ئانگولا

ئورنى Wikipedia
مەنبەلەلەر ياكى پايدىلانغان ماتېرياللار يىتەرلىك ئەمەس

ئشەنچىلىك مەنبە ئارقىلىق تۇلۇقلاڭ، مەنبەسى بولمىغان مەزمۇن ئۆچۇرلىدۇ.

row 1, cell 1
دۆلەت گىمىنى
row 1, cell 1
پايتەختى
ئەڭ چوڭ شەھرى
رەسمى تىلى
ئېتنىك گۇرۇپلار
سىياسى سېستىمىسى
رەئىس جۇمھۇر
باش مىنىستىر
يەر مەيدانى
نۇپۇسى
نۇپۇس زىچلىقى
كىشى بېشىغا توغرا كىلدىغان كىرىم
پۇل بىرلىكى
ۋاقىت رايۇنى
ئىنتېرنېت
خەلقارالىق تېېلفۇن كود نۇمۇرى

ئانگولا جۇمھۇرىيىتى Republic of Angola پايتەخت: لۇئاندا، ئاھالىسى 1مىلىيۇن740مىڭ زىمىنى 831مىلىيۇن246مىڭ700 كۇۋادىرات كىلومېتىر ئاھالىسى: ئانگولانىڭ 2006-يىللىق نوپۇسى 12مىلىيۇن 127مىڭ بولۇپ، ئاھالىنىڭ 37%نى ئوۋىمبوندو، 25%نى كىمبۇندۇ، ، 13%تىنى باكونگو، 2% ئارىلاشما قانلىقلار، 1%پورتۇگالىيىكلەر قالغىنىنى باشقا يەرلىك ئۇششاق قەبىلىلەر ئىگەللەيدۇ. دۆلەت تىلى پورتۇگال تىلى. دىنى :ئانگولا ئاھالىسىنىڭ 47%ى يەرلىك ئىپتىدائى دىنلارغا،38%كاتولىك دىنىغا، 15%ئى پروتىستانت دىنىغا كاتولىك دىنىغا،1%ى ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ. پۇلى: كۋانزا. 2006-يىلى 80.4كۋانزا=بىر دوللار، 2004-يىلى 83.541كۋانزا= بىر دوللار، 2002-يىلى 43.53كۋانزا=بىر دوللار ئىقتىسادى: 2006 -يىلى ئانگولانىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 28مىليارت407مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 4300دوللار توغرا كەلگەن.يىللىق دارامەتنىڭ6.6% دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئىشلىتىلگەن. ئانگولانىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 10%-15% بولۇۋاتىدۇ.

دۆلەت بايرىمى:[تەھرىرلەش]

(1975-يىلى)11-ئاينىڭ 11-كۈنى،پورتۇگالىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىق جاكارلىغان كۈنى. ۋاقىت رايونى :ياۋروپا ۋاقتى(شەرقى1- ۋاقىت رايونى) قىسقىچە تارىخى: ئانگولا زىمىنىدا ئەسلىدە كونگو، ئىندومگو، ماتامبا ۋە لۇندا قاتارلىق يەرلىك پادىشاھلىقلار بولۇپ 1482-يىلى پورتۇگالىيىلىكلەر ئانگولاغا كەلگەندىن كېيىن ھەر خىل ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ بۇ پادىشاھلىقلارنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ئانگولانى ئامېىكا قىتئەسىگە ئەمگەك كۈچى ساتىدىغان ئوۋ مەيدانى قىلغاندىن سىرت 1576-يىلى لۇئاندا شەھرىنى قۇرۇپ ئانگولانىڭ ئورمان ۋە كان بايلىقلىرىنى بۇزۇپ چېچىشقا باشلىغان. 1885-يىلى بېرلىن يىغىنى ئانگولانى رەسمى پورتۇگالىيە زىمىنى دەپ ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، پورتۇگالىيىكلەر يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىپ يەرلىك مەدەنىيەتنى ئۈزۈل-كېسىل دىگۈدەك پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان.2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنيا خەلقىنىڭ قوللىشى بىلەن ئانگولا خەلق ئازاتلىق ھەركىتى، ئانگولا مىللى ئازاتلىق فرونتى، ئانگولانىڭ ئۈزۈل-كېسىل مۇستەقىللىغىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىتىپاقى قاتارلىق پارتىيىلەرنىڭ رەھبەرلىگىدە قانلىق كۈرەش ئېلىپ بېرىپ 1975-يىلى 1-ئايدا پورتۇگالىيىنى ئانگولانىڭ مۇستەقىل دۆلەتلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان. ئانگولا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن 3 پارتىيە ئوتتۇرسىدا ئىچكى ئۇرۇش پارتىلاپ شۇ يىلى 11-ئايدا، ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئانگولا خەلق ئازاتلىق ھەركىتى ھاكىمىيەت ئىگللەپ ئانگولا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 1992-يىلى ئانگولا پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ دۆلەت نامىنى ئانگولا جۇمھۇرىيىتى دەپ ئۆزگەرتكەن.. ئانگولا ئافرىقىنىڭ شەرقى قىرغىقىدىكى تىروپىك بەلباغقا جايلاشقان بولۇپ يىل بويى ھۆل يېغىن ۋە يۇقىرى تېمپراتۇرىلىق بولغاچقا پۈتكۈل زىمىنى ئورمان بىلەن قاپلانغان بولۇپ ئالماس، نېفىت، تۆمۈر قاتارلىق مول كان بايلىقىغا تايىنىپ دۆلەت ئىقتىسادى تېز گۈللىنىۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئانگولا يەنىلا تېرىقچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسپلەرگە زور دەرىجىدە تايىنىدۇ. 2006-يىلى ئانگولانىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %10، سانائەت ۋە كانچىلىق %65.4، مۇلازىمەت %24نى ئىگەللىگەن. ئانگولانىڭ 2006يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى94مىڭ300، يانپون ئابونتى 1 مىليۇن100مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 172مىڭ بولغان. www.sahawet.com دىن ئېلىندى.