قەشقەر شەھرى

ئورنى Wikipedia
Kashgar location.png
KashgarNaan.jpg
Kashgar-mercado-d01.jpg

قەشقەر شەھرى شەرقىي تۈركىستاننىڭنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسىمىغا جايلاشقان.

قەشقەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى 39° 24’ 26« ن.؛ 76° 6’ 47» ئە. دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىگى 1290 مىتىر. قەشقەر شەھرىنىڭ 1999-يىلى ئىلان قىلىنغان نوپۇسى 205،000.

قەشقەردە ھازىرقى بار بولغان قەدىمى شەھەر كوچىلىرىدىن ھېيتگاھ جامىئەسىنى مەركەز قىلغان چاسا كوچا، ئوردا ئالدى، بۇلاق بېشى، ئوردا مەسچىتى، دۈڭمەسچىت، جانقۇرغان، تۆريارباغ، كونا دەرۋازا يولى، يار بېشى كولالىچىلار مەھەللىسى قاتارلىق جايلار ئۆستەڭ بويى ئەتراپلىرىغا مەركەزلەشكەن. ئوردا بېشى يولى، كونا دەرۋازا يولى، يارباغ يولى، ئارىيا يولى ئوتتۇرىسىدىكى قەدىمىي تۇرالغۇ– كوچىلار قەشقەر شەھىرىنىڭ يارباغ ئىش باشقارمىسى تەۋەسىدە بۇلۇپ، جانقۇرغان كوچىسى بىلەن بۇلاق بېشى كوچىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا يەنە 20 نەچچە تار كوچىلارغا ئايرىلغان. ئومۇمىي دائىرىسى 2 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئون نەچچە مىڭ ئاھالە ئولتۇراقلاشقان. بۇ كوچىلارنىڭ بەرپا قىلىنىش تارىخىنى مىلادى 10– ئەسىرلەرگىچە سۈرۈشكە بولىدۇ. ئولتۇراق رايوندا ھازىر ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (شەھەر) دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىدىن 12سى بار. بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى بولسۇن ياكى مەسچىد قۇرۇلۇشلىرى، رەستىلەر قۇيۇق ئىسلام مەدەنىيىتى قۇرۇلۇش تۈسىنى ئالغان. كوچىلار ئەگرى- بۈگرى، ئۈمۈچۈك تورىدەك ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن. خۇددى سىرلىق ئوردا، قەلئە يوللىرىغا ئوخشايدۇ. ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى قۇرۇلما جەھەتتە خام كىسەك، توپا، پىششىق خىش، ئەنجان تاملاردىن ياسالغان. ئۆينىڭ ئۈستىگە ئۆي، سېلىنىۋىرىپ ئالدى يەر يۈزىدىن 4- 5 قەۋەتچە ئىگىزلەپ، يىراقتىن قارىغاندا قەلئەگىلا ئوخشاپ قالغان. ئولتۇراق رايوندا يەنە ئەسلى ئورنىغا ئەسلى ھالىتىنى ساقلىغان ئاساسىدا پىششىق خىشتىن يىڭىلىنىۋاتقان تۇرالغۇلارمۇ بار. ئولتۇراق ئۆيلەر بەك زىچ سېلىنغانلىقتىن كوچىلار خېلىلا تار. ئەسلى ھالىتىنى ساقلاش ۋە ئۆرۈلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرەكلەر بىلەن يۆلەپ قۇيۇلغان تۇرالغۇ- كوچىلارمۇ بار. تار كوچىلارنىڭ ئۈستى يېپىلىپ، ئۆي قىلىنغان. كوچىلارنىڭ باش- ئاخىرىنى پەرق ئەتمەك ئىنتايىن تەس. بەزىدە بۇ كوچىلاردا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر ئۆزلىرىمۇ ئادىشىپ قالىدىكەن. بىر قىسىم كوچا بۆلەكلىرىدە ئىككىنچى بىر كوچىغا ئايلىنىش يول كۆرسەتكۈچ بەلگىلىرى كۆرسىتىپ قۇيۇلغان. بىر قىسىم كوچىلارغا پەلەمپەي ئارقىلىق يۇقىرى ئۆرلەپ مېڭىشقا توغرا كېلىدىكەن. بۇ يەرگە جايلاشقان ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى پەس بولغاندا ئىككى قەۋەت، بەزى تۇرالغۇلار ئۈچ- تۆت قەۋەت بولغاچقا ئالقانچىلىك بوشلۇقلارمۇ ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. قورولارغا پەقەت بىرلا ياغاچ دەرۋازىدىن كىرىپ، ئوڭ ۋە سول تەرەپتىكى يان ئۆيلەرگە قايرىلغىلى، پەشتاق- پەلەمپەيلەر ئارقىلىق ئۈستۈنكى قەۋەتلەرگە چىققىلى بولىدۇ، ئۆگزىنىڭ گىرۋەكلىرى بىر مېتىر ۋە بىر يېرىم مېتىر ئەتراپىدا ئېگىزلىتىلىپ، كۈننىڭ ئىسسىق چاغلىرىدا كېچىسى ئارام ئېلىشقا پايدىلىنىلغان. ئاستىنقى قەۋەتتىكى قورو ئىچى ئىنتايىن تار بولسىمۇ، بۇ يەردىكى ئاھالىلەر بىرەر تۈپ ئەنجۈر كۆچىتى، ئانار كۆچىتى، بىرەر تۈپ گۈل تىكىپ ياكى گۈللۈكلەرنى ياساپ ئولتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن. ئىقتىسادى ئەمىلى كۈچى بويىچە ئايۋان- ساراي، پىشايۋانلار ئىسىل بېزىلىپ، گىلەملەر سېلىپ قۇيۇلغان.

بۇ يەردىكى جانقورغان، بۇلاق بېشى كوچىلىرىدىن باشقا، يار بېشى كولالىچىلار مەھەللىسى قەدىمىلىكى، ئۆزگىچىلىكى بىلەن كىشلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتىدۇ. 40 مېتىرچە ئىگىزلىكتە 800 مېتىرچە ئۇزۇنلۇققا سوزۇلغان كولالچىلار مەھەللىسى تۆت- بەش يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە. بۇ كوچىدا كولالىچىلار كۆپرەك مەركەزلەشكەنلىكى ئۈچۈن ‹‹ يار بېشى كولالىچىلار مەھەللىسى›› دەپ ئاتالغان.

Kashkar-01.jpg


قەشقەر شەھرىدىكى بۇ قەدىمىي تۇرالغۇ– كوچىلار قەشقەر شەھىرى سەيلە– ساياھەتچىلىكىنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولۇپ قالغان. بۇ كوچا– مەھەللىلەر قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىگە، ئەڭ ئاۋات كوچىلىرىغا، ئاھالە ئەڭ زىچ ئورۇنلارغا جايلاشقان. ئاھالىلەرنىڭ سەيلە– ساياھەتچىلىك ئېڭى، تىجارەت ئېڭى ئىنتايىن يۇقىرى. بۇ يەردىكى ئىش باشقارمىلىرى، شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بۇ ئورۇننى ساياھەت نۇقتىسى قىلىپ بىكىتكەن ھەمدە بۇ كوچىلاردا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىي ۋە ئالاھىدىلىكى بويىچە ‹‹ كولالىچىلار ئائىلىسى››، ‹‹ مىللىي چالغۇ– ئەسۋاپلار ئائىلىسى››، ‹‹ دوپپىچىلار ئائىلىسى››، ‹‹ كەشتىچىلىك ئائىلىسى››، ‹‹ مىسكەرچىلىك ئائىلىسى››، ‹‹ پىچاقچىلىق ئائىلىسى››، ‹‹ گىلەم توقۇش ئائىلىسى››، ‹‹ ئۇيغۇر مىللىي بىناكارلىق ئائىلىسى››، ‹‹ ئاسارە– ئەتىقە يىغىپ ساقلىغۇچىلار ئائىلىسى›› دېگەندەك ئوخشىمىغان ۋىۋىسكىلارنى ئېسىپ، قەدىمى شەھەر ساياھەتچىلىكى، قەدىمى كوچا– تۇرالغۇ ساياھەتچىلىكى؛ مەدەنىيەت يادىكارلىق، ئاسارە – ئەتىقە بۇيۇملىرى ساياھەتچىلىكى؛ مىللىي ئۆرىپ– ئادەتلەر ساياھەتچىلىكى؛ مىللىي قول– ھۈنەر سەنئىتى ساياھەتچىلىك تۈرلىرىنى ئائىلە ساياھەتچىلىكى بىلەن بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ، مۇكەممەل ۋە ئەتراپلىق بولغان ساياھەت بايلىقىنى ئاچقان.

قەشقەر شەھىرىدىكى بۇ قەدىمى كوچا– تۇرالغۇلار، بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئاھالىلەرنىڭ قول– ھۈنەر سەنئىتى، ئۆرپ– ئادىتى، بىناكارلىق مەدەنىيىتى ئۇزۇن تارىخىنىڭ ئەينى سىماسىدۇر. بۇ جاي بىزگە يىراق قەدىمى دۇنيانىڭ تەسىراتىنى بېرىدۇ. قەشقەر شەھىرىنىڭ بۇ قەدىمى كوچا تۇرالغۇلىرىنى ئايلانغاندا، ھەر بىر دۇقمۇشتىن قايرىلىپ، خىلمۇ خىل مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى بايقىغاندا، نەچچە يۈز يىل، ھەتتا مىڭ يىل ئالدىدىكى دەۋردە تۇرىۋاتقاندەك، قىسقىغىنا ھاياتتا نەچچە دەۋىرنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرگەندەك بىلىنىدۇ.



شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (مەركەز: ئۈرۈمچى) Flag of the People's Republic of China.svg
جايلار, ئاپتونوم ئوبلاسىت , ناھىيە, ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | شۇيموگۇ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | داۋانچىڭ رايونى | دۇڭسەن رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان ۋىلايىتى: تۇرپان شەھىرى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى: قۇمۇل شەھىرى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى | گۇما ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىس | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھرى | مارالبېشى ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى | تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايون: شىخەنزە شەھىرى | ئارال شەھرى | تۇمشۇق شەھرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتى:

ئاپتونوم ئوبلاسىت: غۇلجا شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم يېزىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | ۋۇسۇ شەھىرى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | ساۋەن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | چىڭگىل ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | كوكتوقاي ناھىيىسى | بۇرچىن ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى


1934-يىلى قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلە

مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى(ئىشقى)


1934-يىلى قەشقەر خەلقى ئۈچۈن ياراشمىغان بىر يىل بولدى. چۈنكى بۇ يىل كىرگەندىن تارتىپ چىقىپ كەتكىچە قەشقەر خەلقىگە ياخشىلىق بولمىدى. بىز بۇ ئىشلارنى 50 نەچچە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئەسلەۋاتىمىز. بۇ ئەسلىمە مىللىتىمىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن پاجىئەلىك ھادىسىلەرنى بىلمەيدىغان كىشىلەر، بولۇپمۇ ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ تارىخنى بىلىشىدە ئىبرەتلىك رول ئوينىسا ئەجەپ ئەمەس.

(1) ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى زور ۋەقەلەر

1-ۋەقە: قەشقەر يېڭىشەھەردىكى ئۇرۇش تىركىشىش دەۋرىگە كىردى. 1934-يىلى كىرىش بىلەن قەشقەر يېڭىشەھەردىكى ئۇرۇش تازا تىركىشىش دەۋرىگە كىردى. 1933-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى(چارشەنبە) باشلانغان بۇ ئۇرۇش 11-ئاينىڭ كىرىشى بىلەن 140-كۈنىگە قەدەم قويغان بولسىمۇ، يېڭىش-يېڭىلىش بولماي ئۇرۇش ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋەردى. بۇ بەش ئايلىق ئۇرۇش قەشقەر خەلقىگە غايەت زور زىيانلارنى كەلتۈردى. قىرغىز ئوسمان ئەلىنىڭ باش قوماندانلىق دەۋرى ھېسابلانغان 8-ئايدىن 10-ئايغىچە بولغان ئۈچ ئايلىق مەزگىل ئۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ دەۋرى بولسىمۇ، لېكىن ئاڭسىزلىق، ئىتتىپاقسىزلىق، باشباشتاقلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى بارلىق تىرىشچانلىقنى بوشقا كەتكۈزىۋەتتى. ئوسمان ئەلى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلالمىغاچقا، 1933-يىلى 10-ئايدا قارشى كۈچلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. سابىت داموللا ھاكىمىيىتى رەھبەرلىكنى قولغا ئالدى. يېڭىشەھەر ئۇرۇشى تېخىچە داۋام قىلماقتا ئىدى. 1933-يىلى 11-، 12-ئايلار قانچە-قانچە تىركىشىشلەر بىلەن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇرۇشتىن ھېچقانداق نەتىجە چىقمىدى. 1933-يىلى 11-ئاينىڭ باشلىرى ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە مەلۇم ئۆزگىرىشلەر بولغان بولسىمۇ، لېكىن خوجانىياز ھاجىنىڭ ئاقسۇنى تاشلاپ قەشقەرگە كېلىشى ۋەزىيەتنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى.

2-ۋەقە: خوجانىياز ھاجى قەشقەرگە كەلدى. جەنۇبىي شىنجاڭ مۇھاپىزەت باش قوماندانى ياكى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى»نىڭ زۇڭتۇڭى خوجانىياز ھاجى 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى جەنۇبتىكى مۇھىم بازىسى ئاقسۇنى تاشلاپ قەشقەرگە كەلدى. ئۇنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى»نىڭ باش ۋەكىلى سابىت داموللا باشچىلىقىدىكى يېڭى ھۆكۈمەت ئەربابلىرى كۈتۈۋالدى. خوجانىياز ھاجى قەشقەرگە كېلىپلا، يېڭىشەھەرنى ئېلىش ئۈچۈن ماجەنساڭغا قارشى ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشقا ئاتلاندى. خوجانىياز ھاجى سابىت داموللىنىڭ ئەسكىرىي كۈچى بىلەن بىرلىكتە يېڭىشەھەرنى تۆت تەرەپلەپ قورشاپ، 2-3 كۈن ئىچىدىلا ماجەنساڭ قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ سېپىل ئىچىگە كىرگۈزىۋەتتى. بۇ نۆۋەت خوجانىياز ھاجىنىڭ قوشۇنلىرى ئالاھىدە پىداكارلىق كۆرسەتتى. ماجەنساڭ يېڭىشەھەرنىڭ ئېگىز سېپىللىرىنىڭ دالدىسىدا كۈن كۆرۈشكە مەجبۇر بولدى. ماجەنساڭنىڭ تۈۋرۈكى سانالغان ئاتاقلىق بىرىگادا كوماندىرى كامازا يېڭى شەھەر سېپىلى يېنىدىكى بىر ئۇرۇشتا ھالاك بولۇپ، ماجەنساڭنىڭ مەغلۇبىيىتى ئايدىڭلىشىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن مەجەنساڭ بۇنىڭلىق بىلەن بوشىشىپ قالمىدى. بەلكى يېڭىشەھەرنى جان تىكىپ قوغدىدى. نەتىجىدە خوجا نىياز ھاجىنىڭ كەينىدىن ئىز بېسىپ قوغلاپ كەلگەن ماجۇڭيىڭنىڭ يېتىپ كېلىشى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن 167 كۈن داۋاملاشقان يېڭىشەھەر ئۇرۇشى تۇڭگانلارنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاياغلاشتى.

3-ۋەقە: مافۇيۈەننىڭ قەشقەرنى ئىستىلا قىلىشى «باش قوماندان» دەپ ئاتالغان مافۇيۈەن 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى قەشقەرگە باستۇرۇپ كىردى. ئۇنى مارالبېشىدا خوتەن ئەسكەرلىرى، پەيزاۋاتتا ھەمدەمبەگ ھاجى، يۈسۈپجان قۇربېشىلار توسقان بولسىمۇ، شەھەرنى ساقلاپ قېلىشقا ئامال قىلالماي، 1933-يىلى 27-چىسلا كېچىسى شەھەرنى بوشىتىپ چىقىپ كەتتى. تۇڭگانلار ھېچبىر توسالغۇسىزلا كوناشەھەرنى ئىگىلىۋالدى، يېڭىشەھەردىكى ماجەنساڭ ئۇلار بىلەن بىرلەشتى. خوجانىياز ھاجى يەكەنگە كەتتى، سابىت داموللا يېڭىسارغا بېرىۋالدى. مەھمۇت مۇھىتى يېڭىسار ئەتراپىغا ئورۇنلاشتى. سابىت داموللىغا قاراشلىق قوشۇنلار قەشقەر شەھىرىنىڭ تۆت ئەتراپىغا ئورۇنلىشىۋالغانىدى، يەنى ھەربىي ئىشلار نازىرى قىرغىز ئورازبەگ ئۇلۇغچات تەرەپتىكى تاغ ئاغزىغا، زەيدىن كارۋان باشچىلىقىدىكى بىرىگادا ئۈستۈن ئاتۇش تاغلىرىغا، كىچىك ئاخۇن باشچىلىقىدىكى بىرىگادا ئاستىن ئاتۇش تاغ ئاغزىغا، مۇھاپىزەت قوماندانى ئۆزبېك يۈسۈپجان قۇربېشى ئوپال تاشمىلىق تەرەپكە ئورۇنلاشقانىدى. شۇڭا مافۇيۈەن، ئەمەلىيەتتە، شەھەر ئىچىگىلا «خان» بولغانىدى. شەھەر خەلقىنىڭ كۆپىنچىسى يېزىلارغا چىقىپ كەتكەنىدى. مافۇيۈەن قوشۇنلىرى يېقىلغۇ، يەم-خەشەكتىن قاتتىق قىينىلىشقا باشلىدى. چۈنكى بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يېزىدىن كېلەتتى. مافۇيۈەننىڭ «زىۋازا (ئوغرىلار)» دەپ ئاتالغان رەقىبلىرى شەھەرنىڭ بىقىنىدىكى يېزىلارغا يوشۇرۇن كېلىپ، مافۇيۈەن قوشۇنلىرىغا لازىملىق نەرسىلەرنى ئالغۇزمىدى، يېزىغا بارغانلارنى ئەدەپلىدى. ھەتتا تۈمەن دەرياسىغا سۇغىرىشقا ئېلىپ چىققان ئاتلارنى بۇلاپ كېتىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىپ تۇردى. بۇ ئەھۋاللار مافۇيۈەننى ئالاقزادە قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ ئارىنى پارچىلاش سۈيقەستى پەقەت ئاستىن ئاتۇشلۇق رېشىتەمنى جەلپ قىلدى. رېشىتەم 40 تەك ئادىمى بىلەن كىچىك ئاخوننىڭ سېپىدىن قېچىپ چىقىپ تەسلىم بولدى. مافۇيۈەن ئۇنىڭغا «پارتىزانلار قوماندانى» دەپ نام بەردى.

4-ۋەقە: قەشقەردە دەھشەتلىك قەتلىئام مافۇيۈەن 1934-يىلى 2-ئاينىڭ 6-ۋە 7-كۈنلىرى قەشقەر خەلقىنى قاتتىق قىرغىن قىلدى. يېڭىشەھەر ۋە كوناشەھەردىكى ئەسكەرلەرمۇ شەھەر خەلقىنى قىرغىن قىلدى. دۇكان-ساراي، ئۆيلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى، قىز-ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلدى، كىشىلەرنى ئالتۇن-كۈمۈش بېرىشكە قىستاپ دارغا ئاستى، قىينىدى، بەدەنلىرىگە تۆمۈرنى قىزىتىپ ياقتى، چانىدى، ئاتتى. بۇ قېتىملىق چوڭ قىرغىنچىلىقتا قەشقەر شەھەر خەلقىدىن 6000 دىن ئارتۇقراق ئادەم ئۆلدى. بۇنىڭغا ئۆزبېك پولكىدىن قوچقارباي دېگەن ئۆزبېك كىشىنىڭ مافۇيۈەننىڭ ئاتۇشقا «بېرىشى»دىن پايدىلىنىپ، 100 قۇراللىق كىشىنى باشلاپ شەھەرگە باستۇرۇپ كىرىشى سەۋەب بولغانىدى. بۇ كۈن ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس قانلىق بىركۈن ھېسابلىنىدۇ. مافۇيۈەن بۇنىڭلىق بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي، قىرغىنغا ئۇلاپلا 15 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان شەھەر ياشلىرىدىن 300 ياشنى ئەسكەرلىككە تۇتۇپ كەتتى. بۇلارنى مەشىق قىلدۇرۇپ ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتتى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئارغۇ، يېڭىسارلاردىكى سوقۇشلاردا ئۆلۈپ كەتتى. سالامەت قالغانلىرى 1937-يىلدىكى ئىسياندا ئۆلۈپ كەتتى. ئىنتايىن ئاز ساندىكىسى ماخۇسەن يوقالغاندىن كېيىن ئاھالىسىگە قايتىپ كەلدى.

5-ۋەقە: ئاتۇشتىكى پاجىئەلەر مافۇيۈەن ئۆزبېكلەرنىڭ تەسىرىنى تازىلىغاندىن كېيىن، ئاتۇشنى «تىنچلاندۇرماقچى» بولدى-دە، قوشۇنلىرىنى ئېلىپ ئۇچتۇرپاندىن بىللە ئېلىپ كەلگەن قىرغىز قۇلىبەگنىڭ ھەمراھلىقىدا ئاتۇشقا يۈرۈپ كەتتى. «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى»نىڭ شەھەرنى قوغداش قوماندانى كىچىك ئاخۇن تاغ ئاغزىنى توسماي، بىرىگادىسىنى ئېلىپ تاغقا چىقىۋالغاچقا، مافۇيۈەن ئاتۇشقا توسالغۇسىز باستۇرۇپ كىردى. رېشىتەمنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئازاق كەنتىگە بېرىپ، سابىت داموللىنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈردى. نەرسە-كېرەكلىرىنى بۇلىدى. تېجەنگە بېرىپ، كىچىك ئاخۇننىڭ بۇندىن ئىككى ئاي بۇرۇن ئۇرۇشتا قۇربان بولغان پولك كوماندىرى يۈسۈپ ئاخۇن قاتارلىق بىرقانچە كىشىنىڭ ئۆيىنى بۇلىدى ۋە ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋەتتى. بىرمۇنچە كىشىنى ئورۇنسىز ئېتىۋەتتى. ئۇلار بۇ يەردىن ئۆتۈپ ئۈستۈن ئاتۇشقا باردى. ئۇلار كېلىشتىن بۇرۇن بۇ يەردىكى زەيدىن كارۋان بىرىگادىسى تاغقا چىقىۋالغان، قىرغىز جانىبەگ تاغ ئارىلاپ مۇشۇ تەرەپكە كىلىۋالغانىدى. تۇڭگانلار بۇ يەرگە كەلگەندە كەچ كىرەي دەپ قالغانلىقتىن، ئازاق، بەيساق، دىخانلار، يولچىدىن ئىبارەت تۆت يولنىڭ تۈگۈنىدە كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە چۈشكۈن قىلماقچى بولدى. بۇنى ئاڭلىغان نۇرغۇن كىشى ئۆي-ۋارانلىرىنى تاشلاپ كەتتى، قاچالماي قالغان 13 ئەر، 5 ئايال مۇھەممەت ئېلى ئاخۇن دېگەن كىشىنىڭ ئۆيىگە قېچىپ بېرىۋالدى. بۇ ئۆيگە قەشقەر شەھىرىدە ئۇزۇن يىل تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان يۈسۈپ تۇڭگان دېگەن كىشى ئوغلى نۇر ئاخۇن بىلەن مالىمانچىلىقتىن قېچىپ كېلىۋالغانىدى. ھېلىقى 13 ئەر، 5 ئايال مۇشۇ 2 تۇڭگاننىڭ سايىسىدە ئامان قېلىش ئۈمىدىدە كەلگەنىدى. يۈسۈپ تۇڭگان «تىنچلىق بەلگىسى» بولغان ئاق بايراقنى ئۆگزىسىگە قاداپ، ئۆزى ھەم ھەمرالىرىنى ساقلاپ قالماقچى بولدى. لېكىن مافۇيۈەن قوشۇنى ئاق بايراقنى كۆرۈپلا «ئوغرىلار بار ئىكەن» دەپ ئويلاپ ئۆيگە يامغۇردەك ئوق ياغدۇردى. ئوق توختىغاندىن كېيىن يۈسۈپ تۇڭگان ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، مافۇيۈەن ئەسكەرلىرى ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي، بەش نەپەر قېرى-چۈرى ئايالنى ئايرىپ قېلىپ، قالغان 13 كىشىنى ئېتىپ تاشلىدى. ئىككى كىشى يارىلىنىپ ساق قالدى. يۈسۈپ بىلەن نۇر ئاخۇننى تۇڭگانلار ئالدىغا سېلىپ ئېلىپ كەتتى. تۇڭگانلار توپا دېگەن جايغىچە بېرىپ ئاتۇش خەلقىگە بىرقۇر ھەيۋە كۆرسەتكەندىن كېيىن شەھەرگە قايتتى.

6-ۋەقە: ئارغۇدىكى سوقۇش 2-ئاينىڭ ئاخىرلىرى مافۇيۈەن بىلەن خوجانىياز ھاجى ئوتتۇرىسىدا ئاتۇش ئارغۇدا توقۇنۇش يۈز بەردى. خوجانىياز ھاجى يەكەندە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن سىمخانىغا بېرىش ئۈچۈن ئاتۇشقا كەلدى. مافۇيۈەن بىلەن خوجانىياز ھاجى ئوتتۇرىسىدا ئارغۇدا قاتتىق سوقۇش بولۇپ، مافۇيۈەن خېلى چىقىم تارتقان بولسىمۇ، يەنىلا غەلىبە قازاندى. خوجانىياز ھاجى نۇرغۇن نەرسىلىرىنى ئولجا بېرىپ، مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ كەتتى. تۇڭگانلار ئاتۇشنى يەنە بىر قېتىم مالىمان قىلىپ، بىرنەچچە جايغا ئوت قويۇپ، قىرغىنچىلىق، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، شەھەرگە قايتىپ كەتتى. ئۈستۈن ئاتۇشقا باستۇرۇپ بارغان زەيدىن كارۋان بىلەن مافۇيۈەن ئوتتۇرىسىدا تىنچلىقتا بىرگە ئۆتۈش ئەھدىنامىسى تۈزۈلگەچكە، زەيدىن كارۋاننىڭ بىرىگادىسى ساقلىنىپ قالدى.

7-ۋەقە: يېڭىسار ئۇرۇشى 2-، 3-ئايلاردا مەھمۇت مۇھىتى ئەسكەرلىرى يېڭىسارنىڭ قايراق تاغلىرىدا مافۇيۈەن قوشۇنلىرى بىلەن قاتتىق سوقۇشتى. مافۇيۈەن قوشۇنى ئۇلارنى چېكىندۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن خوتەن ئەسكەرلىرىنىڭ يېڭىسار ھەربىي قەلئەسىگە كىرىۋېلىشى بىلەن يەنە ئۇرۇش پارتلىدى. «ئىمىر ساھىب» دەپ ئاتالغان نۇرئەھمەتخان قەلئە ئىچىدە تۇرۇپ مافۇيۈەن بىلەن بىر يېرىم ئايدەك سوقۇشتى. مافۇيۈەن بىلەن ماجەنساڭنىڭ بىرلەشمە قوشۇنى قەلئەگە كۆپ قېتىم تېگىش قىلىپ قاتتىق قامال قىلغان بولسىمۇ، خوتەن ئەسكەرلىرىنىڭ قاتتىق پىداكارلىق كۆرسىتىشى بىلەن ھېچبىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. قەلئەدىكىلەر سېپىلغا ياماشقان تۇڭگانلار ئۈستىدىن كىرسىن، قىزىتقان ياغ تۆكۈش، ياغاچ-تاش قاتارلىق نەرسىلەرنى تاشلاش ئارقىلىق ئۇلارنى كۆپ تالاپەتكە ئۇچراتتى. بىراق، قۇربان ھېيت كۈنى خوتەن ئەسكەرلىرى «مۇسۇلمانلار بۇ ئۇلۇغ كۈندە ئۇرۇش قىلمايدۇ» دېگەن ئەقىدە بىلەن بىخۇتلىشىپ، خاتىرجەم ھېيت نامىزىنى ئۆتەۋاتقاندا، تۇڭگانلار ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ سېپىلنى ئىگىلىۋالدى. نەتىجىدە دەھشەتلىك كوچا ئۇرۇشىدا نۇرئەھمەتخان قۇربان بولدى. بۇنىڭغا ياردەمگە كەلگەن ئاكىسى ئەمىرشاھ مەنسۇر ئابدۇللاخان يېڭىسارغا باستۇرۇپ كېلىپ، «شېھىدنىڭ جايى» دەپ ئاتالغان جايغا كەلگەندە مۇھاسىرىدە قېلىپ، قاتتىق ئېلىشىشتىن كېيىن قۇربان بولدى. شۇنداق قىلىپ يېڭىسار شەھىرى تۇڭگانلارنىڭ قولىغا ئۆتتى.

8-ۋەقە: مافۇيۈەن ھۇجۇمنى قىرغىزلارغا قاراتتى. مافۇيۈەن سەرمەن، بورىخىلتاي (ھازىرقى بۇلاقسۇ يېزىسى)، تاشمىلىق دېگەن جايلاردا ئۆزبېك قىسىملىرى بىلەن بىرنەچچە قېتىم توقۇنۇشقان بولسىمۇ، نۇرغۇن چىقىم تارتىپ ھېچ نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. 4-ئايدا ئۈرۈمچى تەرەپتىن ماجۇڭيىڭنىڭ نۇرغۇن ئەسكەر بىلەن يېتىپ كېلىشى نەتىجىسىدە يۈسۈپجان قۇربېشى بۇ جايلارنى تاشلاپ تاشقورغانغا كەتتى. شۇنىڭ بىلەن مافۇيۈەننىڭ قولى بوشاپ ھۇجۇمنى قىرغىزلارغا قاراتتى. مافۇيۈەن دەسلەپ قىرغىزلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە شەھەر بايلىرى ۋە مۆتىۋەرلىرىدىن بىرنەچچە كىشىنى ئەۋەتتى. ئۇلار قىرغىزلار بىلەن مۇزاكىرىلىشىۋاتقان پەيتتە تۇڭگانلار ئۇشتۇمتۇت قىرغىزلارغا ھۇجۇم قىلىپ قىرغىزلارنى باسقىن قىلدى. قىرغىزلار توزاققا چۈشكەندىن كېيىن تېزلا ئۆزىنى ئوڭشاپ قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ، تۇڭگانلارنى چېكىندۈردى. ۋەكىللەردىن ئىمىر ھۈسەيىن قازى ئاخۇنۇم قىرغىزلار قولىغا چۈشۈپ «خىيانەتچىنىڭ ۋەكىلى» دېگەن ئاتاق بىلەن ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا، تۇڭگانلار بىلەن بولغان ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن پايدىلىنىپ قېچىپ قۇتۇلدى.

9-ۋەقە: ماجۇڭيىڭ قەشقەرگە كەلدى. «گاسىلىڭ» (بالا قوماندان) دەپ ئاتالغان ماجۇڭيىڭ 1934-يىلى 5-ئاينىڭ باشلىرىدا ئۈرۈمچىدىن چېكىنىپ قەشقەرگە كەلدى. ئۇنىڭ كېلىشى بىلەن تەڭ ھاۋارايىمۇ قاتتىق بۇزۇلۇپ كەتتى. قەشقەر شەھىرىنى قاپلىغان قاتتىق تۇمان، قاراڭغۇلۇق ئۈچ كۈنگىچە تارقالمىدى. دەسلەپكى كۈنى خۇددى تۈن ئۇزارغاندەك تاڭ يورىماي قاراڭغۇلۇق بىرنەچچە سائەت ئۇزاق داۋاملاشتى. تاڭ يورۇغاندىن كېيىن ئالەمنى ئوتقاشتەك قىزىللىق قاپلاپ كىشىلەر كۆزلىرىنى ئاچالماي قالدى. كىشىلەر بۇ ئىشقا «قىيامەت قايىم بولدى، ماجۇڭيىڭنى قەشقەرنىڭ ئەزىزلىرى خالىمىدى» دەپ تەبىر بېرىشتى. ماجۇڭيىڭ قەشقەرگە كېلىپلا سوۋېت كونسۇلخانىسىغا ئۇرۇنلاشتى. ئۇنىڭ كېيىنكى كۈنلىرى، ئاساسەن، كونسۇلخانىنىڭ توپ مەيدانىدا توپ ئويناش بىلەن ئۆتتى. كونسۇلخانىنىڭ ئەتراپىنى بىرنەچچە يۈز قۇراللىق تۇڭگان مۇھاپىزەت قىلىپ تۇراتتى. 7-ئاينىڭ باشلىرىدا ماجۇڭيىڭ قوشۇنلىرىنى قالدۇرۇپ روسىيىگە ئۆتۈپ كەتتى. بۇ جەرياندا تۇڭگانلار يەكەنگە باستۇرۇپ بېرىپ خوجىنىياز ھاجىنى قوغلىدى.

10-ۋەقە: سابىت داموللام قولغا ئېلىندى. باش ۋەكىل سابىت داموللام «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق نازىرلىرى بىلەن يەكەنگە قايتىپ كەلگەنىدى. خوجانىياز ھاجى سىمخانىغا بېرىپ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قورال ئېلىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن سابىت داموللام ھۆكۈمىتى قورال ئېلىشقا توسقۇن بولغانلىقتىن، ئۇلارنى تۇتۇپ بېرىشكە توغرا كەلدى. تۇتۇلۇش تىزىملىكىدىكى كىشىلەردىن سەھىيە نازىرى ئابدۇللاخان، ئەۋقاف نازىرى شەمسىدىن داموللام قاتارلىقلار سېزىپ قېلىپ قېچىپ كەتتى. ھەربىي تەمىنات باشلىقى سۇلتان جانىبەگ(ئۆزبېك)، ئەدلىيە نازىرى زېرىپ قارى ھاجى(ئۆزبېك)لار تۇتۇلدى، سابىت داموللامغا جاراھەت چىقىپ يېتىپ قالغانلىقتىن، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئادەملىرى ئۇنى ھەرەمباغدىكى جايىدىن تۇتۇپ، بۇ ئۈچ كىشىنى كىشەنلەپ بىردىن مەپىگە ئولتۇرغۇزۇپ، قوراللىق مۇھاپىزەتچىلەر بىلەن ئېلىپ ماڭدى. بۇلار پوسكامدىن ئۆتۈپ، ئىككىسۇغا يېقىن بارغاندا، سۇلتانجان تاھارەت سۇندۇرۇش باھانىسى بىلەن مەپىدىن چۈشۈپ سازلىق ئارىسىغا كىرىپ غايىپ بولدى. قوراللىقلار قانچە تەھدىت ۋە تىنتىشلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئۇنى تاپالمىدى. ۋەزىيەتنىڭ قىستىشى ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتۈردى. شۇنداق قىلىپ سۇلتانجان قۇتۇلۇپ كەتتى. قالغان ئىككەيلەننى قاغىلىق تەرەپكە ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، يول يۈرۈش تەسلىشىپ، مەكىت تەرەپكە ئېلىپ ماڭدى. مەلۇم جايغا كەلگەندە تۇڭگانلار قوغلاپ كېلىپ قاتتىق توقۇنۇش بولدى. سوقۇش جەريانىدا خوجىنىياز ھاجى مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى. تۇڭگانلار نۇرغۇن قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورىنى غەنىيمەت ئالدى. خوجانىياز ھاجى قوشۇنى ئاقسۇغا يېتىپ كەلگەندە، زېرىپ قارى ھاجىنى سوۋېت تەرەپ، سابىت داموللامنى شېڭ شىسەي تەرەپ ئېلىپ كەتتى. خوجانىياز ھاجى شۇ سەپىرىدە مەكىت، مارالبېشى ئارىلىقىدىكى ئاياغ شاقۇر دېگەن جاينى ئايلىنىپ ئۆتكەندە يەنە بىر قېتىم تۇڭگانلارنىڭ قورشاۋىدا قالدى، ئۇ تۇتۇلۇشقا ئاز قالغاندا، بىر قانچە تۆگىدىكى ئوق-دورىنى تۇڭگانلارغا تاشلاپ بېرىپ، ئۇلار ئولجا تالىشىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپ قۇتۇلدى-دە، ئايلىنىپ ئۆتۈپ ئاقسۇ ئاۋاتقا يېتىۋالدى. ئاقسۇ ئاللىقاچان ماجۇڭيىڭنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىنغانىدى.

11-ۋەقە: قەشقەر مەھمۇت مۇھىتىغا قالدى.. خوجانىياز ھاجى جەنۇبىي شىنجاڭ مۇھاپىزەت باش قوماندانلىقىدىن ۋاز كېچىپ، قوشۇنلىرىنى مەھمۇت مۇھىتىغا قالدۇرۇپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئايرۇپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە كەتتى. خوجانىياز ھاجىنىڭ ئەسكەرلىرى شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئەسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاتلىق ئەسكەرلەر ۋاقىتلىق 6-دېۋىزىيىسى تەركىبىگە كىرگۈزۈلدى. مەھمۇت مۇھىتى «گېنېرال لېيتېنات» ئۇنۋانى بىلەن دېۋىزىيە قوماندانى بولدى. قوشۇنمۇ قايتا تەشكىللەندى. ئۇلار مارالبېشىدىكى تۇڭگانلارنى چېكىندۈرگەندىن كېيىن، پولات تۇەنجاڭنى بىر پولك ئەسكەر بىلەن يەكەنگە يولغا سالدى. سەمەت ھاجى تۇەنجاڭنى بىر پولك ئەسكەر بىلەن يېڭىساردا قالدۇرۇپ، سالىھ لۈيجاڭ، پازىل لۇيجاڭ باشلىق قالغان ئەسكەرلەرنى ئېلىپ قەشقەرگە كىردى.

12-ۋەقە: ماخۇسەن قەشقەردىن كەتتى. ماجۇڭيىڭ سوۋېتكە ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ئاچىسىنىڭ ئېرى ماخۇسەن 36-دېۋىزىيىنىڭ باشلىقى بولغانىدى. ماخۇسەن ماجۇڭيىڭدىن كېيىن قەشقەردە بىر مەزگىل تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ۋەزىيەتنىڭ قىستىشى ئۇنى قەشقەرنى بوشىتىشقا مەجبۇر قىلدى. بولۇپمۇ مارالبېشىنىڭ قولدىن كېتىشى ئۇنىڭ قېچىشىغا تۈرتكە بولدى. 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئۇنىڭ قوشۇنى خوتەنگە ئاتلاندى. ئالدىنقى سەپ قوشۇنى يەكەندىن ئۆتۈپ، خوتەن ئەمىرلىرىنى قېچىشقا مەجبۇر قىلىپ، خوتەننى تارتىۋالدى. ماخۇسەننىڭ قالدۇق قىسىملىرى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى كېچىسى خوتەندە يەنە بىر قېتىم بۇلاڭچىلىق، قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كېتىشتى.

(2) كېيىنكى يېرىم يىلدىكى زور ۋەقەلەر

1934-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمى ماجۇڭيىڭ ئىستىلاچىلىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتى بىلەن ئۆتتى. كېيىنكى يېرىمى بولسا شىنجاڭدا تىكلەنگەن يېڭى ھۆكۈمەت دەۋرىگە توغرا كەلدى. بۇ مەزگىلدىكى ۋەقەلەر تۆۋەندىكىچە:

1-ۋەقە: تۇڭگانلار قوشۇنى قەشقەردىن كەتتى. 7-ئاينىڭ 18-كۈنى قەشقەردىكى تۇڭگانلار قوشۇنى پۈتۈنلەي كەتكەن بولۇپ، شەھەر تىنچلىقىنى ساقلاشقا رېشىتەمنىڭ ئەسكەرلىرىلا قالدۇرۇلغانىدى. بىرنەچچە ئايدىن بېرى شەھەر قاتتىق چۆلدەرەپ كەتكەن بولۇپ، خەلق پۈتۈنلەي دېگۈدەك يېىزىلارغا چىقىپ كەتكەنىدى. تۇڭگانلار كېتىشى بىلەن، ئۈستۈن ئاتۇش بىرىگادىسىدىكى ئەسكەرلەرنى بىرنەچچە يۈز كىشى پولك كوماندىرى ئابدۇغوپۇر داموللام ۋە پولك كوماندىرى ئىدرىس ئاكىلارنىڭ باشچىلىقىدا تاغدىن چۈشۈپ شەھەرنى ئۆتكۈزۈۋالدى. بۇ كۈنى قەشقەر شەھىرى بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى. يېزىغا چىقىپ كەتكەن كىشىلەر قايتىپ كېلىپ ئۆز ئۆيلىرىگە ماكانلاشتى. 7-ئاينىڭ 20-كۈنى قەشقەر خەلقىنىڭ يەنە بىر خۇشاللىق كۈنى بولدى. چۈنكى بۇ كۈنى مەھمۇت مۇھىتى قەشقەرگە يېتىپ كەلگەنىدى. مەھمۇت مۇھىتى بۇرۇنقى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى»نىڭ باش شتابى، يەنى ئىلگىرىكى دوتەي يامۇلىغا ئورۇنلاشتى. پولك كوماندىرى قۇربان نىياز گاجىدىنىڭ ئەسكەرلىرى ھېيتكاھ مەيدانى ۋە يارباغ ئەتراپىدىكى سودا دۇكان-سارايلىرىغا، پولك شتابى بولسا ئەنجان كوچىسىدىكى ئاخۇنبايوف ئابدۇرېھىم ۋە ئابدۇللا بايۋەچچىلەرنىڭ خۇسۇسىي ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتى. غوپۇر تۇەنجاڭ باشچىلىقىدىكى بىر پولك ئەسكەر يۇمىلاق شەھەر قەلئەسىدىكى گازارمىلارغا، پولك شتابى مەرھۇم تۆمۈر سىجاڭ چۈشكەن ھىسامىدىن باينىڭ بېغىغا ئورۇنلاشتى. قۇرباننىيازنىڭ قارمىقىدىكى 2-ليەن بىرمەزگىل شەھەر ئامانلىقىنى قوغدىدى. مەھمۇت سىجاڭ گارنىزون قوماندانلىقىنىمۇ قوشۇمچە ئۈستىگە ئالدى. مەھمۇت مۇھىتى كېلىپ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، گۇڭ جىڭخەن دېگەن كىشىنىڭ قوماندانلىقىدا بىر خەنزۇ پولك يېڭىشەھەرگە كېلىپ ئورۇنلاشتى. گۇڭ جىڭخەن «گۇڭشەن يۈسى» دەپمۇ ئاتىلاتتى. ئۇنىڭ مەنىسى «ھال سورىغۇچى» دېگەنلىك بولۇپ، ئۇ «تەشۋىق ئارقىلىق تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش» ۋەزىپىسى بىلەن كەلگەنىدى. ئاز كۈندىن كېيىن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى ماشاۋۋۇ يېڭى شەھەردىن يۇمىلاق شەھەر قورغانچىسىدىكى دوتەي يامۇلىغا كۆچۈپ كىردى. بۇ كۈنلەردە كونا شەھەرگە ياقۇپبەگ «لاۋسى» ھاكىم ئىدى.

2-ۋەقە: ماشاۋۋۇغا قەست قىلىندى. ماشاۋۋۇ كۈندۈزلىرى يامۇلغا كىرىپ ۋەزىپە ئۆتسە، كەچقۇرۇن شەھەردىن بىرنەچچە كىلومېتىر نېرىدىكى كاتتا بېغىغا چىقىپ كېتەتتى. ئۇ چۈشكەن ئىزۋاش(پوچتا)نىڭ ئالدى-كەينىدە 30 دەك قوراللىق مۇھاپىزەتچى ئۇنى قوغداپ ماڭاتتى. 9-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى كەچ سائەت بەشلەر ئۆپچۆرىسىدە ئۇ ئادەت بويىچە بېغىغا چىقىپ كېتىپ باراتتى. ئالتە بازار تەۋەسىدىن ئۆتۈپ سايلىقتا كېتىۋاتقاندا، ئالدى-ئارقىدىن بىر گۇرۇھ ئۇزۇن چاپانلىق قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ماشاۋۋۇنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى ئۇلارنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەي ھەر تەرەپكە قېچىپ كەتتى. يالغۇز قالغان ماشاۋۋۇنىڭ پۇتىغا ئوق تېگىپ، ئاران تەسلىكتە بىر پاناھ جايغا مۆكۈنىۋېلىپ قۇتۇلدى. نامەلۇم قوراللىقلار بىرقانچە تال قورالنى ئولجا ئېلىپ غايىپ بولدى. ماشاۋۋۇ سوۋېت كونسۇلخانىسىغا كىرىپ داۋالاندى.

3-ۋەقە: بىخۇدلۇق قىلغان قاراۋۇللار قاتتىق جازالاندى. ماشاۋۋۇنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىدىن بولغان بىرنەچچە تۇڭگان يىگىت ماشاۋۋۇنى تاشلاپ غايىپ بولدى. بۇلار يول ئارىلاپ يوشۇرۇنچە يەكەن دەرياسىغا يېتىپ كەلدى. يەكەن دەرياسى «چېگرا جاي» بولۇپ، دەريانىڭ ئۇ قېتىدا ماخۇسەن قوشۇنى، بۇ تەرىپىدە پولات تۇەنجاڭ قوشۇنى بار ئىدى. تۇڭگان يىگىتلەر يېتىپ بارغان كېچىسى دەريانى ساقلاۋاتقان بەئدى ليەنجاڭ ئەسكەرلىرى بىخۇدلۇق قىلىپ ئۇخلاپ قالغانىدى. پۇرسەتتىن پايدىلانغان تۇڭگانلار پوستتىكى ئەسكەرلەرنىڭ قوراللىرىنى ئېلىپ دەريادىن ئۆتۈپ ماخۇسەن تەرەپكە بەدەر تىكىۋەتتى. شۇ سەۋەبتىن قاراۋۇللار قاتتىق جازالاندى، ۋەزىپىگە سۇسلۇق قىلغان بەئدى ليەنجاڭ قەشقەردە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ باشقىلارغا ئىبرەت قىلىندى.

4-ۋەقە: ماشاۋۋۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدا داۋالاندى. ماشاۋۋۇ قەشقەردە بىر مەزگىل داۋالانغان بولسىمۇ، ئوق بىر پۇتىنى چېقىۋەتكەچكە، چەتتە داۋالىنىشقا توغرا كېلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەۋەتىلدى. ئۇ سوۋېتتا بىر مەزگىل داۋالىنىپ ساقايغاندىن كېيىن، ئىچكى ئىشلار نازارىتىگە مۇئاۋىن نازىر بولدى. 1937-يىل 9-ئايدا خوجانىياز ھاجى قاتارلىق ئون نەچچە كىشى بىلەن بىللە قولغا ئېلىنىپ ئىز-دېرەكسىز يوقالدى.

5-ۋەقە: لوبىن گارنىزون قوماندانى بولۇپ قەشقەرگە كەلدى 10-ئايدا ئۈرۈمچىدىن سابىق شەرقىي شىمال پىدائىي قىسىملىرى(ئاتالمىش خاڭخوزا)نىڭ باشلىقلىرىدىن بولغان لوبىن گارنىزون قوماندانى بولۇپ قەشقەرگە كەلدى. لوبىن ئەسلى «گېنېرال لېيتېنات» دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدار بولۇپ، بويى پاكار، دوغۇلاق، بۇرنى پاناق، قوۋ-مەككار ئادەم ئىدى. مەھمۇت مۇھىتى مۇئاۋىن گارنىزون قوماندانى بولدى. گۇڭ جىڭخەن قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمىگە ۋالىي بولدى.

6-ۋەقە: قەشقەردە تۈڭگانلار دەۋرىدىكى ھاكىم جازالاندى. قەشقەر كوناشەھەرنىڭ بۇرۇنقى ھاكىمى ياقۇپ بەگ خىزمىتىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تۇرپانلىق ھەمدۇللا ئەپەندى ھاكىملىققا تەيىنلەندى. ياقۇپ بەگ ئەسلى خەنزۇ شۆتاڭدا ئوقۇپ، كېيىن ئۈرۈمچى دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇپ بىلىملىك بولۇپ يېتىشكەن كىشى ئىدى. كېيىنچە خەنزۇچە بالا ئوقۇتۇپ «لاۋسى»(ئوقۇتقۇچى) دەپ ئاتىلىپ قالغان. خەنزۇچە ئىسمى «ماخۇپۇ» ئىدى. ئۇ ئىنقىلابتىن ئىلگىرى بىر مەزگىل سەمەن، سېرىققول(تاشقورغان) ناھىيىلىرىگە ھاكىم بولغان. كىيىن بىر مەزگىل قەشقەر ۋىلايەتلىك مالىيە ھەيئىتى قەشقەردە قۇيدۇرغان تەڭگە(كۈمۈش پۇل) نازارەتچىسى بولغان. 1933-يىلى قىرغىزلارنىڭ ھىمايىسى بىلەن قەشقەر كوناشەھەرگە ھاكىم بولغان. ياقۇپ بەگ تۇڭگانلار دەۋرىدە يۇرتنى ئالۋان-ياساق بىلەن قاتتىق ھالسىراتقانىدى. شۇ سەۋەبلىك ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى يۈسۈپبەگ ھەم تۇڭگانلار ۋاقتىدا شەھەر قوغداش قوماندانى بولغان ئىبراھىم لوزۇڭلار گۇناھكار سۈپىتىدە ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ بېرىلدى.

7-ۋەقە: ئوسمان ئېلى باشچىلىقىدىكى قىرغىز قوشۇنىنىڭ باستۇرۇلدى. ئوسمان ئېلى ئۇلۇغچاتلىق قىرغىز بولۇپ، 1933-يىلنىڭ باشلىرى ماشاۋۋۇ تەرىپىدىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇشقا ئەسكەرلىككە ئېلىنغان. ئۇ مارالبېشى تۇمشۇقتىكى سوقۇشتىن كېيىن قىرغىز ئەسكەرلەرنى باشلاپ قوزغىلاڭچىلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن. 1933-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنى «قەشقەرنى ماشاۋۋۇدىن تارتىۋېلىش قوماندانى» دېگەن نامغا ئىگە بولغان بولسىمۇ، ماجەنساڭغا قارشى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا كامازا بىرىگادىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغاچقا، بىرىگادىرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. بۇ ئىش ئۇنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈپ، ئاقىۋەتتە تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان. بۇ خىزمىتى بەدىلىگە ماجەنساڭ ئۇنىڭغا «سىجاڭ»لىق ئەمىلىنى بەرگەن. ئوسمان ئېلى ئۇيغۇر قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ رەسمىي «سىجاڭ»لىق تونىنى كەيگەن بولسىمۇ، كېيىنكى كۈنلەردە يەنە تۇڭگانلارغا ئالدىنىپ، قەشقەر يېڭىشەھەر ئۇرۇشىنىڭ 6-ئايغا سوزۇلۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان. 10-ئايدا «ئىستىقلالىيەت تەشكىلاتى» تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، قاغىلىققا سۈرگۈن قىلىنغان. مافۇيۈەن باستۇرۇپ كەلگەندە، قاغىلىقتىن قايتىپ كېلىپ، قالدۇق قىرغىز ئەسكەرلىرىنى توپلىغان، تۇڭگانلار قەشقەر شەھىرىدە قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭغا قارشى تەدربىر قوللانماي، ئەكسىچە رەقىبى قىرغىز ئورازبەگكە ئوت ئاچقان. ئورازبەگ تاغدا پەيدا بولۇپ قالغان «تۆتىنچى»لەرنىڭ ياردىمىگە ئىگە بولۇپ، ئوسمان ئەلىنى تاغدىن قوغلىغان. ئوسمان ئەلى تاغدىن چۈشۈپ، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ پاناھىغا سېغىنغان بولسىمۇ، ئۇ شەھەردە ئۆزىنى «گېنېرال» دەپ ئاتاپ غادىيىۋالغانلىقتىن، مەھمۇت سىجاڭ «2-تۆمۈر سىجاڭ پاجىئەسى»نىڭ تۇغۇلماسلىقى ئۈچۈن ئۇنى قولغا ئالدى. ئەسكەرلىرىنى قورالسىزلاندۇرۇپ تاغقا قايتۇردى. ئوسماننى بىرقانچە يېقىنى بىلەن ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ بەردى. ئۇ شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە يوقالدى. ئورازبەگ گەرچە «تۆتىنچى»لەرنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ ئوسمان ئۈستىدىن غەلىبە قازانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆتكەنكى «جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى»دە ھەربىي نازىر بولغانلىقى، تاغدا توپىلاڭ چىقىرىپ خەلق تىنچلىقىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن، تاغدا جىمىقتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن تالاش-تارتىش قىلىدىغان «توپىلاڭچى»لار ھەرىكىتىگە خاتىمە بېرىلدى.

8-ۋەقە: تۇڭگانلارنىڭ «پارتىزانلار قوماندانى» قاماققا ئېلىندى. ئاتۇشلۇق رېشىتەم تۇڭگانلارنىڭ «پارتىزانلار قوماندانى» بولغان بولسىمۇ، ماخۇسەندىن ئايرىلىپ مەھمۇت سىجاڭغا تەسلىم بولغانىدى. ئۇ قۇربان نىياز پولكىدا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، تازىلاش دائىرىسىدىكى يامان ئادەملەر قاتارىدا قورالسىزلاندۇرۇلۇپ مۇددەتلىك قاماققا ئېلىندى. ئەسكەرلىرى يۇرتىغا قايتتى. رېشىتەم جازا مۇددىتىنى توشقۇزۇپ ئائىلىسىگە قايتقان بولسىمۇ، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن چاقىرىلىپ، ئېتىزلىقتا ئېتىپ تاشلاندى.

9-ۋەقە: ئاخۇنبايوف قاماققا ئېلىندى 10-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى مەھمۇت سىجاڭ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى كۇڭ شىن جىجاڭلار ئىشتىراكىدا شەھەردە ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش توغرىلىق بىر مەجلىس ئېچىلدى. يىغىن ئورنى ھېيتكاھ جامەسىنىڭ ئىچىدە ئىدى. جامەنىڭ رىشاتكا تېشىدىكى «مەدرىسە» دەپ ئاتالغان قىسمىغا رەئىس سەھنىسى ياسىلىپ، سۇن جۇڭشەننىڭ رەسىمى ئېسىلغانىدى. بۇ ئىشقا خەلق قاتتىق غەزەپلەندى. «ئىبادەت ئورنىغا رەسىم ئاسقانلىق مەسچىتكە بۇت تىكلىگەنلىك بولمامدۇ؟» دېيىشكەنىدى. مۇھەممەت رېھىمباي(ئاخۇنبايوف) كۆپچىلىككە ۋاكالىتەن بۇ ئىشنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى رەھبەرلىككە يەتكۈزدى. بۇ، تىنچلىق، ئىتتىپاقلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش شۇئارى توۋلىنىۋاتقان پەيت بولغاچقا، بۇ پىكىر «قۇتراتقۇلۇقنىڭ باشلىنىشى» دەپ قارىلىپ، ئاخۇنبايوف قاماققا ئېلىندى. بۇ كىشى مەلۇم مۇددەت ناھىيىلىك ھۆكۈمەت قاماقخانىسىدا ياتقان بولسىمۇ، جىنايىتى بەدىلىگە شىتەي يامۇلى بىلەن دوتەي يامۇلىنى يېڭىچە ئۇسلۇبتا يېرىم ياساپ بېرىشنى ھۆددە قىلىپ قاماقتىن چىقتى.

10-ۋەقە: سېتىۋالدىجان بىلەن ئەيسا ھاجىممۇ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ قېتىمقى تازىلاشتا ئۆزبېك سېتىۋالدىجانمۇ بار ئىدى. ئۇ ئەسلىدە تۆمۈر سىجاڭ قوشۇنىدىكى ئۆزبېك پولكىنىڭ باشلىقى ئىدى. يېڭىشەھەر ئۇرۇشى جەريانىدا ۋەزىپىسىنى يۈسۈپجان قۇربېشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، بانكا مۇدىرى، قەشقەر ھىلال ئەخمەر(قىزىل ھىلالئاي) جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق مەمۇرىي خىزمەتكە ئالمىشىۋالغانىدى. تۇڭگانلاردىن يېڭى شەھەرنى تالىشىش ئۇرۇشى كۈچەيگەن مەزگىلدە، چەتكە چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ پاسپورت ۋە يول خېتى بولمىغاچقا، چېگرىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن. تاشقورغانغا كەلگەندە تۇتۇلۇپ يېڭىشەھەرگە قاماپ قويۇلغان. يېڭىشەھەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە خانئېرىق، يوپۇغا پىدائىيلىرىنى تەشكىللەپ، كالتەك، چوماق كۆتۈرۈپ ماجەنساڭغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان، ئۇزۇن شوتىلارنى ياساپ يېڭىشەھەر سېپىلىگە ھۇجۇم قىلغان مەشھۇر ئەيسا ھاجىممۇ قاماقتا بولۇپ، بۇ كىشى سېتىۋالدىجان بىلەن بىر كۈندە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئالەمدىن ئۆتتى.

11-ۋەقە: ئۆزبېك پولكىنىڭ يوقىتىلىشى يۈسۈپجان قۇربېشى جەنۇبىي شىنجاڭدا تۇڭگانلار ھەرىكىتى ئەۋج ئالغان مەزگىلدە، بۇ جايدا تۇرۇشقا ئىمكان تاپالماي، چەتكە كېتىش ئۈچۈن قوشۇنىنى ئېلىپ تاشقۇرغانغا كەتكەنىدى. لېكىن بۇلارنى تاشقورغاندا تەشكىللەنگەن زەمىر مۇھەممەت باشچىلىقىدىكى تاجىك ئەسكەرلەر چېگرىدىن ئۆتكۈزمىدى. يۈسۈپجان ھەرقانچە تىرىشقان بولسىمۇ، پەقەت ئامال بولمىدى. شۇڭلاشقا خېلى بىر مەزگىلگىچە تاشقورغاندا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. تۇڭگانلار كېتىپ قەشقەردە يېڭى ھۆكۈمەت يىلتىز تارتقاندىن كېيىن، يۈسۈپجان قۇربېشىنىڭ بېشى قاتتى. ئۇ ئەمدى باش ئېگىپ قەشقەرگە قايتىشنى خالىمايتتى. ئاخىرى ۋەزىيەتنىڭ قىستىشى ۋە ئابدۇراخمان قۇربېشى، ئارىپجان قۇربېشىلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تاشقورغاندىن قايتتى. ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىدىن مەلۇم ساندىكى ئادەملەر يېڭىساردا تۇرۇشلۇق 1-پولك تەركىبىگە قوشۇلدى. قالغانلىرى مارالبېشىدا تۇرۇشقا مەجبۇر قىلىندى. يۈسۈپجان ئۆردەكلىك دېگەن جايغا كەلگەندە، مارالبېشىغا بېرىشتىن يالتايدى. ئەگەشكۈچىلىرىنى باشلاپ توغرا كېسىپلا سېرىقبۇيىغا كەتتى. قالغان قۇربېشىلار مارالبېشىغا كەلگەندە، ئۇ يەردە تۇرۇشلۇق رۇس پولكىنىڭ باشلىقى چېرنىيوف ئۇلارنى ياخشى قارشى ئېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇدى. يۈسۈپجاننىڭ ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان چېرنىيوف دەرھال ماشىنا بىلەن ئەسكەر ئەۋەتىپ قوغلىدى. رۇس ئەسكەرلىرى يۈسۈپجاننى سېرىقبۇيىدا ئارام ئېلىۋاتقان جايىدىن تاپتى. يۈسۈپجان 10-12 ياشلار چامىسىدىكى ئوغلىنى ئاتقا مىنگەشتۈردى-دە، ئىككى ئادىمى بىلەن تاپانچىسىدىن ئوق ئۈزگەن پېتى بۆسۈپ چىقىپ كەتتى. قايناۋاتقان قازانلار قاينىغان پېتى قېپقالدى. ئادەملىرى تەسلىم بولۇپ قورالسىزلاندۇرۇلدى. يۈسۈپجان قۇربېشىنىڭ روس پولكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەسكەرلىرىمۇ بىر مەزگىلدىن كېيىن قورالسىزلاندۇرۇلۇپ، سەركەردىلىرى كېچىدە جىمىقتۇرۇلدى، «كېرەكسىز» دەپ قارالغانلىرى ئازاد قىلىندى. يۈسۈپجان قۇر بېشى قورشاۋدىن سالامەت چىقىپ جاڭگال بويلاپ مەكىتكە كەلدى. ئۇ يەردە دوستى ئۆزبېك ئىشاننىڭ ھىمايىسىدە چوڭقۇرچاق دېگەن جايدا قۇم ئارىسىدا جان ساقلاپ، ئۈچ يىلدىن كېيىن، ساندۇقتىكى تىللالىرى بېشىغا چىقىپ، ئۆز ئادەملىرى قولىدا ئۆلدى.

12-ۋەقە: يېڭىشەھەردە تۇڭگانلار قوزغىلاڭ كۆتۈردى گېنېرال لوبىننىڭ قوشۇنىدىكى مەلۇم بىر پولكتا تۇڭگانلار كۆپرەك بولۇپ، بۇلار ماجۇڭيىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ھۆكۈمەت تەرەپكە ئۆتكەن ئەسكەرلەر ئىدى. بۇلار يىلنىڭ ئاخىرى ھۆكۈمەتكە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن بۇ ئىش لوبىننى ئالاقىزادە قىلىۋەتتى. تۇڭگانلار لوبىننىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن كېچىچە ئېتىشىپ تەڭ كېلەلمەي، تاڭ ئېتىشى بىلەن شەھەردىن چېكىنىپ يېڭىسار تەرەپكە قاچتى. لوبىن قوغلىماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئەسكەرلىرى ھالسىزلىنىپ كەتكەچكە، مەھمۇت سىجاڭدىن ياردەم تىلىدى. مەھمۇت سىجاڭ 2-پولكتىن ئابدۇشۈكۈر ليەنجاڭنى 86 نەپەر ئەسكەر بىلەن قوغلاشقا ئەۋەتتى. ئالدى تەرەپتىن سەمەت ھاجىنىڭ 1-پولكى توستى. ئىسيانچىلار ئوتتۇرىدا قېلىپ يېڭىشەھەر بىلەن يېڭىسار ئارىلىقىدىكى ئات باقىدىغان مەيدانغا كىرىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇلار بۇ يەردە بىرەر ئايدەك قاپسىلىپ يېتىپ، ئاخىرى خوتەنگە يول بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا يول بېرىلدى ھەم يېڭىساردىن ئۆتكەندە قورشاۋغا ئېلىنىپ قورالسىزلاندۇرۇلدى. ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭