تەكلىماكان قۇملۇقى

ئورنى Wikipedia
كاۋكاز تاغ تىزمىسى
Taklamakan-d12.jpg

تەكلىماكان قۇملۇقى بولسا شىنجاڭ، خىمالىكاڭ لىك 38.53°، خارىكى ئۇزۇنلۇك 82°10. تەكلىماكان قۇملۇقى شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ مەركىزىي رايونىغا جايلاشقان بولۇپ ، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق ، دۇنيادىكى 2-چوڭ قۇملۇق ، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھەرىكەتچان قۇملۇق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . تەكلىماكان قۇملۇقنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1000 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 400 كىلومېتىر ، ئومۇمىي كۆلىمى 330 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ . تەكلىماكان قۇملۇقى ئۇيغۇر تىلىدا ‹‹ تەكتى ماكان›› ، ‹‹تەكلىك ماكان›› دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ ، يەرلىك كىشلەر تەكلىماكان قۇملۇقىنى ‹‹ ئۆلۈك دېڭىز›› دەپ تەرىپلىشىدۇ . تەكلىماكان بولسا ئۇيغۇرچىدە «بارسا كەلمەس،تەكتى ماكان»دىگەن مەنىلەردە بولۇپ،«ھالاكەت دېڭىزى»دەپمۇ ئاتىلىدۇ.تەكلىماكان چوڭ قۇملۇقى بولسا دۆلىتىمىز چىگرىسى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق بولۇپ ،نۆۋەتتە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكىلەرنىڭ ساياھەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش پائالىيتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇھىم سورۇنىغا ئايلاندى.

بۇ قۇملۇق قەشقەرنىڭ شەرقىگە،تارىم ئويمانلىقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ كۆلىمى337600 كۇۋادىرات كىلومىتىر كېلىدۇ،مەملىكەت بويىچە ئومۇمى قۇملۇق كۆلىمىنىڭ %47نى ئىگللەيدۇ. دۇنيا بويىچە يەتتە چوڭ قۇملۇقنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇ يەردە قۇم بارخانلىرىنىڭ ئۈستىدە بىر تال گىياھمۇ ئۈنمەيدىغان بولۇپ ،ياۋروپا -ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ قۇرغاقچىلىق مەركىزىدۇر.بۇ يەر غەربى شىمال شامىلى ۋە شەرقى شىمال شامىلىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ.بوران-چاپقۇن كۆپ ھەم قاتتىق بولىدۇ.جەنۇبى قىسمىنىڭ قۇم بورانلىق كۈنلىرى 100كۈندىن ئاشىدۇ،قۇملار ئۈزلۈكسىز جەنۇپقا يۈتكىلىدۇ.1000يىلدىن بىرى،قۇملۇقلار جەنۇپقا 10 مىتىردىن يۈزمىڭمىتىرچە يۈتكەلگەن.بۇخىل ئەھۋال تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىكى قۇملۇقتىن قالسا دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ قۇملۇق بولىشىغا سەۋەپ بولغان. قۇم دۆۋىلىرىنىڭ ئۈستىدە بەزىدە يۇلغۇن ئۆسۈپ، قۇم بارخانلىرىنىڭ يۈتكىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. لوپنۇر كۆلى بولسا تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئەك پەس يىرىگە جايلاشقان بولۇپ تارىم دەريا سۈيىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدۇر،دېڭىز يۈزى بىلەن بولغان ئارلىقى 780 مىتىر كېلىدۇ.بۇرۇن قۇم بارخانلىرىنىڭ يۈتكىلىشى سەۋەپلىك بۇ كۆلنى «يۈتكەلمە كۆل» دەپ قاراپ كەلگەن.

ئومۇمىي ئەھۋالى[تەھرىر]

تەكلىماكان قۇملۇقى ئافرىقىدىكى سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە 2 - چوڭ قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. ئۇ قۇم دۆڭلىرىنىڭ ھەر خىللىقى، ئۆزگىرىشچانلىقى، قاتمۇقات قۇم بارخانلىرىنىڭ ئاجايىپ - غارايىپلىقى بىلەن دۇنيادىكى باشقا قۇملۇقلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى بۇ سىرلىق قۇملۇقنى جانلىق ۋە ئوبرازلىق قىلىپ <تەكلىماكان> دەپ ئاتايدۇ. بۇ سۆ <تەكتى ماكان> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تارىم ئويمانلىقى (تەكلىماكان) دىن تېپىلىۋاتقان ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلار، تارىخىي ھۆججەتلەر ۋە ئېغىزدىن، ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن ئەپسانە - رىۋايەتلەر تارىم ئويمانلىقى يەنى ھازىرقى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئەتراپى (بىر نەچچە 100 كىلومېتىر ئىچكىرى جايلار) نىڭ ناھايىتى قەدىم زامانلاردا سۈيى ئەلۋەك، مۇنبەت زېمىن ئىكەنلىكىنى، ئىنسانلارنىڭ بۇيەردە ئولتۇراقلىشىپ تىرىكچىلىك قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. كېيىن تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ئېتەكلىرى ۋە تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدا تەدرىجى مۇھىت ئۆزگىرىشى بولغان، يامغۇر - يېشىن بارغانسىرى ئازىيىپ، سۇ مەنبەسى ۋە مۇزلۇقلارنىڭ دائىرىسى تارايغانلىقتىن، كۆللەر قۇرۇپ، دەريا - ئېقىنلار يۇرتلارغا يېتىپ كېلەلمىگەن. بۇرۇنقى بوستانلىقلار ۋە ئاۋات زېمىنلارنى قۇرغاقچىلىق ۋە قەھەتچىلىك قاپلىغان. نەتىجىدە قەدىمكى رورەن (كرورەن)، مىرەن، نىيە، چەرچەن، كېرىيە، ئاق سېپىل، كۈسەن (كۇچا)، شەھىرى يار (شايار)، چېدىر (بۈگۈر) قاتارلىق نۇرغۇنلىغان قەدىمكى شەھەر - كەنىتلەر قۇمغا كۆمۈلگەن. تەكلىماكان ھازىرمۇ ئارخېئولوگىيە ۋە گېئولوگىيىنىڭ سىرلىق ئامبىرى، يەنى يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قېدىرىش - چارلاش، قەدىمكى شەھەر خارابىلىرىنى قېدىرىش ۋە تارىخىي، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىش ئىشلىرىدا ئاجايىپ مۆجىزىلەر بىلەن تولغان سىرلىق جاي بولۇپ تۇرماقتا. تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدىكى تەڭرىتاغ تىزمىلىرى، پامىر، قاراقۇرۇم، كوئىنلۇن، ئالتۇنتاغ تىزمىلىرىدىن باشلانغان مىڭلارچە دەريا - ئېقىن، تارماق - تاراملار تارىم ئويمانلىقىغا قۇيۇلۇپ، ئويمانلىقنىڭ <ھاياتلىق مەنبەسى> گە ئايلانغان. ئاساسلىق دەريالاردىن تارىم دەرياسى (2190 كىلومېتىر) خوتەن دەرياسى (1090 كىلومېتىر، قاراقاش ۋە يورۇڭقاش دەريالىرى ئاساس قىلىنىدۇ)، يەكەن دەرياسى (1037 كىلومېتىر)، چەرچەن دەرياسى (725 كىلومېتىر)، قەشقەر دەرياسى (507 كىلومېتىر)، ئاقسۇ دەرياسى (419 كىلومېتىر) ۋەباشقىلار بار. تارىم ۋادىسىغا تەۋە رايونلاردا قەدىمدىن تارتىپ ياۋا تۆگە، ياۋا قوتاز، قۇلان، جەرەن، ياۋا ئېشەك، ئىپار كېيىك، ياۋا توڭگۇز، يىلپىز، مولۇن، تۈلكە، بۆرە، بۇغا، ئارقار، سۈلەيسۈ، ياۋا توشقان قاتارلىق ئەتىۋارلىق ھايۋانات؛ ئۇلار، ياۋاغاز، ئۆردەك، ھاڭگىرت، ئاق قۇ، تۇرنا، قىرغاۋۇل، قارچىغا قاتارلىق ئۇچار قۇشلار؛ كان مەھسۇلاتلىرىدىن ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تاشپاختا، قاشتېشى، كۆمۈر، گەج، تۆمۈر، قاراماي (نېفىت)، چىرىمتال، ھاك تېشى، ئاشتۇزى (ئاق ۋە كۆك رەڭدە)؛ ياۋا ئۆسۈملۈكلەردىن يۇلغۇن، تېۋىلغا، يانتاق، قۇمۇش، توغراق، شىۋاق، يىكەن، جىغان، تەسكەن، چىگە (لوپنۇر كەندىرى) ۋە بىرمۇنچە ئەتۋارلىق دورا ئۆسۈملۈكلىرى، قاتارلىقلارنىڭ بولۇشى بۇ زېمىندا قەدىمدىن ياشاپ كېلىۋاتقان ئىنسانلار بىلەن ھايۋانات دۇنياسىنى زۆرۈر ھاياتلىق شارائىتى بىلەن تەمىن ئەتكەن، شۇڭا، قەدىمدىن مۇشۇ زېمىندا ياشاپ كەلگەن ئەجدادلىرىمىز تەبىئەت بىلەن كۆرەش قىلىپ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبقا ئىگە رەڭگارەڭ <تارىم مەدەنىيىتى> يىغىندىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى خەزىنىسىگە تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشقان.

جۇغراپىيىسى[تەھرىر]

تەكلىماكان

دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئويمانلىقنىڭ بىرى بولغان تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 530 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا كۆلىمى تەخمىنەن 330 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان، قۇملىرى توختىماي كۆچۈپ تۇرىدىغان، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ قۇملۇق– تەكلىماكان قۇملۇقى جايلاشقان. تەكلىماكان قۇملۇقى توغرىسىدا ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا چەكسىز-پايانسىز چۆل-باياۋان نامايان بولىدۇ. يېقىنقى زاماندىكى چەت ئەل مەدەنىيەت قاراقچىلىرى «كىرسە چىقماس» دەپ تەرىپلەشكەن بۇ زېمىندا، بىزنىڭ ئەقىل-پاراسەتلىك، ئەمگەكچان، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك يارىتىش روھىغا باي بولغان ئەڭ قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز ياشىغان. دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىن ئىلگىرى ئۆزلىرى پائالىيەت ئېلىپ بارغان بوستانلىق ۋادىلارنى ئاساس قىلىپ، شەھەر بەگلىكلىرىنى قۇرۇپ چىققان. ئاقسېپىل خارابىسى، ئۇزۇنتات خارابىسى، قارا دۆڭ خارابىسى، نىيە خارابىسى قاتارلىقلار ئەنە شۇ دەۋرلەردىكى ئەجدادلىرىمىز ھاياتىنىڭ ئىزناسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تارىخ[تەھرىر]

ئارخېئولوگلار، تارىخشۇناسلار نۇرغۇن تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە، خوتەن دەرياسى بىلەن كېرىيە دەرياسى ئارىلىقىدىكى قەدىمىي شەھەر خارابىلىقىنى خوتەن دەريا ئېقىنى بويىدىكى ئاقسېپىل مەركەز قىلىنغان رايون، دامىكو ئېقىن بويىدىكى تېترگرام، ئۇزۇنتات، دەندانئۆيلۈك مەركەز قىلىنغان رايون، كېرىيە دەرياسى بويىدىكى قارا دۆڭ مەركەز قىلىنغان رايوندىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ رايونغا بۆلدى. بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان «ئۇزۇنتات» دامىكۇ ئېقىن بويىدا قەدىمكى دەۋرلەردە ياشىغان ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن قۇرۇلغان شەھەر بەگلىكى بولۇپ، بۇ بەگلىكنىڭ جايلاشقان ئورنى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان.

غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى جاڭ چيەن بىرىنچى قېتىم (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 138-يىلى) غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە كېلىپ قايتقاندىن كېيىن، خەن ۋۇدىغا: «پەرغانە خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىگە توغرا كېلىدىكەن… شىمالىدا كانگا، غەربىدە تۇخارستان، غەربىي جەنۇبىدا باكتېرىيە، شەرقىي شىمالىدا ئۇيسۇن، شەرقىدە دەندانئۆيلۈك، ئۇدۇن بار ئىكەن» دەپ مەلۇمات بەرگەن. جاڭ چيەن تىلغا ئالغان «دەندانئۆيلۈك»، «تارىخىي خاتىرىلەر» نىڭ 519-بېتىدە: «دەندانئۆيلۈك، ئۇزۇنتېتىر (( 弥غەربىي ئەلنىڭ قەدىمكى خانلىقلىرىدىن بىرى بولۇپ، مەنبەلەردە جۈمى (拘弥)، نىڭمى(宁弥) دەپمۇ يېزىلىدۇ. ئورنى كېرىيە دەرياسىنىڭ شەرقى، چىرىيە ناھىيىسىنىڭ شىمالىدا» دەپ ئىزاھلىغان. «خەننامە»دە: «ئۇزۇنتېتىر بەگلىكى –­ مەركىزى ئۇزۇنتېتىر شەھىرى، بۇ يەردىن چاڭئەنگە 9280 چاقىرىم كېلىدۇ. 3340 تۈتۈن، نوپۇسى 20 مىڭ 40 كىشى بولۇپ، ئەسكەرلىككە ياراملىقى 3540 نەپەر، بەگلىكتە بىر نەپەردىن نائىببەگ، ئوڭ-سول سەركەردە، ئوڭ-سول كاھىبەگ، ئوڭ-سول چەۋەندازلار بېگى، ئىككى نەپەر تىلماچ بېگى بار. شەرقىي شىمالدىن قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە 3553 چاقىرىم كېلىدۇ. جەنۇبى چىرا، شەرقىي شىمالى كۈسەن، غەربىي شىمالى قۇم (ئاقسۇ) بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىدىن خوتەنگە 390 چاقىرىم كېلىدۇ. ھازىرقى نامى ئۇزۇنتات» دېيىلگەن. چيەنداۋ شىنىسى، ستەيىن (stein) نىڭ پائالىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ: «ستەيىن 1900-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادا بىرىنچى قېتىملىق ئېكسپېدىتسىيىسىنى باشلىدى. خوتەنگە 96 كىلومېتىر يەردىكى (ئەمەلىيەتتە 160 كىلومېتىردىن كۆپرەك كېلىدۇ) دەندانئۆيلۈك (قەدىمكى ئۇزۇنتات بەگلىكى) خارابىلىقىدىن شۈەنزاڭ قاتارلىقلارنىڭ كىتابلىرىدا قەيت قىلىنغان ‹پىلىچىلىكنىڭ غەربكە تارقىلىشى ھەققىدىكى رىۋايەت› خاتىرىلەنگەن بىر پارچە مەشھۇر بېغىشلىما تاختىسىنى تېپىۋالغان.»

تەتقىقات[تەھرىر]

1988-يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى، دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىملار، ياپونىيە، فرانسىيە، شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالىملىرى ھەمكارلىشىپ، «قەدىمكى تەكلىماكاندىكى ئىنسانلار پائالىيىتى ئەڭ گۈللەنگەن رايون – كېرىيە دەرياسى، نىيە دەرياسى ۋە ياۋا توڭگۇز دەرياسىدا كۆپ قېتىم نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، تارىم ئويمانلىقىدا بۇنىڭدىن 5000- 6000 يىللار ئىلگىرى ئىنسانلار ياشىغان» دېگەن يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز مۇھاكىمە قىلىۋاتقان ئۇزۇنتات بەگلىكى، دەل قەدىمكى تەكلىماكاندىكى ئىنسانلار پائالىيىتى ئەڭ گۈللەنگەن رايونلارنىڭ بىرى بولغان كېرىيە دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ئۇزۇنتات بەگلىكىنىڭ قاچان قۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا قولىمىزدا ئېنىق بولغان يازما ھۆججەت يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇنتات بەگلىكىنىڭ قەدىمكى خارابىلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلمىدى. لېكىن، يىن چىڭ ئەپەندى، قەدىمكى خوتەن ۋادىسى توغرىسىدا توختىلىپ: «مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىر ئەتراپىدا، سۇ بويىغا يانداش ئولتۇراقلاشقان ئىنسانلار چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان قەلئەلەرنى بەرپا قىلغان»، دەپ يازىدۇ.

بايقاش[تەھرىر]

ئۇزۇنتات بەگلىكىنىڭ نامى مەتبۇئاتلاردا ئاساسەن «ئۇزۇنتات» ، «ئۇزۇنتېتىر» ، «ئۇزۇنتاتىي»، «ئۇزۇنتېتى» دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ. «ئۇزۇنتات» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ھەققىدە توختالغاندا، ئالدى بىلەن بۇ بەگلىك قۇرۇلغاندىن باشلاپ «ئۇزۇنتات» دەپ ئاتالغانمۇ ياكى بۇ بەگلىكنىڭ قەدىمكى جايلىرى نورمال سۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ كاپالىتىگە ئىگە بولماسلىقى، قۇم- بوران ئاپىتى ۋە باشقا ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تاشلىنىپ قېلىپ، ئاھالىلەر شىمالدىن جەنۇبقا كۆچكەندىن كېيىن، «ئۇزۇنتېتىر» دەپ ئاتالغانمۇ؟ دېگەن مەسىلىنى ئېتىبارغا ئېلىشىمىز لازىم.

دەرۋەقە، بىزنىڭ قولىمىزدا يۇقىرىقى مەسىلىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان بىرەر پارچە يازما ھۆججەت يوق. شۇنداقتىمۇ بۇ بەگلىكنىڭ تارىختىكى ئورنى، تارىخىي تەرەققىياتى، بۇ جايدا ياشىغان قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياراتقان مەدەنىيىتى، «ئۇزۇنتات»، «ئۇزۇنتېتىر» دېگەن سۆزلەرنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، تۈرك تىلى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئۆز مەنىسى بويىچە ساقلىنىپ قېلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئېتىبارغا ئالساق، بىرىنچىدىن، بۇ بەگلىك قۇرۇلغاندىن باشلاپ «ئۇزۇنتات» دەپ ئاتالغان. ئىككىنچىدىن، بۇ بەگلىكنىڭ قەدىمكى جايلىرى تاشلىنىپ قېلىپ، ئاھالىلەر شىمالدىن جەنۇبقا كۆچكەندىن كېيىن، ئاندىن «ئۇزۇنتېتىر» دەپ ئاتالغان، دېگەن يەكۈنىنى چىقىرىشقا بولىدۇ. ئەگەر بىز ئىككىنچى خىل قاراش بويىچە، يەنى بۇ بەگلىكنىڭ قەدىمكى جايلىرى تاشلىنىپ قالغاندىن كېيىن «ئۇزۇنتېتىر» دەپ ئاتالغان دەپ قارىساق، ئۇنداقتا «ئۇزۇن» نىڭ مەنىسى «ئۇزۇن»، «ئۇزاق»، «بويىغا – ئالدىغا قاراپ سوزۇلغان»، «مۇساپىسى يىراق» ، «ئۇزۇن يول» دېگەنلىك بولىدۇ. مۇھەممەت رېھىم سايىت ئەپەندى نەشرگە تەييارلىغان «ئېرىق بىتىگ» دېگەن ماقالىدە، «تېتىر- (ئېسىل نەسىللىك) بۇغرا مەن» دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. «ئېرىق تېتىگ» ياكى «پال كىتابى»، قەدىمكى تۈرك يېزىقىدا يېزىلغان ۋە بىزگە يېتىپ كەلگەن بىردىنبىر كىتاب. دېمەك، «ئېرىق بىتىگ» دىكى يەشمىگە ئاساسلانغاندا، «تېتىر» دېگەن سۆز قەدىمكى تۈرك تىلىدا «ئېسىل» ياكى «ئېسىل نەسىللىك» دېگەن مەنىدە قوللىنىلغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، «ئۇزۇنتېتىر» دېگەن سۆزگە «يىراقتا قالغان ئېسىل بايلىق» دەپ تەبىر بېرىشكە بولىدۇ. چۈنكى بۇ بەگلىكنىڭ قەدىمكى جايلىرىنى ئەينى ۋاقىتتا چىرا دەرياسى، نۇرى دەرياسى، كېرىيە دەرياسى سۇ بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ،سۈيى مول، تۇپرىقى مۇنبەت، دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان زېمىن ئىدى. ھازىرقى زامان كىشلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولغاندەك، «يىراقتىكى گىياھ ئۈنمەيدىغان قاقاسلىق» ئەمەس ئىدى. ئەگەر بۇرۇنمۇ «گىياھ ئۈنمەيدىغان زېمىن» ئىدى دېيىلسە، قەدىمكى زاماندىكى ئەجدادلىرىمىز بۇ جايدا ياشىمىغان بولاتتى. ئەجدادلىرىمىز دەريا ئېقىنىنىڭ قىسقىرىشى نەتىجىسىدە، سۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولماسلىقى ۋە ئىجتىمائىي داۋالغۇش تۈپەيلىدىن، تەدرىجىي ھالدا شىمالدىن جەنۇبقا كۆچكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار قەدىمدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان جايلار تاشلىنىپ قالغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلار شىمالدىن جەنۇبقا كۆچكەندىن كېيىن، ئەجدادلىرى ۋە ئۆزلىرى ياراتقان ئېسىل مەدەنىيەت، ئەجدادلىرىنىڭ تۇپراق بېشى، ئۆزلىرىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن زېمىن تاشلىنىپ قالغان. شۇڭا، جەنۇبقا كۆچكەن كىشىلەر ئەجدادلىرىنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت مىراسلىرى، ئەجدادلىرى ياشىغان تۇپراقنى قەدىرلەش، ياد ئېتىپ تۇرۇش يۈزىسىدىن، ئۇ جايلارنى «ئۇزۇنتېتىر» دەپ ئاتىغان، دېگەن يەكۈننى چىقىرىشقا بولىدۇ.

== قارالسۇن ==بۇيەر توغۇرلۇق كۆپ ماتىريال لازىم ئىدى

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىر]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (مەركەز: ئۈرۈمچى) Flag of the People's Republic of China.svg
جايلار, ئاپتونوم ئوبلاسىت , ناھىيە, ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | شۇيموگۇ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | داۋانچىڭ رايونى | دۇڭسەن رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان ۋىلايىتى: تۇرپان شەھىرى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى: قۇمۇل شەھىرى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى | گۇما ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىس | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھرى | مارالبېشى ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى | تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايون: شىخەنزە شەھىرى | ئارال شەھرى | تۇمشۇق شەھرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتى:

ئاپتونوم ئوبلاسىت: غۇلجا شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم يېزىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | ۋۇسۇ شەھىرى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | ساۋەن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | چىڭگىل ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | كوكتوقاي ناھىيىسى | بۇرچىن ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى