تاجىك مىللىتى
| header 1 |
|---|
| توپلام نۇپۇسى |
| ياشايدىغان يەرلىرى |
| تىلى |
| دىنىي ئېتىقادى |
| مۇناسىۋەتلىك مىللەتلەر |
تاجىك مىللىتى - تاجىك تىلىدا سۆزلەيدىغان ھەلىق.
مەزمۇنى |
تەربىيە [تەھرىر]
تىل [تەھرىر]
تارىخ [تەھرىر]
تاجىكلار ئاففانىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى، جۈملىدىن ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 28 مىليوندىن كۆپرەك. تاجىكلارنىڭ 10 مىليوندىن كۆپرەكى ئاففانىستاننىڭ ھېرات بوستانلىقى، بەدەشقان ۋە ھىندىقۇش تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي باغرىدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 30 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؛ 5 مىليون 800 مىڭى تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، پۈتۈن جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 79 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. 10 مىليوندىن كۆپرەكى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئولتۇراقلاشقان، قالغان قىسمى قىرغىزىستان (40 مىڭ)، روسىيە(5 يۈز مىڭ)، ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (41 مىڭ)، پاكىستان( 1 مىليون 2 يۈز مىڭ)، ئىران ( 1 مىليون 7 يۈزمىڭ)، گىرمانىيە (120 مىڭ)، قاتار (87 مىڭ)، ئامرىكا (52 مىڭ)، كانادا(15مىڭ) ھىندىستان، كەشمىر، بېنگال قاتارلىق ئەللەر ۋە رايونلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. تاجىكلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - پامىر تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسى شەرىقى ئىران تىلى تارمىقىغا تەۋە تاجىك تىلىنىڭ تۆت چوڭ دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، بۇتىل دەررىي (پارس) تىلىغا يېقىن. ئېلىپبەلىك مىللىي يېزىقى بار. ئاففانىستان تاجىكلىرى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، قالغانلىرى شىئە مەزھىپىگە، ئاز قىسمى ئىسمائىلىيە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، تاجىكلاردا دىنىي پائالىيەت ناھايىتى كۆپ.. تاجىكلارنىڭ تۈزلەڭلىك - بوستانلىقلاردىكىلىرى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، تاغلىق جايلىرىدىكىلىرى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تاجىكلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى مىلادىدىن ئىلگىركى Ⅹ ئەسىرلەردە كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن شەرىقى ئىران تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئارىئان قەبىلىلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان قەدىمكى سۇغدىلار، توخارلار، خارەزىملەر، فەرغانىلار، ساكلار، باكتىرىيىلەر ۋە تۈركلەر قاتارلىق قەبىلە - قوۋملارنىڭ قىسمەن ئېتنىك تەركىبىنىڭ قوشۇلىشىدىن پەيدىنپەي Ⅸ - Ⅹ ئەسىرلەردە بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن ھەمدە دۆلەت قۇرغان. ئومۇمەن تاجىكلار ئادەتتە قېتىق، پىشلاق، قۇرت، قېمىز، قايماق ۋە سېرىق ماي قاتارلىق سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئۈچ ۋاق ئەتكەن چاي ئىچىدۇ. تاجىكلار خۇشخۇي ۋە چاقچاقچى كېلىدۇ؛ ئۇلار بىر - بىرى بىلەن ئۇچراشقاندا سالام سائەتتىن كېيىنلا گەپنى چاقچاق بىلەن باشلايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەننىۋاسى نەغمە - ناۋا ۋە چاقچاق ئىچىدە ئۆتىدۇ. تاجىك يىگىت - قىزلىرىنىڭ تويى ئادەتتە ئاتا - ئانىلىرى ۋە چوڭلارنىڭ ئەستايىدىل ئويلىنىشى، مەسلىھەتى ۋە رازىلىقى بىلەن بولىدۇ. تاجىكلاردا ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە بېجىرىلىدۇ. تاجىكلارنىڭ ھېيت - ئايەملىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، روزا ھېيىت، قۇربان ھېيت قاتارلىق دىنىي ھېيىت - بايراملىرىدىن باشقا شاۋگۇن باھار (نورۇز)، پىلىك ھېيت (بارات)، تېغىم زوۋاسىت (تېرىلغۇ)، زۇۋۇر (سۇ باشلاش) ۋە مەھۇرگان (مول ھوسۇل) قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار. تاجىكلار ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەت بولۇپ، مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ئىگە. تاجىكلار تارىخىدا جەپپار رۇداكى، ئىبنى ئەھمەد بىرونى، سەئدى، ئىبنىسىنا، ئوبۇلقاسىم فىردەۋىسى، جالالىدىن رۇمى، ئەبۇ سەئىد گەردىزى، ناسىرخىسراۋ، جالالىدىن نۇرىددىن، ئابدۇراخمان جامى، كامال خوجەندى ۋە جۇۋەينى قاتارلىق مەشھۇر مۇتەپپەككۇرلار ۋە ئەدىبلەر ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلار دەرى يەنى پارس - تاجىك تىل - يېزىقى بىلەن ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يېزىپ تاجىك يازما ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ھەسسە قوشقان. تاجىكلار ئاق ئۇننى ۋە تۇزنى بەكمۇ ئەزىزلەپ، ئۇنى پاك - ساپلىق ۋە بەخت - سائادەتنىڭ سىمۋولى دەپ بىلىدۇ. تاجىكلار ئەدەب ئەخلاقلىقنى ۋە قائىدە يوسۇنلۇقلىقى بىلەن داڭلىق. تاجىكلاردا ئادەتتە تەڭتۇش ئەرلەر ئۇچراشقاندا بىر - بىرىگە قول بېرىپ كۆرۈشۈپ ئاندىن قولىنىڭ كەينىگە سۆيۈپ قويىدۇ؛ تەڭتۇش ئاياللار ئۇچراشقاندا بىر - بىرى بىلەن قىزغىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ ئاندىن مەڭزىگە سۆيۈپ قويىدۇ؛ كىچلەر چوڭلار بىلەن ئۇچراشقاندا چوڭلارنىڭ ئالقىنىغا سۆيۈپ قويىدۇ، چوڭلار كىچىكلەرنىڭ مەڭزىگە ياكى پېشانىسىگە سۆيۈپ قويىدۇ؛ بىراق ياتلىق بولغان قىزلار بىلەن كېلىنچەكلىرىنىڭ مەڭزىگە سۆيۈشكە بولمايدۇ. تاجىكلار چوڭلارنى، ئاتا - ئانىلىرىنى بەكمۇ ھۈرمەتلەيدۇ. ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمەيدۇ، سۆزىنى بۆلىۋەتمەيدۇ، تۇرمۇشتا ئۇلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ؛ كىشلەر ئارا جېدەل - ماجرا ۋە غەيۋەت - شىكايەت كەم ئۇچرايدۇ، ئىناق ئۆتۈپ، بىر - بىرىنىڭ ھالىغا يېتىدۇ. تاجىكلارنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ئىچىدە، ھەرخىل پۇرۇچ - قوراقلاردىن تىكىلگەن يوتقان - كۆرپە پەردىلىرى، ياستۇق، قاچا - قۇچا قېپى ۋە ھەر خىل كەشتىلىك كىيىم – كېچەكلىرى، ھەرخىل سازلار، قويۇق يەرلىك مىللىي پۇراققا ئىگە بولۇپ، بۇنى ئاساسەن ئاياللار قىلىدۇ. تاجىكلاردا بوۋاقنىڭ تۇغۇلىشىنى زور خوشاللىق ئىش دەپ بىلىدۇ، ئوغۇل تۇغۇلسا ئۈچ پاي ئوق ئېتىپ بۇۋاقنىڭ باتۇر، قەيسەر ئادەم بولۇشىنى تىلەيدۇ، قىز تۇغۇلسا بېشىغا بىر سۈپۈرگە قويۇپ، قىزنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا پىششىق بولۇشىنى تىلەيدۇ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى كېلىپ، بۇۋاقنىڭ بەدىنىگە ئاق ئۇن چېچىپ بەخت تىلەيدۇ.
[تەھرىر] بۆلۈش
[تەھرىر] قاراڭ
[تەھرىر] سىرتقى ئۇلاش
[تەھرىر] مەنبەلەر
|
|
|---|
|
ئاچاڭ مىللىتى - بەيزۇ مىللىتى - بونان مىللىتى - 布朗族 - بۇيى مىللىت - چوسون مىللىتى - داغۇر مىللىتى - دەيزۇ مىللىتى - 德昂族 - دۇڭشياڭ مىللىتى - دۇڭزۇ مىللىتى - دۇلۇڭ مىللىتى - رۇس مىللىتى - ئورۇنچون مىللىتى - ئېۋېنكى مىللىتى - 仡佬族 - ھانى مىللىتى - قازاق مىللىتى - 赫哲族 - خۇيزۇ مىللىتى - گاۋشەن مىللىتى - خەنزۇ مىللىتى - كىنو مىللىتى - جىڭزۇ مىللىتى - 景颇族 - قىرغىز مىللىتى - لاخۇ مىللىتى - لىزۇ مىللىتى - لىسۇ مىللىتى - لوبا مىللىتى - مانجۇ مىللىتى - 毛南族 - مېنبا مىللىتى - موڭغۇل مىللىتى - مياۋزۇ مىللىتى - مۇلاۋ مىللىتى - ناشى مىللىتى - نۇزۇ مىللىتى - پۇمى مىللىتى - چياڭزۇ مىللىتى - سالار مىللىتى - شېزۇ مىللىتى - 水族 - تاجىك مىللىتى - تاتار مىللىتى - تۇجيا مىللىتى - تۇزۇ مىللىتى - ۋازۇ مىللىتى - ئۇيغۇر مىللىتى - ئۆزبېك مىللىتى - شىبە مىللىتى - ياۋزۇ مىللىتى - يىزۇ مىللىتى - يۇغۇر مىللىتى - تىبەت مىللىتى - جۇاڭزۇ مىللىتى |