ئىسلام دىنى

ئورنى Wikipedia
FirstSurahKoran.jpg

ئىسلام بىر خۇدالىق دىن بولوپ 7-ئەسىردىكى دىنى ۋە سىياسى داھىي مۇھەممەد پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)تەرىپىدىن تارقىتىلغان.ھازىر دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ دىن بولوپ تەخمىنەنەن 1.4 مىليارد ئىتقاد قىلغۇچىسى بار بولوپ پۈتۈن دۇنياغا كەڭ تارقالغان. «ئىسلام»نىڭ مەنىسى ئىتائەت قىلىش بولوپ، ئۆزىنى پۈتۈنلەي خۇداغا(ئەرەبچە ئاللاھ) بويسۇندۇرۇش دىگەنلىك. مۇسۇلمان بولسا "ئىتائەت قىلغۇچى" دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

مۇسۇلمانلار ئاللاھ قۇرئاننى مۇھەممەدكە چۈشۈرگەن، مۇھەممەد بولسا ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر دەپ چۈشىنىدۇ. قۇرئان بىلەن مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ سۈننەتلىرى(ھەدىس ) ئىسلامنىڭ ئاساسى مەنبەسى دەپ قارىلىدۇ. مۇسۇلمانلار مۇھەممەدنى دىننىڭ ياراتقۇچىسى ئەمەس بەلكى ئادەم ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قاتارلىقلىق باشقا ئەلچىلەر ئېلىپ كەلگەن دىنلارنىڭ بۇرمىلانغان(مەسىلەن يەھۇدى دىنى، خىرىستىيان دىنى غا ئوخشاش) مەنىسىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرگۈچىسى دەپ چۈشىنىدۇ.

ئىسلام بىر دىن بولوپلا قالماي بەلكى بىر مەدەنيەت.

ئىسلام سۆزى ئەسلى ئەرەبچە " " دىگەن سۆزدىن بارلىققا كەلگەن بولوپ ،ئەسلى بىخەتەرلىك ۋە تىنىچلىق دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.ئىسلام پىئېل سۆزى ئاسلاما دىگەن سۆزدىن قۇرۇلغان بولوپ ئىتائەت قىلىش،بويسۇنۇش دىگەن مەنىلەرنى بىلدۇرىدۇ. قۇراندىكى ئىسلام سۆزىنىڭ بىر نەچچە مەنىسى بار.

ھازىر ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ كەڭ تارقالغان ئىككى مەزھىپى بولوپ بىرى سۈننى مەزھىپى يەنە بىرى شىئە مەزھىپى ھىسابلىنىدۇ.

ئىسلام دىنى بۇددا دىنى ۋە خىرىستىيان دىنى بىلەن بىر قاتاردا دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇ ئۇزاق تارىخقا ۋە ئىجابىي تەسىرگە ئىگە بولۇپ، دۇنيا مەدەنىيىتىگە زور تۆھپە قوشتى ۋە قوشىدۇ. لېكىن ھازىر دۇنيا مىقياسىدا، ئايرىم كىشىلەرنىڭ چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىق قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن بىر قىسىم كىشىلەردە ئىسلام دىنىغا قارىتا خاتا چۈشەنچە پەيدا بولدى. ئىسلام دىنىنى ئۆچ كۆرىدىغان بىر قىسىم كىشىلەر ۋە ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەرسىز كىشىلەر ئىسلام دىنىنى ئالۋاستىلاشتۇرۇشقا، ئىسلام دىنىغا «زوراۋانلىق»، «تېررورلۇق» ۋە «ئېكىستىرمىزم» قالپىقىنى كىيگۈزۈشكە ئۇرۇنىۋاتىدۇ. بۇ ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىقسۆيەر دىن بولۇش ماھىيىتىگە زىت كېلىدۇ.

«ئىسلام» ‐‐ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ئىتائەت قىلىش، تىنچ-ئەمىنلىك دېگەن مەنىدە. دىنىي نۇقتىدىن ئالغاندا، ئىسلام دىنى ئاللاغا شەرتسىز ئىتائەت قىلىش ۋە بويسۇنۇشنى، ئاللانىڭ ئىرادىسىگە ۋە پەرزلىرىگە ئىتائەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار مۇسۇلمان يەنى «تىنچلىقسۆيەر»، «ئىتائەت قىلغۇچى» دەپ ئاتىلىدۇ. تىنچلىققا ئىنتىلىش ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئەقەللىي ساپا. «قۇرئان»دا «ئى مۆمىنلەر! ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار (يەنى ئىسلام دىنىنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرىغا بويسۇنۇڭلار، بەزى ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىپ، بەزى ئەھكاملىرىنى تەرك ئەتمەڭلار)، شەيتاننىڭ يوللىرىغا (ۋە ئىغۋاسىغا) ئەگەشمەڭلار، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر» دېيىلگەن. ئىسلام دىنى ئەپۇچانلىق ۋە ساداقەتمەنلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان دىن. «قۇرئان»دا «(ئۇلارنىڭ گۇناھىنى) ئەپۇ قىلسۇن، كەچۈرسۇن، ئاللاھ نىڭ سىلەرگە مەغپىرەت قىلىشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر». «(ئۆتۈنگەن ئادەم) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئۆزئارا ئېھسان قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر», «كىمكى (ئىنتىقام ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئەپۇ قىلسا ۋە (ئۆزى بىلەن يامانلىق قىلغۇچىنىڭ ئارىسىنى) تۈزىسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بېرىدۇ» دېيىلگەن. ھەقىقىي مۇسۇلمان ئىسلام دىنىنى بايراق قىلىۋالغان زوراۋانلىق قىلمىشلىرى بىلەن ئالاقىسىز. تېررورىزمغا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي مۇسۇلمان ئەمەس، ئۇلار ئىسلام دىنىنىڭ ئەھكاملىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن گۇناھكار دەپ قارىلىدۇ. «قۇرئان» ۋە «ھەدىس»تە «ئاللاھ چەكلىگەن جانلىقلارنى ئۆلتۈرۈش»، «ئادەم ئۆلتۈرۈش» كۇناھى كەبىر، قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلىشى كېرەك دەپ قارىلىدۇ. ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشمۇ قاتىللىققا تەۋە بولۇپ، قاتتىق چەكلىنىدۇ. «قۇرئان»دا «ئى مۆمىنلەر! بىر ـ بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى (ئوغرىلىق، خىيانەت قىلىش، بۇلاش، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش قاتارلىق) ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشقان سودا ـ سېتىق ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەر ئۆزۈڭلارنى (يەنى بىر-بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر» دېيىلگەن.

ھازىر خەلقئارادا بەزىلەر ئادەمبومبا ۋە تېررورىزم قالپىقىنى ئىسلام دىنىغا تېڭىۋاتىدۇ، بۇ تولىمۇ ئادالەتسىزلىك. ئادەمبومبا ئۆلىۋېلىش ۋە قاتىللىق قىلمىشى بولۇپ، ئىسلام دىنى قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. شۇڭا بىن لادىن ۋە «11-سىنتەبىر» ۋەقەسىنىڭ ئاساسىي جىنايەتچىلىرى ھەقىقىي مۇسۇلمان ئەمەس. يەنە بەزىلەر جىھات ئۇقۇمىنى خاتا چۈشىنىپ، جىھادنى ئۇرۇش دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە «جىھاد» سۆزىنىڭ ئەسلىي مەنىسى «كۈچىنىڭ بارىچە»، «كۈرەش» بولۇپ، «ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلىش» مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ، ئىسلام دىنىنى تارقىتىش يولىدىكى بارلىق تىرىشچانلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «قۇرئان»دا ئەڭ دەسلەپكى مۇسۇلمانلار ۋە كۆپ خۇدالىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن « ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيىتىڭلارنى، ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» دېيىلگەن ھەم «جىھاد» مۇھىم دىنىي مەجبۇرىيەت قىلىپ بېكىتىلگەن. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە «سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ»، « ئەگەر ئۇلار تىنچلىققا مايىل بولسا، سەنمۇ تىنچلىققا مايىل بولغىن، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن» دېيىلگەن.

بۇ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىغا ئاساسەن، ئىسلام دىنى تەھدىت ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرىدۇ، غەرەزلىك ئادەم ئۆلتۈرۈش، بالايى ئاپەت تېرىش، قالايمىقانچىلىق چىقىرىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى چەكلەيدۇ، چۈنكى ھېچقانداق ئادەمنىڭ شەخسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنى تارتىۋېلىش ھوقۇقى يوق. تىنچلىق ئىسلام دىنىنىڭ مەڭگۈلۈك چوڭ پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى، «قۇرئان» ۋە «ھەدىس»تە تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىنىدۇ، يات دىندىكىلەر ۋە ئاتىزىمچىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ، كىشىلەرنى تىنچ دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئۈندەيدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، ئىسلام دىنىنىڭ ماھىيىتى تىنچلىقسۆيەرلىك.

[تەھرىر] توردا

شەخسىي قوراللار

ۋارىيانتلار
ئات بوشلۇقى
مەشغۇلات
يولباشچى
قورال ستونى
باشقا تىلاردا