ئاۋات ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
ئاۋات ناھىيىسى

阿瓦提县.Awat County

ئاۋات ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ۋىلايەت ئاقسۇ ۋىلايىتى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
بازارلىق سانى 3 دانە
يېزا سانى 5 دانە
نوپۇس (2015-يىل) 262,842 [1]
يەر مەيدانى 13,067 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى)
تېلېفون رايون نومۇرى 997 (0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新N

ئاۋات ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Awat Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئاقسۇ ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. ئاۋات ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق ۋە شىمال تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى بىلەن، غەرب تەرىپى كەلپىن ناھىيىسى، مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى لوپ ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 100 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 150 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 13 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيە تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 1 - شىسىنىڭ ئۈچ تۇەن - مەيدانى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق قارا دۆڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش دېقھانچىلىق مەيدانى بار. ناھىيەبازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن ئارىلىقى 1071 كىلومېتىر.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيىسى قارمىقىدا 3 دانە بازارلىق بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە/كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 ئاۋات بازىرى Awat Baziri Awat Town 阿瓦提镇 9 34
2 بەشئېرىق بازىرى Beshériq Baziri Besheriq Town 拜什艾日克镇 27 41 486
3 غورۇچۆل بازىرى Ghoruchöl Baziri Ghoruchol Town 乌鲁却勒镇 25 40 744

ئىزاھات:

  • ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيىسى قارمىقىدا 5 دانە يېزا بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە/كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 دولان يېزىسى Dolan Yézisi Dolan Township 多浪乡 4 7.5 15.8
2 تامتوغراق يېزىسى Tamtoghraq Yézisi Tamtoghraq Township 塔木托格拉克乡 18 16.2 291.89
3 ئايباغ يېزىسى Aybagh Yézisi Aybagh Township 阿依巴格乡 16 19.5 300
4 بايتوغراق يېزىسى Baytoghraq Yézisi Baytoghraq Township 巴格托格拉克乡 4 3.7 13,300
5 يېڭىئېرىق يېزىسى Yéngiériq Yézisi Yengieriq Township 英艾日克乡 22 28 616

ئىزاھات:

يەر تۈزۈلۈشى[تەھرىرلەش]

يەر تۈزۈلۈشى تۈز بولۇپ، غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قىيپاش. بوستانلىق 18.2% نى، چۆل - قۇملۇق 81.8% نى ئىگىلەيدۇ. ئاقسۇ دەرياسى ۋە كونا دەريادىن ئىبارەت چېگرا ھالقىيدىغان ئىككى دەرياسى بار. يىللىق ئېقىن مىقدارى بىر مىليارد 387 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 783 مىليون كۇب مېتىر (ئېچىشقا بولىدىغان زاپاس مىقدارى 470 مىليون كۇب مېتىر). ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاق بوغۇز بۆكەن، بۆكەن (ئاھۇ)، ياۋا بۇغا، تۈلكە، ياۋا چوشقا قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، قومۇش، يۇلغۇن، لوپنۇر كەندىرى، توشقان زەردىكى قاتارلىقلار بار.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

بۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 36 مىڭ 900 گېكتار (553 مىڭ 500 مو)، ئورمان كۆلىمى 27 مىڭ 900 گېكتار (418 مىڭ 500 مو)، ئوتلاق كۆلىمى 176 مىڭ 900 گېكتار (2 مىليون 653 مىڭ 500 مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان 80 مىڭ گېكتار (1 مىليون 200 مىڭ مو) قاقاس يەر بار. دېقھانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن كېۋەز، بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، پۇرچاق، ياغلىق دان، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. قەغەز ياڭاق بىلەن ئۆرۈك ئاۋات ناھىيىسىنىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چارۋىچىلىقىدا كالا، قوي ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، پاختا ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلاتىنى سىستېمىلىق پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.

ئىقلىمى[تەھرىرلەش]

ئاۋات ناھىيىسىنىڭ كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق كىلىماتقا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى℃ 10.5، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃ 39.4، ئەڭ تۆۋە تېمپېراتۇرىسى -℃ 23.3، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 75.1 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمېپراتۇرا ℃ 30 تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2596.6 سائەت. ℃ 10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 3975.8، قىروسىز مەزگىلى 214 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 1.45 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1887.4 مىللىمېتىر.

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

ساياھەتچىلىكى[تەھرىرلەش]

مائارىپى[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. "ئاپتونوم رايونلۇق سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2017-يىلىلىق نوپۇش سىتاتىستىكا جەدۋىلى". Archived from the original on 2017-10-11. Retrieved 2018-05-20.

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى