ئۇيغۇرلۇق ۋە تەپرىقىچىلىك

ئورنى Wikipedia

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

ئۇيغۇرلۇق – كۆك تۈرك قەدىمكى ئۇيغۇر – تۈرك تىلىدا «ئون ئۇيغۇر»، «توققۇز ئۇيغۇر» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن قەبىلىلەر ئىتتىپاقنىڭ نامى بولۇپ، بۇ ئاتالغۇ «ئىتتىپاقلىشىش»، «ئۇيۇشۇش» ۋە «مەدەنىيەت ئىلغارلىقى» دېگەندەك بىر سىياسىي ۋە ئىرقىي ئاتالغۇدۇر. ئۇ بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن ئۇزۇن تارىخىي مۇساپىسىدە ياراتقان بارلىق مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئىرقىي ۋە مىللىي كىملىكى دەپ بىلىدىغان، بۇ مىللەتنىڭ ھازىرقى ۋە كېلىچەك مەۋجۇتلىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆڭۈل بولىدىغا بارلىق مىللەتپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىغا ئىگە مۇشۇ قەۋىمگە تەۋە كىشىلەر توپلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

تەپرىقىچىلىك كەلىمىسى – بىز ئۇيغۇرلار 10-ئەسىردە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئەرەب تىلىدىن تىلىمىزغا كىرىپ كەلگەن سۆز بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ تىلىمىزدىكى لۇغەت مەنىسى بولسا «بۆلۈنۈش»، «پارچىلىنىش»، «ئىتتىپاقسىزلىق» ، «ئاداۋەت»، «مەزھەپچىلىك» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۇرىدۇ.

دېمەك بۈگۈنكى كۈنىمىزدە ئۇيغۇر دېگەن بۇ مىللەت تارىختا سىياسى سەھنىسىگە چىققاندىن بۇيانقى كەلگۈسى ئۈچۈن داۋاملىق بىر مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرشى بىلەن مەجبۇرى خىتاي ئاسسىمىلاتسىيەسىدە يوقاپ كېتىشتەك ئەڭ خەتەرلىك بىر باسقۇچتا يەنى مۇشۇ «ئۇيغۇرلۇق» بىلەن «تەپرىقىچىلىك» تىن ئىبارەت ئىككى ئۇقۇم شەكىللەندۇرگەن كۈچ ئوتتۇرسىدا ھالسىرماقتا. ئەپسۇس، ئۆزىمىز بىلپ -بىلمەي دېگەندەك، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر مىللەت سۈپىتىدىكى مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە بۇ مەۋجۇتلۇق كۈرىشى ھەققىدە سۆز قىلغىنىمىزدا، ۋەتەن ئىچىدىن كۆرە ۋەتەن سىرتىدا ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ بىلگەن، ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان ۋە شۇ مەدەنىيەتنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىرقىي ۋە مەنىۋىي كىملىكىنى نامايان قىلىدىغان، مىللىتىمىز بېشىغا كەلگەن بۈگۈنكى كۈلپەتلەرگە قارشى كۈرەشكە قاتنىشىۋاتقان بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز ئارسىدا ئۇيغۇرلۇقتىن ئىبارەت مىللىي مەپكۇرىنى مەركەز قىلىشتىن كۆرە جەمىيئەت، تەبىقە، دىن ۋە ئىلىملەر بويىچە تەپرىقىچىلىك ئەۋجىگە كۆتۈرۈلمەكتە.

بۇ خۇددى 8-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ ھالاك بولىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان ۋابا كېسىلىدەك مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇر توپلاملىرىنىڭ ھۈجەيرىسىدە يامرىماقتا. بۇ كېسەللىك قارىماققا كۆزىمىزگە روشەن كۆرۈنمىسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئەجەللىك ۋىرۇسلىرى نۇرغۇنلىغان ساپ ئەقىللىق كىشىلىرىمىزنى چىرىتماقتا، ئىناق-ئىتتىپاقلىمىز، مىللىي بىرلىك سېپىمىزگە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز زىيانلارنى سېلىپ كەلمەكتە.

بىر تىل ۋە مەدەنىيەتكە، ئۆخشاش بىر دىنىي ئېتىقادقا ئىگە مىللەت ئۈچۈن ئۆز-ئارا ئىتتىپاق بولۇش- كەلگۈسى مەۋجۇتلۇقنىڭ تۇپ ئاساسى دېمەكتۇر. بۇ ئىتتىپاقلىق، ئۇيۇشۇش ۋە ئىناقلىق خۇددى كىچىك بىر ئائىلىدىن پۈتۇن بىر مىللەتكىچە، ھەتتا دۆلەتكىچە باغلىنىدۇ ھەم تەسىر كۆرسىتىدۇ. دېمەك بىز ئۇيغۇر مىللىتى تارىختا ئۆز قەبىلىمىزنىڭ نامىنى «ئىتتىپاقلىق»، «ئۇيۇشۇش» بىلەن ئاتاپ، بۇ دۇنياغا بىر مىللەت سۈپىتىدە ئاپىرىدە بولغان بولساق، ھازىر ۋە كەلگۈسىدىكى مەۋجۇتلىقىمىزمۇ يەنە مۇشۇ، بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز مىللەت قىلىغان «ئىتتىپاقلىق» كەلىمىسىگە قانچىلىك ئەمەل قىلىشىمىزغا باغلىقدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۆزىنىڭ ئۆتكەن ئۇزاق تارىخىدىكى ھايات ساۋاقلىرىغا ئاساسەن دانا خەلقىمىز «بۆلۈنگەننى بۆرە يەر» دەپ بىكارغا ئېيتمىغان ئىدى.

تەپرىقىچىلىك – يەنى مەزھەپچىلىك ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خېلە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، تارخىي ئارقا كۆرۈنۇشكە ئىگە كېسەللىك بولۇپ، «ئىللەت تۈزەلمىسە مىللەت تۈزەلمەس» دېگەندەك، ئەمدى بىز ئۆزىمىزدىكى بۇ مەۋجۇت ئىللەتنى تونۇش ۋە ئۇنىڭ داۋا يوللىرىنى تېپىش ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ زۆرۇر بولۇپ تۇرماقتا.

ئۆتكەنكى بىر قانچە ئون يىلدىن بۇيان زامانىمىزدىكى تەپرىقىچىلىك ئاساسەن «زىيالىيلار»، «موللاملار» دەپلا ئاتىلىپ كەلگەن بولسا، جەمىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، بولۇپمۇ يقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ قولايلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ تەپرىقىچىلىكنىڭ دائىرىسى چوڭ دائىرىدىن ھالقىپ ئۆتۇپ، تۈرلۇك ساھە ۋە كەسىپلەرگىچە كېڭەيمەكتە، مەسىلەن، زىيالىيلار ساھەسى – ئىجتىمائىي پەن زىيالىيلىرى، تەبئىي پەن زىيالىيلىرى، سوۋېت پەرەس زىيالىلار، دىمۇكىراتچى زىيالىيلار، پان تۈركىست زىيالىلار، غەرب پەرەس زىيالىيلار دېگەندەك كىچىك تۈرلەرگە ئايرىلسا، دىنىي ساھەلەر –  قۇرئانچىلار، ھەدىسچىلەر، دىنچىلار، تالىبانلار، ۋاھابىلار،  سالافىيلار، ئىسلامچىلار دېگەندەك ناملار بىلەن ئايرىلىپ ياكى ئۆز- ئارا مۇشۇنداق ئاتاش، ئايرىش ئارقىلىق، تەپرىقىچىلىك، پىتنە-پاساتچىلىقنىڭ يوللىرى كېڭەيتمەكتە، ئەكسىچە خەلقىمىز بولسا تېخىمۇ كۆپ ئۈمىدسىزلىكلەرگە بەند قىلىنماقتا.

ۋەتەن ۋە مىللەت مۇنقەرزلىك ئىچىدە بىز مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلاردىن تەخىرسىزلىك بىلەن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتقان بۇ كۈنلەردە، مەيلى مىللەتنىڭ زىيالىلار ساھەسى بولسۇن ياكى دىنىي ساھەلىر بولسۇن، ئۇيغۇرنىڭ بىرلىك، ئىتتىپاقلىقىنى ھىمايە قىلىپ، ئۇيغۇرنىڭ ھوقۇق، مەۋجۇتلۇق ۋە مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بىر ئومۇمىي مەقسەت نىشان قىلىنىشى، بىزدە ھەر ۋاقىت يىراقنى كۆرەلەيدىغا ئۆتكۈر كۆزلەر بولىشى، خەلقىمىزنى تەپرىقىچىلىكتىن (بۆلۈنۈشتىن) ساقلىشى، نۆۋەتتە ھەممىدىن مۇھىم ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئەمەلىيەت بولۇپ تۇرماقتا. مانا مۇشۇ بۈيۈك مەقسەت ۋە ئىرادىمىزنىڭ بالدۇراراق ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىيىتىنى جۈملىدىن مۇھاجىرەتتىكى ساناقلىق ئۇيغۇر توپلۇقلىرىنى سىنپىي ۋە دىنىي قاتلام، تۈركۇملەر بويىچە ئايرىشتىن قەتىئي ساقلىنىشى لازىم.

بىز ئەسلىدىنلا ئاجىز كۈچىمىزنى قورايتىپ، ئۆزىمىزنى سىنىپ ۋە تەبىقىلەرگە ئايرىشنىڭ ئورنىغا ئەگەر كەسىپلەر بويىچە ئايرىم-ئايرىم ئاتاشلار توغرا كەلسە «ئۇيغۇرنىڭ مىللىتىنىڭ ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلىرى، دىنىي ساھەلىرى، مىللەت ئىلغارلىرى، خەلق، ئامما، دېھقان، كارخانىچى» دېگەندەك ھەممە كەسىپ ئەھلىنى ئۆز ئىچىگە ئومۇمىي ناملار بىلەن ئېنىقلىما بىرىپ، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە دىنىي تەپرىقىچىلىكتىن ئاتلاپ ئۆتۇپ كەتسەك بولىدۇ. ئەگەر بىز ئۇنداق قىلالمىساق يەنى ھەممىنى قارا -قويۇق «دىنىي ۋە زىيالىي» دەپلا ئىككى قۇتۇپلۇق كاتېگورىيە بويىچە  «ئاق ۋە قارا» دەپلا ئايرىۋەرسەك، ئۇ چاغدا بىز ئۆزىمىزمۇ بىلىپ يەتمىگەن مەلۇم ۋاستىلىق بىر ھالەتتە ھازىر ۋە كېيىنكى كۈنلەر ئۈچۈن نۇرغۇن ئايىغى چىقمايدىغان جېدەللەرنىڭ داۋاملىشىشىغا سەۋەپچى بولۇپ قالىمىز.

قىسقىسى، زامانىمىزدىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە، ئۆز جەمىيىتىنىڭ قاتلىمىنى دىن ۋە ئىلىمنى ئاساس قىلىپ «دىني ۋە زىيالى» دەپ ئايرىغىنىنى مەن ئاڭلاپ باقمىدىم، ھەم بۇخىل ئايرىش ئەمەلىيەتتە بىر نورمال جەمىيەتتە كۆرۈلىدىغان ئىش ئەمەس. غەربتىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە، جۈملىدىن مەن ياشاۋاتقان ئەنگلىيە جەمئىيىتىدىمۇ كىشىلەرنى تەبىقىلەر بويىچە ئايرىش بار ئەمما ئۇلار بۇ ئايرىشنىڭ ئۆلچەملىرىنى نوقۇل ھالدا دىنى ۋە پەن بىلەنلا ئەمەس بەلكى ھەر بىر شەخىسنىڭ شۇ جەمىيەتتىكى ئورنى، ئائىلە كېلىپ چىقىشى، بىلىمى، كەسپى ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالغا ئاساسەن بولىدۇ . مەسىلەن، «يۇقىرى تەبىقە، ئوتتۇرا تەبىقە، ئىشچىلار تەبىقىسى» دېگەندەك. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ياۋروپا ئەللىرى 14-ئەسىردىن باشلاپلا خىرستىيان دىننىڭ مونوپوللۇقىدىن قۇتۇلۇشقا باشلىغان، شۇڭا بۇ ئەللەردە «دىن» نىڭ ئوينايدىغان رولى جەمىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئىمتىيازلىرىدىن مۇستەسنادۇر. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ ئەللەرنىڭ پەن – مەدەنىيىتى، دۆلەت باشقۇرۇش مىخانىزىملىرى توسالغۇسىز تەرەققىي قىلىش ئىمكانلىرىغا ئېرىشەلىگەن. دېمەكچى بولغىنىم، بىر مىللىي دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك بارلىق ئىمتىياز ۋە ھوقۇقلاردىن مەھرۇم بولغان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز «دىنچى – زىيالى» دەپ ئايرىۋېلىشلارنىڭ پايدىسىدىن كۆرە زىيىنى ئۆزىمىزگە ئەڭ كۆپ بولىدۇ.

بىز ھەر ۋاقىت تەپرىقچىلىك سەۋەبىدىن يېقىنقى زامان تارىخىمىزنىڭ نومۇسلۇق بەتلىرى ھېسابلىنىدىغان، ئەڭ ئاخىرقى ئۇيغۇر دۆلىتىنى مۇنقەرىز قىلغان «ئاق ۋە قارا تاغلىق» مەزھەپچى سۇپى – ئىشانلارنىڭ خەلقىمىزگە كەلتۈرگەن بالايى – ئاپەتلىرىدىن ساۋاق ئېلىشنى ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىم. بۈگۈنكى كۈنىمىزدە ھەممە ئادەمنى دىن ۋە مەزھەپلەر بويىچە، ھەتتا ئەگىشىدىغان تەشكىلات، شەخىسلەر بويىچە، يۇرتلار بويىچە ئايرىيدىغان، بىر – بىرلىرىگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىدىغان، ئۆز -ئارا ئىشەنچ، مىللىي ئۆزلۈك ھېسىياتى، بىرلىك ۋە تەۋەلىك تۇيغۇسىنى يوقىتىشقا ئېلىپ بارىدىغان ئىشلاردىن، گەپ سۆزلەردىن يىراق تۇرىشىمىز ھەممىمىزنىڭ ئەقەللىي بۇرچىدۇر. ئەگەر بىز «ئۇيغۇرلۇق» نى ھەممە ئۇيغۇر ئەگىشىدىغان ئورتاق بىر تۇغ قىلماي، قانداقتۇر دىن ياكى مەزھەپلەرنى قوغلۇشۇپ ماڭساق، ۋەياكى سىياسەت بەلگىلىشىمىزدە بىرەر دۆلەت مەنپەئىتگە باغلىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالساق، بۇ خىل تار يول بىزنى ئاستا -ئاستا «ئۆز خاھىشىمىز» دىن مۇستەسنا ھالدىكى مۇھاجىرەتتىكى مىللىي ۋە سىياسىي كۈرىشىمىزنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويىدۇ، ھەم بىزنى ئۆزىمىزدە بار بولغان كۈچ مەۋجۇتلۇقىدىن ئايرىپ قويىدۇ.

نەچچە ئەسىر دۆلەت سىياسىتى يۈرگۈزۈپ باقمىغان بىز ئۇيغۇرلار ھەر ۋاقىت سەگەك بولىشىمىز، دۇنيا سىياسىتىنى پۇختا ئۆگىنىشىمىز ۋە شۇ سىياسەتلەرنى ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىشنى بىلىشىمىز كېرەككى، بۈگۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ئادالىتى – مۇشتۇمزورلارنىڭ، ساختىكارلارنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز لازىم. شۇڭا بىز ھەممىمىزنىڭ بىر نىيەت ۋە بىر مەقسەتتە، بىر مىللەت بولۇشتەك مىللىي پۈتۈنلىكىنى يوقىتىشقا، ئىچ- ئىچىمىزدىن پارچىلىنىپ كېتىشكە ئېلىپ بارىدىغان بارلىق يوچۇقلارنى ھازىردىن باشلاپ ئېتىپ مېڭىشىمىز شەرتتۇر. بىز تارىختىن تارتىپ دىنىي مەزھەپ ۋە مۇسۇلمانلىق مۇقاملىرىنى ۋايىغا يەتكۇچە توۋلاپ، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى سۇپى – ئىشان، غوجىلارنىڭ، دىنىي مەزھەپچىلەرنىڭ، تەپرىقچىلەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ، ئۆزىمىزنىڭ بېشىنى ئۆزىمىز كېسىپ يۇرۇپ، بۈگۈن قانچىلىك خورلۇققا مۇپتىلا بولۇپ ياشاشقا مەھكۈم بولغان تارىخىمىزنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.

ھېلىمۇ بۈگۈنكى كۈچسىز، ئىتتىپاقسىز ئەھۋالىمىز، تاشقى دۇشمەننىڭ زۇلمى ئىسكەنجىسى يەتمىگەندەك، مۇشۇنداق ئۇيغۇرنىڭ مىللىي مەنپەئەتىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان ھەرقانداق ئىدىيە، ئېقىم ۋە پىكىرلەرگە، ھەرىكەت ۋە قىلمىشلارغا ئۆز ۋاقتىدا تەنقىدىي پىكىر بىرىپ، ئۇيغۇرغا پايدىسىز ناتوغرا ئىش -ھەركەتلەرنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز، ئەمما ئىلمىيلىك بىلەن توغرا پىكىر قىلغان ئۆزىمىزدىن پەرىقلىق كۆز قاراشلارغا ئىگە قېرىنداشلارغا يول قويۇشىنى بىلىشىمىز، بۇ ئارقىلىق مىللىي بىرلىك سېپىمىزنى مۇستەھكەملىشىمىز لازىم.

ئەمما خاتا بولسىمۇ ھە دىسىلا ئۆزىنىڭكىنى توغرىغا يورغۇلۇتۇپ بازارغا سېلىش، شۆھرەتپەرەسلىك بىلەن سىڭىپ كەتكەن جاھىللىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش، دۇنيا سىياسىتىنى ۋە ئۆزلۈكنى چۈشەنمەسلىك، ئۆز -ئارا يول قويماسلىق، قايسى دۆلەتتە ياشىسا شۇ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ كەتمەن چېپىش، يەنە بىر ئادەمنىڭ دۇنيانى بىلىشىگە تەۋە بولغان چۈشەنچىسىدىن تاكى ياشاشتىكى شەخسىيەتىگە ياتىدىغان ياشاش تاللاشلىرىنى ئىختىلاپ سەھنىگە ئېلىپ چىقىش، پىكىرگە ئەمەس پىكىر قىلغۇچىنىڭ شەخسىيەتكە ھۇجۇم قىلىش سەۋەبىدىن ئوتتۇرغا چىقىۋاتقان، ئايىغى ئۈزۈملەس قېرىنداشلىققا يات دۈشمەنلىك خاھىشلىرى، يامانغا يانتاياق بولۇش، سەھنىنىڭ ئارقىسىدىن يوشۇرۇن ئوينىلىۋاتقان تۇرلۇك كومېدىيەلەر، يىغىپ ئېيتساق، بۇلارنىڭ ھەممىسى روشەنكى بىز ھەممىمىزنى ئەڭ ئاۋۋال مۇسۇلمان بولۇشتىن كۆرە بىر ياخشى نىيەتلىك ئادەم بولۇشقا ياكى ئالىم بولۇشتىن كۆرە ئادەم بولۇشقا، ئاندىن بىر ئۇيغۇر بولۇشقا ئۈندەيدۇ!

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە ۋەتەندىكى خەلقىمىزگە يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرى سەۋەبىدىن ھەممىمىزنىڭ روھى سۇنۇق، ھەممىمىز زور روھىي بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتىمىز، شۇنىڭ ئۇچۈنمۇ بىز ھازىر ئۆزىمىزگە يۇقتۇرۇۋالغان بارىلىق تەپرىقىچىلىكنى، ئەرىزىمەس جېدەل-ماجىرالارنى، قېرىنداشلار ئارا ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىكنى ئارقىمىزغا تاشلاشقا، «ئۇيغۇرلۇق» تىن ئىبارەت ئۆزىمىزنىڭ ئىرقىي ۋە مىللىي كىملىكىگە مەھكەم بباغلىنىشقا، «ئۇيغۇرىزىم» بايرىقى ئاستىدا ئۇيۇلتاشتەك ئۇيىشىشىمىزغا، ئۆز-ئارا كۆيۈنۈش، قېرىنداشلىق، ۋەتەنداشلىق مېھرى-مۇھەببىتلىرىنى بېرىشىمىزگە ھەممىدىن كۆپ مۇھتاجمىز باردۇر!

دۇنيادا مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەر ئارسىدا مەۋجۇت پەرقلەرنىڭ كۈنسايىن كىچىكلىشىشىگە ياكى يوقلىشىغا قاراپ يۈزلەنگەن، كىشىلەر ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن ھەرقانداق بىر مەسىلىگە «تەڭگىنىڭ ئىككى يۈزى» بويىچە مۇئامىلە قىلىدىغان بۇ دەۋرىدە، بىز باشقىلارنى قاندا كۆزدە كۆرگەن بولساق، باشقىلارنىڭ بىزنى قاندا كۆزدە كۆرىدىغانلىقىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلىشىمىز لازىم.  قىسقىسى بىزنىڭ ئاۋۋال بىر ئىنسان بولۇش سالاھىيىتىمىز بىلەن، ئاندىن ئۇيغۇر بولۇش سالاھىيىتىمىز بىلەن ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىز ھەققىدە سالماقلىق بىلەن ئويلىشىشىمىز، ئۆزىمىزنى دۇنياۋى سەۋىيىدە تۇرۇپ ياكى باشقىلار ئورنىغا قويۇپ پىكىر يۇرگۇزىشىمىز تەبىئيكى ئۆز ۋە ئۆزلۈكىمىزنى چۈشىنشىكە، ئۆزىمىزنىڭ ئورنىنى توغرا بىلىشكە ياردىمى بولىدۇ.

ئەگەر بۇنىمۇ قىلالمىساق ھەر كۈنى كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرەيلى، ئىلىم- مەرىپەت ئۆگۈنەيلى، ئادەملەر ئارسىدىكى ھەر قانداق بىر خاتا چۈشىنىش بىلمەسلىكتىن بولىدۇ. بىز مىللىتىمىزنىڭ تارىخىنى ۋە بۈگۈنكى كۈنگىچە ياراتقان پەن ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنەيلى، ئۇنىڭغا توغرا ۋە ئلمىىي ۋارىسلىق قىلىشنى ئۆگىنەيلى!  شۇ ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ياخشى ئۆگىنەيلى. بۇمۇ ئۆزىمىزدە يامراۋاتقان تەپرىقىچىلىك كېسىلىنى داۋالىشىمىز ئۈچۈن بىر شىپالىق دورا بولىدۇ. كىتاب ئوقۇش ئادەملەرنىڭ ئەڭ ئېسىل خىسلىتى بولۇپ، ئۇ سىزگە بۇ دۇنيادىكى چۈشىنەلمەي قالغان نۇرغۇن ئىشلار ھەققىدە بىلىم بېرىدۇ، ئۇيغۇرلۇق روھىڭىزنى ئويغۇتۇپ، سىزنى ھاياتنى سۆيۈشكە، مىللىتىڭىزنى سۆيۇشكە، سىز دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ئۈچۈن توغرا جاۋابلارنى تېپىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.

2018- يىلى 22-مارت، لوندون

مەنبە: «ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن» تورى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى