قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى

ئورنى Wikipedia
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بولسا شىنجاڭ دىكىبىخاھار 2000 نوپۇس بار، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 439،688 نوپۇسىبار، 69.112 كۇۋادىرات كىلومەتىر دائىرائىقىدا نوپۇس جايلاخكان، خىمالىكاڭ لىك 39.40°، خارىكى ئۇزۇنلۇك 76°43.

جۇغراپىيە[تەھرىر]

Yurt of Kyrgyz,Kizilsu Kirghiz Autonomous Pref.,Xinjiang,china.JPG

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى شىنجاڭنىڭ ئڭە غەربىدىكى پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرق تەرىپى ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن، جەنۇب تەرىپى قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەرب ۋە غەربىي شىمال تەرىپى ئايرىم ئايرىم ھالدا تاجىكستان، قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر مىڭ 154 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 500 نەچچە كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 140 نەچچە كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 67 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا بىر شەھەر، ئۈچ ناھىيە (يەنى ئاتۇش شەھىرى، ئاقتۇ ناھىيىسى، ئۇلۇغچات ناھىيىسى، ئاقچى ناھىيىسى) قارايدۇ. ئوبلاست مەركىزىي ئاتۇش شەھىرى، شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر مىڭ 428 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 408 مىڭ 300. بۇنىڭ ئىچىدە قىرغىزلار 29.73% نى، ئۇيغۇرلار 64.05% نى، خەنزۇلار 4.97% نى، باشقا مىللەتلەر 1.25% نى تەشكىل قىلىدۇ. يەر تۈزۈلۈشى ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، تاغلىق رايون 90% تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. قىزىلسۇ دەرياسى، توشقان دەرياسى، بوغاز دەرياسى، چاقماق دەرياسى، گەز دەرياسى قاتارلىق ئالتە چوڭ سۇ سىستېمىسى بار، يەر ئۈستى بايلىقى ئالتە مىليارد 250 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 552 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاسلىقى يىلپىز، غولجا (ئارقار)، ئۇلار قاتارلىقلار با. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن ئاساسلىقى كۆمۈر، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، مانگان، خروم، قوغۇشۇن، سىنك، قەلەي، نىكېل، كۇبالىت، ۋۇلفىرام، مولىبدېن، ۋانادىي، تىتان، لىتىي، بېرىللىي، نىئوبىي، تانتال، ستررونتسىي، ئۇران قاتارلىقلار بار. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى مۆتىدىل بەلۋاغ ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 6.2℃ - 12.9℃؛ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 32.4℃. تۈزلەڭلىك رايونلىرىدا كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2750 سائەتتىن 3000 سائەتكىچە. 10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 4000℃ تىن كۆپرەك. قىروسىز مەزگىلى 260 كۈن ئەتراپىدا، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى تاغلىق رايونلىرىنىڭ 120 - 260 مىللىمېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ 60 - 120 مىللىمېتىر؛ سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2400 - 3200 مىللىمېتىر. ئوبلاستىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شارائىتى بىرقەدەر ياخشى. ھازىر بار تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 40 نەچچە مىڭ گېكتار ( 600 مىڭ مو)، ئورمان كۆلىمى 577 مىڭ 600 گېكتار (سەككىز مىليون 664 مىڭ مو)، وتلاق كۆلىمى ئۈچ مىليون 400 مىڭ گېكتار (51 مىليون مو). ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، شال، كېۋەز، كۆممىقوناق، مايلىق دان، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار بار. ئەنجۈر، ئانار ۋە موناقى ئۈزۈمى ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاساسلىق چارۋىسىدىن قوي، قوتاز، كالا، ئات قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئاساسلىقى كان قېزىش، ئېلېكتر ئېنېرگىيە، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. دۆلەت تاشيولىنىڭ 314 - لىنىيىسى ئوبلاستىنى كېسىپ ئۆتۈپ، جەنۇبتا قەشقەر شەھىرىگە، شىمالدا ئاقسۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىگە بارىدۇ. پروگراممىلىق تېلېفون، كۆچمە تېلېفون، گۇرۇپپىلاشتۇرۇلغان كومېتاتور سىفىرلىق ئالاقىلىشىش قاتارلىق ئالاقە ئۈسكۈنلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىدى، ئوبلاستنىڭ شىمالىي چېگرىسىغا جايلاشقان. قىرغىزىستانغا ئېچىۋېتىلگەن تورغات ئېغىزى دۆلەتنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك سودا ئېغىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئوبلاستنىڭ ساياھەت بايلىقى ناھايىتى مول. ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ۋە تەبىئىي داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان داڭلىق ئۈچ مىراۋان غارى، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازارى، سۇلى دۆلىتى ۋە قارا خانىيلار پادىشاھلىقى ئوردىسى خارابىسى، گەزئۆتەڭ خارابىسى، قاراكۆل، بۇلۇڭ كۆل، مۇزتاغ چوققىسى (كونىلار مۇزتاغ ئاتىسى دەپ ئاتىغان)، قوڭۇر چوققىسى (كونىلار مۇزتاغ مەلىكىسى دەپ ئاتىغان) قاتارلىقلار بار.


مەمۇرىي رايون[تەھرىر]

تارىخ[تەھرىر]

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق جايلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرت سۇلى دۆلىتىنى يېرى بولغان، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تۇتۇق مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە چاغاتاي ئەۋلادى بولغان خانلارنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن قەشقەر دوتەي مەھكىمىسى ۋە ئاقسۇ دوتەي مەھكىمىسىگە بۆلۈپ بېرىلگەن. 1954 - يىلى ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسىگە قاراشلىق ئاقچى ناھىيىسى بىلەن قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىگە قاراشلىق ئاتۇش ناھىيىسىنى ئايرىپ چىقىپ، ئۇلۇغچات ناھىيىسىنى قوشۇپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغان. 1955 - يىلى ئوبلاستقا يەنە ئاقتۇ ناھىيىسى قوشۇپ بېرىلگەن.

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىر]

ئىقتىساد[تەھرىر]

توشۇش[تەھرىر]

قارالسۇن[تەھرىر]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىر]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (مەركەز: ئۈرۈمچى) Flag of the People's Republic of China.svg
جايلار, ئاپتونوم ئوبلاسىت , ناھىيە, ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | شۇيموگۇ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | داۋانچىڭ رايونى | دۇڭسەن رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان ۋىلايىتى: تۇرپان شەھىرى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى: قۇمۇل شەھىرى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى | گۇما ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىس | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھرى | مارالبېشى ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى | تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايون: شىخەنزە شەھىرى | ئارال شەھرى | تۇمشۇق شەھرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتى:

ئاپتونوم ئوبلاسىت: غۇلجا شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم يېزىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | ۋۇسۇ شەھىرى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | ساۋەن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | چىڭگىل ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | كوكتوقاي ناھىيىسى | بۇرچىن ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى