ئاقچى ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
ئاقچى ناھىيىسى

ئاقچى ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. ئاقچىنىڭ يەر مايدانى 11،441 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 30،000.

مەزمۇنى

تارىخ [تەھرىر]

ئاقچى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ساپار باي دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. ساپارباي غەربىي يۇرتتىكى 36 دۆلەتنىڭ بىرى. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ساپار باي ئايمىقى تەسىس قىلىنىپ، كۈسەن تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە جۇڭغار قەبىلىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 24 - يىلى (1759 - يىلى) ئاقچى بىلەن ئۇچتۇرپان بىردەك ئۇچتۇرپان بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتى دەپ ئاتالغان. مىنگونىڭ 2 - يىلى (1913 - يىلى) نامى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىگە ئۆزگەرتىلىپ، ئاقسۇ دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 29 - يىلى ( 1940 - يىلى) ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىن ئاجرىتىلىپ ئاقچى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 33 - يىلى (1944 - يىلى) دەرىجىسى ناھىيىگە ئۆستۈرۈلۈپ ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. 1954 - يىلى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

جۇغراپىيە [تەھرىر]

ئاقچى ناھىيىسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالى قىسمىغا، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى توشقان دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى ئۇچتۇرپان ناھىيىسى، كەلپىن ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى مارالبېشى ناھىيىسى، ئاتۇش شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال، غەرب تەرىپى قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 276 كىلومېتىر). ئومۇمىي يەر مەيدانى 12 مىڭ 200 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيە قارمىقىدا بىر بازار، 5 يېزا، 23 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1184 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 32 مىڭ 800، بۇنىڭ ئىچىدە قىرغىزلار 88.96% نى، ئۇيغۇرلار 4.55% نى، خەنزۇلار 6.28% نى، باشقا مىللەتلەر 0.21% نى تەشكىل قىلىدۇ.  بۇ ناھىيىنىڭ جۇغراپىيلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، <ئىككى تاغ بىر جىلغىنى قورشاپ تۇرىدۇ>. پۈتۈن يەر تۈزۈلۈشى: شىمالىي تەرىپى ئېگىز، جەنۇبىي تەرىپى تۆۋەن بولۇپ، غەربتىن شەرققە قىيپاش. شىمالىي تەرىپىدە كوكسال تېغى بولۇپ، ئەڭ ئېگىز چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 5 مىڭ 958 مېتىر ئېگىز. جەنۇب تەرىپىدە قارا تېكەن تېغى بولۇپ، ئەڭ ئېگىز چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 4 مىڭ 679 مېتىر ئېگىز. ئوتتۇرىسىدا توشقان دەرياسى جىلغىسى بار. توشقان دەرياسى غەربتىن شەرققە ئېقىپ پۈتۈن ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 2 مىليارد 680 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، ئۇلار، چىل قاتارلىقلار بار. ياۋايى ئۆسۈملۈك بايلىقى بىرقەدەر مول بولۇپ، ئىككى تاغ، بىر جىلغىغا تارالغان ئۆسۈملۈك 200 خىلدىن كۆپرەك. بۇنىڭ ئىچىدە ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، ياۋا ئارپىبەدىيان، قىل يوپۇرماق، ئەمەن قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن سېرپېنتىن، گەز، مەرمەر تاش، ئىسلاندىيە تېشى، تۆمۈر، مانگان قاتارلىقلار بار. ئاقچى ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 6.2℃. ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 36.4℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 27.2℃، كۈننىڭ ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2988.6 سائەت. 10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 2434.8℃، قىروسىز مەزگىلى 171 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 184.6 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2501.4 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە تاغلىق رايون چارۋىچىلىق ناھىيىسى بولۇپ، ھازىر بار تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 4 مىڭ 300 گېكتار ( 64 مىڭ 500 مو)، ئورمان كۆلىمى 760 مىڭ گېكتار ( 11 مىليون 400 مىڭ مو)، ئوتلاق كۆلىمى 884 مىڭ 700 گېكتار ( 12 مىليون 670 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان 8 مىڭ 700 گېكتار (130 مىڭ مو) قاقاس يەر بار. مال - چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات، قوتاز، تۆگە، ئېشەك قاتارلىقلار بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، ئارپا، يالىڭاچ، ئارپا، دادۇر (باقىلە)، زىغىر، قىچا قاتارلىقلار بار. ئاقچى ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. ئۆلكە يولىدىن بىرى، چېگرا مۇداپىئەسى مەخسۇس يولىدىن ئىككىسى بار. پروگراممىلىق تېلېفون نۇر كابىللىق تېلېگراف يوللىرى ئىشلىتلىشكە كىرىشتۈرۈلدى.

مەمۇرىي رايون [تەھرىر]

ئىقتىساد [تەھرىر]

ئاساسىي قۇرۇلۇش [تەھرىر]

نۇپوس ئىستاتىستىكا [تەھرىر]

تەربىيە [تەھرىر]

ساياھەتچىلىك [تەھرىر]

بۇ ناھىيىنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرى ۋە داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرىدىن كىرگىن قەدىمىي قەلئەسى، ئۇچتۇرپان قەدىمىي شەھەر خارابىسى، بالىگېندى قەدىمىي پوتىيى، ئىبراھىم قەدىمىي قەلئەسى، بەدەل بولال تۇراسى، قارلىق مۇز چوققا، جىلو سۇ ئارشىڭى، توشقان دەرياسى جىلغىسى مەنزىرىسى قاتارلىقلار بار.

مائارىپ [تەھرىر]

تەنھەرىكەت يىغىنى [تەھرىر]

سىرتقى ئۇلاش [تەھرىر]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (مەركەز: ئۈرۈمچى) Flag of the People's Republic of China.svg
جايلار, ئاپتونوم ئوبلاسىت , ناھىيە, ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | شۇيموگۇ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | داۋانچىڭ رايونى | دۇڭسەن رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان ۋىلايىتى: تۇرپان شەھىرى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى: قۇمۇل شەھىرى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى | گۇما ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىس | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھرى | مارالبېشى ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى | تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بۆرتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بۆرتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايون: شىخەنزە شەھىرى | ئارال شەھرى | تۇمشۇق شەھرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتى:

ئاپتونوم ئوبلاسىت: غۇلجا شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم يېزىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | ۋۇسۇ شەھىرى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | ساۋەن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | چىڭگىل ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | كوكتوقاي ناھىيىسى | بۇرچىن ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى