شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى)
''شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى
[1]
كۆكبايراق
ئومۇمىي ئەھۋال
پايتەخت غۇلجا
رەسمىي تىللار ئۇيغۇرچە
دىن ئىسلام
پرېزىدېنت ئېلىخان تۆرە
ئەخمەتجان قاسىمى
تارىخى قۇرۇلۇش: 1944-يىلى 12-نويابىر
يىمىرلىش: 1949-يىلى 20-دىكابىر

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Sherqiy Türkistan Jumhuriyiti)بولسا 1944-يىلى غۇلجادا قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنى كۆرسىتىدۇ. 1933 - يىلى 12 - ئاپرىل سىياسى ئۆزگىرىشىنى قوزغاپ، شىنجاڭدا ھاكىمىيەتنىڭ قولغان ئالغان شېڭ شىسەينىڭ 11 يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلىشىپ، شىنجاڭ جۇڭخۇا مىنگو(خەنزۇچە:中华民国،中華民國)نىڭ رەسمى باشقۇرۇشىغا ئۆتۈشى بىلەن، شىنجاڭدا شېڭ شىسەينىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن مىللىي زىددىيەتلىرى تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىشكە قاراپ يۈزلەندى. خەلق ئىچىدە، ھۆكۈمەتنىڭ ئادىل بولمىغان سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىقنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر ئارىسىدا ئىنقىلاپ تۇيغۇلىرى ئوت ئېلىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ، شۇ مەزگىللەردە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن بىر تۈركۈم كىشىلەر ئىنقىلاپ ئىستىكىنىڭ تۈرتكىسىدە، خەلق ئارىسىدا ئىنقىلاپ پىكىر - ئىدىيىلىرىنىڭ تارقتىشقا باشلىدى. ۋە نىھايەت 1944 - يىلىغا كەلگەندە، بۇ ئىنقىلاپ پارتىلىدى. غۇلجا شەھرىدىكى داڭلىق ئۇرۇشلاردىن، ھەرەمباغ ئۇرۇشى، ئايردروم ئۇرۇشى ۋە لەڭشاڭ ئۇرۇشى نىڭ غەلبىسى بىلەن غۇلجا شەھرىنىڭ تولۇق ئازاد قىلىنىشى نەتىجىسدە، 1944-يىلى 12 - نويابىر كۈنى غۇلجىدا شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەسمى قۇرۇلدى. ئېلىخان تۆرە جۇمھۇرىيەتنىڭ رەئىسجۇمھۇر(پرىزدېنت)لىقىغا كۆرسىتىلدى.

جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە ھاكىمىيەتنىڭ يۈرگۈزۈلگەن ئۈچ ۋىلايىتى: ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايىتى

نىلقىدا پارتىلىغان ئىنقىلاپ ۋە ئارقا كۆرۈنىشى[تەھرىرلەش]

ھۆججەت:Gheni-batur.jpg
غېنى باتۇر

1944 - يىلى 9 - ئاپرىل، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى ئاستىدا، غۇلجا ناھىيە بازىرى (ھازىرقى غۇلجا شەھىرى)دە شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى يەر ئاستى تەشكىلات - <<غۇلجا ئازادلىق تەشكىلاتى>> قۇرۇلدى. ئېلىخان تۆرە رەئىس بولدى. تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، ئابدۇكېرىم ئابباسوپ،قاسىمجان قەمبىرى قاتارلىق تەرەققىپەرۋەر زىيالىلارنىڭ سىرتىدا،ئېلىخان تۆرە،مۇھەممەتجان مەخسۇم قاتارلىق يۇقىرى قاتلام دىنىي زاتلار ۋە رەھىمجان سابىر ھاجى، سالىجانباي باباجان قاتارلىق سودىگەر ۋە چارۋىدار، پومشىچىكلەرمۇ بار ئىدى.

1944 - يىلى 14 - ئاۋغۇست، پاتىخ مۇسىلىموپ، ئەكبەر، سېيىت، غېنى (غېنى باتۇر) قاتارلىقلار نىلقا ناھىيىسىنىڭ ئۇلاستاي تاغلىق رايونىدا پارتىزانلار ئەترىتى قۇردى. 17 - ئاۋغۇست، بۇ ئەترەت ئەزالىرى روزا ھېيت نامىزى ئۆتەش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ مەسچىتتە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش توغرۇلۇق مەسلىھەتلىشىۋاتقاندا، كۈتۈلمىگەن يەردىن بىر گومىنداڭنىڭ نىلقا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىگە بۇ ئىشنى مەلۇم قىلىپ قويدى. ساقچى ئىدارىسى شۇ ھامان بۇلارنى تۇتۇشقا ئادەم ئەۋەتتى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان پارتىزانلار، ئۇلاستايدا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ زەربە بېرىپ، ساقچىلارنى يوقىتىپلا قالماي بىرمۇنچە قورال - ياراق غەنىمەت ئالدى. بۇ مەشھۇرنىلقا قوزغىلىڭىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى.

5 - ئۆكتەبىردە ئۇلاستاي پارتىزانلىرى ئەكبەر، خەمىت مۇسىلىموپ قاتارلىقلارنى 500نەچچە كىشىلىك قوراللىق كۈچ بىلەن نىلقا ناھىيسىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. پارتىزانلار بىر كىچە-كۈندۈز جەڭ قىلىش ئارقىلىق، 7 - ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پۈتۈن ناھىيە بازىرىنى ئىشغال قىلدى.

ئىنقىلاپ ئوتىنىڭ غۇلجىغا تۇتىشىشى ۋە غۇلجىدا جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلىشى[تەھرىرلەش]

ھۆججەت:Ilixan Töre.jpg
جۇمھۇرىيەت رەئىس جۇمھۇرى - ئېلىخان تۆرە


ئۈچ ۋىلايەتنىڭ پۈتۈنلەي ئازاد قىلىنىشى[تەھرىرلەش]

ماناس دەرياسىدىن قايتىش[تەھرىرلەش]

ئۈرۈمچىدە بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلىشى[تەھرىرلەش]

ھۆججەت:ExmetjanQasimi.jpg
بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇمھۇرىيەت باش مىنىستېرى - ئەخمەتجان قاسىمى

بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ پارچىلىنىشى ۋە ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ غۇلجىغا قايتىشى[تەھرىرلەش]

شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرىلىشى[تەھرىرلەش]

جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىكى دۆلەت قۇرۇلمىسى[تەھرىرلەش]

مىللى ئارمىيە[تەھرىرلەش]

جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىكى مەدەنىيەت - سەنئەت ۋە تەنتەربىيە[تەھرىرلەش]

دۆلەتكە قاراشلىق مەتبۇئاتلار[تەھرىرلەش]

جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىكى قوللىنىلغان پۇللار[تەھرىرلەش]

پايدىلانغان مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى - شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى،1996 - يىل ئاۋغۇست

باشقىلار[تەھرىرلەش]

قارالسۇن[تەھرىرلەش]

جۇمھۇرىيەتلەر:

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. تەڭرىتاغ بۈركۈتى. سەيپىدىن ئەزىرى.

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

شەرقىي تۈركىستان زېمىنىغا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر
قۇرۇلغان ۋاقىت مەۋجۇت بولغان دۆلەتلەر
مىلادتىن بۇرۇن: شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك قەبىلىلەر
م. 0-499: خوتەن پادىشاھلىقى
م. 500-999: كۆكتۈرك خاقانلىقى | شەرقىي كۆكتۈرك خاقانلىقى|ئىككىنجى شەرقىي كۆكتۈرك خاقانلىقى| غەربىي كۆكتۈرك خاقانلىقى| ئۇيغۇر خاقانلىقى| قاراخانىيلار خانلىقى| كەڭسۇ ئۇيغۇر پادىشاھلىقى| ئىدىقۇت ئۇيغۇر پادىشاھلىقى
م. 1000-1499: چاغاتاي خانلىقى |موغۇلىستان |تۇرپان خانلىقى
م. 1500-1999: سەئىدىيە خانلىقى|جۇڭغار خانلىقى |قۇمۇل خانلىقى |يەتتەشەھەر خانلىقى |شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى |شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى