ئابراھام لىنكولن

ئورنى Wikipedia


ئابراھام لىنكولن 1809-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكىنىڭ كېنتۇككى شىتاتىدا تۇغۇلغان، 1865-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، ئامېرىكىلىق سىياسىيون، مۇتەپەككۇر، نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلغان ئۇلۇغ زات. ئامېرىكىنىڭ 16-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى.ئابراھام لىنكولن

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ئابراھام لىنكولن


دۆلەت تەۋەلىكى :ئامېرىكا

مىللىتى :ئامېرىكان مىللىتى

يۇرتى :ئامېرىكا كېنتۇككى شىتاتى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1809-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1865-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى

يۇلتۇز تۈركۈمى :سۇ بوتۇلكىسى تۈركىمى

بوي ئېگىزلىكى :193 سانتىمېتىر

قان تىپى :B تىپ

كەسپى :سىياسىئون، ئادۋۇكات، زۇڭتوڭ، ناتىق، مۇتەپەككۇر

پارتىيەسى :جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى

ئۇيغۇرچە باشقا نامى :لىنكولن

ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى :1860-يىلىدىن 1865-يىلىغىچە

ئىتقادى :تەبىئەت ئىلاھچىلىقى، خىرىستىيان دىنى

شەخىسلەر ئانكىتى[تەھرىرلەش]

لىنكولنئابراھام لىنكولن 1809-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكىنىڭ كېنتۇككى شىتاتىدا تۇغۇلغان، 1865-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، ئامېرىكىلىق سىياسىيون، مۇتەپەككۇر، نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلغان ئۇلۇغ زات. ئامېرىكىنىڭ 16-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى.

ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىگە جايلاشقان ھەيۋەتلىك لىنكولن خاتىرە سارىيىدا ئېكىسكۇرسىيىچىلەر لىنكولننىڭ ئەينى چاغدا ئېلان قىلغان نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلىش توغرىسىدىكى خىتابنامىسىنى ئاڭلىيالايدۇ، ئامېرىكا خەلقى دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان بۇ ئۇلۇغ زاتنى مەڭگۈ ياد ئېتىپ تۇرىدۇ.

لىنكولن بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى مېتىر، تېرىسى قارامتۇل، قورايدەك ئورۇق بولسىمۇ، لېكىن قەلبى ۋولقاندەك يالقۇنجاپ تۇرىدىغان ئادەم ئىدى. ئۇ نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپ ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ بوز يەر ئېچىش ئەمگىكىگە قاتناشقان، كېيىن ياللانما دېھقان، كېمىچى، پرىكازچىك بولغان.

ئۇ ھەتتا بىر يىلمۇ تولۇق ئوقۇيالمىغان بولۇپ، پۈتۈنلەي ئۆزلۈكىدىن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، مول بىلىم توپلىغان. جاپالىق تۇرمۇش ئۇنىڭدا قەيسەر ئىرادە ۋە دۇرۇس، پاك پەزىلەت يېتىلدۈرگەن، دۇكاندا پرىكازچىكلىق قىلغان مەزگىلدە، خېرىدارلار ئارتۇق بېرىۋەتكەن نەچچە تىيىن پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن، نەچچە چاقىرىم يول يۈرۈشكە رازى ئىدى.

ئۇ ئۇزاق مۇددەت ئەمگەكچى خەلق ئارىسىدا ياشىغاچقا، تۆۋەن قاتلامدىكى ئاممىنىڭ دەرد-ھالىنى چۈشىنەتتى، نېگىر قۇللارنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىگە ھېسداشلىق قىلاتتى.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • شەخىسلەر ئانكىتى
  • ۋەزىپىسى
  • سىياسى نەتىجىسى
  • شان-شەرەپلىرى
  • مۇھىم بايانلىرى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

ۋەزىپىسى[تەھرىرلەش]

لىنكولن ئۇ سىياسىي پائالىيەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئەڭ ئاخىرىدا قۇللۇق تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ قىزغىن ھىمايىسىگە ئېرىشكەن، 1860-يىلى ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

سىياسى نەتىجىسى[تەھرىرلەش]

ئابراھام لىنكولنئەينى چاغدا، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ناھايىتى تەكشىسىز ئىدى. شىمالدا سانائەت ئاساس قىلىنغان بولۇپ، كاپىتالىزم تەرەققىي قىلغانىدى، جەنۇبتا بولسا يېزا ئىگىلىكى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ئېكىنزارلىقلاردا نېگىر قۇللار ئىشلەيتتى.

1861-يىلى، لىنكولننىڭ تەختكە چىقىشى بىلەن تەڭلا، جەنۇبتىكى قۇللار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن.

ئاممىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، لىنكولن «نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلىش خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، نېگىر قۇللارنى ئازادلىققا چىقىرىپ، ئامېرىكىنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىگە ئۈزۈل-كېسىل خاتىمە بەرگەن.

بۇ تەدبىرلەر ئاممىنىڭ ئىنقىلاب قىزغىنلىقىنى قوزغىغان، ئۇلار ئاخىر جەنۇبتىكى قۇلدارلارنى مەغلۇپ قىلىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغدىغان. بۇنىڭ بىلەن، لىنكولننىڭ ئىناۋىتىمۇ بارغانسېرى ئۆسۈپ، 1864-يىلى يەنە بىر قېتىم زۇڭتۇڭ بولغان.

شان-شەرەپلىرى[تەھرىرلەش]

2006-يىلى، ئابراخام لىنكولن ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق ژۇرنىلى «ئاتلانتىك ئوكيان ئايلىق ژۇرنىلى» تەرىپىدىن ئامېرىكىغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 كىشى ئىچىدىكى 1-بولۇپ باھالانغان.

ئەنگىلىيە «تايمىس گېزىتى» 2008-يىلى مۇتەخەسسىسلەر ھەيئىتى 43 نەپەر ئامېرىكا زۇڭتۇڭىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشىمىغان ئۆلچەم بويىچە «ئەڭ ئۇلۇغ زۇڭتۇڭ» باھالىشى ئېلىپ بارغاندا، ئابراخام لىنكولن بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

مۇھىم بايانلىرى[تەھرىرلەش]

ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ بەش كۈندىن كېيىن، يەنى 1865-يىل 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، لىنكولن تىياتىرخانىغا ئويۇن كۆرگىلى بېرىپ، تىياتىرخانىدىكى ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

ئەمما، جەنۇبتىكى قۇلدارلار ياللىۋالغان بىر قاتىل تىياتىرخانىغا سوقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، باشقىلار تەييارلىقسىز تۇرغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ لىنكولننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. لىنكولننىڭ ئۆلۈمى ئامېرىكىنى ۋە پۈتكۈل دۇنيانى قاتتىق چۆچۈتكەن.

1809-يىلى