مارالبېشى ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
مارالبېشى ناھىيىسى

巴楚县.Maralbeshi County

مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
بازارلىق سانى 4 دانە
يېزا سانى 8 دانە
نوپۇسى (2017-يىل) 382،186 [1]
يەر مەيدانى 21,741.3 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q

مارالبېشى ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Maralbéshi Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قەشقەر ۋىلايىتىگە قارايدۇ. مارالبېشى ناھىيىسى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى ئاۋات ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى پەيزاۋات ناھىيىسى، يوپۇرغا ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى، ئاتۇش شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى كەلپىن ناھىيىسى، ئاقچى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 215 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 169 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 21 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

قەشقەر ۋىلايىتىمارالبېشى ناھىيىسى قارمىقىدا 4 بازارلىق ۋە 8 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە/كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 مارالبېشى بازىرى Maralbeshi Baziri Maralbeshi Town 巴楚镇 10 48 22.4
2 ئاچال بازىرى Achal Baziri Achal Town 三岔口镇 1 0.8 500
3 سېرىقبۇيا بازىرى Seriqbuya Baziri Seriqbuya Town 色力布亚镇 23 45 280
4 ئاۋات بازىرى Awat Baziri Awat Town 阿瓦提镇 22 29 2,500
5 ئاناركۆل يېزىسى Anarköl Yézisi Anarkol Township 铁日木乡 16 26 100
6 دۆلەتباغ يېزىسى Döletbagh Yézisi Doletbagh Township 多来提巴格乡 22 28 486
7 چارباغ يېزىسى Charbagh Yézisi Charbagh Towship 恰尔巴格乡 21 28 ؟
8 شامال يېزىسى Shamal Yézisi Shamal Township 夏马勒乡 12 10 898
9 ئاقساقمارال يېزىسى Aqsaqmaral Yézisi Aqsaqmaral Township 阿克萨克玛热勒乡 21 31 1,147
10 ئالاغىر يېزىسى Alaghir Yézisi Alaghir Township 阿拉根乡 20 30 357.5
11 چوڭقۇرچاق يېزىسى Chongqurchaq Yézisi Chongqurchaq Township 琼库恰克乡 26 37 1,247
12 يېڭىئۆستەڭ يېزىسى Yéngiösteng Yézisi Yengiosteng Township 英吾斯坦乡 19 27 309.7

ئىزاھات:

يەر تۈزۈلۈشى[تەھرىرلەش]

غەربىي قىسمى ئېگىز، شەرقىي قىسمى پەس، غەربىي شىمال قىسمى تاغلىق، تاغلىق يەر 10.7% نى، بوستانلىق 38.8% نى، قۇملۇق 50.5% نى ئىگىلەيدۇ. زەرەپشان دەرياسى بىردىنبىر چوڭ دەريا بولۇپ، يىللىق ئېقىن مىقدارى 820 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ يەر ئاستى سۇ زاپىسى 1 مىليارد 150 مىليون كۇب مېتىر؛ يەنە 3 سۇ ئامبىرى بولۇ، ئۇنىڭ سۇ ساقلاش مىقدارى 127 مىڭ كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن بۇغا، ساي تۈلكىسى، ياۋا توڭگۇز قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، لوپنۇر كەندىرى، توشقان زەدىكى، چاكاندا قاتارلىقلار بار.

بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، تۆمۈر، مىس، قوغۇشۇن، فوسفور، ئالماس، ھاكا تېشى، تۇز قاتارلىقلار بار.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

بۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىك ناھىيىسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر 40 مىڭ 900 گېكتار ( 613 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 38 مىڭ 900 گېكتار (583 مىڭ 500 مو) ئوتلاق، 173 مىڭ گېكتار ( 2 مىليون 595 مىڭ مو) ئورمان، 330 مىڭ گېكتار ( 4 مىليون 950 مىڭ مو) ئۆزلەشتۈرگىلى بولىدىغان بۇيەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن كېۋەز، بۇغداي، كۆممىقوناق، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. بولۇپمۇ پاختا بۇ ناھىيىنىڭ تۈۋرۈك مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ. 1994 - يىلى مەملىكەت بويىچە پاختا ئىشلەپچىقىرىشتىكى 100 كۈچلۈك ناھىيە ئىچىدە 19 - ئورۇندا تۇردى.

ئىقلىمى[تەھرىرلەش]

مارالبېشى ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.7℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېرراتۇرىسى 42.7℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 214.2℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2884.2 سائەت. 10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 4363.7℃، قىروسىز مەزگىلى 227 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 44.7 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2108.6 مىللىمېتىر.

ساياھەتچىلىكى[تەھرىرلەش]

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن توققۇز سەلەي خارابىسى، (خەنزۇچە تاڭ دەۋرىدىكى پادىشاھ قەلئەسى دېيىلىدۇ)، تاڭ دەۋرىدىكى تازىمغانا خارابىسى - چوڭ تام، تاڭ دەۋرىدىكى تۇرا خارابىسى قاتارلىقلار بار.

مائارىپى[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. "ئاپتونوم رايونلۇق سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2017-يىلىلىق نوپۇش سىتاتىستىكا جەدۋىلى". Archived from the original on 2017-10-11. Retrieved 2018-04-22.

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى