ئونسۇ ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
ئونسۇ ناھىيىسى

温宿县.Onsu County

ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ۋىلايەت ئاقسۇ ۋىلايىتى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
بازارلىق سانى 5 دانە
يېزا سانى 5 دانە
نوپۇس (2015-يىل) 259,305 [1]
يەر مەيدانى 14,376 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى)
تېلېفون رايون نومۇرى 997 (0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新N

ئونسۇ ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Onsu Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئاقسۇ ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. ئونسۇ ناھىيىسى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى باي ناھىيىسى، توقسۇ ناھىيىسىبىلەن، جەنۇب تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى بىلەن، غەرب تەرىپى ئۇچتۇرپان ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمالىي تەرىپى قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 119 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 153 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 167 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 14 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، توققۇز يېزا، 108 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 1 - شىسنىڭ ئىككى تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1001 كىلومېتىر.

مەمۇرىي رايونلىرى[تەھرىرلەش]

ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيىسى قارمىقىدا 5 دانە بازارلىق بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە/كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 ئونسۇ بازىرى Onsu Baziri Onsu Town 温宿镇 12 45
2 جام بازىرى Jam Baziri Jam Town 佳木镇 7 4 47.74
3 قىزىل بازىرى Qizil Baziri Qizil Town 克孜勒镇 12 18.5 336
4 تۇمشۇق بازىرى Tumshuq Baziri Tumshuq Town 吐木秀克镇 10 11.2 473.2
5 ئارال بازىرى Aral Baziri Aral Town 阿热勒镇 15 23.5 198.9

ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيىسى قارمىقىدا 6 دانە يېزا بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 توخۇلا يېزىسى Toxula Yézisi Toxula Township 托乎拉乡 9 12.8 20
2 ئىشلەمچى يېزىسى Ishlemchi Yézisi Ishlemchi Township 依希来木其乡 10 11.6 375
3 گۈلئاۋات يېزىسى Gülawat Yézisi Gulawat Township 古勒阿瓦提乡 13 17.6 931.56
4 چاغراق يېزىسى Chaghraq Yézisi Chaghraq Township 恰格拉克乡 10 18 ?
5 بوزدۆڭ قىرغىز يېزىسى Bozdöng Qirghiz Yézisi Bozdong Kyrgyz Township 博孜墩柯尔克孜族乡 5 5.2 239.2

ئىزاھات:

يەر تۈزۈلۈشى[تەھرىرلەش]

شىمالىي تەرىپى ئېگىز، جەنۇب تەرىپى پەس، شىمالىي قىسمى تەڭرىتاغ رايونى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 6000 مېتىردىن ئاشىدىغان تاغ چوققىسىدىن 20 دىن كۆپرەككى بار (تۆمۈر چوققىسى ئە ئېگىز چوققا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 7435.29 مېتىر كېلىدۇ). جەنۇبىي قىسمى تاغ - دەريالار ئارىلىقىدىكى تۈزلەڭلىك ۋە دەريا ئېقىنىنىڭ تىنىشىدىن ھاسىل بولغان تۈزلەڭلىك. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى 52.4% نى، تۈزلەڭلىك 17.6% نى، قۇملۇق 30% نى ئىگىلەيدۇ. دەرياسىدىن توشقان دەرياسى، قومئېرىق دەرياسى، تېرەڭ دەرياسى، قارا يۇلغۇن دەرياسى ۋە مۇزات دەرياسى قاتارلىقلار بار. يەر يۈزى سۇ بايلىقى ئۈچ مىليارد 20 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى بىر مىليارد 120 مىليون كۇب مېتىر. ياۋا ھايۋانات بايلىقىدىن قۇلان، يىلپىز، قاقىر، شىمال ئۆچكىسى، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، ئۇلاr قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن كۆمۈر، گەج، قاشتېشى، تۇز، سېغىز توپا، مەرۋايىت تاش قاتارلىقلار بار.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

بۇ ناھىيە يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ناھىيە، ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 37 مىڭ 500 گېكتار ( 562 مىڭ 500 مو)، ئورمانلىق كۆلىمى 95 مىڭ 700 گېكتار (بىر مىليون 435 مىڭ 500 مو)، ئوتلاق كۆلىمى 541 مىڭ گېكتار (8 مىليون 115 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان 37 مىڭ 600 گېكتار (564 مىڭ مو) قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، قىزىلچا، قۇلماق، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئىنچىكىلىك بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۈرۈچ، پۇراقلىق گۈرۈچ، يېپىشقاق پۇراقلىق گۈرۈچ مەملىكەتلىك دېھقانچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ <يېشىل يېمەكلىك> گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئات، ئېشەك قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئېنېرگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېمەكلىك، يېزا ئىگىلىك ۋە قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىتىدىغان بۇيۇملار قاتارلىقلار بار. ئۆزىگە خاس مەھسۇلاتلىرىدىن دۇڭلىڭ قاشتېشىدىن سىپتا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار، دورىلىق ناترىي خلورد، ئېفېرىن قاتارلىقلار بار.

ئىقلىمى[تەھرىرلەش]

ئونسۇ ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 10.2℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 37.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 27.4℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2718.1 سائەت. قىروسىز مەزگىلى 207 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 62.9 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 180.9 مىللىمېتىر.

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

ساياھەتچىلىكى[تەھرىرلەش]

مائارىپى[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. "ئاپتونوم رايونلۇق سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2017-يىلىلىق نوپۇش سىتاتىستىكا جەدۋىلى". Archived from the original on 2017-10-11. Retrieved 2018-05-21.

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى