يېڭىسار ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
يېڭىسار ناھىيىسى

英吉沙县.Yengisar County

يېڭىسار ناھىيىسى (نومۇرى 4) نىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
بازارلىق سانى 2 دانە
يېزا سانى 12 دانە
نوپۇس 284 مىڭ
يەر مەيدانى 3,420.9 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q

يېڭىسار ناھىيىسى كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى يەكەن ناھىيىسى، يوپۇرغا ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى بىلەن، غەرب، جەنۇب تەرىپى ئاقتو ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 90 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 60 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 4306.5 كۋادرات كىلومېتىر.

ئېتىمولوگىيە[تەھرىرلەش]

يېڭىسار ئەسلى يەڭى ھىسار بولۇپ، يېڭى قەلئە دېگەن مەنىدە.

يەر تۈزۈلۈشى[تەھرىرلەش]

غەربىي جەنۇب قىسمى ئېگىز، شەرقىي قىسمى پەس، تاغلىق يەر 32% نى، تۈزلەڭلىك 28.4% نى، چۆللۈك ۋە قۇملۇق 39.6% نى ئىگىلەيدۇ. كۇسەن دەرياسى ۋە ئېگىز يار دەرياسى قاتارلىق دەرياسى بار. يىللىق ئېقىن مىقدارى 712 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ يەر ئاستى سۇ زاپىسى 417 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ساي تۈلكىسى، تارىم توشقىنى، ئاق بوغۇز بۆكەن، قىرغاۋۇل. تاغ كەكلىكى قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن كۆمۈر، نېفىت، مەرمەر تاش، خرۇستال، گۈڭگۈرت، تۇز، قوغۇشۇن، ھاك تېشى، گەج، شۇلتا قاتارلىقلار بار.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيىسى قارمىقىدا 2 بازارلىق ۋە 12 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە/كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 يېڭىسار بازىرى Yéngisar baziri Yengisar town 英吉沙镇 9 31.1 6
2 ئۇلۇغچات بازىرى Ulughchat baziri Ulughchat town 乌恰镇 27 45 268
3 شەھەر يېزىسى Sheher yézisi Sheher town 城关乡 13 13.1 ؟
4 ماڭشىن يېزىسى Mangshin yézisi Mangshin town 芒辛乡 15 26 ؟
5 سىيىتلە يېزىسى Siyitle yézisi Siyitle town 色提力乡 10 10.5 109.27
6 يېڭىيەر يېزىسى Yéngiyer yézisi Yengiyer town 英也尔乡 10 12.5 ؟
7 ساغان يېزىسى Saghan yézisi Saghan town 萨罕乡 21 30 ؟
8 چولپان يېزىسى Cholpan yézisi Cholpan town 乔勒潘乡 13 11.8 59
9 لومپا يېزىسى Lompa yézisi Lompa town 龙甫乡 8 6.8 144
10 ئەگۈس يېزىسى Egüs yézisi Egus town 艾古斯乡 8 9.5 11.7
11 سۆگەت يېزىسى Söget yézisi Soget town 苏盖提乡 14 23.5 19.6
12 توپلۇق يېزىسى Topluq yézisi Topluq town 托普鲁克乡 6 14 137.84
13 ئېگىزيەر يېزىسى Égizyer yézisi Egizyer town 依格孜也尔乡 4 5 245
14 قىزىل يېزىسى Qizil yézisi Qizil town 克孜勒乡 14 25 1,534

ئىزاھات:

  • 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى ئۇلۇغچات يېزىسى ئۇلۇغچات بازىرى بولۇپ قۇرۇلغان.

ئىقلىمى[تەھرىرلەش]

يېڭىسار ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.4℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 24.6℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2755.2 سائەت. 10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 4188.3℃. قىروسىز مەزگىلى 214 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 63.5 مىللىمېتىر. سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2258.7 مىللىمېتىر.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

بۇ ناھىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 24 مىڭ 700 گېكتار ( 370 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 6700 گېكتار (100 مىڭ 500 مو) ئورمان، 33 مىڭ 600 گېكتار (5 مىليون 450 مىڭ مو) ئوتلاق، 1000 گېكتار ( 15 مىڭ مو) باغ، 5200 گېكتار (78 مىڭ 500 مو) سۇ يۈزى، 386 مىڭ 900 گېكتار (5 مىليون 802 مىڭ 800 مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، ياغلىقدان، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا قوي بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن سېمونت، كۆمۈر، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، پاختا چىقىرىش، ئاشلىق، ماي، ياغ ۋە مېۋە - چېۋە پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. يېڭىسار پىچىقى يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى. يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى 315 - لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى ئاسفالىتلاشتۇرۇلغان. يېزا - بازارلاردىكى تېلېفوننىڭ ھەممىسى پروگراممىلاشتۇرۇلدى ۋە سىمسىز چاقىرغۇ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

ساياھەتچىلىكى[تەھرىرلەش]

يېڭىسار ناھىيسىنىڭ دارۋاز مەدەنىيتى ئىنتايىن تەرەققى قىلغان ، ساياھەت نۇقتىللىرىدىن يېڭسار دارۋاز مەكتىپى ، ئەگۈس يېزىسى ئەگۈس بۇلاق بېشى ساياھەت ئارامگاھى ، كەڭ ساي سۇ ئامبىرى ، قارۋاش يېزا شارقىراتما رايۇنى ، يېڭى شەھەر شىمالى كۆل ، شۇنداقلا قارۋاش پىچاقچىلار رايۇنى ساياھەت رايۇنى قاتارلىقلار بار .

مائارىپى[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى