ئانار

ئورنى Wikipedia

ئانار— ئۆستۈرۈلۈش تارىخى 2000 يىلدىن ئاشىدۇ . ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جايلار قاغىلىق ، قەشقەر كونا شەھەر ، قەشقەر يېڭى شەھەر ، گۇما ، يەكەن قاتارلىق ناھىيە – شەھەرلەرگە تارقالغان . يېتىلگەن ئانار دەرىخي كۆلىمى 2200 مىڭ گېكتار ، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 2600 توننا ، يەككە تۈپ مەھسۇلاتى ئادەتتە 15 كىلوگرامدىن 25 كىلوگرامغىچە ، ئەڭ چوڭ يەككە مېۋىسىنىڭ ئېغىېلىقى 1.5 كىلوگرامغا يېتىدۇ . ئادەتتىكى ئېغىرلىقى 0.3 كىلوگرامدىن 1.3 كىلوگرامغىچە ، ھەر گېكتارنىڭ مەھسۇلاتى 15 مىڭدىن 22 مىڭ 500 كىلوگرامغىچە . شىنجاڭنىڭ ئانىرى تاتلىق ئانار ۋە ئاچچىق ئانار دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ . تاتلىق ئانارنىڭ قەنت تەركىبىي 12–15 گرادۇس ، كاربون – سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ مىقدارى %17 ، ھەر 100 گرامنىڭ تەركىبىدە 11 مىللىگرام ۋىتامىن ، %2.5 سېللولوزا ، %0.8 مېنرال ماددا ۋە %0.8 ئورگانىك كىسلاتا بار . مېۋىسىنى ھۆل يېگەندە قاننى تۇلۇقلايدۇ ، پارازىت قۇرۇتلارنى ئۆلتۈرىدۇ ، تولغاقنى توختىتىدۇ .20 نەچچە خىل يەرلىك ئانار سورتى بار .


ئانارنىڭ سىرتقى شەكلى كۆركەم ، تەمى شېرىن ، يېيىشلىك ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ، چۈچۈمەل ، تاتلىق بولغاندىن تاشقىرى ، دەرىخىمۇ كۆركەم بولغاچقا ، كىشىلەر ئۇنى ھويلا – ئاراملارغا تىكىپ ، ئۆستۈرۈپ مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرىدۇ . ئانارنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىدە يۈرەكنى كۈچلەندۈرۈش ، قان تولۇقلاش ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش ، قان تازىلاش قاتارلىق روللىرى بار . ئۇنىڭ گۈلى چىرايلىق ، چېچەك مەزگىلى ئۇزۇن ، مېۋىسى شېرىن بولغاچقا ، كىشىلەر يەنە تەشتەكلەردە ئۆستۈرۈپ ، ھويلا – ئاراملارغا ، ئۆيلەرگە قويۇپ ھوزۇرلىنىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئانارنىڭ گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىد ۋە قوغۇشۇن گازىنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇپ ، زاۋۇت كانلارنى يېشىللاشتۇرۇش ، ھاۋانى تازىلاش ، خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ .

مەنبە:

  1. تەڭرىتاغ تورى 1