قۇرئان كەرىم

ئورنى Wikipedia

UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]


تەبەررۈك بىتىگلەر
قۇرئان كەرىم

القرآن الكريم

مەناسى مۇقەددەس كەلام
نۇزۇلى 609-632
(23 يىل، جەمئىي 114 سۇرە)
تۈرى ساماۋىي كىتاب
نازىل قىلىنغۇچى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلام
نازىل قىلىنغان يەر
مەككە، مەدىنە
تىلى ئەرەبچە (قۇرەيىشى)
تۇنجى مۇسھەڧ 632-634 (خەلىڧە ئەبۇبەكر دەۋرى)
ئىسلام پورتالى


قۇرئان كەرىم (ئەرەبچە: الْقُرْآن الْكَرِيم) ۋەيا قۇرئان، ھەق دىن ئىسلام دىنىنىڭ بىردىنبىر مۇقەددەس كىتابى[1][2]. قۇرئان كەرىم اللە تەئالانىڭ ئاخىرقى كىتابى بولۇپ، نازىل قىلىنغاندىن باشلاپ تا قىيامەت قايىم بولغۇچە پۈتكۈل ئىنسانلارغا خىتاب قىلىدۇ.
مۇسۇلمانلارغا كۆرە، قۇرئان ئايەتلىرى اللە\ئاللاھ تەرىپىدىن جەبرائىل ئىسىملىك ڧەرىشتە ۋاستىسى بىلەن ئىسلام پەيغەمبەرى ھەزرىتى مۇھەممەدكە ۋەھىيلەر ھالىدا نازىل قىلىنغان بىر مۇقەددەس كىتابدۇر.[3]. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەر زامان، ھەر ماكانغا شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئىسلام قانۇننىنىڭ (شەرىئەت) ئىجرا قىلىنىشىدا ھەدىس بىلەن بىرلىكتە ئاساس ئېلىنىدۇ [4] ۋە مۇسۇلمانلار ئىبادەتلىرىدە قۇرئاندىن تۈرلۈك سۇرە ۋەيا ئايەتلەرنى ئوقۇيدۇ[5].

مۇتلەق كۆپچىلىك ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە مۇسۇلمان جامائەسى، قۇرئان، ئىنجىل، تەۋرات ۋە زەبۇرنى اللە تەرەڧىدىن ئىنسانلارغا ئىبەرىلگەن ساماۋىي كىتابلار دەپ قۇبۇل قىلماقتا[6]. بۇ ۋەجدىن قۇرئاندا باشقا ساماۋىي كىتابلاردىكى بەئزى مەزمۇنلارغا ئوخشىشىپ كېتەدۇرغان مەزمۇنلارنىڭ بولىشى تەبىئىي دەپ قارىلىدۇ[7]. بۇنىڭدىن باشقا، قالغان ئۈچ كىتابنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئۈچۈن، لېكىن زېمنىغا نازىل قىلىنغان ئاخىرىقى ساماۋىي كىتاب بولمىش قۇرئاننى تا قىيامەت قەدەر اللە تەرەڧىدىن قوغدىلىدىغانلىقىغا ئىتىقاد قىلىنىدۇ[8]. ئىسلام ئىتىقادىغا كۆرە، ھەزرەتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ روشەن ۋە بۈيۈك مۆئجىزەسى[9][10][11] ۋە ئۇنىڭ ھەقىيقى بىر پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە كۆرىلىدۇ[12][13][14][15]. ھەمدە تۇنجى ئىنسان ۋە ئىلك پەيغەمبەر قەبۇل قىلىنغۇچى ھەزرەتى ئادەم ئەلەيھىسسالام دىن ئىتىبارەن ئىبەرىلگەن ئىلاھىي مەتىنلەرنى تاماملىغۇچى دەپ قارىلىدۇ.

ئېتىمولوگىيىسى[تەھرىرلەش]

تۇنجى ۋەھىي ۋە 96- سۇرە بولمىش ئەلەق سۇرىسىنىڭ بېشىدىكى ئايەتلەر

ئەڭ كەڭ قوللىنىلغان ئىسمى «قۇرئان كەرىم» ئېرۇر. قۇرئان كەلىمەسى ئەرەبچە «ئوقىدى» مەنىسىدىكى قرأ (قارائا) سۆزىنىڭ ئۈچ ھەرڧلىك ھالىدۇر. «ئوقۇلغان نەرسە» ياكى «ئوقۇماق» ؛ ''كەرىم'' بولسا «ئېسىلزادە» ۋە «قولى ئوچۇق، مەرد» دېگەن مەنالارغا كېلىدۇ. بۇندىن باشقا «قۇرئان » سۆزى قۇرئاندا «ئوقۇلغان، ئوقۇش، ئوقۇماق»، «قوشۇلغان، قەۋەتلىك، توپلانغان» مەنىلىرىدىمۇ قوللىنىلغان. قۇرئان كەلىمەسى، قۇرئاندا 58 ئايەتتە تىلغا ئېلىنىدۇ.

إِنَّا أَنْزَلْنَاهُ قُرْآنًا عَرَبِيًّا لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ ﴿۲﴾

(شۇبھىسىزكى، سىلەرنى تۈشەنسۇن دەپ، ئۇنى ئەرەبچە قۇرئان قىلىپ نازىل قىلدۇق.\ سۇرە يۇسۇڧ: 2)

فَإِذَا قَرَأْتَ الْقُرْآنَ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ﴿۹۸﴾

(سەن قۇرئان ئوقۇماقچى بولغانىڭدا، قوغلاندى شەيتاننىڭ (ۋەسۋەسىسىدىن) اللەقا سىغىنىپ پاناھ تىلەگىل.\سۇرە نەھل: 98)

وَإِذَا قُرِئَ الْقُرْآنُ فَاسْتَمِعُوا لَهُ وَأَنْصِتُوا لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ ﴿۲۰۴﴾

(اللەنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا، ئۇنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار ۋە جىم تۇرۇڭلا (يەئنى سۆز قىلماڭلار).\ سۇرە ئەئراڧ: 204)

بۇلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئايەتتە ئىسە قۇرئان ئۈچۈن باشقا ئىسىملارنىڭمۇ قوللىنىلغانلىقى كۆرۈلمەكتە. بۇلار ئارىسىدا: «ئەل ڧۇرقان» (سۇرە ڧۇرقان: 1)، «ئەز زىكىر» (««سۇرە ھىجر: 9)، «ئەن نۇر» (سۇرە نىسا: 174)، «ئەر رۇھ» (سۇرە شۇرائ: 52) ئۆرنەك سۈڧەتىدە كۆرسىتىشكە بولىدۇ. قۇرئان بۇندىن باشقا ڧۇرقانى كەرىم، مۇسھاڧى شەرىڧ، كەلامۇللاھ، كىتابۇللاھ دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئىڧادىلىندۇ.

تارىخچەئى قۇرئان[تەھرىرلەش]

بىلىنگەن ئەڭ ئەسكى\كوھنە قۇرئان كەرىمنىڭ مۇسھاڧى، تاشكەنت، ئۆزبېكىستان

ئىسلام دىنىغا كۆرە قۇرئانى ئەزمۇششان ھەزرەتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مىلادى 609-610- يىلى رامىزان ئېيىنىڭ قەدىر كېچىسىدە مەككەدىكى نۇر تېغى ئۈستىدىكى ھىرا غارىدا نازىل قىلىنىشقا باشلىغان. ۋەھىي 12 يىلى مەككە مۇكەررەمە، 11 يىلى مەدىنە مۇنەۋۋەرە دەۋرى بولۇپ 23 يىل سۈرگەن. مەككەدە نازىل بولغان ئايەتلەر «مەككىي»، مەدىنەدە نازىل بولغان ئايەتلەر بولسا «مەدەنىي» دەپ ئاتىلىدۇ.

قۇرئان، ۋەھىي كاتىبلىرى تەرەڧىدىن بەئزىدە تېرە، سۆڭەك ئوخشاش نەرسلەرنىڭ ئۈستىگە يېزىلىش بىلەن بىللە، قۇرئاننىڭ ھەممىسىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەلەيھىسسەلام ھايات ۋاقتىدا يازمىچە خاتىرلەنىپ خاتىرلەنمىگەنلىكى تارتىشىلىدۇ[16].

تۇنجى بىلدۈرۈلگەن ئايەت سۇرە ئەلەقتە بولۇپ:

اقْرَأْ بِاسْمِ رَبِّكَ الَّذِي خَلَقَ ﴿۱﴾ خَلَقَ الْإِنْسَانَ مِنْ عَلَقٍ ﴿۲﴾ اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ ﴿۳﴾ الَّذِي عَلَّمَ بِالْقَلَمِ ﴿۴﴾

ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىل.(1) ئۇ ئىنساننى لەختە قاناىن ياراتتى(2). ئوقۇغىل، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر(3). ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆرگەتتى(4). ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى(5).

تۇنجى خەلىڧە ئەبۇبەكرى (ر.ئە) (632-634) زامانىدا جەملەنگەن قۇرئان نۇسخالارى[17][18][19]، ئوسمان بىننى ئەففان دەۋرىدە كۆپەيتىلىپ مۇھىم مەركەزلەرگە ئىبەرىلگەندۇر. ئۇراتىش، نوقتا، ھەرەكە دېگەندەك ئىشارەتلەر بولمىغان بۇ يازمىلارغا كېيىنچە ئىلاۋە قىلىنغان ئىشارەتلەر بىلەن ئوقۇش ئۇسۇلى (تەجۋىد) يېزىقچە ئىپادىلەنگەن[20]


مەككە دەۋرى
مەككىي ئايەت ۋە سۈرىلەر ئىسلام ئىتىقادى ۋە ئەخلاقى بىلەن مۇناسىبەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ اللەنىڭ بىرلىكىگە، مەلەك ڧەرىشتەلەرگە، پەيغەمبەرلەرگە، كىتاپلارغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان دېگەندەك مەزمۇنلار ئاساس ئېلىنىدۇ. اللەقا شىرك قوشۇلغان بۇد مەبۇدەلەر قەتئىيەن رەدد قىلىندۇ. ئىسلامنىڭ ئىتىقاد ئاساسلىرى، ھايات-مامات، قىيامەت، ئاخىرەت، جەننەت ۋە جەھەننەم ۋە قەۋملەرنىڭ ھالاكى قاتارلىق تېمىلار قولغا ئېلىنىدۇ.

تۇنجى ئايەت ۋەھىيىدىن، مەدىنەغە ھىجرەتكە قەدەر دەۋام قىلغان مەككە دەۋرى تەخمىنەن 13 يىل سۈرگەن. ھەجىم جھەتتىن قۇرئاننىڭ ⅔ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ دەۋىردە ئايەت ۋە سۇرەلەرنىڭ دەرھال يازمىچە خاتىرلىنىشىدەك بىر ئىجرائەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئېغىزچە يادقا ئېلىنغان. كېيىنچە، ھىجرەتكە يېقىن بىر قانچە يىل بىلەن مەدىنە دەۋرى دەپ ئاتالغان يازمىچە خاتىرلەش دەۋرىدە ئايەتلەر يازمىچە قەيت قىلىنغان[21][22].

مەككە دەۋرىدە قۇرئاننىڭ ھەزرەتى ئادەمدىن بۇيان دەۋام قىلىۋاتقان تەۋھىد دىنى ۋە ۋەھىي زەنجىرىنىڭ دەۋامى ئىكەنلىكى ئىڧادىلىنىدۇ:

شَرَعَ لَكُمْ مِنَ الدِّينِ مَا وَصَّى بِهِ نُوحًا وَالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَمَا وَصَّيْنَا بِهِ إِبْرَاهِيمَ وَمُوسَى وَعِيسَى أَنْ أَقِيمُوا الدِّينَ وَلَا تَتَفَرَّقُوا فِيهِ كَبُرَ عَلَى الْمُشْرِكِينَ مَا تَدْعُوهُمْ إِلَيْهِ اللَّهُ يَجْتَبِي إِلَيْهِ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي إِلَيْهِ مَنْ يُنِيبُ ﴿۱۳﴾

(اللە سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى، ساڭا(يەئنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز ۋەھىي قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەڧرىقەچىلىك قىلماڭلار، مۇشرىكلارغا سەن ئۇلارنى دەئۋەت قىلغان نەرسە (يەئنى تەۋھىد) ئاغىر كەلدى، اللە تەۋھىدكە خاھلىغان ئادەمنى تاللايدۇ. اللە نىڭ (تائەتىگە) قايتىدىغان ئادەمنى تەۋھىدكە باشلايدۇ. \سۇرە شۇرا: 13)

مەدىنە دەۋرى مەدىنە دەۋرىدە ئىبادەتلەر، كىشىلىك مۇناسىبەتلەر، جەمئىيەتنىڭ تۈزۈلىشى، ئەخلاقىي قائىدىلەر بىلەن مۇناسىبەتلىك ئايەتلەر ۋەھىي قىلىنغان[23][24][25]. بۇلار بىلەن بىرگە كىشىلەرنىڭ دەۋلەت بىلەن بولغان مۇناسىبەتلىرىنى تەڭشەش، شەرئىي قانۇننىڭ قائىدىلىرى، كېلىشىملەر، تېنچلىق ۋە ئۇرۇش ئەھۋاللىرى بايان قىلىنىدۇ. بۇ دەۋىردە بۇ ھۆكۈملەرنى ئىجرا قىلماق ئۈچۈن يېتەرلىك كۈچكە مالىك بىر ئىسلام دۆلىتى، ھەزرەتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلامنىڭ باشقۇرۇشىدا، مەدىنەدە تەشكىللەنگەن ئىدى. ئىسلام ئىتىقادى بويىچە، بۇ دەۋىرنىڭ ئالاھىيىدىلىكى: ياخشى ۋە ڧايدەلىق بولغانلارنىڭ قەبۇل قىلىنىشى، ناچار ۋە زىيانلىق بولغانلارنىڭ قالدۇرۇلىشى ئېرۇر[26].

ھەزرەتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن

قۇرئاننىڭ بۇگۈنكى كىتاب ھالىدا توپلانغان شەكلىگە «مصحف (مۇسھاڧ)» دېيىلۇر. مۇسھاڧ، ''سەھىپىلەر ھالىغا كەلتۈرۈلگەن'' ياكى ''ئىككى مۇقاۋە ئارىسىدىكى سەھىڧەلەر'' دېگەن مەنىگە كېلۇر ۋە ''صحف'' (سەھىڧە) يىلتىزىدىن كەلگەن. قۇرئان ھەزرەتى مۇھەممەدنىڭ ۋەڧاتى بىلەن تامام بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ زات ھاياتتا ۋاقىتتا تولانمىغان، يادقا ئېلىنىپ مۇھاڧىزە قىلىنغان.

ھەزرەتى مۇھەممەدنىڭ ۋەڧاتىدىن سوڭرە يەمامە ئۇرۇشلىرىدا 70 دەك ھاڧىز (قارىي) نىڭ ئۆلىشى بىلەن ئەسھابلاردىن ئۆمەر بىن خەتتاب ھڧىزلارنىڭ توپلىنىشى ئۈچۈن زامانىسىنىڭ خەلىڧەسى بولمىش ئەبۇبەكرى (ر.ئە) بىلەن كۆرۈشۈپ بۇ ھەقتە مەسلىھەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇبەكرى (ر.ئە) زەيد بىن سابىت رىياسەتىدە، ئارىلىرىدا ئابدۇللاھ بىن زۇبەير، سائاد بىن ئەبى ۋەققاس ۋە ئابدۇرراھمان بىن ھارىس بىن ھاشىم قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ھەيئەت قۇرۇلغان. زەيد بىن سابىت، قولىدا يازمىچە "قۇرئان" مەتنى بولغان ھەركىمنىڭ بۇ مەتىنلەرنى ئېلىپ كېلىشىنى، ھەمدە مەتىنلەرنى شەخسەن ئۆزىنىڭ ھەزرەت مۇھەممەد س.ئە.ۋ دىن ئاڭلىغانلىقىغا دائىر ئىككى گۇۋاھچى كۆرسىتىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئوسمان بىننى ئەففان توپلانغان بۇ ھەيئەتكە: "زەيد بىلەن ئىملادا كېلىشەلمىسەڭلار، قۇرەيشكە كۆرە يېزىڭلار" دەپ ئەمىر بەرگەن. زەيد بىن سابىت باشچىلىقىدا توپلانغان بۇ ئەسىل نۇسخا «ئىمام مۇسحاڧ» دېيىلۇر. ئابدۇللاھ بىن مەسئۇدنىڭ تەكلىڧى بىلەن «ئىمام مۇسھاڧ» ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان مەسلىھەت ۋە ڧىكىر ئالماشتۇرۇشلار نەتىجەسىدە "كىتاب"دا ھەرقانداق بىر نۇقسان ياكى خاتالىق كۆرۈلمىگەن ۋە ئىشەنچلىكلىكى ھەققىدە ئىتتىڧاق قىلىنغاندۇر.

خەلىڧە ئۆمەر بىن خەتتاب دەۋرىدە قۇرئان ئۆرگىتىش تېزلەشتۈرۈلدى. مەدىنەدە ۋە ئىسلام دۆلىتىنىڭ باشقا مەركەزلىرىدە قارىي ساھابەلەرنىڭ بىۋاسىتە كۆزىتىشى ئاستىدا ناھايىتى كۆپ يېڭى ھاڧىز قۇرئانلار يېتىشتۈرۈلدى.

يېڭىدىن ڧەتىھ قىلىنغان توپراقلاردىكى قەۋم ۋە قەبىلەلەرنىڭ مۇسۇلمان بولىشى، ئوخشىمىغان شىۋە ۋە لەھچىلەرگە ئوقۇشتىكى ئوخشاشماسلىقلار توغۇلغان. 648- مىلادىدە ئەرمەنىيە ۋە ئەزەربەيجاننىڭ ئېلىنىشىدا شاملىق ۋە ئىراقلىق ئەسكەرلەرنىڭ ڧەرقلىق ئوقۇشلىرى نەتىجەسىدە تالاش-تارتىش ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ تالاش-تارتىشلار ئارقىسىدىن خۇزەيڧە بىن يەمان، خەلىڧە ئوسمان بىن ئەففانغا بۇ ئەھۋالنىڭ ھەل قىلىنىشى، ئىختىلاڧنىڭ تۈگىتىلىشى ھەققىدە ئىلتىماس سۇندى. شۇنىڭ بىلەن ئوسمان بىن ئەففان، زەيد بىن سابىتنى قايتا ۋەزىڧىگە تەئيىنلەپ، ئەبۇبەكر ر.ئە نىڭ ئەمرى بىلەن توپلانغان قۇرئاننىڭ كۆپەيتىلىشىنى بۇيۇرغان ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخالار تۈرلۈك ئىسلام مەركەزلىرىگە ئىبەرىلگەن[27]. شۇنداق قىلىپ، ھەزرەتى مۇھەممەد س.ئە.ۋ نىڭ ۋەڧاتىدىن كېيىن 20 يىل ئىچىدە قۇرئاننىڭ توپلىنىپ كىتاب قىلىنىش ۋە كۆپەيتىلىشى تاماملانغاندۇر[28] [29]. مۇسۇلمان ئالىملار، قۇرئاننىڭ بۇگۈنكى ھالىنىڭ ئەبۇبەكر ر.ئە زامانىسىدا توپلانغان قۇرئان بىلەن ئەينەن ئوخشاش دەپ قەبۇل قىلماقتا[30].
ئەڭ دەستلەپكى قۇرئان يېزىلىشى ئەسناسىدا، قوللىنىلغان ئەرەب ئەلىڧبەسى، بۇگۈن قوللىنىلۋاتقان 28 ھەرىڧكە قارشىلىق 22 ھەرىڧنى ئىڧادىلەيدۇرغان 15 ڧەرقلىق چىكىت - پەشسىز يېزىق (ھەرڧ) تىن تەشكىل تاپاتتى[31]. قۇرئاننىڭ دەستلەپكى يېزىلىشىدىكى ئەلىڧبەگە باغلىق ھالدا قىرائەت مەزھەبلىرى ئوتتۇرىغا چىققان[32]. ھەججاج زامانىسىدا بىر بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ھەرڧلەرنى ئايرىش ئۈچۈن ئىملا ئىشارەتلىرى ۋە سوزۇق تاۋۇشلار ئىخترا قىلىندى[33]. قۇرئانغا قوشۇلغان يېڭى ئىشارەت ۋە ھەرەكەلەر رەڭلىك شەكىلدە يېزىلىشقا باشلىدى ۋە ئەسلىدىكى مەتىننىڭ بىر پارچەسى قەبۇل قىلىنمايىتتى. باشلانغۇچتا قۇرەيىش لەھچەسى بىلەن ئوقۇلغان قۇرئان، كېيىنچە 7 ئەرەب لەھچەسىدە ئوقۇلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان[34].

مەتىن ۋە تۈزۈلىشى[تەھرىرلەش]

قۇئان 114 سۇرەدىن تەركىب تاپىدۇ. سۇرەلەر ئادەتتە مەزمونىدا تىلغا ئېلىنغان تېمىلاردىن بىرىگە بېرىلگەن ئىسىملەر بىلەن يادلىنىدۇ. سۇرەلەر ئىلەىرى كېيىنلىك تەرتىبى بويىچە تىزىلمىغان[35]. قۇرئاندا 86 سى مەككە دەۋرى، 28 ى مەدىنە دەۋرى بولۇپ جەمئىي 114 سۇرە باردۇر. ھەر بىر سۇرە "ئايەت" دېيىلىدىغان بۆلۈملەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئايەتلەرنىڭ ئۇزۇنلىقى بىر سۆزدىن بىر بەتكىچە ئوخشاشمايدۇ. قۇرئاننى تەشكىل قىلغۇچى 30 تەڭ ھەجىمدىكى پارچىنىڭ ھەر بىرىگە پارە ياكى جۈز دېيىلىدۇ.

قۇرئاننىڭ يېزىلىشدا چىكىت-پەش ئىشارەتلىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بەئزى ئايەتلەرنىڭ نەردىن باشلاپ نەردە تۈگىگەنلىكى ئېنىق بولمىغىنىدەك دېگەندەك مەۋزۇلارمۇ ئېنىق ئەمەستۇر. بەئزى ئالىملار، بىر قىسىم ئۇزۇن جۈملىلەرنى ئىككى ئۈچ ئايەت سانىسا، بەئزىلىرى بىر ئايەت قەبۇل قىلماقتا. يەنە شاڧىئىي ئالىملەرى "بسم اللە الرحمن الرحيم"نى بېشىدا زىكىر قىلىنغۇچى سۇرە بىلەن بىر پۈتۈن دەپ سانىسا، ھەنەڧى ئالىملار بىسمىللاھنى ئايرىم بىر ئايەت دەپ سانايدۇ. سۇرەلەر باشىدا كەلگەن "يسن، حم" دېگەندەك "ھۇرۇڧۇ مۇتەھھارات" ئۈچۈنمۇ ئوخشاش ئەھۋال كۈچكە ئىگە. بۇنڭغا كۆرە، قۇرئان، سۇرەلەرنىڭ باشىداكى بىسمىللاھنى ئايرىم بىر ئايەت سانىمىغاندا 6236 ئايەتتىن تەشكىل تاپىدۇ. ئايەتلەرنىڭ سانىنى ئىبنى ئابباس 6616، ناڧى 6217، شەيبە 6214، [[مىسىر ئالىملەرى 6226 دېگەنلەر. زەمەخشەرى، ئىبنى ھۇزەيمە، شەيخۇلئىسلام ئىبنى كەمال ۋە بەدئۇززامان سەئىد نۇرسى قاتارلىقلار 6666 ئايەت دېگەنلەر. بۇگۈن قولىمىزدا بولغان ۋە دۇنيا يۈزىنىڭ ھەر تەرەڧىدە قوللىنىلۋاتقان مۇسھاڧلارنىڭ نىزامى، كۇڧى تەرەڧتارى ئالىملارنىڭ ھەزرەتى ئەلىدىن رىۋايەت قىلىنغان پەيغەمبەر س.ئە.ۋ گە تاقىلىدىغان بىر تىپدۇر. بۇ قۇرئاندىكى مەۋجۇد ئايەت سانى، 6236 دۇر[36].

مەزمۇن ۋە بەيان شەكلى
قۇرئاندا ئاساسلىق اللەقا ئىشىنىش، تەۋھىد، يارىتىلىش، دۇنيانىڭ ئاخىرى، پەيغەمبەرلىك ۋە پەيغەمبەرلەر بىلەن بىرگە دىنى ۋە ئەخلاقى قىسسەلەر سۆزلىنىدۇ. يۇسۇڧ قىسسىسى، زۇلقەرنەيىن، ئەسھابۇل كەھڧ، سۇلەيمان، نۇھ ۋە يۇنۇس قىسسىلىرىدەك قۇرئاندا ھەجىم تەرەڧتىن كەڭ ئورۇن تۇتقان.

بەيان بەئزىدە شىئېرىي، بەئزىدە تۈز بەيان شەكلى قوللىنىلغاندۇر. قۇرئاندا خەبەرلەر ئەدەبىي شەكىل ۋە ۋاستەلەر بىلەن ئىبەرىلگەن. ئەرەبچە مەتىندە، سۇرەلرە ۋە ئايەتلەر خەبەرلەرنى يادقا سېلىش ئۈچۈن ڧونېتىك ۋە تېماتىك شەكىللەر قوللىنىلىدۇ. قۇرئاننىڭ بايانى باش - ئاخىرى ۋە ئورتاسى بولغان تۈز بايان شەكلىدە ئەمەس، تېما ۋە قىسسىلەرنىڭ پارچە پارچە بۆلۈنگەن، بەئزىدە تەكرارلانغان، باشقا قايتقان ياكى ئوتتۇرىدىن ئېلىنغان تورسىمان بىر توقۇلمىغا ئىگە[37]. مۇسۇلمانلار قۇرئاننىڭ مەزمۇن ۋە بەيانىنى تەڭداشسىز ۋە تەقلىد قىلنغۇسىز دەپ ئىشىنىدۇ.

نيو يورك - Metropolitan Museum of Artتا كۆرگەزمە قىلىنغان كۆك قۇرئان دەپ بىلىنىدىغان قۇرئاننىڭ 30. سۇرەسى سۇرە رۇم
باشلانغۇچ سۇرەسى بولمىش سۇرە ڧاتىھە
12. ئەسردىن قالغان بىر ئەندۇلۇس قۇرئانى
Chester Beatty كۈتۈبخانەسىدە كۆرگەزمىگە سۇنۇلغان 13-14. ئەسرلەرغە ئائىت بىر مەغرىبى ئىسلام خەتتىدە يېزىلغان قۇرئان ئۆرنىكى، دابلىن، ئىرلاندىيە

قۇرئان ھەققىدە[تەھرىرلەش]

كۇڧى تەرزىدە 7- ئەسرگە ئائىت بىر قۇرئان، مەدىنەدە نازىل بولغان سۇرە مائىدە
باسما قۇرئاننىڭ تۇنجى سۇرەسى بولمىش سۇرە ڧاتىھە خەتتات ئەزىز ئەپەندى
قۇرئان، خەت سەنئىتى، ئوسمانلى دەۋرى
11.ئەسر قوليازما شىمالىي ئاڧرىقا قۇرئانى، British مۇرېيى
ئەرەبچە قۇرئان ۋە ڧارسچە تەرجىمىسى، ئىلخانىيلار دەۋرى

ئۇ، ھىدايەت رەھبىرى، سائادەت بۇلىقى ۋە ئادالەت دەستۇرىدۇر. «ئۇ، ھەقىقەتەن غالىب، ھېچبىر تەرىپىدىن باتىل ئارىلاشمىغان ۋە ئارىلاشمايدىغان بىر كىتابتۇر. ئۇ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغان ۋە ھەر ئىشىنى ياخشى قىلىدىغان زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان» (فۇسسىلەت 41/41- ۋە 42- ئايەتلەر). «ئۇ، ناھايىتى كەسكىن بىر سۆزدۇر. ئۇ، ھەرگىزمۇ چاقچاق ئەمەستۇر» (تارىق 86/13، 14). ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغانلار دۇنيادا بەخت ۋە ھۆرلۈككە ، ئاخىرەتتە ئىززەت ۋە جەننەتكە ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغانلار بولسا، دۇنيادا بەختسىزلىك ۋە خورلۇققا، ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە ئازابىغا دۇچار بولىدۇ.

1- قۇرئان كەرىم بۇيرۇغان ئىبادەتلەر

قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى بىر كېچە-كۈندۈزدە مەخسۇس شەرتلەر ئاستىدا، مۇئەييەن سۈپەتلەر بىلەن بەش ۋاقىت ناماز، ھەپتىدە بىر جۈمە نامىزى، يىلدا ئىككى ھېيت نامىزى ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭدەك ئۆلگەن مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ دۇئا ماھىيىتىدە بىر خىل ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/238؛ نىسا 4/103؛ تەۋبە 9/84؛ جۇمۇئە 62/9-11؛ ئەئلا 87/14، 15؛ كەۋسەر 108/2؛).

2- زاكات

قۇرئان كەرىم مال-مۈلكى مۇئەييەن مىقدارغا يەتكەن دېھقان، چارۋىچى ۋە تىجارەتچى مۇسۇلمانلارنى مەخسۇس شەرتلەر ئاستىدا بىر يىلدا بىر قېتىم زاكات بېرىشكە (ئۆز مەھسۇلات ۋە پۇللىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئايرىپ تېگشلىك شەخس ۋە ئورۇنلارغا بېرىشكە) بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/267؛ ئەنئام 6/141؛ تەۋبە 9/103؛ مۇززەممىل 73/20).

3- روزا

قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى ھىجرىيە يىلىنىڭ 9- ئېيى بولغان رامىزان ئېي داۋامىدا ھەر كۈنى روزا تۇتۇشقا (سۈبھىدىن كۈن پاتقۇچە- پۈتۈن كۈن- يېيىشتىن، ئىچىشتىن ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئىبادەت نىيىتى بىلەن ئۆزىنى تۇتۇشقا) بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/183- 185، 187).

4- ھەج

قۇرئان كەرىم ھەج قىلىش شارائىتىگە ئىگە بولغان مۇسۇلمانلارنى ئۆمرى ئىچىدە بىر قېتىم ھەج قىلىشقا (بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا مەككە مۇكەررەمەگە بېرىپ ئەرەفاتتا تۇرۇش، مۇزدەلىفەدە قونۇش، كەبىنى تاۋاپ قىلىش، سافا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيە قىلىش، شەيتانغا تاش ئېتىش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئورۇنداشقا) بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/158، 189، 196، 197، 198؛ ئال ئىمران 3/97؛ ھەج 22/26- 37).

2- قۇرئان كەرىم بۇيرۇغان ئەخلاقلار

1- سەۋرچان بولۇش

قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى دىن يولىدا يولۇققان ئېغىرچىلىقلارغا چىداشقا، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/45، 155- 157؛ ئال ئىمران 3/200؛ نەھل 16/127، 97؛ سەجدە 32/24؛ لوقمان 31/17).

2- تەۋەككۇل قىلىش

قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى اللەغا تەۋەككۇل قىلىشقا (بىر غايىگە يېتىش ئۈچۈن، اللە تەئالا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان قانۇن-نىزاملارغا ئۇيغۇن ئىش قىلىش بىلەن بىرگە ئاقىۋەتنى اللەغا تاپشۇرۇشقا) بۇيرۇيدۇ. (ئال ئىمران 3/122؛ مائىدە 5/23؛ فۇرقان 25/58).

3- باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆز مەنپەئەتىدىن ئەلا بىلىش

قۇئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى ئالدى بىلەن باشقىلارنى (مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى ) ئويلاشقا، ئۆز مەنپەتىنى ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. (ھەشر 59- 9؛ مۇززەممىل /7320؛ فاتىر 35/29، 30).

4- ئادىل بولۇش

قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى ئېتىقادىدا ۋە پۈتكۈل سۆز-ھەرىكەتلىرىدە ھەققانىيەتنى ئاساس قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. (نىسا 4/58؛ ئەنئام 6/152؛ نەھل 16/90؛ ھۇجۇرات 49/9).

5- مەرھەمەت قىلىشىش

قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى ئۆزئارا مەرھەمەت قىلىشىشقا (بىر-بىرىگە كۆيۈنۈشكە) بۇيرۇيدۇ. (بەلەد 90/17،18).

6- ئېھسان قىلىش

قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى خەيرلىك ئىشلارنى قىلىشقا، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان، يېتىم-يېسىر، پېقىر-مىسكىن، قولۇم-قوشنا ۋە غېرىب-مۇساپىرلارغا ياخشىلىق قىلىشقا ۋە ئىنسانلارغا ياخشى سۆز قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/83، 195؛ نىسا 4/36؛ نەھل 16/90).

7- راستچىل بولۇش

قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى ئېتىقاددا سەمىمىي، گەپ-سۆزدە راستچىل، تائەت-ئىبادەتتە ئەستايىدىل، مۇئامىلىدە دۇرۇس بولۇشقا بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/177؛ تەۋبە 9/119؛ ئەھزاب 33/23، 35؛ زۇمەر 39/33).

8- سېخىي بولۇش

قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى سېخيلىققا يەنى ياخشى يوللاردىن ھېچ نەرسىسىنى ئايىماسلىققا بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/272؛ ھەدىد 57/10؛ ھەشر 59/9؛ مۇنافىقۇن 63/10؛ مەئارىج 70/19- 25؛ لەيل 92/5- 11).

9- كەمتەر بولۇش

قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى بىر-بىرىگە كەمتەر بولۇشقا بۇيرۇيدۇ. (مائىدە 5/54؛ ئىسرا 17/37؛ شۇئەرا 26/215؛ قەسەس 28/83).


3- قۇرئان كەرىم چەكلىگەن ئىش-ھەرىكەتلەر

1- زۇلۇم

قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى زۇلۇمدىن يەنى اللەغا شېرىك كەلتۈرۈش- چۈنكى اللەغا شېرىك كەلتۈرۈش بۈيۈك بىر زۇلۇمدۇر- (لوقمان 31/13)، گۇناھ-مەئسىيەت ۋە پىسىق-فۇجۇر قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى بۇلغاش ۋە باشقىلارغا ھەقسىزلىك قىلىش يەنى كىشىلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆكۈش، ئۇلارغا جىسمانىي ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيانكەشلىك قىلىش قاتارلىق ھەر تۈرلۈك زۇلۇمدىن چەكلەيدۇ. (بەقەرە 28/279؛ نەھل 16/160؛ فۇرقان25/19؛ ھۇد 11/102).

2- ھەسەت

قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى ھەسەتخورلۇقتىن يەنى باشقىلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى نېمەتلىرىنىڭ يوقىلىشىنى ئويلاشتىن چەكلەيدۇ. (نىسا 4/54؛ زۇخرۇف 43/32؛ فەلەق 113/5).

3- سۇخەنچىلىك

قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى سۇخەنچىلىك قىلىشتىن يەنى بىراۋنىڭ گېپىنى باشقىلارغا يامان غەرەزدە يەتكۈزۈشتىن چەكلەيدۇ. (ھۇمەزە 104/1).

4- ھۇرۇنلۇق

قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى اللەنىڭ مەغپىرىتى ۋە جەننىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇسابىقىلىشىشكە بۇيرۇيدۇ. (ھەدىد 57/21؛ مۇتەففىفىين 83/26). بۇ، قۇرئان كەرىمنىڭ مۇسۇلمانلارنى بوشاڭلىق، ئىرادىسىزلىك ۋە ھۇرۇنلۇق قاتارلىق يامان ئەخلاقلاردىن چەكلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى بۇلاردىن باشقا بىر-بىرىنى مەسخىرە قىلىش، بىر-بىرىنى ئەيىبلەش، بىر-بىرىنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرىش، گۇمانخورلۇق قىلىش، بىر-بىرىنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەش، بىر-بىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش قاتارلىق ئىشلاردىن چەكلەيدۇ. (ھۇجۇرات 49/11، 12). قۇرئان كەرىم يەنە بېخىللىق قىلىش، ئىسراپ قىلىش، زىناغا يېقىنلىشىش، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش، يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋېلىش، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش، ئۆلچەمنى كەم تۇتۇش، بىلمىگەننى بىلىمەن دېيىش، گىدىيىپ مېڭىش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش، ئەۋلاتقا كۆڭۈل بۆلمەسلىك قاتارلىق قەبىھ ئىشلاردىن توسىدۇ. (ئىسرا 17/29-38). شۇنىڭدەك، ئوغرىلىق قىلىش، جازانىخورلۇق قىلىش، مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش، مال-دۇنيانى بۇزۇپ چېچىش قاتارلىق ئىشلاردىن مەنئى قىلىدۇ. (مائىدە 5/38، 90 ۋە 91؛ بەقەرە 2/275- 278؛ ئال ئىمران 3/130؛ نىسا 4/161؛ رۇم 30/39؛ ئىسرا 17/26 ۋە 27).

قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

مەنبئەلەر[تەھرىرلەش]


  1. "Nasr, Seyyed Hossein (2007). "Qurʼān" Encyclopædia Britannica Online. ئۇلانما كۈنى: 2007-11-04". Archived from the original on 2016-05-29. Retrieved 2016-08-31.
  2. John Burton (1977). The Collection of the Qur'an. 2014-10-07 كۈنكى ئۇلانما
  3. Jane Dammen McAuliffe (2006). The Cambridge Companion to the Qur'an. 2014-10-08 كۈنكى ئۇلانما
  4. Handbook of Islamic Marketing, Page 38, G. Rice - 2011
  5. Literacy and Development: Ethnographic Perspectives - Page 193, Brian V Street - 2001
  6. Jane Dammen McAuliffe (2006). The Cambridge Companion to the Qur'an. 2014-10-08 كۈنكى ئۇلانما
  7. "Archive copy". Archived from the original on 2016-07-03. Retrieved 2016-08-30.CS1 maint: archived copy as title (link)
  8. Understanding the Qurán - Page xii, Ahmad Hussein Sakr - 2000
  9. "Peygamber Efendimiz (a.s.m.)'in en büyük mucizesi Kur'an-ı Kerim olduğu gibi, Kur'an-ı Kerim'in en büyük mucizesi de Peygamber Efendimizdir, denilebilir mi?". Archived from the original on 2016-03-05. Retrieved 2016-08-30.
  10. "En Büyük ve Ebedi Mucize Kur'an'dır". Archived from the original on 2015-09-07. Retrieved 2016-08-30.
  11. EFENDİMİZ (S.A.V)'İN MUCİZELERİ
  12. "Hz. Muhammed'in peygamberlik delilleri ve Kur'an'ın Allah kelamı olması hakkında bilgi verir misiniz?". Archived from the original on 2016-07-27. Retrieved 2016-08-30.
  13. "Peygamberliğin İspatı". Archived from the original on 2015-08-22. Retrieved 2016-08-30.
  14. "Kur'an'ın Hz. Muhammed (s.a.v) Tarafından Yazılmamış Olduğunun 10 Kanıtı". Archived from the original on 2016-08-29. Retrieved 2016-08-30.
  15. Hz Muhammed’in (asm) hak peygamber olduğunun delilleri nelerdir?
  16. ""Quran - Compilation" Britannica.com. ئۇلانما 15-10-2015". Archived from the original on 2016-05-29. Retrieved 2016-08-31.
  17. Kur’ân ne zaman mushaf haline getirilmiştir?
  18. "Kur'an'ın ilk yazılmış nüshaları neden ortadan kaldırıldı? Kur'an'ın aslı yakıldı mı?". Archived from the original on 2015-09-08. Retrieved 2016-09-01.
  19. "Kur'an-ı Kerim'in yazılması, toplanması ve kitap haline getirilmesi hakkında detaylı bilgi verir misiniz? Peygamber Efendimiz Kur'an'ı toplama işini hayatında yapamasa bile bunu neden vasiyet etmemiştir? Şu an elimizde bulunan en eski Kur'an hangisidir?". Archived from the original on 2015-09-08. Retrieved 2016-09-01.
  20. "Archive copy". Archived from the original on 2013-11-01. Retrieved 2016-09-01.CS1 maint: archived copy as title (link)
  21. "Archive copy" (PDF). Archived from the original (PDF) on 2013-12-11. Retrieved 2016-09-01.CS1 maint: archived copy as title (link)
  22. http://www.ilafdergi.hitit.edu.tr/files/14.11.pdf
  23. "Archive copy". Archived from the original on 2013-05-30. Retrieved 2016-09-01.CS1 maint: archived copy as title (link)
  24. http://www.islam-guide.com/frm-ch1-4.htm
  25. http://www.quranexplorer.com/Default.aspx
  26. Bakara : 219; Nisa : 43; Mâide : 90-91
  27. http://www.sahih-bukhari.com/Pages/Bukhari_6_61.php | work = 810-870 CE | publisher = http://www.sahih-bukhari.com | accessdate = Aug 2013 | arşivurl = http://web.archive.org/web/20160204172409/http://sahih-bukhari.com/Pages/Bukhari_6_61.php
  28. Mohamad K. Yusuff, Zayd ibn Thabit and the Glorious Qur'an
  29. The Koran; A Very Short Introduction, Michael Cook. Oxford University Press, pp. 117–124
  30. F. E. Peters (1991), pp.3–5: "Few have failed to be convinced that … the Quran is … the words of Muhammad, perhaps even dictated by him after their recitation."
  31. http://en.wikipedia.org/wiki/History_of_the_Arabic_alphabet#Origins
  32. "Archive copy" (PDF). Archived from the original (PDF) on 2013-01-30. Retrieved 2016-09-01.CS1 maint: archived copy as title (link)
  33. http://www.nurislam.org/kuranin-yazilis-tarihi.html https://web.archive.org/web/20111227143714/http://www.nurislam.org/kuranin-yazilis-tarihi.html
  34. "Archive copy". Archived from the original on 2013-08-29. Retrieved 2016-09-01.CS1 maint: archived copy as title (link)
  35. https://web.archive.org/web/20210126104418/http://www.simetrikkitap.com/ Simetrik Kitap, Dr. Halis Aydemir
  36. "Archive copy". Archived from the original on 2013-02-18. Retrieved 2016-09-01.CS1 maint: archived copy as title (link)
  37. Approaches to the Asian Classics, Irene Blomm, William Theodore De Bary, Columbia University Press, 1990, ss. 65