پەيزاۋات ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
پەيزاۋات ناھىيىسى

پەيزاۋات ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قەسقەر ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. پەيزاۋاتنىڭ يەر مايدانى 6،528 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 320،000.

مەزمۇنى

[تەھرىر] تارىخ

پەيزىۋات ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى تۇتۇق مەھكىمسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 28 - يىلى ( 1902 - يىلى) قەشقەر دوتەي مەھكىمىسى يېڭىشەھەر ئايمىقىدىن ئايرىپ چىقىپ ناھىيە قىلىپ تەسىس قىلىنغان. مىنگو يىللىرىدا قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە، قەشقەر مەمۇرىي رايونىغا، قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي رايونىغا، قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. 1977 - يىلى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئايرىپ بېرىلگەن. 1980 - يىلى يەنە قەشقەر ۋىلايىتىگە بېرىلگەن.

[تەھرىر] ئىسمىنىڭ كىلىپ چقىشى

كونىلار شۇنداق رىۋايەت قىلىپتۇرلەركى، ئۇزاق ئۆتكەن زامانلارنىڭ بىرىدە، قەشقەردە ئارسلانخان ئىسىمىلىك بىر خان ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ ھارۇنخان ئىسىملىك بىر مەسلىھەتچى ۋەزىرى بار ئىكەن. ئارسلانخان ئېلى ئىسىملىك، ھارۇنخاننىڭ بولسا پەيزۇللا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولغانىكەن. بۇ ئىككىيلەننىڭ يېشى ئانچە پەرقلەنمەيدىكەن، بىر - بىرى بىلەن ئىناق خۇشال ئۆتىدىكەن. بىرەر خۇشاللىقى بولسا تەڭ كۈلۈپ، خاپىلىققا تەڭ قايغۇرىدىكەن. بىر مەكتەپتۇ، بىر ئۇزتازدىن تەلىم ئالغانىكەن. ئۇلار چوڭ بولغانسېرى ئات مىنىش، قىلىچ - نەيزىۋازلىق، ئوقيا ئېتىش ئىشلىرىغا قىزىقىدىغان بوپتۇ. كۈنلەردىن بىركۈنى ئىككى بەگزادە ئاتلىرىدىن رۇخسەت ئېلىپ، قەدىمىي ئوردا «خانئۆي» ئەتراپىغا ئوۋغا چىقىپتۇ. قۇمباغ، سايۋاغ، چارۋاغ، بايتوقاي، لەڭگەر . . . دېگەندەك يۇرت - ئۆتەڭلەردىن ئۆتۈپ، قىزىل دەرياسى بىلەن چاقماق دەرياسى ئارىلىقىدىكى غورۇ جاڭگال ئىچىگە كەپتۇ. ئۇ يەرلەردە بۆرە، تۈلكە، قاۋان، ياۋا توڭگۇز، كېيىك، توشقان، تاغ تېكىسى، قوتاز، قىرغاۋۇل، قارىچىغا، جاغالماي، كەكلىك، بۆدۈنە، لاچىن، بۈركۈت ۋە تورغاي، قۇشقاچقا ئوخشاش گۆشخور، ئوتخور، تۆت ئاياغلىق، جۈپ قاناتلىق چوڭ - كىچىك ياۋايى ھايۋان ۋە قۇشلار ياشايدىكەن. توغراق، يۇلغۇن، جىگىدە، سۆگەت، سېدە قاتارلىق دەرەخلەر، خىلمۇ خىل ئوت - چۆپلەر ئۆسىدىكەن. ئارىلاپ - ئارىلاپ قونالغۇ ئۆيلەرمۇ ئۇچراپ تۇرىدىكەن. شاھزادىلەر تاغ باغرىدىكى ساغۇنباغدىن كۈنپېتىشقا بۇرۇلۇپ، كەڭ كەتكەن يايلاقنى توغرا كېسىپ، «ئاقسۇ دەرياسى» بويىغا كېلىشىپتۇ. ئىلگىرى ئۇلار بۇ يەرلەرگە كېلىپ باقىمىغانىكەن. بۇ يەردە بىر كېچىك، بىر - ئىككى ئۆيلۈك دېھقان بار ئىكەن. كەچقۇرۇن بىر بېلىقچى بوۋاينىڭ ئۆيىدە قونۇپتۇ. ئوۋ غەنىيمەتلىرىنى كاۋاپ قىلىپ، ئۆي ئىگىسى بىلەن تەڭ يېيىشىپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە ئاتلىرىنى تەۋەككۈل دەرياسىغا سېلىپ، قىزىلسۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپتۇ. بۇ يەردە دەريادىن سۇ چىقىدىغان، كۈنپېتىشقا ئېقىپ كېتىدىغان بىر ئۆستەڭ، ئۇ ئۆستەڭنى بويلاپ كەتكەن تار ھارۋا يولى بار ئىكەن، بەگزادىلەر يول بىلەن خېلى ئۇزاق ماڭغاندىن كېيىن، بىر كىچىك يۇرتقا يېتىپ كەپتۇ. بەگزادىلەر يۇرتنىڭ ئىچىگە كىرىپ، چوڭ بىر كۆلنىڭ بويىدا ئاتلىرىدىن چۈشۈپتۇ. ھايال ئۆتمەيلا ئەسىر نامىزىدىن يانغان جامائەتلەر بۇ يەرگە كېلىپ «ئۆتكۈنچى مۇساپىرلار» بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. جامائەتنىڭ «كۈسەنباي ئىسىملىك بىر ئاقساقىلى بارئىكەن، ئۇ ھەم يۇرت بېشى، ھەم ئىمام ئىكەن. كۈسەنباي بۇ ئىككى مۇساپىرنى ئۆز ھويلىسىغا تەكلىپ قىلىپتۇ. كەچقۇرۇن يۇرت ئەھلى قوي سويۇپ، مەشرەپ قىلىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋاپتۇ. ئەتىسى مىھمانلار يىراق - يېقىننى كۆرۈپ ئېتىزلارنى ئارىلاپ، باغلاردا سەيلە - ساياھەت قىپتۇ. كەچلىرى ھويلىدا ئولتۇرۇپ ھېكايە ئاڭلاپتۇ. ئاۋۋال كۈسەنباي بۇ يەرنىڭ خەلقى، يەرلىرى، ھوسۇلى، يوللىرى، قەيەرگە قاراشلىق ئىكەنلىكىنى، قانچىلىك غەللە - پاراق تۆكىدىغانلىقى ئۈستىدە چۈشەندۈرۈپتۇ. ئاندىن بۇ « كەنگىندى»لەرنىڭ قەيەردىن، نېمە سەۋەب بىلەن بۇ يەرلەرگىچە كېلىپ قالغانلىقىنى سوراپتۇ. بەگزادىلەر ئۆز ئاتىلىرىنىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەنم، ئۆزلىرىنى«يولدىن ئېزىپ بۇ يەرگە كېلىپ قالغان مۇساپىرلار» دەپ كۆرسىتىشىپتۇ. كۈسەنباي كۆپنى كۆرگەن، تەجرىبىلىك ئادەم ئىكەن. ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ سۆزلىرىدىن ئۆزىچە شۈبھىلىنىپ، تولىمۇ ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈپ، ئۇلارنى قولىدىن كېلىشىچە ياخشى كۈتۈۋېلىپتۇ. بەگزادىلەر كېتىدىغان چاغدا، كۈسەنباي ئۇلارغا بىر قانچە قارا كۆكچى قوغۇن يوللۇق تۇتۇپتۇ ۋە دەپتۇ: _ قىزىلسۇ دەرياسىنىڭ بويىدىكى يېڭى مەھەللە دېھقانلىرى ئارسلان بۇغراخانىمىزغا سالام يوللىدى! - دەپ قويۇشالا، بەگچىلىرىم! بەگزادىلەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ سالاھىيىتى ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىنى سېزىپ، كۈسەنبايغا ھەقىقىي نام- شەرىپلىرىنى مەلۇم قىپتۇ. بىر قانچە كۈنلەر ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بۇ جەرياندا ئۇلار كۈسەنباينىڭ ھېكايىسىنى بەكمۇ قىزىقىپ ئاڭلاپتۇ. بۇ ھېكايىنى ئاستانىگە بارغاندىن كېيىن خان ئاتىمىزغا سۆزلەپ بېرىمىز، مولا تەكلىپ قىلىپ كىتابقا پۈتكۈزىمىز، - دەپتۇ. شاھزادە ئېلى، بەگزادە پەيزۇللالار ئوردىغا قايتىپ كەپتۇ. ئەھۋاللارنى تولۇق مەلۇم قىپتۇ. ئارسلانخان ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ھارۇنخاندىن  : «پەيزۇللا بەگزادە ئۇ يەرگە بارسا قانداق» دەپ سوراپتۇ. ھارۇنخان: «ئىلتىپاتلىرىغا رەھمەت شاھىم! ئۆزلىرى بىلىلا، مەن ياشىنىپ قالدىم. ئۆز يۇرتۇمنى سېغىنىۋاتىمەن، ئوغلۇم ئالدىن يېتىپ بارسا، ئارقىسىدىن مەنمۇ يېتىپ بارىمەن » دەپتۇ. ئارسلانخان پەيزۇللادىن بۇ ئىشقا مەيلى بار - يوقلۇقىنى سورىغانىكەن، ئۇ دەرھاللا: _ مەن ئۇ يەرنى خانلىقىمىزنىڭ باياشات ئۆلكىسى قىلىپ چىقىشقا بەل باغلىدىم!- دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ، پەيزۇللا قىزىلسۇ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى يۇرتلارغا «بەگ» قىلىپ تەيىنلىنىپتۇ. پەيزۇللا بەگنىڭ ئوردىسى دەسلەپتە «يېڭى مەھەللە»گە قۇرۇلۇپتۇ. بەگنىڭ ھويلا يېنىدا ھەشەمەتلىك «شەرئى مەھكىمە خانا» قۇرۇلۇپتۇ. پەيزۇللا بەگ ئالدى بىلەن كۈسەنباينى باش قىلغان « پېشقەدەملەر ئويۇشمىسى» تەسىن قىلىپ، چوڭ - كىچىك ئىشلاردا ئۇلارنىڭ توغرا، پايدىلىق مەسلىھەتلىرىنى ئالدىكەن. پەيزۇللا بەگ ئىشنى ئۆز تەۋەلىكىنى ئايرىش، ھەر بىر يۇرتلارغا يېڭىدىن «ئاقساقال»لارنى تەيىنلەش، غەللە - پاراقنى بىر ئورۇنغا يېغىۋېلىش، ئېرىق - ئۆستەڭلەرنى رېمۇنت قىلىشتىن باشلاپتۇ. بىر - ئىككى يىل ئۆتمەيلا يېڭى - يېڭى يۇرتلار پەيدا بولۇشقا باشلاپتۇ. كۆپ يىللار داۋام قىلغان ئۇرۇش - يېغىلىق دەستىدىن يۇرتىنى تاشلاپ، سەرسان بولۇپ چىقىپ كەتكەنلەرمۇ قايتىپ كېلىپ، ئۆز ماكانلىرىنى قايتا قۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەيزۇللا بەگ ئەسىرگە چۈشكەنلەردىن مىڭلاپ كۆچۈرۈپ كۆچۈرۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشتۇرۇپتۇ . . . بىر يىلى، دەريا سۈيى تېشىپ، يېڭى مەھەللىنى سۇ بېسىپ كېتىپتۇ. دېھقانلار كۈنچىقىشقا قاراپ قېچىپتۇ. كېيىن يېڭىدىن يەنە كۆپ مەھەللە بارلىققا كەپتۇ. پەيزۇللا بەگ چوڭلارنىڭ مەسلىھىتى بويىچە «بەگلىك ھويلا» ۋە «شەرئى مەھكىمە» لەرنى قىزىل دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى بىر يۇرتقا كۆچۈرۈپتۇ. قەدىمكى يىپەك يولى مۇشۇ يەردىن ئۆتىدىكەن. كۆپ ئۆيمەي بۇ يەردە گۈزەل كوچىلار، رەتلىك ئۆيلەر، جۈمە كۈنلۈكى قاينايدىغان بازار سودىسى، ئۆتەڭ - سارايلار پەيدا بوپتۇ. سودا كارۋانلىرى بۇ يېڭى ئۆتەڭگە كېلىپ چۈشىدىكەن، سودا - سېتىق قىلىشىدىكەن. شۇنداق قىلىپ بۇ يۇرت بىنا بولغانىكەن. يۇرت ئىسمىنى كىشىلەر دەسلەپتە «پەيزۇللا بەگنىڭ ئاۋات قىلغان لەڭگىرى» دەپتۇ. كېيىنچە «پەيزۇللا ئاۋاتى» دەپتۇ. ھازىرقى پەيزىۋات (پەيزۇ ئاۋات) دېگەن نام ئەنە شۇنىڭدىن ئۆزگەرگەنىكەن.

[تەھرىر] جۇغراپىيە

پەيزىۋات ناھىيىسى تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى قەشقەر يېڭىشەھەر، كونىشەھەر ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى قەشقەر يېڭىشەھەر، كونىشەھەر ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى يوپۇرغا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمال تەرىپى ئاتۇش شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 140 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 80 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 2.6316 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1415 كىلومېتىر.

يەر تۈزۈلۈشى: غەربىي قىسمى ئېگىز، شەرقىي قىسمى پەس، شىمالىي قىسمى ئېگىز، جەنۇبىي قىسمى پەس. تاغلىق يەر 8.4% نى، تۈزلەڭلىك 46.6% نى، چۆللۈك، سايلىق، قۇملۇق 45% نى ئىگىلەيدۇ. قىزىل دەرياسى بىردىبىر دەرياسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ يىللىق ئېقىن مىقدارى 870 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ يەر ئاستى سۇ زاپىسى 799 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا توڭگۇز، ساي تۈلكىسى قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، يەر مەدىكى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، يەر مەدىكى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن مىس، گۈڭگۈرت، ياقۇت، گەژ قاتارلىقلار بار.پەيزىۋات ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.7℃ ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ـ 22.5℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2923.3 سائەت، 10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 4277.4℃، قىروسىز مەزگىلى 233 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 54.0 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2251.1 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيىدە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر 40 مىڭ 900 گېكتار ( 613 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 30 مىڭ 900 گېكتار ( 463 مىڭ 500 مو) ئورمان، 240 مىڭ گېكتار (3 مىليون 600 مىڭ مو) ئوتلاق، 28 مىڭ 200 گېكتار (423 مىڭ 600 مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان بوزيەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، كۆممىقوناق، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە ئاساس قىلىنىدۇ. جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە داڭقى <پەيزىۋات قوغۇنى> ئىچكىرىدىكى 22 ئۆلكە، 54 شەھەر ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونلىرى شۇنىڭدەك چاۋ شىيەن، ياپونىيە، سىنگاپور، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلماقتا. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، ئېشەك ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن ئېلېكتر قۇۋۋىتى، يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنى رېمونت قىلىش، كۆن - خۇرۇم، مەتبۇئاتچىلىق، پاختا چىقىرىش ۋە ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى 314 - لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. شەھەر - يېزا يوللىرى ئاسفالت يول بولۇپ، تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان. 2000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەۋەرلىشىش بىرلەشمە تورىغا كىرگۈزۈلدى. يەر ئاستى سۇ تۇرۇبىسى قەشقەر شەھىرىنىڭ يەر ئاستى سۇ تۇرۇبىسىغا ئۇلىنىپ، يىلىغا 457 مىڭ توننىدىن كۆپرەك سۇ بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. ھازىر ناھىيە بازىرى ۋە بىر قىسىم يېزا - بازارلاردا ئۆلچەملىك تۇرۇبا سۈيى ئىستېمال قىلىنىۋاتىدۇ

[تەھرىر] مەمۇرىي رايون

قارمىقىدا 2 بازار، 11 يېزا، 286 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. تەۋەسىدە شىجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەننىڭ پەيزىۋات دېھقانچىلىق باش مەيدانى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارسىنىڭ قالىغاچ بىنام ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش دېھقانچىلىق مەيدانى بار.

[تەھرىر] ئىقتىساد

[تەھرىر] ئاساسىي قۇرۇلۇش

[تەھرىر] نۇپوس ئىستاتىستىكا

1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 283 مىڭ 300 بولۇپ، ئۇيغۇرلار 97.88% نى، خەنزۇلار 2.06% نى، باشقا مىللەتلەر 0.06% نى تەشكىل قىلىدۇ.

2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 320،000

[تەھرىر] تەربىيە

[تەھرىر] ساياھەتچىلىك

[تەھرىر] مائارىپ

[تەھرىر] تەنھەرىكەت يىغىنى

[تەھرىر] سىرتقى ئۇلاش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (مەركەز: ئۈرۈمچى) Flag of the People's Republic of China.svg
جايلار, ئاپتونوم ئوبلاسىت , ناھىيە, ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | شۇيموگۇ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | داۋانچىڭ رايونى | دۇڭسەن رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان ۋىلايىتى: تۇرپان شەھىرى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى: قۇمۇل شەھىرى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى | گۇما ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىس | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھرى | مارالبېشى ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى | تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بۆرتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بۆرتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايون: شىخەنزە شەھىرى | ئارال شەھرى | تۇمشۇق شەھرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتى:

ئاپتونوم ئوبلاسىت: غۇلجا شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم يېزىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | ۋۇسۇ شەھىرى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | ساۋەن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | چىڭگىل ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | كوكتوقاي ناھىيىسى | بۇرچىن ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى

شەخسىي قوراللار

ۋارىيانتلار
ئات بوشلۇقى
مەشغۇلات
يولباشچى
قورال ستونى
باشقا تىلاردا