ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇرراھمان ئەددارىمىي

ئورنى Wikipedia

ئىمام دارىمىي (الإمَامُ عبد اللَّه بنُ عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنِ الفَضل الدَّارِمِيُّ السَّمَرْقَنْدِيُّ): ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇرراھمان ئەددارىمىي ئەسسەمەرقەندىي (ئەبۇ مۇھەممەد). (ھ. 181 – 255 / م. 797 ياكى 798 – 869) سەمەرقەندلىك مەشھۇر ھەدىس ئالىملىرىدىن. مەشھۇر «كۇتۇبۇ سىتتە» (ئالتە كىتاب) ئىچىدىكى «تۆت سۈنەن» ھەدىس كىتابلىرىنىڭ بىرى «سۈنەنۇددارىمىي» (بەزىلەر ئۇنىڭ ئورنىغا «سۈنەنى ئىبنى ماجە»نى ياكى «ئەلمۇۋەتتا»نى قويىدۇ) نىڭ مۇئەللىفى.