ئىمام ئەلغازالىي

ئورنى Wikipedia
ئىمام غەززالىي
تۇغۇلۇشھ. 450 / م. 1058
ۋاپاتىھ. 505 / م. 1111


ئىمام غەززالىي (الإمَامُ حجَّةُ الإِسْلاَم مُحَمَّدُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ مُحَمَّدٍ الغَزَّالِيُّ): مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئەلغەززالىي (ئەبۇ ھامىد). (ھ. 450 – 505 / م. 1058 – 1111) ھۆججەتۇل ئىسلام، مۇتەسەۋۋۇف، ئەشئەرىي كەلامشۇناس، شافىئىي فەقىھ، پەيلاسۇپلارغا بەرگەن تەنقىدىي باھالىرى بىلەن داڭق قازانغان ئالىم. ئەسەرلىرىدىن «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، «ئەلمۇستەسفا»، «ئەلئىقتىساد فىل ئېئتىقاد»، «تەھافۇتۇل فەلاسىفە»، «مئيارۇل ئىلىم» ۋە «كىيمىيائۇسسائادە» قاتارلىقلار مەشھۇردۇر[1].

ئىمام غازالى ئىسلام دۇنياسىدا ﮬۆججەتۇلئىسلام دەپ نام ئالغان ئاز ساندىكى ئۆلىمالارنىڭ بىرى. شۇنداقلا بىرقانچە خىل ئىلىمدە كامالەتكە يېقىنلاشقان ئىنسىكلوپىدىك ئالىم، بەزىلەر ئۇنى پەلسەپىگە قارشى ئەپ بارغان كۆرىشى بىلەن تونىسا بەزىلەر ئۇنى ئىسلام فىقھىشۇناسلىقى ساﮬەسىدىكى كىتاپلىرىدىن تونىيدۇ.

بۇلا ئەمەس، ئىمام غازالى يەنە ﮬىجرى بەشىنجى ئەسرنىڭ مۇجەددىد ( ئىسلامنى گۈللەندۈرگۈچى) دەپ نام ئالغان بىر ئۆلىما .

توغۇلىشى ۋە ئۆسۈپ يىتىلىشى[تەھرىرلەش]

ئىمام غەززالىي خۇراساننىڭ تۇس رايۇنىدىغا يېقىن غازالە يۇرتىدا ﮬىجرىينىڭ 450 يىلى تۇغۇلغان ( مىلادى 1058 ) تۇغۇلغان، شۇيەرگە مەنسۇپ ﮬالدا ئەلغازالى دەپ ئاتالغان. ئاتىسى كەمبەغەل يۇڭ- پاختا ئاتقۇچى كىشى بولۇپ بالىلىرى مۇﮬەممەد ۋە ئەﮬمەدنى ئىلىملىك قىلىپ چىقىشنى بەك ئارزۇ قىلاتتى. ۋاپاتىدىن بۇرۇن ئوغۇللىرىنى سوپىلاردىن بولغان بىر ئاغىنىسىگە تاپشۇرۇپ، قولىدىكى ماللىرىنى بېرىپ، ئۇلارنى ئوقۇتۇپ تەربىيلەشنى تەۋسىيە قىلغان . بۇ كىشىمۇ ئاتىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە قولىدىن كىلىشىچە بۇلارنى ئوقۇتقان، كېيىنچە قۇربى يەتمەي تالىپلارغا ياتاق - تاماق بېرىپ ئوقىتىدىغان بىر مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان .

ئىمام غازالى يۇرتىدىكى زامانىسىدىكى مەشھۇر ئۆلىمالارنىڭ قولىدا ئىلىم تەﮬسىل قىلغان. بۇلاردىن توستا فىقھىنى ئىمام ئەﮬمەد ئەززاركانى، جورجاندا ئىمام ئەبۇ نەسر ئەلئىسمائىلىنىڭ قولىدا ئوقۇغان . كېيىن توسقا قايتىپ 3 يىل تۇرغاندىن كېيىن، نىساپورغا بېرىپ نىزامىيە مەدرىسىدە ( دۆلەتلىك رەسمى مەدرىسە ) ئىلمى ئۇسۇل فىقە ( قانۇنشۇناسلىق ) ۋە ئىلمى كالامنى داڭلىق ئالىم، ئىككى ﮬەرەمنىڭ ئىمامى دەپ ئاتالغان ئەبۇلمائالى جۈۋەينىدە خېلى ئۇزۇن تەلىم ئېلىپ، ئۇنىڭ فىقھى، ئۇسۇلىددىن ، لوگىكا ۋە پەلسەپە جەﮬەتتىكى بىلىملىرىنى پىششىق ئۆزلەشتۈرگەن. بۇ ئۇستازى "ئەلغازالى مول ﮬوسۇللۇق بىر دېڭىز" دەپ تەرىپلىگەن .

شۆﮬرىتىنىڭ ﮬەرتەرەپكە تارقىلىشى[تەھرىرلەش]

ئىمام غازالى نىساپوردا تاكى ئۇستازى بولغىچە تۇرۇپ، ﮬىجرىيە 478 . يىلى ( مىلادى 1085 ) . يىلى مۇئەسكەر دىگەن يۇرتقا ئىلىم ئەﮬلىنى ئىززەتلەيدىغان مەشھۇر ۋەزىر نىزامۇلمۈلكنىڭ قېشىغا بېرىپ ئورۇنلاشقان . شۇ يەردە ئىلىم بىلەن شۇغۇللۇنۇپ ﮬەر ﮬەر ئۆلىمالار بىلەن ﮬەمسۆﮬبەت بولۇپ، مۇنازىرىدە يېڭىپ داڭقى ﮬەر تەرەپكە تارقالغاندىن كېيىن ، ۋەزىر ئۇنى باغداتتىكى نىزامىيە مەدرىستە مۇدەررىسلىككە ﮬىجرىيە 484 . يىلى ( مىلادى 1091 ) تەكلىپ قىلغان .شۇ چاغدىكى ئۆمرى ئەمدىلا 34 ياش ئەتراپىدا ئىدى . شۆﮬرىتى بولسا تېخىمۇ ئېشىپ ۋەزىر ﮬەتتا پادىشالاردىن ﮬالقىپ كەتكەن . كېيىن ئىمام غازالى ﮬىكايە قىلىپ : " ئىلىمنى جان بېقش ئۈچۈن تەلەپ قىلىۋىدۇق، يەنىلا ئاللاﮬنىڭ ئىرادىسى غالىپ كىلىپ ئىلىمنى پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا پاك ﮬالدا تەلەپ قىلدۇق" دەيدۇ . شۇ ۋاقىتلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن ﮬىكايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ :" جۇرجاندىن ئىلىم ئېلىپ قايتقاندىن كېيىن يولدا بىر توپ قاراقچى ﮬەممە نەرسىمىزنى ئېلىۋالدى، مەن ئۇلارغا ئەگىشىپ بېرىۋىدىم باشلىقى دەرﮬال قايت بولمىسا ﮬالاك بولىسەن دىدى. مەن ئاللاﮬنىڭ نامى بىلەن مېنىڭ دەپتىرىمنىلا قايتۇرۇپ بەرسەڭ ، ئۇنىڭ سىلەرگە پايدىسى يوق دىدىم . ئۇ قانداق دەپتەر ئۇ دىدى، مەن ئۇ مەن ئۈگەنگەن بىلىملىرىم يېزىلغان، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن سەپەر قىلغان دىۋىدىم قاراقچى كۈلۈپ سەن قانداقمۇ ئۇ ئىلىمنى ئىگەللىدىم دەيسەن، مانا سەندىن دەپتىرىڭنى ئىلىۋاپتۇق بىلىمسىز قالدىڭ دىدى، كېيىن دەپتىرىمنى قايتۇرۇپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ﮬەق گەپ قىلغانلىقىنى ﮬېس قىلىپ ، توسقا قايتىپ بارغاندا دەپتەردىكى ﮬەممە نەرسىنى چۈشىنىپ يادلىۋالدىم، يەنە قاراقچىلار دەپتەرنى ئېلىۋالسا ئىلىمسىز قالمايمەن ".

ئاشۇنداق مەلۇم بىر مۇددەتتىن كېيىن ئىمام غازالى ﮬەر خىل بىلىم سىرلىرىدىن تويۇنۇپ ئىچىدە بىر خىل يەڭگىل شەك قىلىش تۇيغۇسى )گۇمانىزم( بارلىققا كىلىدۇ، شۇنىڭ بلىەن باغداتنى تاشلاپ، پۈتۈن مال مۈلكىنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن دەمەشققە بېرىپ تۇرغان، شۇ يەردە يېگانىلىق ئىچىدە كۈنىنى تەپەككۈر قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن ( بۇ ئۇنىڭ شەك ( گۇمان) ئىچىدە تېپىرلاۋاتقان ۋاقتى ئىدى). يەنە ئۇ يەردىن بەيتىلمەقدىس ( ئىروسالمغا) يۆتكىلىپ قۇددۇس مەسجىتىدە ئىستىقامەتتە تۇرغان ۋە شۇ جەرياندا "'ئىھيا ئولۇمىددىن ( دىنى ئىلىملەرنى گۈللەندۈرۈش)" ناملىق ئەسىرىنى يېزىشقا باشلىغان . ﮬىجرى 489 . يىلى ﮬەجگە بېرىپ يەنە قايتىپ كىلىپ كىتاپنى تولۇقلىغاندىن كېيىن، يەنە سەپەرگە ئاتلىنىپ باغداتتا زىيارەتتب بولغاندىن كېيىن خۇراسانغا قايتىپ ئون يىلغا يېقىن شۇ يەردە يالغۇزلۇقتا ئىبادەت ۋە تەپەككۈر بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ يولىنى، ﮬەقنى سوپىزمدىن تاپقانلىقىنى قەيت قىلغان ( ئەلمۇنقىز ) .

قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە كېرەكلىكى ئىمام غازالىنىڭ تەيىن تاپقىنى كىيىنكى زامانلاردا بۇرمۇلۇنۇپ ﮬەقتىن ئازغان سوپىلىق بولماستىن بولكى ئىسلامنىڭ دەسلەپكى پارلاق ئۈچ ئەسىرىدىكى سوپىلارنىڭ بۇلغانمىغان، ﮬەقىقى ئىسلام روﮬىغا تويۇنغان پاك سوپىلىق ئىدى . بەلكى ئىمام غازالىنى سوپىلىقنى ئىلمى مېتود مىزان بىلەن تەتقىق قىلىپ، ﮬەقىقى چۈشەنچە ۋە قانائەت بىلەن قوبۇل قىلغان.

شۇڭا ئىمام غازالى سوپىلىقتا ئادەتتكى بىر تەقلىدچى ئەمەس بەلكى سوپىزم ئىپستىمولىگىيەسىنى ( بىىلش نەزىرىيەسىنى) ۋەﮬدەتچى ۋە ﮬۇلۇلچى بۇلغاندىلارنىڭ بولغاشلىرىدىن تازىلاپ ( ۋەﮬدەتىلۋۇجۇت ۋە ﮬۇلۇل سوپىزمغا يوناننىڭ كۇپۇرلۇق پەلسەپىسى ۋە ﮬىندىستاننىڭ ئەپسانىلىرىدىن سىڭىپ كىرگەن، ئىسلام قەتئى قوبۇل قىلمايدىغان بۇزۇق ئەقىدە ) سوپىزمنى پاكلىغان ۋە ئىسلام دائىرىسگە قايتۇغان، بۇنى "ئىھيا" كىتابىدىن بىلىنىپ تۇرىدۇ . شۇڭا بەزىلەرنىڭ سوپىزمنى دەپلا قارا قوياق غازالىنى سوپى دەپ ئەيىپلىشىنىڭ ئاساسى يوق .


يەنە ئىمام غازالى دۇچ كەلگەن شەك ( گۇمان ) توغرىسىدا قىستۇرما : 1 - ئىمام غازالى دىكارتتىن بۇرۇن گۇمانىزمغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، دىكارتنىڭ گۇمانىزم مېتودىغا ئاساس بولغانىكەن، بۇ توغرىدا دىكارتنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلغان بەزى سەيياھ ئالىملار، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى غازالىنىڭ كىتابى بولغان " ئەلمىنقىز" نىڭ تەرخىمىسىگە دىكارتنىڭ قەلىمى بىلەن "بىزنىڭ مېتودىمزغا قوشۇلىسۇن" دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرگەن. ئىمام غازالىنىڭ ياۋرۇپادىكى داڭقى خېلى چوڭ( شەرقشۇناسلارنىڭ ئېتىراپى بىلەن ). 2 - ئىمام غازالىنىڭ شەك ( گۇمان)ئى ياۋرۇپالىق پەيلاسوپلارنىڭكىدىن پەرقلىنىدۇ، ئىمام غازالى شەك قىلىپ ﮬەرگىزمۇ جانابى ﮬەق توغرىسىدا شەك قىلمىغان ئىمان ۋە ئىسلامدىمۇ شەك قىلمىغان،ياكى ﮬەممىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ پاسسىپ شەك قىلمىغان .

شۇنىڭغا ئاساسەن دوكتۇر سۇلايمان دۇنيا ئىمامنىڭ ﮬاياتىنى ئۈچ قىسىمغا بۆلىدۇ . 1 - شەكتىن بۇرۇنقى غازالى 2- شەك قىلغان ۋاقتى 3 - شەكتىن كېيىنكى ئارام تاپقان ۋاقتى.

بۇ ئەسنادا ئىمام غازالى كۈچىنى شۇ چاغدىكى يولدىن ئازغان پىرقىلەرگە ﮬەقىقەتنى بايان قىلىشقا، ﮬەم شۇ ئەسىردە داڭقى تارالغان 4 پىرقە بىلەن مۇنازىرىلىشىپ رەددىيە بېرىشكە قاراتقان ﮬەم كىتاپلارنى يازغان . بۇلار ئۆزلىرىنى لوگىكا ۋە تەپەككۈر ئىگىلىرى دەپ ئاتىۋالغان ئاتالمىش " پەيلاسوپلار"، "ئەﮬلى كالام"، ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش "مەسۇم ئىمام " پىشۋاسىدىن تەلىم ئالغانلىقىنى داۋا قىلىشىدىغان "باتىنىيلار" ۋە ئۆزلىرىنى جانابى ﮬەقنىڭ خاسلىرى، پاكلىق پىشۋالىرى ۋە كەشپ ئەﮬلى دەپ ئاتىۋالغان، چەكتىن ئاشقان " سوپىلار " ئىدى . بۇ ئەسىردە يەنە ئالدىنقىلارنىڭ تەسىرىدە تارىغان يۇنان پەلسەپىسى ۋە ئۇقۇملىرىنىڭ كۈچىنىڭ بارغانسىرى زورىيىپ، پەيلاسوپ ۋە پەلسەپە ﮬەيۋەتلىك كۆرىنىدىغان، كىشىلەر ئۇلارغا رەددىيە بىرىشتىن ئەيمىنىدىغان بىر ۋاقىت كەلگەن ئىدى، شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسى بۇ قالايمىقانچىلىقنى رەتلەپ ئىسلامنى قايتىدىن ئۆز ئورنىغا قويىدىغان بىر كىشىگە مۇﮬتاج بولىۋاتقان ئىدى. مۇشۇ كىشى دەك ئىمام غازالى بولدى .

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بۇ پىرقىلەرنىڭ كىتاپ ۋە ئىلىملىرىنى بىر بىرلەپ مۇتالىئە قىلىشقا باشلىدى ۋە تەتقىق قىلدى، ئاندىن بۇلارغا بىردىن بىر رەددىيە قايتۇرۇپ ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى بايان قىلدى، ﮬەقىقىتىنى ئاشكارىلىدى. بۇ توغرىسىدا ئۆزىنىڭ كىتابى "ئەلمۇنقىز مىنەززالال ۋەلمۇسىل ئىلە زىلئىززە ۋەلجالال ( گۇمراﮬىلىقتىن قۇتقازغۇپ، ئىززەت ئىگىسى ئاللاﮬقا يەتكۈزگۈچى)" دىگەن كىتاپىدا تەپسىلى توختالغان . بەزى پىرقىلەرگە ئايرىم ئايرىم كىتاپ يازغان . بۇ ﮬەقتە ( شەكتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن ) مۇنداق دەيدۇ " جانابى ﮬەق مىنى بۇ كىسەلدىن خالاس قىلغاندىن كېيىن نەزىرىمدە ﮬەقنى تەلەپ قىلغۇچىلار تۆت پىرقىگە ئايرىلدى . 1 - ئەﮬلى كالام، ئۆزلىرىنى تەپەككۈر ئەﮬلى دەيدۇ 2 - باتىنىلار، ئۆزلىرىنىڭ ئىمامىدىن مەخسۇس ئىلىم مىراس ئالغانلىقلىرىنى دەۋا قىلىشىدۇ. 3 - پەيلاسوپلار ۋە پەلسەپىچىلەر، بۇلار ئۆزلىرىنىڭ لوگىكا ئەﮬلى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىشىدۇ. 4 - سوپلار. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمگە دىدىم، ئاساسلىقى مۇشۇ تۆت پىرقە. بۇلارنىڭ ﮬەقىقىتىنى بايان قىلىشنى باشلىدىم " ( ئەلمۇنقىز)

بۇ مۇشەققەتلىك سەپىرى يەنە توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ " بالاغەتكە يەتكەندىن بېرى تاكى ﮬازىرقى قىرانلىققىچە بۇ دېڭىزنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر يەرلىرىگە شۇڭغۇدۇم ( يەنە ﮬەرخىل ئىلىمنڭ ئەڭ ئىنچىكە ئەڭ نازۇك يەرلىرىگىچە ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلغانلىقىنى دىمەكچى )، شۇڭغۇغاندىمۇ قورقۇنچاقلىق بىلەن ئەمەس غەيرەت بىلەن، ﮬەرقانداق زۇلمەت بولسا ئىچكىرلەپ كىردىم، ﮬەرقانداق مۇشكىلە بولسا ئوزەمنى ئاتتىم، ﮬەرقانداق پىرقىنىڭ ئەقىدىسىنى تەتقىق قىلدىم، سىرلىرىنى ئاچتىم ، شۇ ئارقىلىق قايسى توغرا قايسى خاتا بىلىشكە تىرىشتىم. باتىنىلار بولىدىكەن ئۇلارنىڭ باتىنىلىقى قانداق بىلدىم، زاﮬىرى بولىدىكەن زاﮬىرىلىقى قانداق بىلدىم، پەيلاسوپ بولىدىكەن ئۇنىڭ پەلسەپىسىنىڭ ﮬەقىقىتىنى بىلدىم ، ئەﮬلى كالام بولىدىكەن ئۇلانىڭ غايىسى ۋە مەقسىتىنى بىلدىم ، سوپى بولىدىكەن ئۇنىڭ سىرىنى بىلدىم ، زاﮬىد ئىبادەتچى بولىدىكەن قىلغان ئىبادىتىنىڭ ﮬەقىقىتى ۋە ئاقىۋىتىنى بىلدىم، زىندىق بولىدىكەن چەكتىن ئاشقانلىقىنىڭ سىرى ۋە سەۋەبىنى بىلدىم . ئىشىمنى باشلىغاندىن تارتىپ ، ياشلىقىمنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن چاغلىرىغچە ﮬەقىقەتكە يىتىش ئەڭ ئالى غايەم ئىدى، لېكىن بۇ ﮬەرگىز ئىختىيارىمدىكى ئىش ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تەبىئىتىم ۋە مىجەزىمگە پۈتىۋەتكەن ئىش ئىدى ". ( ئەلمۇنقىز ).  


ئىمام غازالى ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

ئىمام غازالى ﮬەرخىل ئىلمدە يىتۈك ئالىم بولۇپ، شۇ ئىلىملەردە ئۆلمەس نادىر ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان، ئۇنىڭ فىقھى ۋە فىقھىشۇناسلىقتىكى كىتاپلىرى، "ئەلمەنخۇل"، "ئەلمۇستەسفا" ۋە باشقىلىرى ئىلىم ئەﮬلىلىرى چوڭ مەنبە بىلىپ ئوقۇشسا، پەلسەپە ۋە لوگىكا تەتقىق قىلغۇچىلار ئۇنىڭ "تەﮬافۇت"، "ئەلمۇنقىز"،"ئەلئىقتىساد" ۋە باشقا كىتاپلىرىدىن پايدىلانماقتا، ئەخلاق - تەربىيەچىلەر بولسا ئۇنىڭ "ئىھيا ئۇلۇمىددىن( دىنى ئىلىملەرنى گۈللەندۈرۈش)" ناملىق 7 توملۇق ئېسىل ئەسىرى ۋە "ئەي ئوغلان"، "ئەمەل مىزانى" قاتارلىق كىتاپلىرىدىن پايدىلانماقتا.

"ئىھيا" كىتابىنىڭ ئۆزىلا نەچچە خىل ئىلىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىنسكلوپىدىيە دەرىجىلىپ بىر ئەسەر . بۇ كىتاپنى تەﮬقىقلاپ يېڭىدىن باستۇرغان ئەزﮬەر شەيخى ئەﮬمەد رىفائى " ئەگەر باشقا ئۆلىمالار تىلغا ئېلىنسا خىيالىمىز ئاشۇلار ۋايىغا يەتكەن مەلۇم بىر ئىلىم تەرەپكە كىتىدۇ، مەسىلەن ئىبنى سىنا ياكى ئەلفارابى تىلغا ئېلىنسا مەشھۇر پەيلاسوپلار ۋە پەلسەپە ئېسىمىزگە كىلىدۇ. ئەگەر ئىمام بۇخارى ياكى ئىمام مۇسلىم تىلغا ئېلىنسا ئەسكە ئېلىش قابىلىيتى، ئىلمى مېتودلىرى ۋايىغا يەتكەن كىشىلەر ئېسىمزگە كىلىدۇ. ئەمما ئىمام غازالى تىلغا ئېلىنسۇن بىر ئەمەس بىر قانچە خىل ئىلىم، بىر ئەمەس بىر قانچە كىشىنى خىيال قىلىمىز. ئىمام غازالى فىقھىشۇناس ﮬالەتتە، ئىمام غازالى سوتسيولوگ، ئىمام غازالى پىسخولوگ، ئىمام غازالى پەيلاسوپ، ئىمام غازالى پەلسەپىنى يىقىتقۇچى، ئىمام غازالى ئىستىتىكا ئالىمى، ئىمام غازالى ئەﮬلى سۈننەت پىشىۋاسى قاتارلىق مانا مۇشۇنداق بىر قانچە كىشىنى ئەسكە ئالىمىز". ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا يازغان كىتاپلىرىدىن "ئىجامۇلئەۋام ئەن ئىلمىلكالام ( ئاۋامنى ئىلمى كالامدىن توسۇش)" ۋە باشقىلىرى بار. ئۇنىڭ "مىئيارۇلئىلىم(ئىلىم مىزانى)" ناملىق ئەسىرىمدىمۇ بىلىش نەزىرىيەسى ( ئېپىستىمولىگىيە) ۋە شەك ئىلمى مېتودلىرى توغرىسىدا توختالغان .  


ئىمام غازالى ۋە پەلسەپە[تەھرىرلەش]

بۇرۇن دەپ ئۆتكەندەك ئىمام غازالىنىڭ ئەسرى ئالدىنقىلارنىڭ تەسىرىدە تارىغان يۇنان پەلسەپىسى ۋە ئۇقۇملىرىنىڭ كۈچىنىڭ بارغانسىرى زورىيىپ، پەيلاسوپ ۋە پەلسەپە ﮬەيۋەتلىك كۆرىنىدىغان، كىشىلەر ئۇلارغا رەددىيە بىرىشتىن ئەيمىنىدىغان بىر ۋاقىت كەلگەن، باشقا باتىل پىرقىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەپكارلىرى ﮬەدەپ تاراشقا باشلىغان ۋاقىت ئىدى، لېكىن بۇ ﮬەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ يولىنىڭ ﮬەقلىقى ياكى كۈچىنىڭ زورلىقىدىن ئەمەس بەلكى ﮬەق ئىگىلىرىنىڭ بوشاشقانلىقىدىن ئىدى. مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەت، ئەقلى ۋە پىكىر جەﮬەتتىكى ئاجىزلىشىش دىندا شەك قىلىدىغان، ﮬەقنىڭ ئورنىغا باتىل ئازغۇننى ئۇلۇغلايدىغان ، ئەخلاقتا چىرىكلىشىش تارايغان سىياسەتتە ئىزتىراپ كۈچەيگەن بىر ﮬالەتنى شەكىللەندۈرگەنىدى . بۇنىڭ سەۋەبى دەل ئاتالمىش پەيلاسوپلار، باتىنىلار ۋە باشقىلار بار ئىدى، زاﮬىرىدا بۇلار ئايرىم تۇرغاندەك قىلغىنى بىلەن قىلغان قىلمىشلىرى بىر بىرىگە يىقىن ﮬەم باشلىنىشلىق ئىدى. پەيلاسوپلار باتىنىيلارغا دىندا سابىت ﮬەم قەتئى بولغان مەسىلىلەرنى يۇنان پەلسەپىسىگە بويسۇندۇرۇش ئارقىلىق خالىغانچە تەﮬلىل قىلىدىغان، خالىغانچە شەرﮬىلەيدىغان بىر بۇزۇق يولنى تەييارلاپ بەرگەن بولسا (بولۇپمۇ ئىخۋانىسسافا ( ساپلىق قېرىنداشلىرى ئويۇشمىسى ))، باتىنىيلار پەلسەپە ۋە پەيلاسوپلاردىن ئۆزىگە ۋە ئۆزىنىڭ باتىل ئەقىدە ئەپكارلىرىغا ياردەمچى ئىزدىگەن. ( بۇنى شەرقشۇناس دوزىمۇ تەكىتلىگەن ۋە ئەللامە قاراداۋى "ئىمام غازالى ماختىغۇچىلىرى ۋە تەنقىتچىلىرى ئارىسىدا " دىگەن كىتابىدا نەقىل ئالغان ).

ئىمام غازالىنىڭ ياشىغان ئەسرى يۇنان مەدەنىيىتى ۋە پەلسەپىسىگە نىسبەتەن خۇددى بىزنىڭ بۇ ئەسرىمىزنىڭ ﮬازىرقى غەرپ مەدەنىيىتى ۋە پەلسەپىسىگە ئوخشاش ئورۇندا ئىدى . پەلسەپە بولسا ئادەتتىكى كىشىلەر يېقىن كىلەلمەيدىغان ، پەقەت يۇقىرى تەبىقە ياكى يۇقىرى تەلىم كۆرگەن، ئۆزلىرىنى ئەقىل جەﮬەتتە كامالەتكە يەتكەن بىر تائىپىلا شۇغۇللىنىدىغان بىر ئىلىم سۈپىتىدە ئىدى. بۇرۇن يەﮬۇدىلار ﮬەر خىل باتىل قىسسە ۋە ﮬىكايىلەرنى ( ئىسرائىلىيات) ئىسلامدا تارقىتىپ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ۋە مۇسۇلمان ئەقلىگە تەسىر كۆرسىتەشكە ئانچە مۇۋەپپەق بولالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يۇنان پەلسەپىسى بىر قەدەر تەسىردە بولالىدى . "چۈنكى پەلسەپىنىڭ تەسىرىدە بىر قىسىم كىشلەرنىڭ تەپەككۈرىدە ئۆزگىرىش بولۇپ ئۆزىنى ۋە ئەقلىنى ﮬەممىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان، دىن ئەﮬكاملىرىدىن يۇقىرى تۇتىدىغان بولۇپ ئوتتۇرغا چىقتى، بۇلارنىڭ ئاساسى ئۆزى ناﮬايىتى ﮬەيۋەتلىك ۋە مۇقەددەس دەپ قارىغان سوقرات، ئەفلاتون، ئارستو دەپ ئىسىملار ئىدى..." ( ئىمام غازالى - تەﮬافۇت ).

خۇددى ئەللامە ئەل نەدەۋى ئېيتقاندەك : ئىسلام ئالىمى بەشىنجى ئەسىرىدە پەيلاسوپلار ۋە باتىنىلار تەرىپىدىن ئاجىزلاشتۇرۇلغان، پىكىر جەﮬەتتە قالايمىغانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان ، شۇ ئارقىلىق ئىسلامنى ئەقىدىدە دەﮬرىلىككە، ئەخلاقتا پەسلىشىشكە، سىياسەتتە ئىزتىراپقا باشلىماقتا ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇخىل بۇزغۇنچىلىقنى تۈزەيدىغان، ئىسلام ئەقىدىسى ۋە روﮬىنى ئۆزىنىڭ ئەسلى مۇناسىپ ئورنىغا قايتۇرىدىغان بىر كىشىگە مۇﮬتاج ئىدى، بۇ كىشى ئېتىقاتتا پاك ۋە مەزمۇت، ئەسلى مەنبەسىگە تايىنىدىغان، ئەخلاقتا تۈزۈك، باتىللارنى بازاردىن قالدۇرغۇدەك ، ئەقىل بىلەن نەقىل ( قۇرئان ﮬەدىس) نى تەڭ ئىگىلىگەن ، باتىللار ئالدىدا ئەقىدىسى تەۋرىمەيدىغان، باتىل بىلەن تەڭ مۇنازىرىدە بولاليدىغان، زىھنى ئوچۇق، پىكرى ئۆتكۈر، ﮬەق يولىدا ئىخلاسمەن ، كۈچى بار كىشى بولىشى كېرەك ئىدى، مانا مۇشۇنداق جىددى ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا تەرىپدىن ئىسلام ئالىمى ئىمام غازالىدەك بىر شەخسكە ئىگە بولدى".

ئىمام غازالى پەلسەپىنى تەتقىق قىلشقا كىرىشىپ ئەلفارابى ۋە ئىبنى سىنالارنىڭ يازمىلرىنى ۋە باشقىلارنىڭ كىتاپلىرىنى ئوقۇپ چىققان ، ئاندىن "مەقاسىد ئەلفەلاسىفە ( پەيلاسوپلارنىڭ غايىلىرى)" دىگەن كىتابىنى يازغان، بۇ كىتاپ ئىككىنجى بىر كىتابى، پەيلاسوپلارغا رەسمى مۇش ئاتقان كىتابى "تەﮬافۇت ئەلفەلاسىفە ( پەيلاسوپلارنىڭ غولىشى)" دىگەن كىتابىغا باشلانما ئىدى . بۇ كىتاپتا ئىمام غازالى پەلسەپە، پەلسەپىۋى ئۇقۇملار ۋە پەيلاسوپلار توغرىسىدا ئەتراپلىق توختالغان بولۇپ، شاگىرتلىرىدىن بىرى ﮬەتتا ئىمام غازالى بۇ كىتاپتا پەلسپىۋى ئۇقۇملارنى پەيلاسوپلارنىڭ ئۆزىدىنمۇ بەك ئەتراپلىق شەرﮬىلىگەن، چۈنكى ئەلفارابى ۋە ئىبنى سىنالار يۇنان پەلسەپىسىنى ئوبدان تەكشۈرۇپ توغرا خاتاسىنى ئايرىمايلا قارغۇلارچە شەرﮬىلىگەن، ئىمام غازالى بولسا ﮬەقىقى تۈردە تەتقىق قىلغان" دىگەن ، يەنە بىر شاگىرتى ئەبۇ بەكر " ئۇستازىمىز پەلسەپىنى پۈتۈنلەي يۈتىۋەتتى، كېيىن قۇسۇپ چىقىراي دىۋىدى قېينىلىپ قالدى ( يەنە پەلسەپىنى ئىنچىكە ﮬەم ئەتراپلىق تەتقتق قىلىپ چۈشەنگەن، لېكىن ئۆزىمۇ بەزى تەسىرىدىن قۇتىلالمىغان). "

ئىمام غازالى غايىسىنىڭ پەلسەپىنى ئۆرۈش ئىكەنلىكىنى ﮬەققىدە بۇ كىتاپتا "پەلسەپىنى تەنقىت قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ﮬەقىقىتىنى بايان قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىغا " ئىشارەت بەرگەن . ئىمام غازالى بۇ كىتابىدا ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە ئىلمى ئۇسلۇپ يولىنى تۇتقان . بىتەرەپ ﮬالدا شەرﮬىلىگەن. ﮬۇجۇمىنى بولسا "تەﮬافۇت"تا باشلىغان. بۇ كىتاپتىن كېيىن بەزىلەر پەلسەپە ئىمام غازالىنىڭ ﮬۇجۇمىدىن كېيىن ئەسلىگە كىلەلىگىنى يوق دەپمۇ قويىدۇ ، ئىمام ئىبنى رۇشد بۇنىڭغا قارشى "تاﮬافۇتىل تەﮬافۇت" كىتابىنى يازغان بولسىمۇ .

دىمەك ئىمام غازالى ﮬۇجۇمنى قارغۇلارچە باشلىماستىن بەلكى ﮬەقىقى تەتقىق قىلىپ ، ئىچ تېشى سىرىنى ئىگىلەپ بولۇپ ئاندىن قىلغان . ئۆزىمۇ "ئەلمقۇنقىز"دا "بىر ئىلىمنىڭ توغرا خاتالىقىىنى شۇ ئىلىمنىڭ ﮬەقىقتى ۋە ئۈجۈر بۇجۇرىنى بىلمىگەن ئادەم بلىلەلمەيدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئىلىم ساﮬەسىدە ئەڭ بىلىمدار بولىشى كېرەك" دەيدۇ .

لېكىن ئىمام غازالى پەلسەپىنىڭ ﮬەممىسىگە ﮬۇجۇم قىلمغان، ئۆز ۋاقتىدا پەلسەپە مىتافىزىكدىن باشقا يەنە ﮬازىر مۇستەقىل ئىلىم بولۇپ شەكىللەنگەن ماتىماتىكا ۋە باشقا تۈرلىرى، تەبىئەت ۋە فىزىكا ، سىياسەت ۋە ئەخلاقنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى . ئىمام غازالى مۇشۇلاردىن ئەڭ خەتەرلىكى ۋە ئازغۇنى بولغان مىتافىزىكا پەلسەپىسىگە ﮬۇجۇمىنى مەركەزلەشتۈرگەن . بۇلارنىڭ ئىچىدىنمۇ ياراتقۇچىنى ئىنكار قىلىدىغان دەﮬرىلەرگە كۆڭۈل بۆلمىگەن، چۈنكى بۇلار كاپىر بولغانلىقتەن بۇلارغا رەددىيە بېرىش ئارتۇقچە، ئىمامنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئىلاﮬنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىرىدۇر ( بۇلار ﮬەر خىل بولۇپ، ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنى ئاتىشى ئوخشاشمايدۇ، بەزىلىرى ۋاجىپ ئەلۋۇجۇت، بىرىنجى سەۋەپ، بىرىنجى ئەقىل، ئۈستۈن ئەقىل دىگەندەك شەرىئەتكە خىلاپلىرى، بۇلار يەنە يۇنان پەلسەپىسىنى ئاساس ، شەرىئەتنى ئىككىنجى ئورۇندا قويۇپ پەلسەپە بىلەن شەرﮬىلىگەنلار، ئىبنى رۇشد، ئىبنى سىنا، ئەلفارابى ۋە باشقىلار ). ئەلمىنقىزدا ئىمام بۇلارنى ئۈچكە بۆلگەن 1 - كاپىرلققا چىقىرىلىدىغانلار 2- بىدئەتلىككە چىقىرىلىدىغانلار 3 - پەقەت ئىنكار قىلىنمايدىغانلار يەنە شۇ كىتاپتا پەلسەپە ئىلىملىرىنى ( شۇ دەۋىردىكى ) بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ :

1- ماتىماتىكا تۈرىگە كىرىدىغان ئىلىملىرى : ﮬىساپ، ئالگىبرا، گىئومىترىيە قاتارلىق دىنغا كىرمەيدىغان بەلكى ئىسپاتقا تايىنىدىغان ئىلىملەر.

2 - لوگىكا دائىرىسىگە كىرىدىغان ئىلىملەر.

3 - تەبى پەنلەر : بىئولىگىيە، زوئولىگىيە،گىئولوگىيە ۋە باشقىلىرى

4 - ئىلاﮬىيات ، دىنغا ئالاقىسى بار ئىلىملەر

5 - ئەخلاق ئىلىملىرى

6 - سىياسى ئىلىملەر

ئىمام غازالى 4 .تۈردىكى ئىلىم (ئىلاھىيات) بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پەيلاسوپلارنىڭ بەﮬس قىلغان ئاساسلىق مەسىلىلىرىدىن يىگىرمىنى يىغىپ، ئۇلارنى 3 تە كاپىرلىققا، قالغان 17 دە بىدئەتلىككە ﮬۆكۈم قىلغان. بۇ 20 مەسىلىنىڭ باتىللىقىنى ئىسپاتلاش "تەﮬافۇت" ئاساسلىق كىتابىنىڭ مەزمۇنىدۇر. بۇ 3 مەسىلە بولسا : پەيلاسوپلارنىڭ 1 -ئاخىرەتتە مەﮬشەردە يىغىلىدىغىنى پەقەت روﮬلا، جەسەت بىرگە ئەمەس، ئازاپمۇ روﮬقىلا بولىدۇ، جەسەتكە كەلمەيدۇ دىگىنى، بۇ جەﮬەتتىن شەرىئەتكە قارشىدۇر. 2 - ياراتقۇچىنىڭ ( ئاللاﮬنىڭ ) يۈز بېرىدىغان ئىشلانى ئومۇمى جەﮬەتتىنلا بلىپ ، تەپسىلاتىنى بىلمەيدىغانلىقى ، بۇمۇ كۇپۇردۇر، قۇرئاندا كەلگەندەك جانابى ئاللاھ ئاسمان زېمىندىكى زەررىچە چاغلىق نەرسىنىمۇ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. 3 - ئالەمنىڭ يارىتىلغان ئەمەس بەلكى ئەزەلدىن بارلىقى دىگەندىن ئىبارەت 3 مەسىلىسى .

ئىمام غازالىنىڭ بۇ ئىشى يەنى پەلسەپىگە ﮬۇجۇمى ئۆزىنىڭ يېڭى نەزەرىيەسىنى ئورنىغا دەسسىتىش ئۈچۈن بولماستىن ياكى ئەقىلنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش بولماستىن بەلكى دىننىڭ ئەسلى ئىكەنلىكى، ئەقىلنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغانلىقى، دىن بىلەن ئەقىلنىڭ زىت ئەمەسلىىكىنى ،دىن ( ۋەﮬي)سىىز ئەقىلنىڭ ئېزىپ كىتىدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئىدى . بەلكى ئىمام غازالى ئەقىلنىمۇ قارىغۇلارچە تەقلىتتىن چىقىرىپ ۋەﮬيى نۇرىدا يۇقىرىغا ئۆرلەشكە چاقىرىدۇ.

ئىمام غازالىنىڭ ۋاپاتى ھىجرىنىڭ 505. يىلى (مىلادى 1111) بولۇپ، 55 ياش ئەتراپىدا ئىدى، ۋاپات بولغاندا كىشلەر مەيدىسىگە ھەدىس كىتابى قوياقلىق ھالدا كۆرگەن . قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرى 450 پارچىدىن ئاشىدۇ، نۇرغۇنلىرى تەھقىقلىنىپ نەشىر قىلىنغان، بەزىلىرى قوليازما سۈپىتىدە ساقلانماقتا، يۈتۈپ كەتكەنلىرىمۇ بار.

باشقلارنىڭ ئۇ توغرىسىدىكى سۆزلىرى[تەھرىرلەش]

ﮬازىرقى زامان ئۆلىمالىرىدىن ئەزﮬەردىن ئىمام ئەلمەراغي : "ئىمام غازالى بىر كىشىدە جەم بولغان بىر نەچچە كىشىدىن ئىبارەت "دەيدۇ. ئەبۇل ﮬەسەن ئەل نەدەۋى :"ئىمام غازالى ئۆز دەۋرىدىكى ئەڭ تالانتلىق، ئىسلاﮬاتچى ئۆلىما ئىدى". ئىمام ئەلمەۋدۇدى بولسا ئىمام غازالىنى دىن گۈللەندۈرگۈچى ئۆلىمالار قاتارىدىن سانايدۇ . دوكتور ئەﮬمەد فۇئاد :"ئىمام غازالى ئىسلام خۇيقۇرغۇسىنىڭ باشلىغۇچىسى " دەيدۇ. دوكتۇر زەكى نەجىپ بولسا " ئىمام غازالى يىتۈك مۇتەپەككۈر " دەپ ئاخىرىدا ئۇنىڭ ﮬاياتىنى "مەن تەپەككۈر قىلىمەن، ئۇنداقتا مەن ئىنسان " دىگەن ئىبارىگە يىغىنچاقلايدۇ.

ئىمام غازالى بىلەن دەۋىرداش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەردىن : ئىمام غازالىنىڭ ئۇستازى ئىمام جۇۋەينى:"ئەلغازالى مول ﮬوسۇللۇق بىر دېڭىز" دىگەن . ئىمام غازالىنىڭ شاگىرتلىرىدىن مۇﮬەممەد ئىبنى يەﮬيا :"غازالى ئىككىنجى شافىئى " دەپ باﮬا بەرگەن . دەۋىردىشى : ئەبۇلھەسەن ئابدۇلقادىر ئەلفارىسى :"ئىمام غازالى ﮬۆججەتۇلئىسلام ، موللىلارنىڭ پىشىۋاسى، زامانىسىدا ئۇنىڭدەك بىرسى چىقىپ باقمىغان" دەپ تەرىپلەيدۇ.

شەرقشۇناسلاردىن رىنان ۋە گىرمان پەيلاسوپ مونخ " غازالىغا بولغان قارىشىمىز ئۇنىڭ غەرپ پەلسەپىسى تارىخىدا ئۈستۈن ئورۇن تۇتقان شەك قىلىشىغا قۇرۇلغان ". فىرانسىيەلىك كارادىۋۇ " غازالى كانتتىن بۇرۇن ئەقىلنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىگ نەزىرىيەسىنى ئوتتۇرغا قويغان، كىتابى "تەﮬافۇت" بولسا ئەقىلنىڭ قىيمىتىنى ئۆلچەشتە يېزىلغان ئەڭ نادىر ئېىسل كىتاپ دەيدۇ " دەيدۇ.

كامالەت ئاللاﮬقىلا خاستۇر، ئىنسان ﮬامىنى ئىنسان، "ﮬەرقانداق ئاتنىڭ مۈدۈرلىشى بار، ﮬەر قانداق ئالىمنىڭ خاتالىقى " دىگەندەك ئىمام غازالىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، بۇرۇنقى ۋە ﮬازىرقىلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئىمام غازالىنى پەلسەپە ياكى سوپىزم سەۋەبىدىن يامان كۆرىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس، لېكىن بۇ ئىمام غازالىغا بىر شەرەپتۇ، ئەگەر بىر كىشنىڭ ماختىغۇچىلىرىلا بار بولۇپ، تەنقىدچىلىرى بولمىسا ئىدى ئۇنىڭ شانى شەرىپى تېخمۇ كۆتۈرۈلمەس، قەدرى تېخىمۇ بىلىنمەس ئىدى .

پايدىلانغان مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى