ئوردىكام ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

ئوردىكام ئويۇنى - ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان ئوينىلىپ كەلمەكتە. ئوردىكام ئويۇنى تۈزلەڭ يەرلەردە، مال باققان يايلاق - جاڭگاللاردا، يېزا - مەھەللىلەردە ئوينىلىدۇ. بۇ ئويۇن ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئادەم سانىنىڭ ئاز - كۆپلۈكىگە قاراپ چەمبەر شەكلىدە مەيدان سىزىلىدۇ. ئاندىن شۇ سىزىق ئايلانمىسى بويىچە تەخمىنەن ھەر بىر - ئىككى مېتىر ئارىلىققا بىردىن كىچىك ئورەك كولىنىدۇ. كولانغان ئورەكنىڭ سانى قاتنىشىدىغان ئادەمنىڭ سانىدىن بىرى كەم بولىدۇ (كولانغان ئورەكنىڭ ھەجىمى چاي پىيالىسى چوڭلۇقىدا)، چەمبەر شەكلىدىكى بۇ مەيداننىڭ ئوتتۇرىغا بالىچۇق (توپ) ھەيدەپ كىرگۈزۈلىدىغان بىر ئانا (مەركىزىي) ئورەك كولىنىدۇ. ئويۇنغا ئاساسەن بوي ئېگىزلىكىگە قاراپ ياسالغان نوغۇچ شەكلىدىكى بىردىن كالتەك تاياق ھەمدە يۇمىلاق ياكى ئۇزۇنچاق ھالەتتىكى بىر دانە ياغاچ بالىچۇق تەييارلىنىدۇ. ئويۇنغا قاتنىشىدىغانلار تەخ بولغاندىن كېيىن، بىر كوماندا بىلەن تەڭ چاقماق تېزلىكىدە ھەر بىرى بىردىن ئورەكنى ئىگىلەپ توپ ئۇرىدىغان كالتەكنى ئورەككەپ سولاپ تۇرىدۇ. ئورەك ئىگىلەش ھوشيارلىق ۋە چەبدەسلىكنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر كىم ئورەك ئىگىلىيەلمىگەن بولسا شۇ كىشى توپقا مەسئۇل بولۇپ، بالىچۇقنى مەيدان سىرتىدىن توپ ئۇرۇش كالتىكى بىلەن مەيدان ئىچىگە ھەيدەپ ئەكىرىپ، پەم بىلەن مەيدان ئوتتۇرىسىدىكى مەركىزىي ئورەككە سولاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. قالغان ئويۇنچىلار ھەم ئۆزىنىڭ ئورىكىنى، ھەم مەركىزىي ئورەكنى قوغدايدۇ. ھەر بىر ئورەكنىڭ ئىگىلىرى توپنى مەركىزىي ئورەكتىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئورەككە كىرىش ئېھتىمالى بولغان توپنى كالتەك تايىقى بىلەن ئۇرۇپ يىراققا ھەيدىۋېتىشكە ھەرىكەت قىلىدۇ. ئورەك باققۇچى مۇشۇ مەقسەتتە تايىقىنى ئورەكتىن چىقارغان ھامان ئورەككە تىقىۋالسا بۇ ئورەكنىڭ ئىگىسى ئوردىسىدىن مەھرۇم قالىدۇ - دە، ئورىكى (ئوردىسى) نى ئىگىلىۋالغان كىشى ئورنىدا مەيداننىڭ سىرتىغا چىقىپ قايتىدىن توپ ھەيدەشكە مەسئۇل بولىدۇ. ئويۇن مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا داۋاملىشىدۇ. ئارىلىقتا ئويۇننى تېخىمۇ قىزىتىش ۋە ئەۋجىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئويۇن باشلىقىنىڭ <كۆچ - كۆچ> دېگەن كوماندىسى بىلەن تەڭ، ئورەك ئىگىلىرى تايىقىنى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئارا ئورەك ئالماشتۇرىدۇ. ئەگەر مۇشۇ <كۆچ - كۆچ> پەيتىدە ئورىكى يوق توپ ھەيدىگۈچى چاققانلىق بىلەن بىرەر بوش ئورەككە تايىقىنى سېلىۋالسا، ئۇ ئورەك شۇنىڭغا مەنسۇپ بولۇپ، سىرتتا قالغىنى يەنە توپ ھەيدەپ كېلىشكە مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئىككى كىشىنىڭ تايىقى بىر ئورەككە سېلىنىپ قالسا، كىمنىڭ تايىقى ئورەككە بالدۇر سېلىنغان بولسا، ئورەك شۇ كىشىگە مەنسۇپ بولىدۇ. كىم بۇرۇن ئىگىلىگەنلىكى ئايرىلماي ئورەك تالىشىش يۈز بەرسە، ئويۇن باشلىقى ھۆكۈمى بىلەن ئويناشتا ئوينىغۇچىلارنىڭ توپ كالتىكى بىلەن بىر - بىرىنىڭ پۇتىغا ياكى باشقا جايلىرىغا ئۇرۇشقا، بالىچۇقنى قولى بىلەن تۇتۇپ ئويناشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئويۇن تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار سېزىلسە، ئۇ كىشى ئويناشتىن مەھرۇم قىلىنىدۇ ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن نەتىجە بېرىلىدۇ. ئوردىكام ئوينى ئىنتايىن قىزىقارلىق بولۇپ، چەبدەسلىكىنى، ھوشيارلىقىنى، پەملىك بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئويۇن كىشىنىڭ غەيرىتىنى، ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىق ئېڭىنى ئۆستۈرىدۇ."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]