بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى

ئورنى Wikipedia
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بولسا شىنجاڭ دىكىبىخاھار 2000 نوپۇس بار، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 1،056،970 نوپۇسىبار، 140،749 كۇۋادىرات كىلومەتىر دائىرائىقىدا نوپۇس جايلاخكان، خىمالىكاڭ لىك 36.11°، خارىكى ئۇزۇنلۇك 102°43.

تارىخ[تەھرىر]

بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق جايلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كىنگىت، چىدىر، كىروران قاتارلىق 11 دۆلەت يېرى بولغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە چىدىر (بۈگۈنكى بۈگۈر)دە غەربىي يۇرۇن قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كىنگىن تۇتۇق مەھكىمىسى ۋە يېڭىسار (بۈگۈنكى خېجىڭ ناھىيىسىنىڭ جۇلتۇس ئويمانلىقى) تۇتۇق مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق ۋاقىتلىق ۋازارىتىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ يىللىرىدا قاراشەھەر خان ئامبىلى قويۇلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 8 - يىلى (1882 - يىلى) قاراشەھەر بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتى تەسىس قىلىنغان. گۇاڭشۈ 24 - يىلى (1898 - يىلى) دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ مەھكىمە قىلىپ، نامىنى كىنگىت دەپ ئۆزگەرتىپ ئاقسۇن دوتەيلىكىگە قارايدىغان قىلىنغان. مىنگو 9 - يىلى ( 1920 - يىلى) كىنگىت دوتەيلىكى تەسىس قىلىنغان. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 8 - مەمۇرىي رايون ۋە كىنگىت ۋالىي مەھكىمىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1954 - يىلى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە كورلا ۋالىي مەھكىمىسى قىلىپ تەسىس قىلىنغان. 1960 - يىلى كورلا ۋالىي مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا قوشۇۋېتىلگەن.

جۇغراپىيە[تەھرىر]

بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقى جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقى تەرىپى گەنسۇ، چىڭخەي ئۆلكىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى كوئىنلون تېغى ئارقىلىق شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن، غەربىي تەرىپى خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن، شىمالىي تەرىپى تەڭرىتېغى ئارقىلىق ئىلى ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، تۇرپان ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي يەر مەيدانى 474 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئوبلاست ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭغا 1 شەھەر، 8 ناھىيە (يەنى كورلا شەھىرى، بۈگۈر ناھىيىسى، لوپنۇر ناھىيىسى، چەرچەن ناھىيىسى، چاقىلىق ناھىيىسى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى، خېجىڭ ناھىيىسى، خۇشۇت ناھىيىسى، باغراش ناھىيىسى) قارايدۇ. ئوبلاست تەۋەسىدە تارىم نېفىتلىكىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش، ئېچىش قوماندانلىق شتابى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ۋاقىتلىق باشقۇرۇش باشقارمىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 2 - شىسىگە قاراشلىق 21 تۇەن - مەيدانى بار. ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاي - كورلا شەھىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 464 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 930 مىڭ 700، بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇللار 4.73% نى، ئۇيغۇرلار 34.86% نى، خەنزۇلار 54.46% نى، باشقا مىللەتلەر 5.95% نى تەشكىل قىلىدۇ.

يەر تۈزۈلۈشى: شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ تىيانشان تېغى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە كوئىنلۇن تېغى، ئالتۇن تاغدىن ئىبارەت ئۈچ رايونغا ئايرىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېري 48.9% نى، تۈزلەڭلىك 51.1% نى، تەشكىل قىلىدۇ. ئوبلاست تەۋەسىدە تارىم دەرياسى، قاراشەھەر دەرياسى، كۆنچى دەرياسى قاتارلىق چوڭ - كىچىك دەريادىن 50 نەچچىسى، چوڭ - كىچىك كۆلدى 69 سى بار. بۇنىڭ ئىچىدە تارىم دەرياسى ئېلىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى، باغراش كۆلى ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى ھېسابلىنىدۇ. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 10 مىليارد 120 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 2 مىليون 980 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن ئاساسلىقى ياۋا قوتاز، زاڭزۇا ياۋا ئېشىكى، زاڭزۇ بۆجىنى، يىلپىز، ئارقار، ئاققۇ قاتارلىقلار بار. ياۋايى ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن ئاساسلىقى توغراق، يۇلغۇن، شامشاد، يىڭنە يوپۇرماقلىق قارىغاي، قارلەيلىسى، سوغىگۈل قاتارلىقلار بار. ئاساسلىقى نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، تۆمۈر، مانگان، سىنك، ئالتۇن قاتارلىق 56 خىل قېزىلما بايلىق بايقالدى. بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كىلىماتىدا پەرق ناھايىتى چوڭ. چوڭ - كىچىك يۇلتۇز ئويمانلىقى (بايىنبۇلاق) ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ ئىقلىمى 2 - دەرىجىلىك سوغۇق بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى - 4.5℃ ، تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولغاندا 28.0℃قا چىقىدۇ. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا - 46.6℃ قا چۈشىدۇ. قىروسىز مەزگىلى 18 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 250 - 500 مىللىمېتىر. قاراشەھەر ئويمانلىقى ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 6.2℃ - 7.8℃ بولىدۇ. ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 39.2℃. ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 35.2℃ بولىدۇ. قىروسىز مەزگىلى 170 - 190 كۈن بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 50 - 80 مىللىمېتىر بولىدۇ. تارىم ئويمانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تۈزلەڭلىكلەرنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.5℃ ~ 10.1℃، تېمپېراتۇران ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 43.6℃ قا چىقىدۇ. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا - 30.9℃ قا چۈشىدۇ. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4000℃ دىن يۇقىرى بولىدۇ. قىروسىز مەزگىلى 210 ~ 240 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 25 ~ 50 مىللىمېتىر. بۇ ئوبلاستتا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. 109 مىڭ 700 گېكتار ( 1 مىليون 645 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 10 مىليون 666 مىڭ 300 گېكتار (160 مىليون مو) ئوتلاق بار. يەنە 2 مىليون 906 مىڭ گېكتار (43 مىليون 590 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، شال، كۆممىقوناق، پاختا، قىزىلچا، ياغلىقدان، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىدا قوي بىلەن كالىنى ئاساس قىلىدۇ. سانائىتىدىن ئاساسلىقى نېفىت، ماشىنسازلىق، ئېلېكترون، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، توقۇمىچىلىق، قەغەزچىلىك، يېمەكلىك كەسىپلىرى بار. باينغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسەلىرى بىرقەدەر ياخشى. جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، كورلا شەھىرى جەنۇبىي شىنجاڭغا بارىدىغان يولوچىلار، توشۇلىدىغان يۈكلەر توپلىشىدىغان، تارقىلىدىغان مەركەزگە ئايلاندى. تاشيوللار تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان بولۇپ، دۆلەت تاشيولىدىن 5 ى ئوبلاست تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. كورلا، چەرچەن ئايرودورمىدا ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭ قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان ھاۋا لىنىيىسى ئېچىلدى. ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى كورلىنىڭ تېلېفون تورىغا كىرگۈزلۈلدى ھەمدە سىمسىز چاقىرىش ۋە كۆچمە تېلېفون يولغا قويۇلۇپ، پروگراممىلىق ئالماشتۇرۇش ۋە مىكرو دولقۇنلۇق، ئوپتىكىلىق يەتكۈزۈش ئاساس قىلىنغان كۆپ ۋاستىلىك زامانىۋى خەۋەرلىشىش تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى.

مەمۇرىي رايون[تەھرىر]

ئىقتىساد[تەھرىر]

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىر]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىر]

تەربىيە[تەھرىر]

ساياھەتچىلىك[تەھرىر]

بۇ ئوبلاستنىڭ ئاساسلىق مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن كىروران خارابىسى، بالونتاي بۆتخانىسى، شىكشىن مىڭ ئۆيى، بۇغداچىن قەدىمكى شەھىرى، چاپغا جىلغىسى قەدىمىي قەبرىستانلىقى، تۈرغۈت تور خارابىسى، باش ئەگىم قاتارلىقلار بار. ئاساسلىقى تەبىئىي مەنزىرىلىك جايلاردىن بايىنبۇلاق يايلىقى، <كىچىك بۇغدا كۆلى> ئاققۇ كۆلى، تىيانشان تاش ئويمانلىقى، خوتۇنسالا شارقىراتمىسى، كۈنەس دەرياسى جىلغىسى، باغراش كۆلى، تەكلىماكان قۇملۇقى ۋە مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ تەبىئىي قوغداش رايونى ئالتۇن تاغ تەبىئىي قوغداش رايونى قاتارلىقلار بار.

مائارىپ[تەھرىر]

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىر]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىر]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (مەركەز: ئۈرۈمچى) Flag of the People's Republic of China.svg
جايلار, ئاپتونوم ئوبلاسىت , ناھىيە, ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | شۇيموگۇ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | داۋانچىڭ رايونى | دۇڭسەن رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان ۋىلايىتى: تۇرپان شەھىرى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى: قۇمۇل شەھىرى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى | گۇما ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىس | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھرى | مارالبېشى ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى | تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايون: شىخەنزە شەھىرى | ئارال شەھرى | تۇمشۇق شەھرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتى:

ئاپتونوم ئوبلاسىت: غۇلجا شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم يېزىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | ۋۇسۇ شەھىرى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | ساۋەن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | چىڭگىل ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | كوكتوقاي ناھىيىسى | بۇرچىن ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى