ئۇلۇغچات ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
ئۇلۇغچات ناھىيىسى

乌恰县.Ulughchat County

ئۇلۇغچات ناھىيىسى ( نومۇرى 4 ) خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ئوبلاست قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى
مىللەتلەر ئۇيغۇر،قىرغىز
تىللار ئۇيغۇرچەقىرغىزچە
بازارلىق سانى 2 دانە
يېزا سانى 9 دانە
نوپۇس 221 مىڭ
يەر مەيدانى 19,118.11 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى)
تېلېفون رايون نومۇرى 908 (0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新P

ئۇلۇغچات ناھىيىسى ( ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Ulughchat Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. ئولۇغچات ناھىيىسى تەڭرىتاغ بىلەن كوئىنلۇن تېغى تۇتاشقان جايغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى ئاتۇش شەھىرى، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى ئاقتو ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي تەرپى قىرغىزىستان نىڭ ئوش ئوبلاستى بىلەن چېگرىداش، ئېركەشتام ئېغىزى دىن قىرغىزىستانغا ئۆتكىلى بولىدۇ، شىمال تەرىپى بولسا نارىن ئوبلاستى بىلەن چېگرىداش كېلىدۇ. [[تورۇگارت ئېغىزىدىن قىرغىزىستاننىڭ نارىن ئوبلاستى غا ئۆتكىلى بولىدۇ. (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 410 كىلومېتىر)، شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 180 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 160 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 17 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا ئىككى بازار، توققۇز يېزا، 30 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن ئارىلىقى بىر مىڭ 527 كىلومېتىر.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىئۇلۇغچات ناھىيىسى قارمىقىدا 2 دانە بازارلىق ۋە 9 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە/كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 ئۇلۇغچات بازىرى Ulughchat Baziri Ulughchat Town 乌恰镇 5 10
2 كانسۇ بازىرى Kansu Baziri Kansu Town 康苏镇 4 1.5 22
3 قىزىلئۆي يېزىسى Qizilöy Yézisi Qizilöy Township 黑孜韦乡 6 5.5
4 ئوقسالۇر يېزىسى Oqsalur Yézisi Oqsalur Township 吾合沙鲁乡 2 1 1,745.5
5 بۆرىتوقاي يېزىسى Böritoqay Yézisi Boritoqay Township 膘尔托阔依乡 5 7
6 بوستانتېرەك يېزىسى Bostantérek Yézisi Bostanterek Towship 波斯坦铁列克乡 6 8 2,901.8
7 ئۇلۇغچات يېزىسى Ulughchat Yézisi Ulughchat Township 乌鲁克恰提乡 4 4
8 جىغىن يېزىسى Jighin Yézisi Jighin Township 吉根乡 4 2
9 بايقۇرۇت يېزىسى Bayqurut Yézisi Bayqurut Township 巴音库鲁提乡 2 9.7
10 تېرەك يېزىسى Térek Yézisi Terek Township 铁列克乡 2 3
11 تويۇن يېزىسى Toyun Yézisi Toyun Township 托云乡 3 1.8 1,545.8

ئىزاھات:

يەر تۈزۈلۈشى[تەھرىرلەش]

بۇ ناھىيىنىڭ ئۈچ تەرىپىنى ئېگىز تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. شەرقىي - جەنۇبىي قىسمىدا قەشقەر دېلتىسى تۈزلەڭلىكى بار. تەۋەسىدە قىزىلسۇ دەرياسى ۋە چاقماق دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئېقىن بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 960 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا چوشقا، سۇغۇر، ئۇلار، چىل قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن ئەڭلىك ئوت، چۈچۈكبۇيا، ئەنجىدان (ھىڭ)، چاكاندا، پاقا يوپۇرمىقى، قانتېپەر، كىرەش، مامىكاپ، كەتىرا، يەر مەدىكى، پالما مەرىزى قاتارلىقلار بار.

ئىقلىمى[تەھرىرلەش]

ئۇلۇغچات ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 6.8℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 34.7℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 29.9℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2797.2 سائەت. 10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 2529.3℃، قىروسىز مەزگىلى 138 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 163 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2564.9 مىللىمېتىر.

بايلىقى[تەھرىرلەش]

بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن كۆمۈر، نېفىت، نېفىتلىك سىلانېتىسى، تۆمۈر، مىس، قوغۇشۇن، سىنك، سترونتىسىي، ئالتۇن، فوسفور، تۇز، گۈڭگۈرت، ھاك تاش، گەز، چىنە توپىسى قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە كۆمۈر زاپىسى پۈتۈن ئوبلاست كۆمۈر زاپىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

بۇ ناھىيە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر بار تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 3700 گېكتار ( 55 مىڭ 500 مو)، ئورمان كۆلىمى 13 مىڭ 100 گېكتار (196 مىڭ 500 مو)، ئوتلاق كۆلىمى بىر مىليون 85 مىڭ 900 گېكتار (16 مىليون 288 مىڭ مو). مال - چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات، تۆگە، ئېشەك، قوتاز قاتارلىقلار بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، قىچا، يالىڭاچ ئارپا، دادۇر، كۆك پۇرچاق قاتارلىقلار بار. ئۇلۇغچات ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. ناھىيە بازىرى بىلەن ئوبلاست مەركىزى بولغان ئاتۇش شەھىرى بىلەن تۇرغات ئېغىزىنى ئاسفالت يوللار تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ناھىيىدىن يېزا، بازارلىرىغا بارىدىغان غول تاشيوللار ۋە ئاددىي تاشيوللار بار. ناھىيە بازىرىدىن ئوبلاستقىچە بولغان بۆلەككە نۇر كابىلى ياتقۇزۇلۇپ بولدى. پروگراممىلىق تېلېفونمۇ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلۇپ بولدى. بۇ ناھىيىدىكى تورغات ۋە ئېركەشتام ئېغىزى، شىنجاڭنىڭ قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن سودا ئالاقە قىلىشىدىكى ئاساسلىق ئېغىز ھېسابلىنىدۇ.

ساياھەتچىلىكى[تەھرىرلەش]

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

مائارىپى[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى