ئۇرەنە ۋەقەسى

ئورنى Wikipedia

«تارىخى مۇھەممىدى» كىتابىدىن پارچىلار

كىتاب: ئەلىخان تۆرە ساغۇنى

ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇپ نەشىرگە تەييارلىغۇچى: ئابدۇرېشىتھاجى كېرېمى

ئۇرەنە ۋەقەسى

يەنە شۇيىلنىڭ مۇھەررەم ئىيىدا ساھابىلەردىن ئابدۇللا ئىبنى ئەنىس دېگەن كىشىنى ئەرەبەت تېغىنىڭ يىنىدىكى، ئۇرەنەدېگەن يەرگە ئەۋەتتى. ئۇ يەردە ئۇزايىل قەبىلىسىنىڭ رەئىسى سۇفيان ئىبنى خالىد رەسۇلۇللاھقا قارشى ئەسكەر توپلاپ، مەدىنىگە ھۇجۇم قىلماقچى ئىدى. بۇ خەۋەر رەسۇلۇللاھقا ئاڭلانغاندىن كېيىن ئابدۇللاغا دېدىدكى: ــ «بۇ خىزمەتگە يالغۇز ئۆزىڭ بارىسەن، پەيت تېپىپ پىتنە تارقاتقان كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، قايتىسەن» دېدى. ئاندىن ئابدۇللا:

ئەي رەسۇلۇللاھ، بۇ ئىشنى بېجىرىش ئۈستىدە، ئەگەر ھاجەت تۇغۇلۇپ قالسا، يالغان سۆز قېلىشىمغا رۇخسەت قىلىڭ! -دېدى. ئەگەر زۆرۈر تىپىلسا يالغان سۆزلەشكە رۇخسەت بەردى. ھىجرەتنىڭ تۆتىنچى يىلى مۇھەررەم ئىيىنىڭ بەشىنچى كۈنى مەدىنىدىن يولغا چىقىپ، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە دۈشمەن بار يەرگە بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى. «قايسى قەبىلىدىن سەن؟» ـ دەپ سورىدى. ئۇ: ــــــ «خۇزارز قەبىلىسىدىن بولىمەن، مۇھەممەد بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن سىنى ئەسكەر توپلاۋىتىپتۇ، دەپ ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا قارشى مېنىڭمۇ دۈشمەنلىگىم بولغانلىقى ئۈچۈن پىدايى بولۇپ كەلدىم»، ـ دېدى. بۇ سۆزنى ئاڭلىشى بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ، دېدىكى: ـ «ئاڭلىغىنىڭ راست، مۇھەممەد بىلەن ئۇرۇش قېلىش ئۈچۈن ئەسكەرلىرىمىز يىغىلىپ بولدى، بۇ يېقىن ئارىدا مەدىنە تەرەپكە يۈرۈش قىلماقچىمىز. خۇش كەپسەن» ـ دەپ ئابدۇللانى ئۆز چىدىرىغا باشلاپ كىردى. كەچ بولۇپ باشقىلىرى تارقېلىپ كەتتى. ئابدۇللانىڭ قىلغان سۆزىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئەل ئۇيقۇغا كەتگۈچىلىك ئۇخلىماسدىن، سۆزلىشىپ ئولتۇرۇشتى. رەسۇلۇللاھتىن سۆز ئىچىپ:

مۇھەممەد شۇ كەمگىچە مەن كەبى ئۇرۇش يولىنى بىلگەن بىر كىشىگە يولوقمىغان بولۇشى كېرەك، ئۇرۇشنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئەمدى ئۇنىڭغا كۈرسىتىمەن، ـ دېدى. شۇچاغدا ئۇنى ئۇيقۇ بېسىپ، ئەجەل كۈرپىسىگە بېشىنى قويۇپ ياتتى. قاتتىق ئۇيقۇغا كىرگەن چاغدا، ئابدۇللا ئاستا تۇرۇپ، جىنى چىقىدىغان، ئۈنى چىقمايدىغان يېرىگە، خەنجەرنى سالدى. شۇ زامان كېچىنىڭ قاراڭغۇسىدا مەدىنىگە قاراپ كەتتى. كۈندۈزى يوشۇرۇنوپ، كېچىسى يول بېسىپ، ئارىقىدىن قوغلاپ كەلگەن قۇرۇقچىلارغا يولوقماي، توققوز كۈن ئىچىدە مەدىنىگە ساق سالامەت قايتىپ كەلدى. شۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ مەسجىدتە ئولتورغان ئىدى. ئابدۇللاغا كۆزى چۈشكەن ھامان ئەرەب تىلىدا ـ « ئەفلەھەل ۋوجۇ» يەنى: «يۈزى يورىدىمۇ؟» ـ دېدى. ئابدۇللا: «ئەفلەھە ۋەججۇكە» يەنى: «رەسۇلۇللاھ يۈزىڭىز يورۇدى، تىلىگىمگە يەتتىم» ـ دېدى. بولغان ۋەقەنى سۆزلىگەندىن كېيىن «بارىكاللا» ـ دەپ ئابدۇللاغا بىر ھاسا بەردى. پەيغەمبىرىمىز: ـــ «سەن جەننەتدە بۇ ھاسىنى تۇتۇپ يۈرگەيسەن، ئۇ يەردە ھاسا تۇتقانلار ئازبولىدۇ» ـــ دېدى.

ئېيتىشلەردىن قارىغاندا ئابدۇللا بۇ ھاسىنى پۈتۈن ئۈمىر بويىچە ساقلىغان. ۋاپات بولغاندا ھاسىنى كىپەنلېكىنىڭ ئىچىگە بىللە قويۇپ كۈمۈلگەن، (رەزىيەللەھو ئەنھوم).

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى