمىسنىڭ مۇكەممەلىكى كومپىيوتېرنىڭ ئەمەلىي قىممىتىنى بەلگىلەيدۇ ۋە ئاشۇرىدۇ.

ئورۇنسىز بانا- سەۋەپلەرنى بىكار قىلىش[تەھرىرلەش]

الله ئىنسانىيەتكە ھىدايەت مەشئەللىرى قىلىپ ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنى، كىشلەر تەرپىدىن ئىنكار قىلىپ بولالمايدىغان دەلىل – پاكىت، ئىنسان قولىدىن كەلمەيدىغان مۆجىزىلەر بىلەن قورانلاندۇرۇپ ئەۋەتتى، ساغلام تەبىئەتلىك ئىلىم – پەنگە، دەلىل – پاكىتقا، ئەقىل – مەنتىقىگە قايىل ھەرقەنداق كىشى زۇلمەت كىچىدىكى تۇلۇن ئايدەك پەيغەمبەرلەرنى ۋە پەيغەمبەرلىك دەلىل – پاكىتلىرىنى كۈزەتسە، قايىل بولماي تۇرالمايدۇ. قىيامەت كۈنى نەچچە مىليارد ئىنسانلار بىردەك ھىساپ مەيدانىغا ھازىرلانغاندا، بىلمەپتىكەنمىز، بىلگەن بولساق الله نى تۇنۇپ، مۇسۇلمان ياشاپ، بۈگۈنكى ئاقىۋەتكە قالمىغان بۇلاتتۇق دەپ باھانە كۆرسەتمەسلىكى ئۈچۈن الله 124 مىڭ پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى، 104 كىتاپ نازىل قىلدى. ﴿ رُّسُلاً مُّبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَ لِئَلاَّ يَكُونَ لِلنَّاسِ عَلَى اللّهِ حُجَّةٌ بَعْدَ الرُّسُلِ ﴾.«پەيغەمبەر ئەۋەتكەندىن كېيىن كىشلەرنىڭ الله ئالدىدا باھانىسى قالماسلىقى ئۈچۈن، خۇش- بىشارەت بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق» .الله مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىدە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىزباسارلىرى بولغان ياخشىلىققا دەۋەت قىلىدىغان، يامانلىقتىن توسىدىغان ئوت يۇرەك، غەيۇر پىداكار ئالىملارنى يىتىشتۇرۇپ بەردى، ۋە شۇ خىلدىكى ئالىملارنى تەربىيلەپ چىقىشنى مۇسۇلمانلارغا باش تارتىپ بۇلالمايدىغان ئەڭ مۇھىم پەرىز قىلدى.

ئەلگە يىتەكچىلىك قىلىش[تەھرىرلەش]

تارىخلاردىن بىرى پەيغەمبەرلەر كىشلەرنى ھىدايەت يولىغا دەۋەت قىلىپ كەلدى،بۇنىڭ نەتىجىسى ئىسلام جامائىتىنىڭ شەكىللىنى بولدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۇرلۇك سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىدىغان، قىيىنچىلىغىنى ھەل قىلىدىغان، يامان كۈنلەردە باش پانا بولىدىغان يولباشچىغا مۇھتاج بۇلاتتى، تەبئىيكى پەيغەمبەرلەر بۇ ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالاتتى، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بەنۇ ئىسرائىلنى پىرئەۋننىڭ زۈلمىدىن قۇتقۇزۇش يولىدىكى كۆرەشلىرى، يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ 21 يىل جاپالىق يىتەكچىلىك قىلش ۋە ئىنچىكە پىلانلاش بىلەن مىسىر دۆۋلەت ۋە خەلقىنى ھالاكەت خاراكتېرلىق ئاچارچىلىقتىن قۇتقۇزۋېلىشى بۇ سۆزىمىزنىڭ تىپىك مىسالى بۇلالايدۇ. ئىمام بۇخارى نەقىل قىلغان ھەدىس شەرىپتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەن(أَبو هُرَيْرَةَ عَنْ النَّبِيِّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ كَانَتْ بَنُو إِسْرَائِيلَ تَسُوسُهُمْ الْأَنْبِيَاءُ كُلَّمَا هَلَكَ نَبِيٌّ خَلَفَهُ نَبِيٌّ وَإِنَّهُ لَا نَبِيَّ بَعْدِي وَسَيَكُونُ خُلَفَاءُ).«بەنۇ ئىسرائىلنى پەيغەمبەرلەر ئىدارە قىلاتتى، بىرپەيغەمبەر ئۆلۈپ كەتكەن ھامان، يەنە بىر پەيغەمبەر ئىزباسارلىق قىلاتتى، ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك مەندىن كېيىن پەيغەمبەر بولمايدۇ، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىزباسارلىرى بولىدۇ  ».

پەيغەمبەرلەرگە بولغان ئىيمانىمىزنى قانداق ئىپادىلەيمىز ؟[تەھرىرلەش]

بىز يۇقۇردا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئىسلام دېمەك توغرا ئەقىدە، ساغلام دۇنيا قاراش دېمەكتۇر، چۈنكى ئىنساندىكى ئىش – ھەركەت، گەپ- سۆز، يۈرۈپ – تۇرۇش بولسا، ئۇقۇم، ئىدىيە ۋە چۈشەنچە – ئېتقادتىنىڭ رېئاللىقتىكى تەبىئيى ئىنكاسىدۇر .ئەقىدە ئىنساندىكى مېخانىكىلىق ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ.

ئەقىدە ساغلام بولسا، ئىنساننىڭ ئىش –ھەرىكەت، يۈرۈش – تۇرۇش ساغلام بولىدۇ. گەپ – سۆز، ئىش – ھەرىكەت، يۈرۈش – تۇرۇشتىكى غەيرى ئەھۋال ئېتقادتىكى بىنورمالىقنى كۆرسىتىدۇ.

پەيغەمبەرلەرگە ئىيمان ئېيتىش ئېتقاد سىستېمىسىدكى يادرولۇق مەسىلىدۇر. بىز بىرەر دۆلەتنى ئېتراپ قىلساق،شۇ دۆلەت ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنى ئېتراپ قىلىشىمىز تەبىيئى.

ئۇنداقتا بىز پەيغەمبەرلەرگە بولغان ئىيمان – ئېتقادىمىزنى قانداق ئەمەلىيلەشتۇرۇمىز؟[تەھرىرلەش]

ئۇمۇمەن قىلىپ ئېتساق ئۇلار بويرىغاننى قىلساق، چەكلىگەندىن يانساق ئۇلارغا ئىيمان ئېتقان بولىمىز. بېراق تېخىمۇ كونكېرتلاشتۇرۇپ ئېتساق بىز يۇقۇردا ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تۇنۇشۇپ ئۆتتۈق، بىز پەيغەمبەرلەر ھاياتىنى بېغىشلىغان ئاشۇ ئىشلارنى داۋاملاشتۇرساق ئاندىن ئۇلارغا ھەقىقى ئىيمان ئىتقان بولىمىز.

ئەينەن يەتكۈزۈش[تەھرىرلەش]

الله نىڭ دىنى ئەينەن يەتكۈزۇش ئۈچۈن بەلگىلىىك لاياقەت زۇرۇر. بىزمۇ ئىلىم – بىلىم ئۆگۈنۈپ پەيغەمبەرلەرنىڭ" ئەينەن يەتكۈزۈش" ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرشىمىز كېرەك، ھىچ بولمىغاندا " ئەينەن يەتكۈزۈش" ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلۋاتقانلارغا قولىمىزدىن كېلىشچە ياردەم قىلىشىمىز كېرەك. بۇ ئەڭ ئەقەللى تەلەپ.

الله نىڭ دىنىغا دەۋەت قېلىش[تەھرىرلەش]

{قُلْ هَـذِهِ سَبِيلِي أَدْعُو إِلَى اللّهِ عَلَى بَصِيرَةٍ أَنَاْ وَمَنِ اتَّبَعَنِي }يوسف108

« ئەي پەيغەمبەر!، بۇ مانابۇ مېنىڭ دەۋەت قىلىشتىكى يولۇم،مەن ۋە ماڭا ئەگەشكەن مۆئمىنلەر چۈشۈنچە، دەلىل- پاكىتنى ئاساس قىلىپ سىجىل الله قا دەۋەت قىلىمىز» .

باشقىلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش، دەۋەت قىغۇچىلارغا يىقىندىن ياردەمدە بولۇش، شارائىت ھازىرلاپ بېرىش الله ۋە الله نىڭ پەيغەمبەرىگە ئىيمان ئېتقان ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ باش تارتىپ بولايمايدىغان بۇرچى، مانابۇ بارچە پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇتقان يولى. ئىمام تىرمىزى نەقىل قىلغان ھەدىستە ئىسلامغا دەۋەت قىلمىغان ئادەم ئىسلام ئۈممىتىدىن بۇلالمايدىغانلىقى ۋە دۇئاسى ئىجابەت بولمايدىغانلىقى ئېنىق قەيت قىلىنغان.

خۇراپىيلىققا قارشى تۇرۇش[تەھرىرلەش]

خۇراپىلىقتىن قۇتۇلاي دىسىڭىز ئىسلام ئەقىدىسىنى بىلەن ياخشى قورانلىنىڭ!،ئائىلىڭىزنى ۋە ئەتراپىڭىزدىكى كىشلەرنى خۇراپىلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پائال ھەركەت قىلىڭ!. ئەقىدىدىكى بىر بوشلۇق نەچچە يۈزلىگەن خۇراپاتقا مۇنبەت زېمىن بولۇپ بېرىدۇ. خۇراپات دېمەك شىرىك دېمەك، شىرىك الله كەچۇرمەيدىغان گۇناھ.

ئەلگە يىتەكچىلىك قىلىش[تەھرىرلەش]

مۆئمىن دېمەك پەيغەمبەرنىڭ ئەگەشكۇچىلىرى دېمەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلاردىن داۋاملىق تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرۇشنى، ياخشى ئىش – ئىزلىرى بىلەن ئۈممەتكە ئۈلگە بولۇپ، مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ئىشلىرىغا كۇڭۇل بولىدىغان، غېمىنى يەيدىغان ياخشى – يامان كۈنلەردە ئەتراپىدىكى كىشلەرگە يىتەكچىلىك قىلىپ ئۆتتۈرغا چۈشەلەيدىغان بولۇشنى تەلەپ قىلغان.

ئاياللارنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى[تەھرىرلەش]

" ئاياللارغا ياخشىلىق قىلىڭلار" بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

" ئاياللار ئەرلەرنىڭ يىرىمى" ئەبۇ داۋاد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى.

" سىلەرنىڭ ياخشىڭلار، ئائىلىسگە( ئايالىغا) ياخشىلىق قىلدىغىنىدۇر". تىرمىزى رىۋايىتى.

" ئىنسان قىيامەت كۈنى : ئۆمرىنى قانداق ئۆتكۈزدى؟ بىلمىنى نىمىگە ئىشلەتتى؟ ، مال- دۇنيانى قايسى يول بىلەن تاپتى؟ قايسى يوللارغا سەرىپ قىلدى؟ ۋە جىسمىنى نىمە ئىشلار بىلەن چىرتىۋەتتى؟ دىگەن بەش سوئالدىن سوراققا تارتىلىدۇ" تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.

" بىلىم ئىگلەش ئەر ۋە ئايال مۇسۇلمانلارغا پەرز" ئىبنى ماجە رىۋايىتى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ نادانلىقىمىزدىن ئاياللارنىڭ ئاڭ – سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتۈرەلمىگەنلىكىمىز، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسنىڭ تۆۋەن بولۇشىغا ئىلىپ باردى. ئىسلام دىنىمىزنى ياخشى تولۇق چۈشەنمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئاپىللىرىمىز، ئاياللىرىمىز ۋە ئاچا- سىڭىللىرىمىزغا ئىسلام دىنىنىڭ نۇرلۇق ۋە شانلىق ماھىيتىنى ئىزاھلاپ بىرەلمىدۇق. بىلىپ- بىلمەي ئىسلام نامى بىلەن ئاياللارغا ئاز- تولا زۇلۇم قىلىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بەردى. ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ئىسلامدىكى ئوبرازىنى ياخشى چۈشىنەلمەي قالدۇق. ئاياللارنىڭ :" ئەرلەرنىڭ يىرىمى" ئىكەنلىگىنى ئۇنۇتتۇق.

ئەسلى قەلبى ئەڭ پاك، مىھرىبان، سۆيۈمچان ئاياللار يولدىن ئىزىپ تارىختىكى رولىنى ئۇنۇتماقتا. نەتىجىدە ياراملىق ئەۋلاد تەربىيلەشتىن ئاجىز كەلمەكتە ۋە جەمىيەتكە پىتنە پاسات تىىرىماقتا.ئاخىرى بىرىپ ئۆزى ئۇچىرغان بەزى زۇلۇملارنى ئىسلام دىنىدىن كۆرمەكتە. ئىسلام دىنى سايىسى ئاستىدا بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈردىغانلىقىنى ئۇنۇتماقتا. نادانلارنىڭ، چالا - موللىلارنىڭ قىلىقلىرى ئىسلام يۈزىگە داغ بولۇپ، ئاياللارنىڭ ئىسلامدىكى ئورنىنى خۇنۇكلەشتۈرمەكتە.

ھەقىقەتنى كۆرمەي يىراقتا تۇرۇپ، شۇئارغا ئالدىنىپ كەتكەن ئاچا- سىڭىللىرىمنىڭ بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كىيىن، ئىسلام دىنىغا ئەقىل دەرۋازىسىنى ئىچىپ، تەھلىل يۈرگۈزۈشىنى ئۇمىد قىلىمەن.

بەزىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئاياللار ئۆيدە ئولتۇرۇش ئۈچۈن يارتىلغان ئەمەس، ئۇلار ئەرلەرنىڭ يىرىمىدۇر. ھەدىس شەرىپتا: " ئاياللار ئەرلەرنىڭ يىرىمى" دىيىلگەن.

ئەرنى ئەر قىلىدىغانمۇ ئايال، جەمىيەتنى تۈزىدىغان ۋە بۇزىدىغانمۇ ئايال. ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ئاياللرىنىڭ تۈزىدىغان، ئىسلاھ قىلىدىغان ۋە ياراملىق قەيسەر ئەۋلاد تەربىيلەشتە ئالدىنقى سەپتىن ئورۇن ئالىدىغان، مەدەنىيەت يارتىشتا يىڭىلىق يارتالايدىغان بولۇشىنى ئۇمىد قىلىمىز!.

بۇ تىما: ئاياللار ۋە ياشاش ھوقۇقى، ئاياللارنىڭ ئەركىنلىگى، ئاياللارنىڭ ئىجتىمائى ھوقۇقى، ئىقتىسادى ھوقۇقى ۋە سىياسى ھوقۇقى دىگەن تارماق تىىمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىسلام دىنى ۋە غەرب نىزامى ئارسىدىكى ئاياللار[تەھرىرلەش]

ئاياللارنىڭ ئىسلام شەرىئىتىدىكى ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى:

ئىسلام شەرئىتى ئاياللارغا چىتىپ قويغان مەجبۇرىيەتلەر مەنبەسى، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق قىلىشتۇر.

ئىسناننىڭ ئاللاھغا قۇلچىلىق قىلىشى، ئسىلام دىنىنىڭ بىرىنچى دەرجىلىك ھەقىقەتلىرىنىڭ بىرىسى، بەلكى ئۇ ئاللاھغا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسىدۇر.

ئاللاھغا ئىبادەت قىلىش ۋە قۇلچىلىق قىلىشتا ئەر بىلەن ئايال ئارسىدا ھىچقانداق پەرق يوق. دىمەك ئەرلەرگە يۈكلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنىڭ ئۆزى ئاياللارغا يۈكلەنگەن.

بۇ يەردىكى مەجبۇرىيەت دىگىنىمىزدىن مەقسەت ئاللاھنىڭ ھەققى- ھوقۇقىدۇر. ھەدىس شەرىپتە مۇنداق كەلگەن: " ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىك ھەققى، ئاللاھغا ھىچ نەرسىنى شىرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىشتۇر. بەندىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئۈستىدىكى ھەققى، شىرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلسا، ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ئازاپلىماسلىقىدۇر"

ھەدىس شەرىپتە مەجبۇرىيەتلەر بىلەن ھەققى – ھوقۇق تەڭ بايان قىلىنغان، ئەر – ئاياللار بۇ مەسىلىدە باراۋەر. بۇ مەسىلىدە ئادالەتسىزلىك كۆرۈلمەيدۇ.

ئىسلام دىنى ئەرلەرگە ئۇلارنىڭ تەبئىتىگە ماس كىلىدىغان مەجبۇرىيەتلەرنى، ئاياللارغا، ئۇلارنىڭ تەبئىتىگە مۇناسىپ كىلىدىغان مەجبۇرىيەتلەرنى بەلگىلىدى.

بەزى بىر ئەرلەر تەكلىپ قىلىنغان ئىشلارغا ئاياللارنىڭ، ئاياللار تەكلىپ قىلىنغان ئىشلارغا ئەرلەرنىڭ تەكلىپ قىلىنماسلىقى ئەر ۋە ئاياللىق پەرقىدىن پەيدا بولغان ئەمەس. بەزى مەجبۇرىيەتلەرنىڭ ئوخشاشماسلىقى ھىكمەت ياكى مەنپەئەتكە ئالاقىدار سىرىتقى ئامىللاردىن پەيدا بولغان.

ئەر ۋە ئاياللار ئارسىدىكى مەجبۇرىيەتلەرنىڭ ئوخشاشماسلىقىدا ئەرلىك ۋە ئاياللىق سۈپتىنىڭ ھىچقانداق ئالاقىسى يوق. بولۇپ قالسا سىرىتقى ئامىللاردۇر.

بۇ ئايەتنى مۇلاھىزە قىلىپ كۆرسىڭىز ئەر ۋە ئاياللارنىڭ مەجبۇرىيەتتە ئوخشاش ئىكەنلىگىنى بايقايسز : {مۇسۇلمان ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللارغا،مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا، تائەت - ئىبادەت قىلغۇچى ئەرلەر ۋە تائەت – ئىبادەت قىلغۇچى ئاياللارغا، راستچىل ئەرلەر ۋە راستچىل ئاياللارغا، سەۋر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە سەۋر قىلغۇچى ئاياللارغا، خۇدادىن قورققۇچى ئەرلەر ۋە خۇدادىن قورققۇچى ئاياللارغا، سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر ۋە سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا، روزا تۇتقۇچى ئەرلەر ۋە روزا تۇتقۇچى ئاياللارغا، نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئەرلەر ۋە نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئاياللارغا، اللھ نى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئەرلەر ۋە اللھ نى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئاياللارغا اللھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى } سۈرە ئەھزاب 33- ئايەت.

ئاياللارنىڭ مەجبۇرىىيتى ئاللاھغا قۇلچىلىق قىلغانلىقتۇر، ھەققى- ھوقۇقى بولسا ئىنسانلىقىدۇر.

ئاياللارنىڭ غەرب جەمىيتىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى ۋە ھوقۇقىلىرى:

يىراقتىن قارىماققا غەرب جەمىيتىدىكى ئاياللارنى ھۆرمەت ۋە شەرەپ ئەرشىدىن ئورۇن ئىلىپ، ئەركىنلىك دىڭىزىدا ئۈزۈپ، ھوقۇقىدىن تولۇق پايدىلىنىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالىمىز!

غەرب جەمىيتىگە ئىنچىكە نەزەر تاشلىساق، غەرب ئاياللىرىنىڭ غەرب نىزامىدىكى شۇئارلارغا قۇربان بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلىمىز.

غەربتىكى مەجبۇرىيەتلەرنىڭ مەنبىيى ماددى مەنپەئەت ھۆكۈمرانلىقىدۇر. قىستۇرۇپ قويۇشقا تىگىشىلىك بىر نۇقتا، غەرب ئاياللىرى قىلىۋاتقان ۋەزىپىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىنسانىيەت ئۆلچىمى ۋە ئىسلام قىممەتلىرىگە ئۇيغۇن كىلىدۇ.

لىكىن غەرب ئەللىرى جەمىيەت تىكلەش ۋە خەۋەر ئىلىشتا، ماددى ئامىلدىن باشقا نەرسىگە ئۆلچەم تۇرغۇزمايدۇ. ئىسلام پىرىنسپىلىرى ۋە دىنى قىممەتلەر ماددى ئامىلنى كۆپ ئامىللارنىڭ بىرسى دەپ قارايدۇ.

غەربتىكى ئاياللار بىر ئىش قىلىشقا قادىر بولالىسىلا- كىم بولىشىدىن قەتئى نەزەر- ماددى تۈرۈتكە سەۋەبىدىن ئۆزىدىن ئۆزى خەۋەر ئىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ماددا غەرب جەمىيتىنىڭ ئاساسى ۋە مەجبۇرىيەتلەرنىڭ مەنبىيىدۇر.

غەرب ئەللىرى ماددى پەلسەپىسى ئارقىلىق ئائىلىنى ۋەيران قىلىۋەتتى. ئەر- ئاياللىق مەجبۇرىيەتلەرگە خاتىمە بەردى. ئاتا- بالىلىق ئالاقىسى ئاجىزلاشتۇردى.

غەرب ئاياللىرى ئىختىيارلىقى بىلەن ئەمەس مەجبۇرى خىزمەت قىلىشقا ئۇچىردى. تۇرمۇش تەبئىتى مۇناسىپ كەلمەيدىغان ئشىلارنى قىلىشقا قىستىدى.

بەزى كىشلەر غەرب ئاياللىرى بەخىت- سائادەت ئىچىدە ياشىماقتا دەپ گۇمان قىلىشىدۇ، مەسىلىنىڭ ئىچكى قاتلىمىغا چۆكسىڭىز بۇ نەزىريەنىڭ تامامەن خاتالىقى ئاشكارا بولىدۇ، چۈنكى ئەرلەر قىلىشقا تىگىشىلىك ناھايىتى ئىغىر ئەمگەكلەرنىمۇ ئاياللارنىڭ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىز!.

ئاياللارنىڭ تەبئىتىگە مۇناسىپ كەلمەيدىغان خىزمەتلەر ئاياللارنىڭ ئاياللىق تۇيغۇىسنى ئىرىتىپ تاشلىدى.

غەرب ئاياللارنى جەمىيەتگە ياراملىق ئەۋلاد يىتىۈشتۈرۈش خىزمىتىدىن مەھرۇم قويدى، چۈنكى جاپالىق خىزمەتتىن چارچاپ، ھىرىپ كەلگەن ئايال قانداقمۇ باللىرىنى ياراملىق قىلىپ تەربىيلەپ چىقالىسۇن!.

ئاپىلىق دىگەن ئايالغا نىسبەتەن مۇقەددەس ۋەزىپە، پەرزەنتلەرنىڭ جىسمانى، مەنىۋى، ئەخلاقى تەرەپتىن ياخشى يىتىلىشى ئانىلارنىڭ رولىغا مۇناسىۋەتلىك. ئاتا – ئانا پەرزەنت تەربيلەش ۋەزىپىسىدىن قىچىپ كىتىشى مۇمكىن ئەمەس.

پەرزەنت كۆرۈش مۇقەددەس قىممەت بولۇپ، ئۇ ئەرلەردىن كۆپرەك ئاياللارنىڭ بەخىت سائادىىتىدۇر. قۇرئان كەرىم پەرزەنت كۆرۈشنى خۇش- بىشارەت دەپ ئاتىغانلىىقغا قاراڭ!: { بىز ئىبراھىمغا ناھايىتى مۇلايىم بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق} سۈرە سافات 101- ئايەت.

ئاپىلىق مۇتلەق ئىنسانى ۋە تەربىيە ۋەزىپللىرى ئىچىدىكى ئەڭ بۈيۈك ۋەزىپىدۇر. قۇرئان كەرىم ئاياللارنىڭ قورساق كۆتۈرۈش ۋە پەرزەنت كۆرۈشتىكى جاپا ۋە كۆرشىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: { ئىنساننى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئانىسى ئۇنى (قورسىقىدا) ئۈستى-ئۈستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى. (ئى ئىنسان!) ماڭا ۋە ئاتا-ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىر قايتىدىغان جاي مىنىڭ دەرگاھىمدۇر} سۈرە لوقمان 14- ئايەت.

غەرب ئەللىرى توختىماي ھەر خىل مۇناسىۋەتلەر ۋە ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاياللارنىڭ ئىجتىمائى، ئىقتىسادى ۋە سىياسى ھوقۇقىغا ئىرشىشى، ۋە ھەممە ئىشلاردا، ھەر قانداق شارائىتتا ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولىشى لازىم دەپ جار سالىدۇ. لىكىن غەرب جەمىيتىدە بولۇۋاتقان ئىشلار شۇئارلارنىڭ ئەكسىچە. غەربنىڭ تەشۋىق قىلىۋاتقان ئەركىنلىكى جىنسى ئەركىنلكتىن ئىبارەت. چۈنكى ئايال ياش ۋاقتىدا بىر مەزگىل يايرىۋالغان بىلەن ياشىنىپ قالغاندا، ھۆرمىتىنى ساقلايدىغان ماكان تاپالماي قالىدۇ.

ئائىلە ئالاقىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئاياللارغا خاس پاناھگاھلار غەرب ئەللىرىدە كۆ پ ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ ماكانغا كىرىپ قالغان ئاياللار تاماق ۋە شارابتىن باشقا ھەممە نەرسىدىن ئايرىلىدۇ. يەنى ياش ۋاقتىدا بىر خىل ھايات كەچۈرسە، ياشانغاندا جەمىيەت تەرەپتىن تامامەن سەل قارىلىدىغان بىر خىل ھالەتكە دۇچار بولىدۇ. باللىرىمۇ تونىماس بولۇپ بەلكى قىچىپ تۇرۇپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

ئەمما ئىسلام جەمىيتىدە بولسا، ئاياللار ياشانغانچە قەدىر قىممىتى كۈندىن -كۈنگە كۆتۈرلۈپ، ئەرلەرنىڭ قەلبى ۋە كۆزىدىكى ئورنى ئىشىپ بارىدۇ. ياشانغان ئاياللار ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىنىدۇ. چۈنكى ئانىنىڭ مۇقەددەسلىكى ياشانغانچە روشەنلىششىكە باشلايدۇ، نەتىجىدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى[تەھرىرلەش]

ئىسلام دىنى ئاياللارغا بىكىتكەن ھۆرمەت ۋە شان- شەرەپ، بارلىق ئىنسانلارغا قارار قىلغان ھۆرمەتنىڭ پارچىلانماس بىر قىسمى. ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ مۇنداق دىگەن :{ شەك - شۈبھىسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق، ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا (ئۇلاغلارغا) مىندۈردۇق، دىڭىزدا (كىمىلەرگە) چىقاردۇق، ئۇلارنى شىرىن يىمەكلىكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئۈستۈن قىلدۇق} ئىسرا سۈرىسى 70- ئايەت.

ئىسلام دىنى بۇ ھۆرمەتنى ئەر- ئايالغا ئوخشاش باراۋەرلىك ئاساسىدا تەكىتلىدى. بىر- ىبىردىن ئارتۇق شەرەپكە ئىگە بولۇشنى تەقۋالىق ۋە ياخشى ئەمەل مىيزانى بىلەن باغلىدى.

ئاياللار ۋە ياشاش ھوقۇقى[تەھرىرلەش]

ياشاش ھوقۇقى ئاللاھ ئىنسانغا ئاتا قىلغان ھوقۇقلارنىڭ مۇقەددەسرەكى ھىساپلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ باشقا ھوقۇقلارنىڭ ئاساسى، بۇلىقى ۋە ۋۇجۇدىيەتكە كىلىشنىڭ سىرىدۇر. ياشاش ھوقۇقىنىڭ مۇقەددەسلىكى بۇ ئايەت كەرىمىدە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ:{ كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ، كىمكى بىر ئادەمنى تىرىلدۈرسە (يەنى قۇتقۇزسا ياكى ھايات قىلىشىغا سەۋەبچى بولسا)،ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى تىرىلدۈرگەندەك بولىدۇ} مائىدە سۈرىسى 32- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

قاراڭلار، ئايەتتە ئەر- ئايال دەپ پەرقلەندۈرمەي، ئادەم دىگەن سۆزنى ئىستىمال قىلغىننى!.

" ھۇنەين" مەرىكىسىدە رەسۇلۇلۇللاھ بىر مۇشىرىك ئايالنىڭ ئۆلۈكىگە كىشلەرنىڭ ئولىشىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ: " بۇ ئايال ئۇرۇشقان ئەسكەرلەر قاتارىدا بولمىسا نىمە دەپ ئۆلتۈرۈلدى" دەپ بولۇپ، بىر ئادەمگە: " سەن بىرىپ خالىدغا، رەسۇلۇللاھ : بالا- چاقىلارنى ۋە ئاياللارنى ئۆلتۈرمىسۇن" دەيدۇ دىگىن دىگەن.

بۇھەدىسنىڭ روھىغا قارايدىغان بولساق، شىرىك ھالىتى ئۇ ئايالنىڭ - ئاياللىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشتىن سىرىت- ھاياتىنىڭ مۇقەددەسلىكىگە تەسىر يەتكۈزمىگەنلىكىنى كۆرەلەيسىز! رەسۇلۇللاھ: " مۇسۇلمانلارنىڭ قانلىرى باراۋەر" دىگەن.

ئىسلام دىنى ئەر- ئاياللار ئىنسانلىق سۈپتىدە ئورتاق دىگەن پىرىنسىپنى قارار قىلغان چاغدا، فىرانسىيە مىيلادىيە 6- ئەسىردە ئىچىلغان قۇرۇلتىيىدا ئايال كىشىنىڭ - ئايال كىشى ئىنسان جىنسىمۇ ياكى باشقا نەرسىمۇ- ھەقىقىتىنى بىلىشكە ئۇرۈنىۋاتقان ئىدى.

قۇرئان كەرىم جاھىلىيەت قەبىلىلىرى قىزلارنى كۆمۈۋىتىشىگە ئوخشاش ناچار ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ھارام قىلىپ ئايەت چۈشۈرۋاتقان چاغدا، رىم ئىمپىرىيىسى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ئاياللارنى جىنايەتسىز ئۆلگۈچە ئازاپلاش بىلەن ھوزۇرلىنىدىغان ئىدى. ئاياللارنىڭ پۇتلىرىدىن ئاتلارغا سۆرىتىپ پارچە- پارچە قىلىۋىتىدىغان، بىر تۈركۈم ئاياللارنى تۈۋرۈككە باغلاپ بىر قانچە كۈن ئاستىدىن ئاستا خاراكتىرلىك ئوت تۇتاشتۇرۇپ گوشلىرىنى چۈشۈرۋىتىدىغان ئىدى.

رىم ئىمپىرىىيىسى كىڭىيىپ گۈللىنىشكە باشلىغان چاغدا، ئىسراپخورلۇق ۋە ھاۋايى- ھەۋەس ئىڭى ئۇلارنى ئىگلەپ كىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاياللاردىن ھىجابنى ئىلىپ تاشلاشقا باشلايدۇ، بۇئىشتا تەرەققى قىلىپ، ئاياللار ھەممە ئىشلارنى ئىگلەشكە باشلايدۇ. ئەخلاقسىزلارچە بۇ ئارلىشىشتا رەزىل ئىشلارنىڭ ھەممىسى يۈز بىرىدۇ. نەتىجىدە ئەرلىرىنىڭ ھىممىتى بوشاپ، ئىرادىسى ئاجىزىلىشىپ، ئۆزلىرىنى يوقۇتۇشقا باشلاپ، بۇزغۇنچىلىق ئەۋجىگە چىقىدۇ. شۇئارلىقتا ئاياللارغا قارىتا كۆز قاراش يۆلىنىشى ئۆزگىرىپ، جەمىيەتتە يۈزو بەرگەن پاساتچىلىقنىڭ ھەممىسى ئاياللارنىڭ سەۋەبىدىن بولغان دەپ قاراپ، ئاياللارغا ئاداۋەت قىلىشقا باشلايدۇ. ئاخىرى ئەھۋال يۇقىردا بايان قىلغىنىمدەك ئاياللارنى ئازاپلاش بىلەن ھوزۇرلىنىدىغان ھادىسلەر يۈز بىرىدۇ.

بۈگۈنكى غەرب تىيارتىخانىسىمۇ- رىم مەدەنىيىتىنىڭ ئۆگەي بالىسى- مۇشۇ ھىكايىنىڭ ئۆزىنى تەكرارلايدۇ. بىرىنچى بۆلۈم ئاخىرلىشىپ، تىراگىدىيلىك ئىككىنچى بۆلۈمنىڭ ئالامەتلىرى كۆزى ئۆتكۈر كىشلەرگە كۆرۈنمەكتە.

ئاياللارغا پەس نەزەر بىلەن قارايدىغان ئەھۋال رىم ئىمپىريىىسگە خاس ئەمەس. ھىندىستان، گىرىتسىيە ۋە بابىل مەدەنىيتى تارىخىغا نەزەر تاشلاڭ!.

بابىل مەدەنىيتى ئاياللارنى چارىپاي ھايۋانلارنىڭ بىر تۈرى دەپ قارايتتى، ئۇلارنىڭ ھىچ قانداق ھوقۇقى يوق ئىدى.

گىىرتسىيەدە بولسا ئاياللار خىلمۇ-خىل باسقۇچىلارنى بىشىدىن كەچۈرگەن، گىرىتسىيە قانۇنىدا ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ھىمايە قىلىنمايدىغان ئىدى. بەزى ئاتىلار 10 قىزى بولسا 7 قىزىنى ئۆلتۈرۋەتسە ھىچ بىر سوراققا تارتىلىدىغان ئىش يوق ئىدى!....

يىغىپ ئىيىتقاندا، ئۆتۈپ كەتكەن مەدەنىيەتلەردە ئاياللار، چوڭ مەدەنىيەتلەر ئىسراپخورلۇق ۋە پەسكەشلىك باسقۇچىغا قەدەم قويغاندا بىر ئاز كۆڭۈل بۆلۈشكە ئىرشەلەيتتى. سەۋەبى ئايالنىڭ ئىنسان تۈرى بولۇپ، ياشاش ھوقۇقىنىڭ بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئەرلەر ھاياتىدىكى ھوزۇرلۇنۇش تەلەپلىرى سەۋەبىدىن ئىدى. مەدەنىيەت چۈشكۈنلەنكەندە ئاياللارنى شۇم دەپ قارايتتى، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتى بولمايتتى.

مانا بۇئىسلام دىنى بىلەن باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ ئاياللارنىڭ ئورنىغا بولغان كۆز قارىشى.

ئاياللار ۋە سالاھىيەت ھوقۇقى[تەھرىرلەش]

سالاھىيەتتىن مەقسەت مەدەنى ھوقۇقلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىلگىرىكى مىللەتلەر ئايال كىشىگە نىسبەتەن ھىچقانداق قابىلىيەت ۋە سالاھىيەتنى ئىتىراپ قىلمايدىغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئايال كىشى مەدەنى ھوقۇقلىرىدىنى بەھرامان بولالمايتتى. ئۇ مىللەتلەر، ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئىگىسى، خالىغانچە ئىش قىلايدۇ دەپ قارايتتى. نەتىجىدە ئاياللار قۇلنىڭ ئورنىدا كۆرىلەتتى.

ھىندى، چىن، گىرمانلار ئاياللارغا مىراس قالدۇرمايتتى، گىرىتسىيەلىكلەر بولسا، ئوغۇل بولمىسا ئاندىن قىزلارنى مىراسخور قىلاتتى.

ئاياللارغا بۇ خىل نەزەر بىلەن قاراش يىقىنقى زامانغىچە يىڭى مەدەنىيەتلەردە تىىپلاتتى. فىرانسىيەدەك بىر جەمىيەتتە يىقىنقى زامانغا قەدەر ئاياللار شەخسى مال- مۈلىكى بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا – يولدىشىنىڭ رۇخسىتى بولمىسا- يول قويۇلمايتتى. يولدىشى يوق بولۇپ قالسا، شەخسى ئىگدارچىلىقىدىكى يەر مۈلۈككە ئوخشاش نەرسىلەرنى ئىلىپ سىتىش ھوقۇقى يوق ئىدى. ئىرىنىڭ رۇخسىتىسىز ھەدىيەمۇ قوبۇل قىلالمايتتى.

ئىنگىلىس پەيلاسوپى " ھىربىرىت سىبىنسىر"، جەمىيەت ئىلمى ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: " ئەنگىليەدە ئاياللار 11- ئەسىرگىچە سىتىلاتتى. 11- ئەسىرىدە چىركاۋ مەھكمىسى، ئەر بولغۇچى ئايالىنى باشقا بىر ئادەمگە مەلۇم مۇددەتكىچە ئارىيەتكە بىرىپ تۇرسا بولىدۇ دەپ قانۇن يولغا قويدى. ئىشنىڭ يامانراق تەرىپى، ئىسىلزادە بەگلەر بولسا دىھقاننىڭ ئايالى بىلەن 24 سائەت جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى.

1567- يىلى سىكوتلاندىيە پارلارمىنتى: ئايال كىشىگە ھىچقانداق ھوقۇق بىرىلىشى توغرا ئەمەس دەپ قارار چىقاردى. 8- پادىشاھ ھىنرىنىڭ دەۋرىدە ئەنگىلىيە پارلامىنتى، ئايال كىشلەرنىڭ مۇقەددەس كىتاپ ئوقۇشى چەكلىنىدۇ دەپ قارا چىقارغان.

ئىسلام دىنى كەلگەندە، ئاياللارنىڭ تۈرلۈك مەدەنى ھوقۇقلاردا ئەرلەردىن مۇستەقىللىقىنى تەكىتلىدى، شەخسى ئىگدارچىلىقىدىكى مۈلۈكلىرىنى – ئەقىللىق بولسا- خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە دەپ جاكارلىدى.

ئاللاھ تائالا ئەر ۋە ئاياللارنىڭ مۇستەقىل ھوقۇقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: { ئى مۆمىنلەر!اللھ سىلەردىكى بىر- بىرىڭلاردىن ئارتۇق قىلغان نەرسىلەرنى(ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن)ئارزۇ قىلماڭلار، ئەرلەر قىلغان ئەمەللىرىدىن ھەسسىدار بولىدۇ، ئاياللارمۇ قىلغان ئەمەللىرىدىن ھەسسىدار بولىدۇ. اللھ دىن ئۇنىڭ پەزلىنى تىلەڭلار(اللھ بىرىدۇ). اللھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر} نىسا سۈرىسى 31- ئايەت.

مەسىلەن، ئاللاھ تويلۇقنى ئاياللارغا خاس مۈلۈك قىلىپ بەلگىلىدى. ئاتا ياكى تاغا ياكى ئاكا- ئىنە ياكى باشقىلارنىڭ ئاياللارنىڭ تويلۇقىدىن بىر ئاز بولسىمۇ ئىلىۋىلىشىدىن چەكلەپ مۇنداق بايان ئىلان قىلدى: { ئاياللارغا ئۇلارنىڭ مەھرىلىرىنى خۇشاللىق بىلەن سوغا قىلىپ بىرىڭلار. ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭدىن بىر قىسمىنى سىلەرگە ئۆتۈنۈپ بەرسە، ئۇنى مەززىلىك، سىڭىشلىق(يەنى پاك ھالال بىلىپ) يەڭلار} نىسا سۈرىسى 4- ئايەت.

ئاياللار - ئەرلەردىن مۇستەقىل- بەھرامان بولالايدىغان مەدەنى ھوقۇقلارنىڭ بىرىسى، ئەر تاللاشتىكى شەرىئەت ئاتا قىلغان ھوقۇقىدۇر. -قىزنىڭ ئىگلىرى گەرچە يىگىت تاپسىمۇ- قىز- بالاغەتكە يەتكەن ئەقىللىق بولسا- مۇۋاپىق كۆرمىسە قوشۇلماسلىق ھوقۇقى بار.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە:" بىر قىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىشىغا يىغىلاپ كىلىپ، دادىىسنىڭ مەجبۇرى ئۇ قىز ياقتۇرمايدىغان بىرسى بىلەن توي قىلىپ قويغانلىقى توغرىسىدا دەردىنى تۆكتى, پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىشتىن خەۋەردار بولۇپ، ئۇ قىزغا ئۆي تۇتۇپ قىلىش ياكى ئاجىرشىپ كىتىش توغۇرلۇق ئىختىيارلىق بەردى". ئەبۇداۋاد ۋە ئەھىمەد رىۋايىتى.

ھەزىرتى ئائىشە ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:" بىر قىز مىنىڭ قشىمغا كىرىپ: دادام مىنى ئاكىسىنىڭ ئوغلىىغا ياتلىق قىلدى، مەن ئۇ بالىنى ياقتۇرمايتتىم، دادامنىڭ مۇنداق قىلىشى مىنى ئۇ بالىغا بىرىپ بىر ئاز يۈز تىپىش ئىدى دىدى. ھەزىرتى ئائىشە: رەسۇلۇللاھ كەلگىچە ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ! دىدى. رەسۇلۇللاھ كەلگەندە، ھەزىرتى ئائىشە ئىشنىڭ تەپسىلاتنى خەۋەر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ قىزنىڭ دادىسغا ئادەم ئەۋەتىپ چاقىرتىپ كەلگەندىن كىيىن، قىزغا ئىختىيارلىق بەردى. ئۇ قىز: ئى رەسۇلۇللاھ، دادامنىڭ قىلغان ئىشىنى بوپتۇ قىلىۋەتتىم، لىكىن مۇنداق قىلىشىمدىكى سەۋەب، ئاتىلارنىڭ بالاغەتكە يەتكەن قىزلىرى توغرىسىدا مەجبۇرى توي قىلىپ قويۇش ھوقۇقىنىڭ يوقلىقىنى ئاياللارغا بىلدۈرۈپ قويماقچى ئىدىم دىدى" نەسەئى رىۋايەت قىلغان.

مۇباھ نەرسىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىقتىسادى مۇئامىلە، مىراس ۋە ھەدىيە ئىقتىسادى مەنبەلەر ئىكەنلىگى تونۇشلۇق مەسىلە. بۇ مەسىلىدە ئەر –ئاياللار ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە. خىزمەتكە ھەق ئىلىش مەسىلىدىمۇ ئاياللار ئەرلەر بىلەن ئوخشاش، ئەمەلگە قارىتا ھەق ئالىدۇ.

ئامانلىق بىرىش ياكى كىپىل بولۇشتەك ئىشلاردىمۇ ئاياللار ئەرلەر بىلەن ئوخشاش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدا: " ئاللاھنىڭ ئامانلىقى بىردۇر. ئۇ ئامانلىقنى تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشلەرمۇ بىرەلەيدۇ. مۆمىنلەر بىر- بىرىگە ئىگە" دىگەن. ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.

قۇرئاننىڭ بۇ ئايىتىگە نەزەر تاشلاڭ: { مۆمىن ئەرلەر،مۆمىن ئاياللار بىر- بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار (كىشىلەرنى) ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، نامازنى(تولۇق)ئادا قىلىدۇ، زاكات بىرىدۇ، اللھ غا ۋە اللھ نىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ، ئەنە شۇلارغا اللھ رەھىم قىلىدۇ، اللھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر } تەۋبە سۈرىسى 71- ئايەت.

مانا بۇئىسلام دىنىنىڭ ئاياللارنىڭ قابىلىتى ۋە سالاھىىيتى دائىرسىدە بىكىتكەن ئىشلارنىڭ بىرسىدۇر. غەرب ئەللىرى مۇشۇ ھوقۇقلارنى ھەقىقى تەتبىقلاش ساھەسىدە – يالغانچىلىق قىلماي- ئىتىراپ قىلامدۇ؟

فىرانسىيلىك يازغۇچى " فىرانسىس كىيرى" خانىم مۇنداق دەيدۇ: " غەرب ئاياللىرى خىزمەت باراۋەرلىك ھەققى- ھوقۇقى ۋە ئاياللىق ھۆرمىتى ھوقۇقىغا ئىرشەلمەيۋاتىدۇ" سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: " ئەر- ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى مەغلۇب بولغان چاغدا، ئۆز – ئارا تىزلام بىر – بىرىنى ياخشى كۆرۈشتىن توختىشىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالاقىسى كونترول قىلغۇچى بىلەن كونترول ئارسىدىكى ئالاقە. ئەر بۇيرۇيدۇ، ئايال ئىتائەت قىلىدۇ.... بىز ئايالنىڭ ھوقۇقىنى كۆپرەك ھىمايە قىلىدىغان باشقىچىرەك مەدەنىيەت ئىىڭىغا مۇھتاج".

غەرب ئاياللىرى نىمىلا بولمىسۇن، بۈگۈنكى كۈندە ياۋرۇپانىڭ ھەر تەرەپلىرىگە تاراپ كەتكەن قۇلچىلىق قاپقانلىرىنىڭ بىرسىگە چۈشىدۇ. چۈنكى قىز ياكى ئايال يۇقىرى مائاش بەدىلىگە تۈرلۈك ئىشلارنى قىلىشقا توختام قىلىپ ئالدىنىدۇ. ئۇلار مائاشنىڭ ھەجمىنى ئاڭلاپ، كارخانچىلارغا مۇتلەق ئىشىنىپ تەسلىم بولىشىدۇ. ئۇلار شەخسىيتىنى ئىسپاتلايدىغان ( پاسپورت، سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى) نەرسىللىرىدىن ئايرىلىپ قالغاندا، قۇل بازىرىدا پاھىشىغا سىتىلىدۇ. تەھدىت ۋە بىسىم ئاستىدا پاھىشە قىلىشقا مەجبۇرلۇنۇپ ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلىدۇ.

1991- يىلى ئىچىلغان خەلقئارالىق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يىغىنىدىكى دوكلاتىدا، 3 مىليۇنغا يىقىن ئاياللار سىتىۋتىلىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پاھىشىە قىلىشقا مەجبۇرلارنغان. بۇ خىل تىجارەتنى قىلىدىغان شىركەتلەرنىڭ مەركىزى ياۋرۇپانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تىپىلىدۇ. خام ماددىلارنىڭ ئاساسى شەرقى ياۋرۇپا، لاتىن ئامىرىكىسى ۋە جەنۇبى شەرقى ئاسىيادۇر.

بۇ نۇقتىنىڭ ئاخىردا شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش لازىمكى، ئەنگىلىيە قانۇنى پەقەت100 يىل ئىلگىرى، ئەر كىشى ئايالىدىن شۇملۇنۇپ قالسا، ئايالىنى سىتىۋەستە بولىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلاتتى. لوندۇن شەھرىنىڭ مەشھۇر بىر مەركىزىدە بوينىغا تاقاقلار سىلىنىپ، كۆرگەزمىگە سىلىنغان ئاياللارنىڭ سۈرەتلىرى ۋە ھەيكەللىرى ھازىرمۇ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.

ئاياللار ۋە ئەركىنلىك[تەھرىرلەش]

ئەركىنلىكتىن مەقسەت، سىرىتقى ئەركىنلىك كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىنسان مۇشۇ ئەركىنلىك بىلەن ئازىنى قورشاپ تۇرغان ئالەم بىلەن ئالاقە قىلالايدۇ.

ئىنسان ئاللاھنىڭ قۇلى بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭغا بۇ دۇنيادا يولنى كەڭرى ئىچىپ بەرگەن بىر مەخلۇق. ئىنسان ئەركىنلىك دائىرىسى ئىچىدە خالىغاننى قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە.

ئاللاھ بۇئەركىنلكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دەيدۇ: { كاپىرلار (قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرگەندە، دۇنيادىكى چىغىمىزدا) مۇسۇلمان بولغان بولساقچۇ، دەپ ئارمان قىلىدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى (يەنى كۇففارلارنى مەيلىگە) قويۇۋەت، يەپ - ئىچىپ، ئويناپ - كۈلۈپ يۈرسۇن، ئۇلار بىھۇدە ئارزۇلار بىلەن بولىۋەرسۇن، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقىنى) بىلىدۇ} ھىجىر سۈرىسى 2-3 – ئايەتلەر.

مۇتلەق ئەركىنلىك بار دەپ ئىتىقاد قىلىش خىيالدىن ئىبارەت. چۈنكى ئىنساننىڭ ئەركىنلىكىنى، ئىنساننىڭ ئەقلى، دىنلار، قانۇنلار، جەمىيەت ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقى مۇتلەق بولمىغان دائىرىگە كىرگۈزۈپ قويىدۇ. ئىنسان ئورمانلىقتا ياشىغان تەقدىردىمۇ مۇتلەق ئەركىنلىكتە ياشىيالمايدۇ، چۈنكى ئۇ يەردىمۇ تەبئىەتنىڭ كۆرۈنۈشلىرى، ۋەھشى ھايۋانلار ئىنساننىڭ ئەركىنلىكىگە چەك- چىگرا توختىتىپ قويىدۇ.

ئىسلام دىنىدىكى ئەركىنلىكنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭرى. باشقىلارنىڭ ھوقۇقى ياكى رەزىل قىلمىش بولمىسا ئۇ ئەركىنلىكنى ھىچ نەرسە چەكلىيەلمەيدۇ. شۇ ۋاقتىدا ( باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا تەسىر يەتكۈزۈش ياكى رەزىل قىلمىش يۈز بەرگەندە) ئەركىنلىك مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن توختىتىلىدۇ.

ئىسلام دىنىدىكى ئەركىنلىكنىڭ يۇقىرىسى ئىمان ئىيتىش ياكى ئىمان ئىيتماسلىق ئەركىنلىكىدۇر،: { (ئى مۇھەممەد!) «(بۇ) ھەق (قۇرئان) پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نازىل بولىدۇ، خالىغان ئادەم ئىمان ئىيىتسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن» دىگىن، بىز ھەقىقەتەن كاپىرلار ئۈچۈن تۈتۈن پەردىلىرى ئۇلارنى ئورىۋالىدىغان ئوتنى تەييارلىدۇق، ئۇلار (تەشنالىقتىن) سۇ تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا مەدەن ئىرىتمىسىگە ئوخشاش، يۈزلەرنى كۆيدۈرۈۋىتىدىغان (ناھايتى قىزىق) سۇ بىرىلىدۇ، بۇ نىمىدىگەن يامان شاراب! جەھەننەم نىمىدىگەن يامان جاي! } كەھف سۈرىسى 29- ئايەت. يەنە: { دىندا (ئۇنىڭغا كىرىشكە)زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئىنىق ئايرىلدى، كىمكى تاغۇت(يەنى اللھ دىن باشقا بارچە مەبۇد)نى ئىنكار قىلىپ، اللھ غا ئىمان ئىيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس،مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ ، اللھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى)ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر،(ئىشلىرىنى)بىلىپ تۇرغۇچىدۇر } بەقەرە سۈرىسى 256- ئايەت.

ئىسلام دىنى كۇپىرلىق ئەركىنلىكىنى قارار قىلىپ، باشقا دىندىكىلەرگە دىنى ئەركىنلىك بىرىپ، بەلكى ئۇلار بىلەن بولىدىغان مۇئامىلىدە باراۋەرلىك پىرىنسىپىنى توختاتقان تۇرسا، يەنە نىمە تەلەپ قىلىنىدۇ؟.

ئىسلام دىنى ئاياللارغا يىتەرلىك ئەركىنلىك بەردى... ئاياللارنى ھەقسىز ھاكىم بولىۋالىدىغان ھەر قانداق ھوكۆمرانلاردىن ئازات قىلدى. ئاياللارغا ئىمان، دىن ۋە ئەقىدە ئەركىنلىكىنى بەردى. ئايال كىشى ئىرىغا تەۋە بولۇپ دىنىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. مەسىلەن، بىر مۇسۇلمان ئەر مۇسۇلمان بولمىغان بىر ئايال بىلەن توي قىلغان بولسا، ئۇ ئايالنى دىنغا كىرىشكە مەجبۇرلارش ياكى ئىتىقادى سەۋەبلىك خورلاشنى ئىسلام دىنى چەكلەيدۇ.

خۇلاسىلاپ ئىيىتقاندا ئىسلام دىنى ئەرلەرگە بەرگەن ھوقۇقلارنىڭ - باشقىلارنىڭ ۋە جەمىيەتنىڭ مەنپئەتىگە تاقىشىدىغان بىر قانچە ئىشنى ھىساپقا ئالمىغاندا- ھەممىسىنى ئاياللارغىمۇ بەردى. ئىنساننىڭ جىسمى شەخسى مۈلۈكى قاتارىغاكىرمەيدۇ، چۈنكى جىسىم ئاللاھ تەرپىدىن ئىنسانغا قويۇلغان ئامانەت. بەدەندىكى ھەر بىر ئەزانىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. مەسىلەن: كۆزۈم مىنىڭ ، مەن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە، لىكىن مەن كۆزۈمنى قۇيۇۋىتىشكە ھەققىم يوق. چۈنكى بۇ ھارام، زىيانلىق ۋە ئەقىلسىزلارچە ئىشتۇر. شۇنداقلا باشقىلارنىڭ خاس ئەزالارغا قاراشقىمۇ مىنىڭ ھەققىم يوق.

ئۇنداق بولغاندا ئايال كىشى بەدىنى توغرىسىدا خالىغاننى قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئەمەس، بەدىنىنى خالىغان بىرسىگە بىرىشكە تىخىمۇ ھوقۇقى يوق.

ئاياللار باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمىگەن ۋە جەمىيەتتە بۇزۇقچىلىق پەيدا قىلمىغان شەرت ئاستىدا خالىغان نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلسا ۋە زىننەتلەنسە بولىدۇ.

ئاياللارنىڭ تار ۋە نپىز كىيىملەر بىلەن ئۆزلىرىنى يالىڭاچلاپ جىنسى ھوزۇرلۇنۇش ئويۇنچىقىغا ئايلىنىپ قىلىشى ئاياللار ئۈچۈن ھاقارەتلىك بىر ئىش.

شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىش لازىمكى، ئىسلام دىنىدا پاھىشە ۋە يولسىز پاسكىنا قىلىقلارنى قىلىش ئەركىنلىكى يوق.

ئايال كىشلەرنىڭ ئەۋرەت جايىلىرنى ئىچىپ ، ھايا- نۇمۇستىن چەتنەپ كوچىلاردا مىڭىشى جەمىيەتكە ۋە ئاياللارنىڭ ئۆزىگە يامان ئاقىۋەت كەلتۈرىدۇ. ئاياللارنىڭ بۇ خىل كۆرنىشى ئەرلەرنى ئەخلاقسىز قىلىقلارغا ئىتتىرىشكە سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى ئەرلەر ھاۋايى – ھەۋسىنى كونترول قىلىشتا ئاياللاردىن ئاجىز كىلىدۇ. ئەرلەر- ئاياللارنىڭ ئەكسىچە- ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ۋە يىرىم يالىڭاچ ئەزالىرىغا بىر قاراش بىلەن ھىس تۇيغۇللىرى قوزغىلىدۇ. ئاياللارنىڭ جىنسى پىسخولوگىيە ھالىتى ئەرلەرگە بىر قاراش بىلەن قوزغالمايدۇ.

ئاياللارنىڭ ھايا ۋە ئەدەپ - ئەخلاق كىيىملىرىگە دىققەت قىلماسلىقى جەمىيەتتە پاھىشە، بۇزۇقچىلىق ۋە ئائىلىنىڭ پارچىلىنشىىغا سەۋەب بولىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئىيىتقاندا نۇرغۇن ئائىلىنىڭ بىر ئوبدان تۇرمۇشىنىڭ بۇزۇلىىشغا ئەخلاقىغا رىئايە قىلمايدىغان ۋە ئەخلاقسىزلىق ئىشلارنىڭ يۈز بىرىشىگە سەۋەبچى بولىدىغان قەلبى ناپاك ئاياللار مەسئۇلدۇر.

شۇڭا بەزى نۇقتىلاردا ئەركىنلىكنى مەلۇم تۈرلەردە چەكلىگەنلىك، (يەنى دائىرىگە كىرگۈزگەنلىك) ئەركىنلىكنى بوغقانلىق بولمايدۇ، بەلكى كىشلەر ئارسىدا ئادالەتنى تارقىتىش، مەنپەئەتلىك، ھەمكارلىق جەمىيتىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئىجتىمائى ۋە مەدەنى ھوقۇققا رىئايە قىلغانلىق بولىدۇ.

ئىسلام دىنى جىنسى ئالاقىنىڭ ھەممىسىنى چەكلەيدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ!... ئىسلام دىنى جىنىسى مۇئامىلىنى ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدىكى جانلىق ئىنىرگىيە دەپ قارايدۇ، ئاللاھ بۇئىنىرگىيەنى ياراتتى، ئۇنىڭغا قارىتا كۆڭۈلدە بەدەننىڭ تاقىتىگە مۇناسىپ ھىس – تۇيغۇلارنى ئاتا قىلدى.

جىنسى رىغبەتنى قاندۇرۇش ئۈچۈن پاك ۋەزىيەتنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇپ بىرىدىغان ئۆي ھازىرلاپ بەردى. ئىسلام دىنى ئىنساندىكى جىنسى رىغبەتنى پەقەتلا ھالال ئىش دەپ قاراپ قالماستىن ، بەلكى ئۇ ئىشنى ساۋاب ۋە كاتتا ئەجىرنىڭ يولى دەپ جاكارلىدى.

بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ : " سىلەرنىڭ ھالال جىنسى تۇرمۇشىڭلاردىمۇ سەدىقە بار" دىگەندە، ساھابىلەر: ئى! رەسۇلۇللاھ، بىز ئەر خەقلەر ئاياللارىمىزدىن جىنسى تەلىپىمىزنى قاندۇرساق مۇشۇ ئىشتىمۇ ساۋاب بولامدۇ؟ دەپ ئەجەبلىنىپ سوراشتى.: رەسۇلۇللاھ : " شۇنداق ساۋاب بولىدۇ، مەن سىلەردىن سوراپ باقاي!، ئەگەر بىر ئادەم جىنسى تەلىپىنى ھارام يولدىن قاندۇرسا گۇناھ بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟" دىگەندە، ئۇلار : شۇنداق گۇناھ بولىدۇ دىيىشتى، رەسۇلۇللاھ : ئۇنداقتا جىنسى تەلىپىنى ھالال يولدىن قاندۇرسا، ساۋاب بولىدۇ" دىگەن.( مۇسلىم رىۋايىتى). ئىنسانلاردىكى جىنسى رىغبەت دۇنيا ۋە ئاخىرەت ھالاۋەتلىرىىنىڭ قاتارىدىن، بۇ ئىش ھالال بولۇپ، ئىنسان بۇ ئىشىدا شەرىئەت كۆرسىتىپ بەرگەن قانۇنلۇق يول بىلەن ئىلىپ بارسا ساۋابقا ئىرىشىدۇ.

قۇرئان مۇنداق دەيدۇ: { ئاياللار بىلەن ئۇنسى – ئۈلپەت ئىلىشىڭلار ئۈچۈن)اللھ نىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا)يەنى ئەر – خوتۇن ئارىسىدا)مىھر – مۇھەببەت ئورناتقانلىقى اللھ نىڭ)كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك - شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار} رۇم سۈرىسى 21- ئايەت. پىسخولوگىيە ۋە جىنسى خاتىرجەملىك ئەر- ئاياللىق ھاياتىدىكى بىرىنچى ئاساس. ئۇ ئىشتىياق، لەززەت ۋە مۇھەببەت تۇيغۇللىرىنىڭ ئىپادىسىدۇر. جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق قەلب ۋە ئەقىلدىكى تەبئى داۋالغۇش يوقۇلىدۇ. كۆڭۈل جىنسى تۇرمۇشسىز خاتىرجەم بولالمايدۇ. ( يەنى قانۇنلۇق جىنسى ئالاقە ئىككىنىلىش ۋە داۋالغۇشنىڭ داۋالىرىنىڭ بىرسىدۇر).

ئىسلام دىنى ئىنسان تەبئىتىنىڭ ئىتىتىرگۈچى كۈچلىرىگە قارشى ئۇرۇش ئوتى ئاچمايدۇ ياكى قەبىھ سانىمايدۇ، بەلكى ئۇ ئىشلارنى رەتكە سالىدۇ، ھەمدە ھايۋانى دەرجىدىن ، ئىنسانى دەرجىسىگە كۆتۈرىدۇ.

دىمەك ئاياللارنىڭ ئىجتىمائى ئالاقىسىدىكى ئەركىنلىكىنى - باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكى ھىمايە قىلىش ۋە قانۇنلۇق مەنپەئەتلىرىگە رىئايە قىلىشنى تەقەززا قىلىپ قالمىسا- باشقا نەرسە چەكلىيەلمەيدۇ.

غەرب ئەللىرى داۋراڭ سىلىۋاتقان ۋە تارقىتشقا ئۇرۇنىۋاتقان ئاياللار ئەركىنلىكى ئاساسەن قالايمىقان جىنسى ئەركىنلىك بولۇپ تار دائىرىدە چەكلىنىپ تۇرۇپ قالماقتا.

2003 – يىلى 11- ئاي ئىچىدە ئاياللار ئەركىنلىكىنى دەۋا قىلىدىغان ۋە ئەركىنلىكنىڭ مەيدانى دەپ تونۇلغان فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ياغلىق سالغان مۇسۇلمان قىزلارنى مەكتەپتىن چىكىندۈرگەن، گىرمانىيەنىڭ بافارىيا ۋىلايىتى بولسا ھىجاب ئاتقان خانىملارنى دەرس ئۆتۈشتىن چەكلىگەن. لىكىن گىرمانىيە ئالى سوت مەھكىمىسى : خالىغان ئاياللار ھىجاب سىلىش ھوقۇقىغا ئىگە دەپ ھۆكۈم چىقارغان. فىرانسىيە زۇڭلىسى :" ھىجاب( ياغلىق) سالغان قىزلارغا فىرانسىيە مەكتەپلىرىدە ئورۇن يوق" دەپ بايانات ئىلان قىلدى. فىرانسىيە زۇڭتۇڭى جاك شىراك: " ھىجاب فىرانسىيە جەمىيتىگە تەھدىت سىلىۋاتقان مەدەنىيەت رىقابىتى، بۇنى كەسكىنلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلماق لازىم دەپ تەكىتلىگەن". ئاياللار ئەركىنلىك مەشئىلىنى كۆتۈرۋالغان ئامىرىكىمۇ بىر قانچە قىزلارنى ياغلىق سەۋەبىدىن مەكتەپتىن ئاجىرتىۋەتكەن، ياغلىق سالغانلىق سەۋەبىدىن مۇسۇلمان ئاياللار ھازىرغىچە ئاھانەتكە ئۇچىرماقتا.

ئاياللار چىچىنى ئوچۇق قويۇش بىلەن ھىجاب سىلىش ئارلىقىدا نىمە توسالغۇ بار؟ ئاياللار چىىچىنى ئوچۇق قويۇپ يۈرسە كاللىسى بەك ئىشلەيدىغان بولۇپ كىتەرمۇ؟

ئەركىنلىك ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ئەمەسمۇ؟ ئاياللارنىڭ خالىغان ئىتىقادنى قوبۇل قىلىشى، خالىغان ئىشلارنى قىلىش ئەركىنلىكنىڭ قاتارىغا كىرمەمدۇ؟

ئاياللارنى ئازات قىلىش لازىم دەپ چاقىرىدىغانلار، سىلەر ئاياللارنى نىمىدىن ۋە قانداق ئازات قىلماقچى؟

نىمە ئۈچۈن ئەركىنلىك پىشۋالىرى بولغان غەرب ئەللىرى ئاياللارنىڭ يالىڭاچ يۈرىشى ۋە قالايمىقان قىلىقلارنى قىلىىشغا رۇخسەت قىلىدۇيۇ، نىمىشقا بىشىغا رومال سىلىپ ھىجاب ئارتىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ؟ رومال ئارقىدا قىلىشنىڭ سىموۋلىمۇ- يا؟ ئاياللارنى ياغلىق سىلىشتىن چەكلەش ئاياللارنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغقانلىق ۋە ئىرادىسىنى سۇندۇرغانلىق ئەمەسمۇ؟

دىمەك غەرب ئەللىرىدىكى ئاياللار ئەركىنلىكى يالىڭاچلىق ۋە كۆپ ئاشنا تۇتۇش ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت. بولمىسا غەرب ئەللىرىدە ياشايدىغان مۇسۇلمان خانىملارنى ياغلىق سىلىشتىن چەكلىمىگەن بولاتتى.

خىرىستىئان ئاياللىرى ۋە يەھۇدى ئاياللىرى دىنىنىڭ بەلگىلمىسى بويىچە دىنى كىيىملىرىنى كەيسە، بۇئارقىدا قالغانلىق ھىساپلانماي ، ئىپپەت - ھاياسىنى ساقلاش، جەمىەتينىڭ پاك مەنىۋيىتىنى ھىمايە قىلىش ۋە دىنىنىڭ كۆرسەتمىسگە بويسۇنۇش ئۈچۈن بىىشغا ياغلىق سالسا، ئارقىدا قالغانلىق ۋە زۇلۇمغا ئۇچىرغانلىق ھىساپلىنىدىغان ئىككى يۈزلىمە ئۆلچەم نەدە بار؟ غەرب ئەللىرى ئاياللارنىڭ ئىرادىسىنى بوغۇپ، ئۇلارنى قۇل ئورنىغا چۈشۈرۈپ ھەر خىل تەشۋىقات ۋاستىللىرى بىلەن تىنىنى سىتىشقا مەجبۇرلايدىغان ئەھۋال زىكىر قىلىشتىن بىھاجەت. توغرا بىز مۇسۇلمانلار - خۇسۇسەن ئۇيغۇرلار - ئاياللارنى ئازات قىلىشقا مۇھتاج، قانداق ئازات قىلىمىز؟ نىمىدىن ئازات قىلىمىز؟

ئۇيغۇر ئاياللىرى تارىختىن بۇيان غەرب ئاياللىرىغا ئوخشاش چاكىنىلىشىپ كەتكەن ۋە قۇل ھالىتىكە چۈشۈپ قالغان ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس.

بىز ئاياللارنىڭ جىسمى ۋە ئەزالىرىنى ئىچىش ئارقىلىق ئازات قىلىشقا مۇھتاج ئەمەس. ئۇيغۇر ئاياللىرىدىكى ھايا ۋە ئىپپەت نۇمۇسسىنى قوغىدىغانلىق، ئىلگىرى ياكى يىىقىنقى زاماندا بولسۇن جەمىيەتكە ياراملىق ئوغۇللارنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرگەن. ئەگەر ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ چاكىنلىشىپ كەتسە، تارىختا يەنە بىر قىتىم مەھمۇد قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىبلار مەيدانغا قەتئى كەلمەيدۇ.

ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەزالىرىنى ئىچىشقا ئەمەس، بەلكى ئەقلى ، ئوي- تەپەككۈرى، ئىديىسى، ھايات كۆز قارىشىنى ئىچىپ، مەدەنىيەت سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە مۇھتاج. ئاياللارنى نادانلىق، بىلىمسىزلىك، جاھىللىق، -دىننىڭ كۆرسەتمىسى بولمىغان- خۇراپات ۋە ئەپسانىلەردىن، جاپاكەشلىكتىن ۋە جاھالەت كۆز قاراشلىرىدىن ئازات قىلايلى. ئاياللارنىڭ جىسمى ئازات قىلىشقا مۇھتاج ئەمەس. ئەخلاقى چاكىنا ئۇيغۇر قىزلىرىنى بولسا ناپاك قىلمىشلاردىن، ئەخلاقسىزلىقلاردىن ئازات قىلىپ، مەدەنىيەتلىك ۋە غۇرۇرلۇق ئاڭغا ئىگە قىلىش ئارقىلىق ئازات قىلايلى.

ناپاك قەلب ۋە قالاق ئىدىيەنى ئازات قىلماي تۇرۇپ مەۋجۇدلىقنى ساقلاش مۇمكىن ئەمەس. بۇ ناھايىتى روشەن مەسىلە.

ئىسلام دىنى ئاياللارنى 14 ئەسىر بۇرۇن مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرجىدە، ئاپىلىق، ئاياللىق، ئاچىلىق ۋە سىڭىللىق كارامىتى ۋە ھۆرمىتى بىلەن ئازات قىلىپ بولغان.

خۇلاسە شۇكى، ئاياللار چىچىنى ۋە ئەۋرەت ئەزالىرىنى ئىچىشقا ئەمەس، بەلكى ئەقلى ۋە ئىنسانپەرەرلىكىنى ئىچىشقا مۇھتاجدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن زىيالىرىمىز ئىڭىدا شۇبھى بولۇۋاتقان بىر قانچە نۇقتىلار ئۈستىدە قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتىمەن:

خىزمەت ئەركىنلىگى[تەھرىرلەش]

ئىسلام دىنى ئەرلەرگە مۇباھ قىلغان قانۇنلۇق ئىشلارنىڭ ئۆزىنى ئاياللارغىمۇ مۇباھ قىلدى. ئەرلەرگە ھارام قلىغان قەبىھ ئىشلارنىڭ ئۆزىنى ئاياللارغىمۇ ھارام قىلدى.

ئاللاھ تائالا ئەر ۋە ئاياللارنىڭ خىزمەتلىرىنى ئورۇنلىشى ئۈچۈن ئىستىلى ۋە ئىجتىمائى ئەدەب- ئەخلاقلارنى بەلگىلىدى.

مەسىلەن، ئاللاھ تائالا ئاياللارنىڭ ئىپپەتلىك كۆرنىشىگە رىئايە قىلىشنى پەرز قىلدى ۋە يات ئەرلەر بىلەن خالى تۇرۇپ قىلىشنى ھارام قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ئىپپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىش ھەرىكەت ياكى خىزمەتلەرنى قىلىشى توغرا بولمايدۇ. شۇنداقلا ئەرلەرنىڭمۇ ئىپپەتلىك يۈرمەيدىغان ئاياللار بىلەن بىر ئورۇندا خىزمەت قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ. ئەر ۋە ئاياللارغا ئوخشاش قارىتىلغان بۇ چەكلىمە يوقالسا، ئاياللار - سانائەت، يىزائىگلىك ، تىجارەت..... كە ئوخشاش - قانۇنلۇق خىزمەتلەرنى قىلسا بولىدۇ. بىراق خىزمەتلەر ئائىلە ۋە جەمىيەتنىڭ تەلىپىنىڭ تەقەززاسى بىلەن ئۈسسۈشۈپ قالغاندا، قايسى مۇھىم ئورۇندا تۇرسا شۇنى قىلىشتىن ئىبارەت قائىدىگە رىئايە قىلماق لازىم.

بىر قانچە پەرزەنت كۆرگەن ئايال، جەمىيەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە دۈچ كىلىدۇ، بىر ۋاقىتتا ھەممىسىنى كۆتۈرۈپ كىتىشكە قادىر بولالمايدۇ. مەسىلەن: يولدىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىش، بەخىت- سائادەتنىڭ دەرۋازىسىنى ئىچىىش تەرەپتىن تەلەپ قىلىنسا، يەنە بىر تەرەپتىن پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيلەشتىن تەلەپ قىلىنىدۇ، شۇنداقلا سەۋىيلىك بولۇش ھۆكمى بىلەن ئۆزىگە مۇناسىپ خىزمەت تاللاپ جەمىيەتكە ھەسسە قوشۇش تەرەپتىن تەلەپ قىلىنىدۇ.

ۋاقىت بۇ خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر ۋاقىتتا ئورۇنداشقا ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن!.

شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىمىنى بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسىگە رىئايە قىلمىقى لازىم بولىدۇ. ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ياراملىق قىلىپ تەربيىلەپ چىقىشىقا ھەرىكەت قىلىشى، جەمىيەتنى گۈللەندۈرۈشكە ئالاھىدە ھەسسە قوشقانلىق بولىدۇ. چۈنكى ئائىلىنىڭ ياخشى بولۇشى جەمىيەتنىڭ ياخشى بولۇشىغا ئالاقىدار، ئائىلە بۇزۇلسا، قالايمىقانچىلىق بورانلىرى جەمىيەتنى ۋەيران قىلىۋىتىدۇ.

ئەملىيەت نۇقستىدىن ئىلىپ ئىيىتقاندا، ئاپا بولغۇچى ئائىلە خىزمىتى بىلەن مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائى خىزمەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئىلىپ مىڭىشتىن ئاجىز كەلسە، مۇھىم ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلىش قائىدىسىگە ھىرىس بولۇپ ئائىلىگە كۆڭۈل بۆلىشى زۆرۈر.

ئايال ھەر قانداق ئەھۋالدا ئائىلىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە بۇزۇلۇش ئامىللىرىدىن ئائىلىنى قوغداشتىن مەسئۇل بولىدۇ. گەرچە بۇ ئىش ئورتاق مەسئۇلىيەت بولسىمۇ، ئاپىلاردىن باشقىلار ئورۇندىيالمايدىغان نازۇك ۋە سەزگۈر ۋەزىپىلەر مەۋجۇت.

تۇرمۇش ئۈچۈن جاپا چكىش، ئاپىلارنىڭ بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۆتەشتىن توسۇپ قويىدىغان چوڭ توسالغۇلاردىن بىرسى بولغانلىقى ئۈچۈن، شەرىئەت بۇ توسالغۇنى ئاياللارنىڭ يولىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۇنى ئەرلەرگە يۈكلىدى. ئەرلەرنىڭ ئائىلىنىڭ بەخىتى ئۈچۈن ۋە مۇناسىپ تۇرمۇش سەۋىيىگە يىتىشى ئۈچۈن جان چىكىپ خىزمەت قىلىش ۋاجىبتۇر.

بۈگۈنكى غەرب جەمىيتىگە نەزەر تاشلاپ بىقىڭ، قارسىڭىز غەرب جەمىيتىنىڭ، ئائىلىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى تۈپەيلى قانچىلىك بەخىتسىز ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىز!. ئائىلە ئەزالىرى ئارسىدىكى ئالاقىنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقى، ئالاقىنىڭ ئۈزۈلىشىگە سەۋەب بولدى. چۈنكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزىدىن ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ھەر بىرىسى ئۆزى ئۇمىد قىلغان تۇرمۇشىنى ئىزدەيدۇ. ھەر بىر ئەزالارنىڭ باشقىلاردىن ئايرىم ھالدا شەخسى تۇرمۇشى يولىدا يۈگۈرىشى ئائىلە تۇققانچىلىق رىشتىسىنى ئۈزۈپ تاشلىدى.

بۈگۈن غەرب ئەللىرى، بىسىمى ئاستىدا ئىڭىراۋاتقان تىراگىدىيەنىڭ سۈرىتى ۋە مەزمۇنى بار. لىكىن ئىككىسىنىڭ ئارسىدا زىددىيەت بار.

ئەمما شەكلى، غەرب ئاياللىرى بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئىقتىسادى مۇستەقىللىقتۇر... بۇ شۇئار بىلەن بۈگۈنكى ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى ئالدانماقتا.

ئەمما مەزمۇنى، ئەر ئايال كىشىنى- ئۆزىنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن- ئۆينىڭ سىرتىدا خىزمەت قىلىىشغا- گەرچە بۇ ئىش جاپالىق ئىشلارنىڭ قاينىمىدا ئاياللىقىنى يوقتىشقا ئىلىپ بارسىمۇ- مەجبۇرلاپ بوزەك قىلىشتۇر. ئەر ئايالنى خىزمەت قىلىشقا قىستاپ ئاپىلىق ۋەزىپىسىدىن چىكىنىشكە ۋە ئائىلىىسغا كۆڭۈل بۆلۈشتىن يىنىشقا مەجبۇرلايدۇ. ئەگەر ئايال كىشى خىزمەت سەۋەبىدىن ئىچى سىقىلىپ، بۇ زۇلۇمغا ئىتىراز ئىلان قىلغان ۋاقتىدا، ئايال كىشى تالاق قىلىنغان ئاياللار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. غەرب ئەللىرىدە مۇنداق ئىشلار ناھايىتى كۆپ.

ئەمما ئىسلام دىنى ئاياللارنى ئاياللىق مەملىتىكىتىدە قوغىدىدى، ئاياللارغا بەخىتلىك ئائىلىدە ياخشى بىر ئەزا بولۇشى ئۈچۈن ئەۋزەل يوللارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئاياللىق تەبئىتىگە مۇناسىپ ئىجتىمائى خىزمەتلەر ۋە پايدىلىق ئىشلارغا قاتنىشىقا يول ئىچىپ بەردى.

گىرمانىيەلىك مەشھۇر يازغۇچى " ئىستىرفىلار" خانىمنىڭ دىگەن سۆزىنى ئاڭلاپ بىقىڭ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

" ئايال كىشىنىڭ ئەرلەرگە ئوخشاش خىزمەتكە چىقىشى، ئايال كىشىنىڭ مۇكەممەل بىر ئائىلىنى يالغۇز كۆمۈۋەتكىنىگە ئوخشايدۇ. گەرچە ئاياللارغا ھەر قايسى ساھەلەردە خىزمەت قىلىش يىرىم ئەسىردىن بۇيان ئوچۇق بولسىمۇ، ھازىرغىچە ، بىر ئايالىنىڭ ئۆمۈر بويى – ئائىلىسىنى تەمىنلەش يۈزسىدىن- ئۆزلىگىدىن ئىختىيار قىلىپ خىزمەت قىلغىننى ئاڭلاپ باقمىدۇق". دىمەك، ئاياللار تەبئىتىگە مۇناسىپ خىزمەت قىلىپ، جەمىيەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشى ۋاجىب. ئەمما خىزمەت قىلىش سەۋەبىدىن ئىتىقادىغا ۋە ئەخلاقىغا تەسىر يەتكۈزۈدىغان ئىشلاردىن يىراق بولۇشى لازىم.

سىياسى ھوقۇقى[تەھرىرلەش]

باشتا، ئىنسان سىرىتقى ئەركىنلىككە ئىگە دىگەن سۆزىمىز، ئاياللارنىڭ خىزمەت قىلىش ئەركىنىلىكىگە مۇناسىپ كەلگىنىدەك، ئاياللارنىڭمۇ سىياسى پائالىيەتلەرگە قاتىنىششىغا مۇناسىپ كىلىدۇ. "خەلىفىلىك" تىن ئىبارەت دۆلەت رەئىسلىكىنى ھىساپقا ئالمىغاندا، ئىسلام شەرىئىتىدە باشقا سىياسى خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەر ۋە ئايالغا ئوچۇق ۋە دائىرىسى كەڭرى. ( نىمە ئۈچۈن ئاياللارمۇ خەلىفە بولۇپ دۆلەتنىڭ رەئىسى بولۇشتىن مەھرۇم قالغان دىگەن مەسىلىنى ئايرىم تەپسىلى توختۇلۇپ ئۆتىمەن).

دۆلەتنىڭ رەئىسلىكىدىن ئىبارەت بۇ مەسىلىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقتىمىزدا، باشقا سىياسى ۋەزىپىلەردە ئەرلىك ياكى ئاياللىققا كىرىش ئىغىزى يوق.

مەسىلەن؛ دۆلەتنىڭ رەئىسى، پارلامىنت ئەزالىرى، كىڭەش پالاتىسىغا ئوخشاش ئورگانلارغا سايلىنىدىغانلار – مۇستەبىدلارنى ھىسابقا ئالمىغاندا- پۇخرالارنىڭ ئاۋاز بىرىشىگە ۋە قوللىشىغا مۇھتاج. ئىسلام دىنىدا قوللاش مەسىلىسى " بەيئەت" دەپ ئىپادىلەنگەن.

بەيئەت قىلىش سىياسى خىزمەت قاتارىغا كىرىدۇ، ئۇ دىنى مەجبۇرىيەت ئەمەس. بىراق بۇ " بەيئەت" قىلىشتىن ئىبارەت سىياسى خىزمەتنى دىن بۇيرۇيدۇ. بۇ خىزمەتنى ئورۇنلاشتا ئەر ۋە ئاياللار ئورتاق ئورۇن ئالىدۇ.

ئىلگىرى پارلامىنت ئەزالىرى سايلانماي، دۆلەت رەئىسى تەرەپتىن تاللىناتتى. لىكىن دۆلەت خەلققە تاللاش ھوقۇقىنى بەرسە – بۇ شەرئى تەرەپتىن تەشەببۇس قىلىنىدۇ- تاللاش خىزمىتىدە ئەر ۋە ئاياللار ئوخشاش بولىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا سۈپەتلىرى بىلەن بىرلىكتە- دۆلەتنىڭ رەئىسى ئىدى، بۇ رەئىسقا ئاياللارنىڭ بەيئەت بەرگەنلىكى ناھايىتى مەشھۇر، ئۇنداقتا ئاياللارنىڭ پارلامىنت ئەزالىرىنى تاللاشقا قاتىنىشش ھوقۇقى بار.

ئاياللارنىڭ - قانداق شەكىلدە بولسۇن- كىڭەش مەجلىسىگە قاتىنشىىشى مەسىلىسىگە كەلسەك، دۆلەت – شەرىئەتتە ھۆكۈم كەلمىگەن- ئىجتىھادى ھۆكۈم ۋە قارارلىرىنىڭ ھەممىسىدە كىڭەش قىلىشقا تايىنىش پىرىنسپى شەرئى ۋاجىب ئىش بولۇپ، دىننىڭ مۇستەھكەم ئاساسىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

خەلق ئاممىسى ئەر ۋە ئايالدىن تەركىپ تاپىدۇ، كىڭەش ھەققى بولسا ئاللاھنىڭ ھۆكمى بىلەن مۇقىم مەسىلە.

"ھۇدەيبيە" سۇلھىسىدە رەسۇلۇللاھ ساھابىلارنى قۇربانلىق قىلىپ، بىشڭلارنى چۈشۈرۈپ ئىھرامدىن چىقىپ كىتىڭلار دىگەندە ، ئۇلار سۇلھىگە كۆڭلى رازى بولمغانلىقتىن جىم تۇرۋالىدۇ. ئۇممە سەلىمە خانىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىشىغا كىرىپ، يول كۆرسىتىدۇ، رەسۇلۇللاھ ئۇ خانىمنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئۆزى ئاۋۋال قۇربانلىق قىلىپ، ئىھرامدىن چىقىپ كىتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆز ۋە ئىش ھەرىكەتلىرىدە تەجىربىلىك ۋە ھىكمەتلىك تۇرۇپ بىرئايالنىڭ مەسلىھەتىنى قوبۇل قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ.

ھەزىرتى ئۆمەر قىيىن مەسىللەرگە دۈچ كەلكەندە ياش يىگىتلەرنى چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆتكۈر ئەقلىدىن پايدىلناتتى ۋە ئاياللاردىن مەسلىھەت سورايدىغان ئىدى. ئۇ كۆپىنچە ھەزىرتى ئائىشىدىن مەسلىھەت تەلەپ قىلاتتى.

ھەزىرتى ئۆمەر، ئۇرۇشقا چىقىپ كەتكەن بىر ئەر ئايالىغا يىقىنلاشماي قانچىلىك چىدىيالايدىغىننى قىزى ھەزىرتى ھەفسىدىن سوراپ، شۇ بويىچە بۇيرۇق چىقارغان ئىدى. كاتتا ساھابىلار ئاياللاردىن كىڭەش تەلەپ قىلشاتتى. ئىسلام دىنىدا ئاياللار كىڭەش ئىشىلىرىدىن يىراق تۇرسۇن دەپ، ئاياللارنى بۇ سىياسى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىدىغان پەرمان يوق.

ئەمما " ئاياللاردىن مەسلىھەت سوراپ، ئەكسىنى قىلىڭلار" دىگەن ھەدىس ئويدۇرما گەپ بولۇپ، شەرىئەتتە ئاساسى يوق قۇرۇق گەپ.

جۇمھۇر ئالىملار ، كىڭەش پەتىۋا بىلەن بىر نۇقتىدا ئۇچىرشىدۇ دەپ قارايدۇ. يەنى كىمنىڭ شەرتلىرى تىپىلىپ پەتىۋا بىرەلىسە، مەسلىھەت كۆرسەتسە بولىدۇ. پەتىۋا بىرىش ئىشى ئەرلەرگە خاس ئىش ئەمەس.

( ماۋرىدىنىڭ : قازىنىڭ ئەدەپ- ئەخلاقى نامىلىق كىتاۋىغا قاراڭ).

كىڭەش قانداق شەكىلدە بولسۇن، پارلامنتنىڭ ئاپراتلىرى تەرەققى قىلىپ كەتسۇن، ئۇ ھەقىقەتكە يىتىشتىكى ھەمكارلىق كۆرنىشلىرىنىڭ ئاساسلىق كۆرنىشىدۇر.

ئەر- ئايال مۇسۇلمانلار سىرىتقى كۆرنىشى سىياسى، مەزمۇنى تەرەپتىن كۆپىنچە دىنى، ئىجتىمائى ۋە ئىقتىسادى بولغان بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئىلىشتا شىرىك. ئىسلام دىنى ئاياللارنىڭ سايلامچىلارنى سايلىشىنى چەكىلىمىگەن يەردە، ئاياللارنىڭ سايلامغا ئۆزىنى نامزات كۆرسىتىشىنى چەكلەمدۇ؟ خەلققە ۋەكىل بولۇش ئاساسەن ئىككى نۇقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

بىرىنچى: قانۇن ۋە تۈزۈملەرنى يولغا قويۇش،

ئىككىنچى: كۈزتۈش: يەنى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۈزتىش.

قانۇن چىقىرىش مەسىلىسدە ، ئايال كىشى قانۇن چىقىرىش كومتىتىدا خىزمەت قىلىىشنى چەكلەيدىغان پەرمان يوق. چۈنكى قانۇن چىقىرىش جەمىيەتنىڭ ئىھتىياجىنى بىلىشكە مۇھتاج بولىدۇ. جەمىيەتنىڭ نىمىگە مۇھتاجلىقىنى بىلىشتە ئەر ۋە ئايال ئورتاق.

ئەمما ئىجرائىيە ھەيئىتىنى كۈزتۈش مەسىلىسگە كەلسەك، بۇ ئىش ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇش قاتارىغا كىرىدۇ. بۇ ئىشتا ئەر- ئايال يەنە ئورتاق. ئۇنداق بولغاندا ئايال كىشى پارلامىنتقا سايلامچى ياكى نامزات بولۇپ كىرسە توغرا بولىدۇ.

مىنىستىرلىككە ئوخشاش سىياسى ۋەزىپىگە قارىتا، پىرىنسىپ ۋە ئىختىساس تەرەپتىن لاياقەتلىك بولۇپ، ئىستىلى جەھەتتە شەرئى ئۆلچەمگە رىئايە قىلالايدىغان ئايال كىشى بۇ ۋەزىپىنى ئۆتىسە شەرئى تەرەپتىن چەكلەيدىغان نەرسە يوق.

ئەمما :" ئۆزىنىڭ ئىشلىرىغا ئايال كىشىنى مەسئۇل قىلغان كىشى نەتىجە قازنالمايدۇ" دىگەن ھەدىستىكى چەكىلمە، دۆلەتنىڭ رەئىسلىكىگە خاس مەسىلە. ئۇندىن باشقا سىياسى ۋەزىپىلەر توغرىسىدا چەكلەيدىغان ھۆكۈم كەلگەن ئەمەس. باشقا ۋەزىپىلەر لاياقەتلىك بولۇش شەرتى بىلەن مۇباھ قاتارىغا كىرىدۇ.

خۇلاسە: بۇ ۋەزىپىلەرگە سايلامغا چۈشىدىغان ئايال كىشى، تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلالىغىدەك لاياقەتلىك بولۇشى لازىم.

شۇنداقلا، ئەخلاقى ۋە ئىستىلىغا تەسرى كۆرىسىتىدىغان مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالماسلىق كىرەك.

بىزنىڭ بۇ دىگىنىمىز ئىسلام مۇھىتىدىكى ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ئىكەنلىگىنى ئۇنتۇپ قالماڭ!.

ئاياللارنىڭ ئىجتىمائى ھوقۇقى:

ئىجتىمائى ھوقۇقتىن مەقسەت، دىنى ياكى دۇنيالىق تەرەپتە جەمىيەتكە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان خىلمۇ- خىل پائالىيەتلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ئاياللار شەرىئەت بۇيرۇغان ئەدەب- ئەخلاقلارغا رىئايە قىلىسا، ئىجتىمائى پائالىيەتلەردە ئەر ۋە ئايال ئارسىدا پەرق تىپىلمايدۇ.

رەسۇلۇللاھ دەۋرىگە نەزەر تاشلاپ باقايلى:

1. جەمىيەتكە دىنى ۋە دۇنيالىق تەرەپتە پايدا يەتكۈزىدىغان ئىجتىمائى ياخشىلىقلارنىڭ ئوبرازلىقراقى ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن بىرلىكتە مەسجىدتە ناماز ئوقۇشقا قاتنىشىدۇر. رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە مەسجىد ئەرلەرگە خاس قىلىنغان ئەمەس، بەلكى ئاياللارمۇ ئورتاق بولۇپ، مەسجىد ئەر ۋە ئاياللار بىلەن توشۇپ تۇراتتى.

مۇسۇلمانلارنىڭ مەسجىدتە جامائەت نامىزى ئوقۇپ ئۆز- ئارا ئۇچىرشىشى خىلمۇ- خىل پائالىيەتلەرگە قەدەم بىسىشىنىڭ مۇقەددىمىسدۇر.

2. رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە دىننىڭ ھۆكۈملىرى ۋە پىرىنسىپىلىرىنى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن تەييارلانغان ئىلىم سورۇنلىرى ۋە مەرىپەت ھالقىللىرى ئەرلەرگە خاس ئەمەس ئىدى. ئاياللار كۆپ ساندا قاتنىشاتتى.

بىلىم ئاشۇرۇش ساھەسىدە ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن بەسلەشكەنلىگى، ئاياللارنىڭ تەلىم- تەربىيە ۋە دەرىس ئۈگۈتۈش سورۇنلىرىدا ئولتۇرغانلىقى كۆرۈلدى.

بىر خانىم رەسۇلۇللاھنىڭ قىىشغا كىلىپ:" ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ، ئەرلەر تەلىم- تەربىيە ساھەسىدە ئىلگىرىلەپ كەتتى، بىزگىمۇ ئايرىم بىر كۈن بەلگىلەپ بەرگەن بولىسلا ، سىلدىن بىلىم ئىگلىسەك دىدى، رەسۇلۇللاھ :" پالانى كۈنى پالانى ۋاقىتتا يىغىلىڭلار دەپ، ئۇلارغا دىننىڭ ھۆكۈملىرىنى ئۈگۈتۈپ قويغان". بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسشۇناس زەھەبى: " ھەدىس رىۋايەت قىلغان ئاياللارنىڭ بىرەرسىنىڭمۇ يالغان سۆزلىگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات يوق" دىگەن.

ئىمام شەۋكانى ئيىتقان:" ئالىملار ئاياللار رىۋايەت قىلغان بىرەر ھەدىسنى ئايال رىۋايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن قايتۇرۋەتكەن ئىش مەۋجۇت ئەمەس".

ئىمام زەھەبى " ئۇلۇغۇلارنىڭ تەرجىمھالى" نامىلىق كىتاۋىدا: " كىشلەرنىڭ ئىلىمىنىڭ ھەممىسى بىلەن ھەزىرتى ئائشىنىڭ ئىلمىنى سىلىشتۇرغاندا، ھەزىرتى ئائىشىنىڭ ئىلمى كەڭرەك" دىگەن.

يىقىنقى بىر قانچە ئەسىردىن بۇيان ئاياللارنىڭ بىلىم- ئىگلەش ئەھۋالى ناچار بولغان. بەزىلەر، ئايال كىشى بىلىم ئاشۇرۇش سورۇنلىرىغا قاتناشسا بولمايدۇ، ئاياللارنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش مەسىلىسىنى داداىسى ۋە يولدىشى ھەل قىلىدۇ دەپ گۇمان قىلىشىدۇ. قىزنىڭ دادىسى ياكى يولدىشى ساۋاتسىز ياكى نادان بولۇپ قالسا، قىزلار بىلىم نۇرىدىن ۋە ھايات چۈشەنچىسىدىن مەھرۇم قالىدۇ.

3. ھەر خىل مۇناسىۋەتتىكى يىغلىشلىرى، توي سورۇنلىرى.... غا قاتىنىشىش:

ئاياللار يات ئەرلەردىن نىرى تۇرۇشى كىرەك، ھىجاب پەرز دەپ ئاڭىلغان كىشلەر ، مۇسۇلمان خانىملارنى رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە ئۆيىلىرىگە سولۇنۇپ ئولتۇراتتى، ھەر خىل سورۇنلار ئەرلەرگە خاس ئىدى دەپ خىيال قىلىپ قالىدۇ.

رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە ئاياللار ئەدەپ- ئەخلاق ئىچىدە جەمىيەت ۋە ھەر خىل يىغىلىشلاردا كۆرۈنەتتى، ئادا قىلالايدىغان ئىشلارنى- پايدىلىق ئىشلار بولسىلا - بىجىرىدىغان ئىدى. خانىملار ئەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇشلارغا قاتنىشىپ، سىستىرالىق خىزمەتلىرىنى ئۆتەيتتى، ۋاقتى كىلىپ قالسا قولىغا قورال ئىلىپ جەڭ قىلاتتى.

4. ئاياللارنىڭ ھۈنەر- كەسىپ، سانائەت ۋە ھەر تۈرلۈك ماھارەتلەرگە قاتىنىشى:

ھۈنەر – كەسىپ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۈرلۈك ماھارەتلەر ئىسلامنىڭ گۈللەنگەن قايسى دەۋرىدە بولسۇن ئەرلەرگە خاس قىلىنىپ، ئاياللار مەھرۇم قالغان ئىش يوق. ئىسلام گۈللەنگەن دەۋىردە مۇسۇلمان خانىملارنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ ئىدى.

خانىملار ئىلىم- سىتىم ئىشىلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتى، ئۆزى خالىغان ماھارەتلەر بىلەن شۇغۇللىناتتى، قولايلىق بولغان قول- ھۈنەرۋرەنچىلىك كەسىپلىرىگە قاتنىشاتتى.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ ئايالى ھۈنەرۋەن ئايال ئىدى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ قىشىغا كىلىپ: يولدىشىمنىڭ تۈزۈك مال – مۈلىكى يوق، مەن ئۇنىڭغا نەپىقە بەرسەم ( يەنى ئۇنىڭ چىقىمىنى كۆتۈرۈپ ھالىدىن خەۋەر ئالسام) قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىسام، رەسۇلۇللاھ : " سەن بۇ ئىشىڭ بىلەن ساۋابقا ئىرشىسەن " دىگەن. ئىبنى ماجە رىۋايىتى.

تونۇشلۇق ساھابە " ئۇممۇ شەرىك" خانىم ئۆيىنى مىھمانخانا قىلغان ئىدى، مۇھاجىرلار ۋە باشقىلار بۇ ئۆيگە مۇساپىر بولۇپ قونىشاتتى.

سۆزلەپ كەلسەك مىساللار ناھايىتى كۆپ. ئۇنداقتا ئىسلام دىنى ئىجتىمائى خىزمەت دەرۋازىسىنى بىردەك ئەر ۋە ئاياللارغا ئوخشاش ئىچىۋەتكەن، ئەرلەرنى كەڭرى قويۇپ بىرىپ، ئاياللارنى سىققان ئىش مەۋجۇت ئەمەس.

ئىسلام تۈزۈمى ئاياللارنىڭ ئىھتىياجىغا كىپىل بولدى. ئۇنىڭدىن سىرىت ئىجتىمائى خىزمەتلەر ۋە پائالىيەتلەرنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى. ئاياللارنىڭ خىزمەت قىلىش ياكى قىلماسلىق ئىختىيارى، يولدىشىنىڭ خىزمەت قىلىشقا زورلاش ھەققى بولمايدۇ. خىزمەت قىلىپ قالسا ئۆزىگە مۇناسىپ خىزمەت تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە.

ھازىر خەلقئارادا بەزىلەر ئادەمبومبا ۋە تېررورىزم قالپىقىنى ئىسلام دىنىغا تېڭىۋاتىدۇ، بۇ تولىمۇ ئادالەتسىزلىك. ئادەمبومبا ئۆلىۋېلىش ۋە قاتىللىق قىلمىشى بولۇپ، ئىسلام دىنى قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. شۇڭا بىن لادىن ۋە «11-سىنتەبىر» ۋەقەسىنىڭ ئاساسىي جىنايەتچىلىرى ھەقىقىي مۇسۇلمان ئەمەس. يەنە بەزىلەر جىھات ئۇقۇمىنى خاتا چۈشىنىپ، جىھادنى ئۇرۇش دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە «جىھاد» سۆزىنىڭ ئەسلىي مەنىسى «كۈچىنىڭ بارىچە»، «كۈرەش» بولۇپ، «ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلىش» مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ، ئىسلام دىنىنى تارقىتىش يولىدىكى بارلىق تىرىشچانلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «قۇرئان»دا ئەڭ دەسلەپكى مۇسۇلمانلار ۋە كۆپ خۇدالىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن « ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيىتىڭلارنى، ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» دېيىلگەن ھەم «جىھاد» مۇھىم دىنىي مەجبۇرىيەت قىلىپ بېكىتىلگەن. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە «سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ»، « ئەگەر ئۇلار تىنچلىققا مايىل بولسا، سەنمۇ تىنچلىققا مايىل بولغىن، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن» دېيىلگەن.

بۇ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىغا ئاساسەن، ئىسلام دىنى تەھدىت ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرىدۇ، غەرەزلىك ئادەم ئۆلتۈرۈش، بالايى ئاپەت تېرىش، قالايمىقانچىلىق چىقىرىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى چەكلەيدۇ، چۈنكى ھېچقانداق ئادەمنىڭ شەخسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنى تارتىۋېلىش ھوقۇقى يوق. تىنچلىق ئىسلام دىنىنىڭ مەڭگۈلۈك چوڭ پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى، «قۇرئان» ۋە «ھەدىس»تە تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىنىدۇ، يات دىندىكىلەر ۋە ئاتىزىمچىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ، كىشىلەرنى تىنچ دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئۈندەيدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، ئىسلام دىنىنىڭ ماھىيىتى تىنچلىقسۆيەرلىك.

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام دىنى[تەھرىرلەش]

ئىسلام دىنى ئەرەبىستاندا مىلادى 610 - يىلدىن باشلاپ بارلىققا كەلگەن. ئۇ، زامانىۋى دىنلار ئىچىدە بىر قەدەر كېيىن مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، ناھايىتى كەڭ تارقالغان دىنلاردىن بىرى، ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار ئىچىگە كەڭ تارقالغان دىنلاردىن بىرى. ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار ئىچىگە Ⅹ ئەسىردىن ئېتىبارەن تارقلىشقا باشلاپ 15 - ئەسىردىن كېيىن بۇددا دىنى قاتارلىق دىنلار سىقىپ چىقىرىپ، ئاندىن ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا ئۆتۈش بىلەن پۈتۈن مىللەت دىنىغا ئايلاندى. ئىسلام دىنى ئۆز دەۋرىدىن باشلاپ ئەسىرىمىزنىڭ 50 - يىللىرىغا قەدەر بولغان ئۇزۇن تارىخىي جەريان ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەممە ساھەسىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىردى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام ئەقىدىلىرىنىڭ بىر قىسمى قەدىمكى ئادەت - ئەنئەنىلىرىمىز بىلەن مۇجەسسەملىشىپ مىللىي ئادىتىمىزگە ئايلىنىپ كەتكەن بولسا، بىر قىسمى گەرچە مىللىي ئادەت شەكلىدە ئىپادىلەنسىمۇ يەنىلا نوقۇل دىنىي خاراكتېرىنى ساقلىغان ھالدا بۈگۈنگە قەدەر ئوتتۇز كۈن روزا تۇتۇش، ھەج قىلىش، نىكاھ ئوقۇش، مېيىت نامىزى چۈشۈرۈش قاتارلىقلار ئەنە شۇنداق نوقۇل دىنىي خاراكتېردىكى ئادەت پائالىيەتلىرىدىن. بۇنىڭدىن باشقا 50 - يىللاردىن بۇرۇن يىلىغا ئۆشرمزاكات بېرىش ئادىتىمۇ داۋاملىشىپ كەلگەنىدى. ئۆشرمزاكات ئەمەلىيەتتە خەلق ئۈستىدىكى دىنىي باج - سېلىق بولغاچقا، ئازادلىقتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان دېموكراتىك ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

ئىسلام دىنى <تەقدىر ئىلاھلىق> يادرو قىلىنغان بىر ئىلاھلىق دىن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ۋەكىللىكىدىكى دىنلار ئەھكاملىرىنىڭ قىسمەن ئەقىدىلىرى بىلەن شامان، بۇددا دىنلىرىنىڭمۇ قىسمەن ئەقىدىلىرى سىڭگەن. مەسىلەن، <ئادەم تۇپراقتىن يارالغان>، <ئادەم ئۆلسىمۇ روھى ئۆلمەيدۇ>، <جەننەت - دوزاخ> مەۋجۇتلۇقى، جانلىقلارنى ئۆلتۈرمەسلىك قاتارلىق ئەقىدە - قاراشلار ئاشۇ دىنلارنىڭ ئاساسلىق ئەھكاملىرى جۈملىسىدىن.

ئىسلام دىنى ھازىرقى زامان دىنلىرى ئىچىدە بىر قەدەر كېيىن مەيدانغا كەلگەن. ئۇمۇ ئۆزىدىن بۇرۇنقى دىنلارغا ئوخشاش تەرەققىيات جەريانىدا نۇرغۇن مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. بۇ مەزھەپلەر ئىچىدە سۇننى، شىئە مەزھىپى تەسىرى چوڭ مەزھەپلەردىن بولۇپ، بۇ مەزھەپلەردىنمۇ يەنە نۇرغۇن مەزھەپلەر كېلىپ چىققان. ئۇيغۇرلار سۇننى مەزھىپىدىن كېلىپ چىققان ئىمام ئەزەم مەزھىپىگە ئەمەل قىلىدۇ. كېيىنكى دەۋرلەردە بۇ مەزھەپتىن ئىشانلار، غوجىلار مەزھىپى كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدە بىر مۇددەت ئۇنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولغان، بۇلار كۆرۈنۈشتە ئاللاھنىڭ بىرلىكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرھەقلىقىنى تەكىتلىسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئىنكار قىلىپ ئۆزلىرىنى ئىلاھلاشتۇرۇپ كۆرسىتىدۇ.

ئىشانلار (<ئىشان> ئەرەبچە، توغرا يولغا باشلىغۇچى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ) ئۆزلىرىنى توغرا يولنىڭ ۋەكىلى قىلىپ كۆرسىتىپ، بۇ ئالەمدىكى بارلىق راھەت - پاراغەت، جاپا - مۇشەققەت، بايلىق - گادايلىقنى تەقدىر ئىلاھىغا باغلاپ <تەقدىرگە تەن بېرىپ، ئىتائەتمەنلىك، ساداقەتمەنلىك بىلەن ئاللاغا سېغىنىش، تائەت - ئىبادەت قىىش ئارقىلىق ئاللانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىش>، <ئىشانلارغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەر قانداق گۇناھىنى ئاللا مەغپىرەت قىلىپ، ئاخىرەتتە جەننەت ئاتا قىلىدۇ> دېگەن تەشەببۇس بىلەن ئوتتۇرىغا چىقسا، غوجىلار ئۆزلىرىنى مۇھەممەد پەيغەمبىرىمنىڭ <ئەۋلادى> يەنى <سەئىد ئەۋلادى> قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە قول بەرگەنلىك <خۇداغا ئىمان كەلتۈرگەنلىك>، ئۆزلىرىگە ئەگەشكەنلىك <مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يولىدا ماڭغانلىق> دېگەندەك تەشەببۇس بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇلار مۇشۇ يول ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ئىلاھلاشتۇرۇپ كۆرسىتىش بىلەن ئۆزلىرىگە مۇرت توپلاپ، تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۆز ئارا ھوقۇق - مەنپەئەت تالىشىپ، ئاتالمىش <غازات> ئۇرۇشىنى قوزغاپ خەلققە سانسىز ئېغىر كۈلپەتلەرنى كەلتۈرگەن.

ئىشانلار ئۆز تەشەببۇسلىرىنى يولغا قويۇشتا، كۈنىگە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، ئۆشرە - زاكات بېرىشنى ئاشكارا ئىجرا قىلىشنى ھېسابقا ئالمىغاندا قالغان پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئالدىغا مەخسۇس تەشكىلىي تۈزۈم ئارقىلىق مەخپىي ئېلىپ باراتتى. بۇ <سۈلۈك> دەپ ئاتىلاتتى. ئىشانلار ئۆز دائىرىسىنى بىر نەچچە دىنىي رايونغان بۆلۈپ، ھەر بىر رايونغا ئىشان، خەلىپە قاتارلىق خادىملارنى تەيىنلەپ، ئايرىم مەسچىت، خانىغا بىنا قىلىپ، شۇ خادىملارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە شۇ مەسچىت خانىقالاردا پائالىيەت ئېلىپ باراتتى. بۇ خادىملار جايلاردا مەخپىي قەسەمياد قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق مۇرت توپلايتتى. مۇرىت بولغۇچىلار: <مەخپىيلىكىنى ساقلايمەن>، <مال - دۇنيانى، راھەت - پاراغەتنى دوست تۇتمايمەن>، <بەش ۋاخ نامازنى تەرك ئەتمەيمەن>، <كىشى ھەققىنى يېمەيمەن>، <ئەرگە جاۋاب ياندۇرمايمەن> دېگەن مەزمۇندىكى ماددىلارنى ئوقۇپ تۇرۇپ قەسەم بېرەتتى. ئۇلار ھەپتىدە بىر قېتىم تۆۋەت بىلەن ئۆز مۇرتلىرىنىڭ ئائىلىسىدە ناھايىتى سۈلۈك ئۆتكۈزەتتى. شۇڭا ئىشانلار مەزھىپىنىڭ پائالىيىتى ناھايىتى سۈرلۈك تۈس ئالغان. ئازادلىققا قەدەر ئۇلارنىڭ مۇرىتلىرى تەرەققىي قىلىپ 200 مىڭدىن ئاشقان. غوجىلار گەرچە ئىشانلاردەك سىرلىق ھەرىكەت ئېلىپ بارمىسىمۇ، ئىسلامىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدىكى ئۆزىگە خاس تەشكىلىي تۈزۈمى ئارقىلىق ھوقۇق - مەنپەئەت يولىدا، ئىشانلار بىلەن جىددىي رىقابەتلىشىپ كەلدى.

بۇرۇنقى چاغلاردا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئىسلامىيەت تەشكىلىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ھاكىميەت - تەشكىلىي تۈزۈم تۈسىنى ئالغان. ئىپادىسى:

1( ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلار چوڭ يۇرت - شەھەرلەر )قەشقەر، يەكەن، خوتەن، كۇچا، كورلا، تۇرپان، ئىلى قاتارلىق( نى ئاساس قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك؛ ئادەتتىكى ناھىيىلەرنى ئاساس قىلغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك؛ چوڭ يېزا - قىشلاقلارنى ئاساس قىلغان تۆۋەن دەرىجىلىكتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك دىنىي رايونغا ئايرىلغان بولۇپ، شۇنىڭغا مۇناسىپ ئۈچ دەرىجىلىك دىنىي رايونغا ئايرىلغان بولۇپ، شۇنىڭغا مۇناسىپ ئۈچ دەرىجىلىك مەھكىمە شەرئىي، ئىككى دەرىجىلىك پائالىيەت سورۇنى، ئۈچ دەرىجىلىك مائارىپ تۈزۈمى تەسىس قىلىنغان.مەھكىمە شەرئى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى جىنايى ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئادەتتىكى دەۋا - ماجىرا، نىكاھلىشىش، ئاجرىشىش، مۈلۈك ۋارىسلىقى، ھۈججەت - توختام قاتارلىق ئىشلارنى باشقۇراتتى. ھەر دەرىجىلىك مەھكىمە قاتارلىق ئىشلارنى باشقۇراتتى. ھەر دەرىجىلىك مەھكىمە شەرئىنىڭ مەخسۇس خادىملىرى بولۇپ شەرىئەتنىڭ ئىجراسى شۇلار ئارقىلىق نازارەت قىلىناتتى. ئۇلار: ① قازى كالان )قازى قۇززات دەپمۇ ئاتىلىدۇ(. بۇ يۇرت - شەھەر بويىچە ئەڭ چوڭ دىنىي ھوقۇقدار بولۇپ، شۇ يۇرت - شەھەرگە قاراشلىق ناھىيە، چوڭ يېزا - قىشلاق دەرىجىلىك مەھكىمە شەرئى خادىملىرىنى تەيىنلەش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ھۆكۈم - پەتىۋالىرىنى رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. ② ئەلەم )ئەلەم ئاخۇن دەپمۇ ئاتىلىدۇ(. قارى كالاننىڭ ئورۇنباسارى. ③ مۇپتى، مەھكىمە شەرئىنىڭ باشلىقى، ھۆكۈم چىقارغۇچى. ④ قازى. سوراقچى. ⑤ قازى رەئىس. مەھكىمە شەرئىنىڭ ئىجرائىي تەپىتىشى.

ئىككى دەرىجىلىك پائالىيەت سورۇنى ئاساسىي قاتلام - مەھەللە، يېزا - كەنت مەسچىتلىرى بىلەن بازار - ناھىيە مەسچىتىدىن ئىبارەت. ئاساسىي قاتلام مەسچىتلىرىدە ئوقۇيدۇ. ئاساسىي قاتلام مەسچىتلىرى بىر قەدەر ئاددىي، كىچىك بولۇپ، ئادەتتە قىرىق - ئەللىكىتىن يۈزگە قەدەر ئادەم سىغىدۇ. بازار - ناھىيە مەسچىتى ئادەتتە <ئازنا مەسچىت> ياكى <جامە> دەپ ئاتىلىدۇ. ئازنا مەسچىت ئادەتتە چوڭ، بىر قەدەر ھەشەمەتلىك بولۇپ نەچچە يۈز، ھەتتا مىڭدىن ئوشۇق ئادەم سىغىدۇ، ئازنا مەسچىتكە شۇ مەسچىت يېنىدىكى جامائەتنىڭ بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەپتىدە بىر ئوقۇلىدىغان جۈمە نامىزى، يىلدا بىر ئوقۇلىدىغان ئىككى ھېيىت نامىزى يۇرت بويىچە مەخسۇس مۇشۇ مەسچىتتە ئوقۇلىدۇ. شۇڭا بۇ مەسچىت <جامائە> دەپمۇ ئاتالغان. ھەر بىر مەسچىتتە بىردىن ئىمام، مەزىن بولىدۇ.

ئۈچ دەرىجىلىك مائارىپ تۈزۈمى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭدا ئاساسەن دىنىي تەلىم - تەربىيە ئېلىپ بېرىلىپ، دىنىي ئىز باسارلار تەربىيلىنەتتى. باشلانغۇچ مەكتەپ ئاساسىي قاتلام مەسچىتلىرى ئاساسىدا مەسچىت يېنىدا تەسىس قىلىنىپ ئاساسەن ئەرەبچە ئېلىپبە، پەنسۇرە، ھەپتىيەك قاتارلىق دىنىي ساۋات دەرسلىكلىرى ئۆتۈلەتتى. ئوقۇش مۇددىتى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇقۇش نەتىجىسىگە قاراپ بېكىتىلەتتى. بەزى جايلاردا مەسچىتنىڭ ئىمامى قوشۇمچە دەرس ئۆتسە، بەزى جايلاردا مەسچىتنىڭ ئىمامى قوشۇمچە دەرس ئۆتسە، بەزى جايلاردا جامائەت تەرىپىدىن مەخسۇس مۇئەللىم تەكلىپ قىلىناتتى. دەرس ئۆتكۈچى ئادەتتە <موللام>، <خەلپىتىم>، ئوقۇغۇچى <تالىپ> ياكى <تەلەبە> دەپ ئاتىلاتتى.

ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپ <مەدرىس> دەپ ئاتىلىپ، سانى چەكلىك، ئايرىم جايلاردا (مەسىلەن، قەشقەر، يەكەن، خوتەن، كۇچا، كورلا، تۇرپان، ئىلى قاتارلىق جايلاردىلا) تەسىس قىلىنىپ كەلگەن. مەدرىس ياتاقلىق مەكتەپ بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپنى تۈگىتىپ داۋاملى ق ئوقۇشنى خالىغانلار كېلىپ ئوقۇيتتى. مەدرىسكە شۇ جايدىكى قەشقەر، بۇخارا قاتارلىق جايلاردىكى ئالىي مەدرىسلەرنى پۈتتۈرۈپ كەلگەنلەر دەرس ئۆتۈپ كەلگەن. شىنجاڭ بويىچە ئالىي مەكتەپ قەشقەردە بولۇپ، جايلاردىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپنى تۈگىتىپ داۋاملىق ئوقۇشنى خالىغانلار كېلىپ ئوقۇيتتى. ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەدرىستە ئاساسلىق شەرىئەت قائىدىلىرى، قۇرئان ۋە قىسمەن ئەدەبىي تۈس ئالغان پارىسچە - ئەرەبچە ئەسەرلەر ئۆتۈلسە، ئالىي دەرىجىلىك مەدرىستە ئاساسەن ئىسلام ئەقىدىلىرى بويىچە چوڭقۇر بىلىم تەھسىل قىلىناتتى ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلاتتى. بۇ مەقسەتتە بۇخارا، مىسىر، مەككە - مەدىنە، كالكوتتا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئوقۇيدىغانلارمۇ بار. ئالىي دەرىجىلىك مەدرىسلەرنى پۈتتۈرگەنلەر <داموللا>، <داموللا ئەلەم>، <مەۋلىۋى> دەپ ئاتىلاتتى.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا زاكات، ئۆشرە، كەپسەن ئېلىش تۈزۈمى ۋە ۋەخپى قىلىش تەرغىباتى يولغا قويۇلغان. دېھقان چارۋىچى، سودا - تىجارەتچى، ھۈنەرۋەنلەر ھەر يىللىق دارامەت سانىغا قاراپ شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن پىرسەنت بويىچە ئۆشرە، كەپسەن بېرەتتى، بەزىلەر مەسچىت، مازارلارغا يەر - زېمىن، چارۋا - مالمۇ ۋەخپى قىلىپ كەلگەن. ۋەخپى قىلىنغان يەر - زېمىنلار ئىجارىگە بېرىلىپ، كىرگەن كىرىم زاكات، ئۆشرە كىرىملىرىگە قوشۇلۇپ ئىجتىمائىي ساخاۋەت ئىشلىرى، مەكتەپ، مەدرىس، مەسچىتلەرنىڭ مۇناسىپ خىراجىتىگە ۋە دىنىي خادىملارنىڭ <تەمىناتى> نامىدا چىقىم قىلىناتتى.

دىنىي مائارىپ قەشقەر، يەكەن، كۇچا، كورلا، تۇرپان، ئىلىدا بىر قەدەر ئومۇملاشقان بولۇپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىن بۇرۇن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە شەكىللەنگەن زىيالىيلار تەبىقىسى شۇ جايلاردىكى دىنىي مەكتەپلەرنى تۈگىتىپ چىققانلاردىن ھاسىل بولغان. مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، موللا بىلال، ئابدۇرېھىم نازارى، موللا سۈپۈرگى سانجارى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىق ئالىم، ئەدىب - شائىرلىرىمىزنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قەشقەر ۋە باشقا جايلاردىكى مەدرىسلەردە ئوقۇپ چىققانلاردۇر. بۇنىڭدىن دىنىي مائارىپنىڭ ئۆتمۈشتە قىسمەن ئىجابىي رولمۇ ئوينىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن يېڭى زامان مائارىپى ئومۇملاشتۇرۇلدى. شۇنىڭدەك پارتىيە - ھۆكۈمەت دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى پرىنسىپى بويىچە كىشىلەرنىڭ دىنىي بىلىم تەھسىل قىلىشى ۋە تەتقىقاتى ئۈچۈن ئىسلام ئىنىستىتۇتى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىپ بەردى.

ئىسلام دىنى بىر ئىدېئولوگىيە سۈپىتىدە مىڭ يىلغا يېقىن جەرياندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭ - ئېتىقادى بويىچە ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، دۇنيادا مۇتلەق شەيئى بولمىغىنىدەك ئۇمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭ - ئېتىقادى ساھەسىدە يەنى يۇقىرى مەدەنىيەت قاتلىمىدا مۇتلەقلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭ - مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈنلەي بۇغۇۋېتەلىگىنى يوق، ئەكسىچە يۇقىرىدا قىلغانلى رىمىزدەك نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىمىز ئىسلامىيەت ئەقىدىلىرىگە ماسلىشىپ بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلدى، بولۇپمۇ بەزى ئىسلام ئەقىدىلىرى ئەنە شۇنداق ماسلىشىش جەريانىدا ئەسلى دىنىي خاراكتېرى دىن ئايرىلىپ ئەنئەنىۋى ئادىتىمىزگە ئايلىنىپ كەتتى.

ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئىسلامىيەتنىڭ غەيرىي مەدەنىيەتنى قاتتىق يەكلەش، تەقىبىلىشىگە قارىماي ئەجدادلىرىمىزدا دۇنيانى تونۇش بويىچە تۆت زات قارىشى يەنى دۇنيا <ئوت، ھاۋا، سۇ، تۇپراق> تىن پەيدا بولغان دېگەن ئاددىي پەلسەپىۋى قاراش ئەكس ئەتكەن. روشەنكى، بۇ قاراشتا شەيئىلەرنىڭ زىددىيەت ئىچىدە تەرەققىي قىلىدىغانلىق قانۇنىيىتىدىن دېرەك بېرىدىغان چۈشەنچە ئورۇن ئالغان. يەكلىمىچىلىك، تەقىبلەش ئېغىر شارائىتتا مۇنداق قاراشنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئەجدادلىرىمىزدىكى ئىنتىلۇچانلىق ۋە ئىجادىي روھنىڭ ناماياندىسى دېيىشكە بولىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ:

1) ئىسلامىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەممە ساھەسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكىنىگە قاراپ، بەزىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن ھاياتىدىكى بارلىق پائالىيەت - ئادەتلىرىنى ئىسلامىيەتنىڭ مەھسۇلى دەپ قارايدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە شەكىللىنىش جەريانى ئوخشىمىغان مىللەت بىلەن دىندىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىجتمائىي ھادىسىنى تەڭ ئورۇنغا قويۇپ، بىر مىللەتنىڭ بىر دىننى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇنقى مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ئىنكار قىلىدۇ. مەسىلەن، بەزىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ چوشقا گۆشى، گۆشخور يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋانلارنىڭ ۋە بەزى ئۇچار - قانات، ھاشاراتلارنىڭ گۆشىنى يېمەيدىغانلىقى، سۇ، يېمەكلىك تازىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېبزى سەھەت ئادەتلىرى، ھەتتا توي - تۆكۈن، يېمەك - ئىچمەك ئادەتلىرىنى ئىسلامىيەتكە باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ. ۋەھالەنكى بۇ ئادەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىسلامىيەتتىن خېلى بۇرۇنقى ئوۋچىلىق، كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ھايات كەچۈرگەن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى تارىخىي دەۋرلەردە شەكىللەنگەن. دەرۋەقە چوشقا گۆشى يېيىش ئىسلام دىنىدا تەقىبلەنگەن. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بۇ ئادەت تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدىغان بولۇپ مۇقەددەس تۈس ئالغان، خالاس.

2) ئىسلام دىنى گەرچە پۈتۈن مىللەتنىڭ ئېتىقادى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېتىقاد دەرىجىسى ئەزەلدىن ئوخشىماي كەلدى. مەركىزىي شەھەر ۋە يېزا - قىشلاقلاردىكى ئاز بىر قىسىم تەقۋادار، ياشانغانلارنىڭ بەش ۋاق ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش قاتارلىق ئۆتەشكە تېگىشلىك دىنىي دىنىي مەجبۇرىيەتلەرنى تەرك ئەتمەيدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، چەت - يېزا قىشلاقلاردا دىنىي ھاۋا بىر قەدەر شالاڭ، كىشىلەرنىڭ دىنىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆتەش قىزغىنلىقىمۇ تۆۋەنرەك.

بىر دىنىي ئېتىقاد مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا <تەقدىر ئىلاھلىق> تىن ئىبارەت دىنىي ئەقىدىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك روھىي ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى ئېغىر روھىي زەئىپلىككە دۇچار قىلغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز، شۇنىڭدەك ھەممىنى <تەقدىر ئىلاھ> قا باغلاپ قويۇپ ئىلىم - پەننى، ئىلغار مەدەنىيەتنى يەكلەيدىغان، دىنىي <مەنپەئەت> نى مىللىي مەنپەئەتتىن ئەلا كۆرۈپ، قارىغۇلارچە دىنىي ئەسەبىيلىككە بېرىلىدىغان خاھىشلاردىن قاتتىق ساقلىنىشىمىز لازىم. تارىختا بۇ ئىككى ئامىلنىڭ زىيىنىنى ئاز تارتمىدۇ.

توردا[تەھرىرلەش]


مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. 1.0 1.1 ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
  2. 2.0 2.1 2.2 "Islam: An Overview" Oxford Dictionary of Islam. John L. Esposito, ed. Oxford University Press Inc. 2003. Oxford Reference Online. Oxford University Press. 24 ئاپرېل 2008  <http://www.oxfordreference.com/views/ENTRY.html?subview=Main&entry=t125.e1087>
  3. "Islam." Oxford Dictionary of English 2eOxford University Press, 2003.
  4. The Mohammedan dynastiesbooks.google.com. ئۇلىنىش: 17- چىللە 2011
  5. Mohammed and Mohammedanism كاتولىك ئانسىكلوپېدىيىسى. ئۇلىنىش: 17 چىللە 2011
  6. The History Of The Mohammedan Dynasties In Spain Vol II Archive.org: ئۇلىنىش: 17 چىللە 2011
  7. "Muslim." Oxford Dictionary of English 2eOxford University Press, 2003.
  8. 8.0 8.1 8.2 Rahman, Fazlur. "Islam: An Overview [First Edition]." Encyclopedia of Religion. Ed. Lindsay Jones. Vol. 7. 2nd ed. Detroit: Macmillan Reference USA, 2005. 4560-4577. Gale Virtual Reference Library. Gale.
  9. "Islam", Encyclopaedia of Islam Online
  10. 10.0 10.1 10.2 Gardet, L. "Islām." Encyclopaedia of Islam. Edited by: P. Bearman , Th. Bianquis , C.E. Bosworth , E. van Donzel and W.P. Heinrichs. Brill, 2008. Brill Online. URL ئۇلىنىش: 4 ماي 2008.
  11. (Mustafa Sinanoğlu, 'İslâm - Son ilâhî din', Türkiye Diyanet Vakfı İslâm Ansiklopedisi, Cilt 23, s. 1)
  12. Mustafa Sinanoğlu, 'İman', Türkiye Diyanet Vakfı İslâm Ansiklopedisi, Cilt 22, s. 212
  13. 13.0 13.1 13.2 "Muawiyah ibn Abi Sufyan" Oxford Dictionary of Islam. John L. Esposito, ed. Oxford University Press Inc. 2003. Oxford Reference Online. Oxford University Press. <http://www.oxfordreference.com/views/ENTRY.html?subview=Main&entry=t125.e1565> ئۇلىنىش: 4 ماي 2008.
  14. "Umar ibn al-Khattab". Oxford Dictionary of Islam. John L. Esposito, ed. Oxford University Press Inc. 2003. Oxford Reference Online. Oxford University Press. <http://www.oxfordreference.com/views/ENTRY.html?subview=Main&entry=t125.e2419> ئۇلىنىش تارىخى: 4 ماي 2008.
  15. 15.0 15.1 15.2 "Uthman ibn Affan" Oxford Dictionary of Islam. John L. Esposito, ed. Oxford University Press Inc. 2003. Oxford Reference Online. Oxford University Press. <http://www.oxfordreference.com/views/ENTRY.html?subview=Main&entry=t125.e2449> ئۇلىنىش تارىخى: 4 ماي 2008.
  16. 16.0 16.1 "Ali ibn Abi Talib". Oxford Dictionary of Islam. John L. Esposito, ed. Oxford University Press Inc. 2003. Oxford Reference Online. Oxford University Press. <http://www.oxfordreference.com/views/ENTRY.html?subview=Main&entry=t125.e120> ئۇلىنىش: 4 ماي 2008.
  17. "Yazid". Oxford Dictionary of Islam. John L. Esposito, ed. Oxford University Press Inc. 2003. Oxford Reference Online. Oxford University Press. <http://www.oxfordreference.com/views/ENTRY.html?subview=Main&entry=t125.e2536> ئۇلىنىش: 4 ماي 2008.
  18. "Yazīd (I) b. MUʿĀWIYA." Encyclopaedia of Islam. Edited by: P. Bearman , Th. Bianquis , C.E. Bosworth , E. van Donzel and W.P. Heinrichs. Brill, 2008. Brill Online. <http://www.brillonline.nl/subscriber/entry?entry=islam_SIM-8000> ئۇلىنىش: 4 ماي 2008.
  19. 19.0 19.1 "Umayyad Caliphate". Oxford Dictionary of Islam. John L. Esposito, ed. Oxford University Press Inc. 2003. Oxford Reference Online. Oxford University Press. <http://www.oxfordreference.com/views/ENTRY.html?subview=Main&entry=t125.e2421> ئۇلىنىش: 4 ماي 2008.
  20. "Umayyad Caliphate". Oxford Dictionary of Islam. John L. Esposito, ed. Oxford University Press Inc. 2003. Oxford Reference Online. Oxford University Press. <http://www.oxfordreference.com/views/ENTRY.html?subview=Main&entry=t125.e2421> ئۇلىنىش: 4 ماي 2008.
  21. "Saffah, Abu al-Abbas al-" Oxford Dictionary of Islam. John L. Esposito, ed. Oxford University Press Inc. 2003. Oxford Reference Online. Oxford University Press. <http://www.oxfordreference.com/views/ENTRY.html?subview=Main&entry=t125.e2052> ئۇلىنىش: 4 ماي 2008.
  22. 22.0 22.1 22.2 22.3 22.4 22.5 Lewis, B. "ʿAbbāsids (Banu 'l-ʿAbbās)." Encyclopaedia of Islam. Edited by: P. Bearman , Th. Bianquis , C.E. Bosworth , E. van Donzel and W.P. Heinrichs. Brill, 2008. Brill Online.<http://www.brillonline.nl/subscriber/entry?entry=islam_COM-0002> ئۇلىنىش: 4 ماي 2008
  23. 23.0 23.1 http://www.oxfordreference.com/views/ENTRY.html?subview=Main&entry=t125.e400"Caliph/Caliphate". Oxford Dictionary of Islam. John L. Esposito, ed. Oxford University Press Inc. 2003. Oxford Reference Online. Oxford University Press
  24. Schönig, Hanne (Halle/Saale). "Abbasids." Brill's New Pauly. Antiquity volumes edited by: Hubert Cancik and Helmuth Schneider. Brill, 2008. Brill Online. 
  25. "Andalus, al-". Oxford Dictionary of Islam. John L. Esposito, ed. Oxford University Press Inc. 2003. Oxford Reference Online.Oxford University Press. 
  26. 26.0 26.1 "Fatimid Dynasty". Oxford Dictionary of Islam. John L. Esposito, ed. Oxford University Press Inc. 2003. Oxford Reference Online. Oxford University Press.