بۇرچىن ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
بۇرچىن ناھىيىسى

بۇرچىن ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئالتاي ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. بۇرچىننىڭ يەر مايدانى 10،362 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 70،000.

تارىخ[تەھرىرلەش]

بۇرچىن ناھىيىسى بۇرچىن دەرياسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇبدۇ مەسلىھەتچى ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگونىڭ 3 - يىلى (1914 - يىلى) سارسۇمبە ناھىيىسىدىن ئايرىپ چىقىپ، بۇرچىن دەرياسى باشقۇرۇش ئىدارىسى قىلىنغان. مىنگونىڭ 8 - يىلى (1919 - يىلى) ناھىيە قىلىپ تەسىس قىلىنغان ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاشەن دوتەي مەھكىمىسى، 6 - مەمۇرىي رايون، ئاشەن ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالتاي ۋالىي مەھكىمىسىگە ۋە ئالتاي ۋىلايىتىگە قارىغان.

جۇغراپىيە[تەھرىرلەش]

بۇرچىن ناھىيىسى ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، ئېرىتىش دەرياسىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى ئالتاي شەھىرى بىلەن، غەربىي تەرىپى قابا ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى جىمىنەي ناھىيىسى، بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمالىي تەرىپى روسىيە، قازاقىستان، موڭغولىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسى 981 كىلومېتىر). جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 200 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 49 - 82 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 10 مىڭ 440 كۋادرات كىلومېتىر. بۇرجىن ناھىيىسىگە 1 بازار، 6 يېزا، 56 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 620 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 62 مىڭ 500، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 56.84% نى، خەنزۇلار 31.26% نى، باشقا مىللەتلەر 11.90% نى تەشكىل قىلىدۇ.  يەر تۈزۈلۈشى پەلەمپەيسىمان بولۇپ، شىمالدىن جەنۇبقا قىيپاش، شىمالىي قىسمى ئېگىز، ئوتتۇرىسى تاغلىق رايون، ئوتتۇرا قىسمى پەس تاغلىق، ئېدىرلىق جىلغا يەر، جەنۇبىي قىسمى يېرىم قاقاسلىق پەس تاغلىق رايون. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى 75.6% نى، تۈزلەڭلىك 23.3% نى، قۇملۇق 1.1% نى تەشكىل قىلىدۇ. قاناس، توقمۇت، ئاقكۆل قاتارلىق كۆللىرى ۋە ئېرتىش دەرياسى، بۇرجىن دەرياسى قاتارلىق دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 3 مىليارد 47 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 330 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن يىلپىز، سۈلەيسۈن، سۆسۈن بۇلغۇن، قوڭۇر ئېيىق، سۈر بۇغا، قانداغاي، ئۇلار، ئاققۇ قاتارلىقلار بار. ياۋايى ئۆسۈملۈك بايلىقى بىر قەدەر مول. شىنجاڭ قىزىل قارغىيى، ئاق قارىغاي، بال قارىغاي، تاغ تېرىكى، ئاق قېيىن، سىبىرىيە چىتەنى، چاتقال سۆگىتى قاتارلىق 30 نەچچە خىل دەرەخ بار، قۇرۇقئوت، قىزىل مىھرىگىيا، چاكاندا، قانتېپەر قاتارلىق 300 نەچچە خىل قىممەتلىك دورا ئۆسۈملۈك بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن ئالتۇن، ئاليومىن، سىنىك، مىس، چرىمتال،تالىك، ھاك تېشى، گاۋلىڭ توپىسى، تازىلانغان شور قاتارلىقلار بار. بۇرچىن ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 4.0℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 38.0℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 41.2℃ . كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2970.3 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 2837.6℃، قىروسىز مەزگىلى 128 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 118.6 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1743.2 مىللىمېتىر. بۇرچىن ناھىيىسى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىپ، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈگەن ناھىيە. ھازىر 17 مىڭ 900 گېكتار (268 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 233 مىڭ 300 گېكتار (3 مىليون 350 مىڭ مو) ئورمانلىق، 818 مىڭ گېكتار (12 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يېرى بار. چارۋىچىلىقتا قوينى ئاساس قىلىدۇ، يۇڭ كۆپ چىقىدۇ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، پۇرچاق، ياغلىقدان، ئارپا، قىزىلچا، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، سەي كۆكتات قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن يۇڭ توقۇمىچىلىق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئېچىتىپ ياساش، ئېلېكتر قۇۋۋىتى قاتارلىقلار بار. ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلىدۇرۇش ئىستىقبالى ناھايىتى ياخشى. بۇرچىن ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى 217 - لىنيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، شەھەر، يېزا تاشيوللىرى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن. 2000 پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ مەملىكەت تېلېفون تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى، ئاسىيا - ياۋروپا ئوپتىكىلىق خەۋەرلىشىش لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

ئىقتىساد[تەھرىرلەش]

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىرلەش]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىرلەش]

پىچان ناھىيىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى
مىللەت پىرسەنت
قازاقلار
57.8%
خەنزۇلار
29.1%
خۇيزۇلار
6.7%
موڭغۇللار
2.5%
ئۇيغۇرلار
1.4%
باشقا مىللەتلار
2.5%
نوپۇس ستاتىستىكىسىنىڭ مەنبەسى : [1]

تەربىيە[تەھرىرلەش]

ساياھەتچىلىك[تەھرىرلەش]

بۇرچىن ناھىيىسىنىڭ داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن قاناس تەبىئىي مەنزىرە مۇھاپىزەت رايونى بار. بۇ مۇھاپىزەت رايونىغا ئالتاينىڭ جانلىقلار بايلىقى مۇجەمسسەملەشكەن. بۇ يەردە قەدىمكى يەر قىياپىتى ئېنىق، مۇكەممەل ساقلانغان. كۆل ئەتراپى گۈزەل ھەم ھاۋالىق، مەنزىرىسى كىشىنى مەھلىيا قىلىدۇ. ئۇ ئىلىم پەن بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان ۋە ساياھەت قىلىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك جاي.

مائارىپ[تەھرىرلەش]

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى


  1. 3-7 各地、州、市、县(市)分民族人口数 [3-7 Population by Nationality by Prefecture, State, City and County (City)]. tjj.xinjiang.gov.cn (in خەنزۇچە). Statistical Bureau of Xinjiang Uyghur Autonomous Region. 2020-06-10. Archived from the original on 2020-11-01. Retrieved 2021-06-11.