ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىلىرى -مۇھەممەد ئەردەم

ئورنى Wikipedia

ئىملا مەلۇم بىر تىلنىڭ يېزىلىش ئۇسۇلىغا قارىتىلغان. ئىملانى بىرلىككە كەلتۈرۈش دېگەن سۆز مەلۇم بىر يېزىق تىلىنىڭ يېزىلىش قائىدىلىرىنى تەرتىپكە سېلىش، قېلىپلاشتۇرۇش، شۇ ئارقىلىق شەخسىي ئىملا ئادەتلىرى ئورنىغا ئىلمىي، سىستېمىلىق، ھەممىگە ئومۇمىي بولغان قائىدىلەرنى تۇرغۇزۇش دېگەن سۆز.

مەلۇمكى، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ تىل – يېزىق مەدەنىيىتىنىڭ دەرىجىسى شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت دەرىجىسىنىڭ مۇھىم بىر ئۆلچىمى. شۇڭا، مەلۇم بىر مىللەتنىڭ يېزىق ئەدەبىي تىلى ئۈچۈن ھەممىگە ئومۇمىي بولغان ۋە ھەممىنىڭ رىئايە قىلىشى مەجبۇرىي بولغان يېزىش قائىدىلىرىنى تۈزۈپ چىقىش ھەم شۇ ئارقىلىق شۇ ئورتاق تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتنىڭ ئوز ئوي – پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرىنى تولۇق، ئۇقۇشلۇق بايان قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىش شۇ مىللەتنىڭ تىل – يېزىق مەدەنىيىتىنى توستۇرۇش ساھەسىدىكى زۆرۈر خىزمەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

تىلنىڭ تەرەققىياتى ئۇنىڭ تەركىبىي قىسىملىرىدا تەدرىجىي ھالدا بەزى ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ. دەۋرنىڭ ئۆتىشى بىلەن مۇنداق ئۆزگىرىشلەرنى يېزىقتا ئىپادىلەش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ – دە، تىلنىڭ مەلۇم بىر دەۋر ئۈچۈن تۈزۈلگەن ياكى ئىستىخىيىلىك ھالدا مۇقىملىشىپ قالغان قېلىپلاشتۇرۇش قائىدىلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئورنىغا يېڭى قائىدىلىرىنى تىكلەش لازىم بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ئىملانى بىرلىككە كەلتۈرۈش دېگىنىمىز يېزىق ئەدەبىي تىل دائىرىسىدە بىر دەۋرلىك قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتىپ، شۇ دەۋر تىلىنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ئۇنىڭدىن توغرا پايدىلىنىش، يېزىق ئەدەبىي تىلىنى توغرا تەرەققىيات يولىغا سېلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن تەدبىر ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، ئىملا قائىدىلىرى بىر يېزىق ئەدەبىي تىل ئۈچۈن ئېيتقاندا مەڭگۈلۈك ۋە مۇتلەق ئەمەس، ئۇ دەۋر ئېتىبارى بار ۋە نىسبىي نەرسە.

بىر تىل ئۈچۈن تۈزۈلگەن ياكى ئىستىخىيىلىك ھالدا ئاممىنىڭ ئەتراپ قىلىشىغا ئىگە بولغان مۇنداق قائىدىلەر گەرچە بىر تىلنىڭ يېزىلىش ئۇسۇللىرىنى پەقەت نىسپىي تۇراقلىققا ئىگە قىلىش رولىنىلا ئوينىسىمۇ، لېكىن يېزىق تىلىنىڭ جانلىق تىلغا نىسبەتەن يېتەكچى رول ئوينايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا دائىم ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى نۇقتىئىنەزىرىدىن قارىغاندا، تىلدا مۇنداق نىسپىي تۇراقلىق بولمىسىمۇ بولمايدۇ. بىر تىل ئۈچۈن ھەممە ئېتىراپ قىلغان ۋە رىئايە قىلىدىغان يېزىش قائىدىلىرى تۇرغۇزالمىسا، يەرلىك شېۋىلەر ۋە شەخسلەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرى تۈپەيلىدىن يېزىق تىلىنىڭ رولىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈملۈك بولمايدۇ.

شەخسلەرنىڭ جانلىق تىل ۋە يېزىش ئادەتلىرى بىلەن قېلىپلاشتۇرۇش قائىدىلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەرقاچان زىددىيەت بولۇپ تۇرىدۇ، لېكىن ھەممە ئۈچۈن ئومۇمىي بولغان يېزىش قائىدىلىرى ئورتاق مىللىي ئەدەبىي تىلنىڭ ئىلمىي ۋە سىستېمىلىق بولغان قائىدىلىرىگە بويسۇنۇشنى، شەخسىي شېۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆزدە تۇتماي، ئورتاق مىللىي تىلنى كۆزدە تۇتۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي يېزىق تىلىنىڭ ئىملا قائىدىلىرى ۋە ئىملا لۇغىتى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي جانلىق تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىلىرى بىلەن تەلەپپۇز لۇغىتى تىلىمىزدا مانا مۇشۇنداق بىر دەۋرلىك تۇراقلىقلىقىنى تەمىن ئېتىش ۋە شۇ ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى مەزمۇن قىلىنغان ئۇيغۇر تىل – يېزىق مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈش مەقسىتىدە بىرلەشتۈرۈپ بىر كىتاب قىلىپ تۈزۈلدى.

3. “ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى”نىڭ تۈزۈلۈش پرىنسىپلىرى

ھەر قانداق بىر يېزىق تىلىنىڭ ئىملا قائىدىلىرى مەلۇم بىر پرىنسىپقا ئاساسلانغان بولىدۇ. بۇ پرىنسىپلارنىڭ مورفولوگىيىلىك پرىنسىپ، تارىخىي (ئەنئەنىۋى) پرىنسىپ، فونېتىكىلىق پرىنسىپ ۋە ئايرىش (پەرقلەندۈرۈش) پرىنسىپلىرىدىن ئىبارەت.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىق ئەدەبىي تىلىنىڭ 50 – يىللاردىن ئېتىبارەن تۈزۈلگەن بىرقانچە قېتىملىق ئىملا قائىدىلىرىدە قايسى پرىنسىپنىڭ ئاساسىي پرىنسىپ بولىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان، كۆپىنچە ئىستىخىيىلىك ھالدا فونېتىكىلىق پرىنسىپ ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇلۇپ كەلگەندى. 1985 – يىلى تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىسى بىلەن ئىملا لۇغىتىدە گەرچە مورفولوگىيىلىك پرىنسىپىنىڭ ئاساس، فونېتىكىلىق پرىنسىپىنىڭ قوشۇمچە قىلىنغانلىقى ئېيتىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ پرىنسىپلارنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيلىشىش ئورۇنلىرى دېگەندەك شەرھىلىنىپ كەتمىگەن. شۇنىڭدەك، 1987 – يىلى تۈزۈلگەن “تەلەپپۇز قائىدىسى بىلەن تەلەپپۇز لۇغىتى” دە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي جانلىق تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىلىرىنىڭ تۈزۈلۈشىدە يېزىق تىل بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ھەم بۇ ھەقتىكى پرىنسىپلار دېگەندەك يورۇتۇلۇپ كەتمىگەن. شۇڭا بۇ نۆۋەت ئىملا ۋە تەلەپپۇز پرىنسىپلىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.

ئىملا ھەققىدىكى پرىنسىپلار

1) مورفولوگىيىلىك پرىنسىپ

بۇ پرىنسىپ تىلنىڭ ھازىرقى (سىنھىرونىك) ھالىتىدىكى يىلتىز ياكى ئۆزەكلەرنىڭ (مەيلى يەككە تەلەپپۇز ھالىتىدە بولسۇن ياكى مورفولوگىيىلىك تۈرلىنىشلىرىگە كىرگەندە بولسۇن) تۈپ قۇرۇلمىسى يېزىقتا ساقلاش، يۈز بەرگەن فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنى ئىپادە قىلماسلىق پرىنسىپىدۇر.

گەرچە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى خېلى دەرىجىدە قېلىپلىشىش ۋە ئومۇملىشىش دەۋرىنى كەچۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا دىئالېكتلار، شېۋىلەرنىڭ تەسىرلىرى تېخى تامامەن تۈگەپ كەتمىدى. 80 – يىللارغىچە ئىملادا ئاساس قىلىنىپ كېلىنگەن فونېتىكىلىق پرىنسىپ ئۇيغۇر يېزىق ئەدەبىي تىلى ئىملاسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە دىئالېكتلار ۋە شېۋىلەرنىڭ تەسىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ كېتەلمىدى، بەلكى ئومۇمىي جانلىق تىلنى ئەگىشىپ مېڭىش خاھىشىغا يول ئېچىپ قويدى. مەسىلەن، پەس سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن تۈزۈلۈپ “ر، ل” بىلەن ئاخىرلاشقان “ئال- ، بول-، تەر-، بەر-” قاتارلىق سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى “ر، ل” تاۋۇشلىرى يالغۇز تەلەپپۇز قىلغاندا، بەزى دىئالېكتلاردا چۈشۈرۈلسىمۇ، بەزى دىئالېكتلاردا چۈشۈرۈلمەيدۇ. شۇڭا بۇ سۆزلەرنى يەككە ھالىتىدە يېزىشتا ياكى بۇ سۆزلەرگە قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا يېزىشتا دائىم ئىككى خىللىق ساقلىنىپ كەلدى. فونېتىكىلىق پرىنسىپ پەقەت مۇنداق مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق ھەل قىلىش تەس. لېكىن، مورفولوگىيىلىك پرىنسىپ پەقەت مۇنداق سۆزلەرنىڭ ئەسلىنى ساقلاپ يېزىش دېگەن بىرلا قائىدە بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ. ئىگىلىك كېلىش قوشۇمچىسى “- نىڭ” مۇ جانلىق تىلدا “نۇڭ”، “نۈڭ” دېگەن تۇرلىرى بىلەن ئۇچ ۋارىيانتقا ئىگە. لېكىن، بۇ مورفولوگىيىلىك پرىنسىپ بويىچە بولغاندا “- نىڭ” دەپ بەلگىلىنىپ، قوشۇمچىلارنىڭ ئىخچاملىنىشىغا ئىمكانىيەت تۇغدۇرۇلىدۇ، شۇنىڭدەك، قوشۇمچىلارنىڭ سوزۇق ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى تۈپەيلىدىن بولىدىغان ۋارىيانتلىرى، ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئاجىزلىشىشى قاتارلىق بىرمۇنچە مۇرەككەپ فونېتىكىلىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش پەقەت مورفولوگىيىلىك پرىنسىپنى قوللىنىش ئارقىلىقلا مۇمكىن بولىدۇ. مۇشۇنداق مۇھىم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىق ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىلىرىنى تۈزۈشتە مورفولوگىيىلىك پرىنسىپ ئاساس قىلىندى.

سۆزلەر گرامماتىكىلىق تۈرلىنىشىگە كىرگەندە، سۆز يىلتىزى ۋە ئۆزەكلەر ئارىسىدا كۆرۈلىدىغان فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەردىن ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگىرىشلىرى يېزىقتا ساقلانمىدى. سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى چەكلەنگەن فونېتىكىلىق پرىنسىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىندى.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىق ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىلىرى بىلەن ئىملا لۇغىتىنى تۈزەشتە نوقۇل مورفولوگىيىلىك پرىنسىپىنى قوللىنىش بىلەنلا ھەممە ئىملا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ. جانلىق تىل بىلەن يېزىق تىل ئوتتۇرىسىدىكى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخىي ئەمەلىيىتى بىلەن ھازىرقى ھالىتى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش يۈزىسىدىن باشقا پرىنسىپلارغىمۇ مۇۋاپىق ھالدا ئېتىبار بېرىش ئىملا پرىنسىپلىرىمىزنىڭ يەنە بىر قوشۇمچە تەرىپى ھېسابلىنىدۇ.

2) تارىخىي (ئەنئەنىۋى) پرىنسىپ

بۇ، ئەمەلىيەتتە سۆزلەرنىڭ فونېتىكىلىق پرىنسىپ بويىچە تارىخىي جەھەتتىن قېلىپلىشىپ قالغان شەكلىنى يېزىقتا ئىپادىلەش پرىنسىپىدۇر.

تىلىمىزدا تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا بىرقەدەر مۇرەككەپ فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنى كەچۈرگەن بىر قىسىم تۈپ سۆز ۋە سىنتېتىك ئۇسۇل بىلەن ياسالغان ياسالما سۆزلەر بار؛ شۇنىڭدەك گەرچە ئىككى مۇستەقىل تەركىبتىن قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۆز-ئارا زىچ بىرىكىپ كەتكەنلىكتىن ئۇلارنى مورفولوگىيىلىك قىسىملارغا ئايرىشنىڭ ھازىرقى ئىملايىمىز ئۈچۈن زۆرۈرىيىتى بولمىغان ۋە تىلىمىزدا بىر تۈپ سۆز تەرىقىسىدە قارىلىدىغان سۆزلەر بار. تارىخىي پرىنسىپ مانا مۇشۇ رېئاللىقنى يېزىقتا ئىپادىلەش پرىنسىپىدۇر.

بۇ قېتىم ۋە ئالدىنقى قېتىم تارىخىي پرىنسىپ قوللىنىلغان نۇقتىلار تۆۋەندىكىلەرنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەسلىدە ئىككى مۇستەقىل سۆزدىن قوشۇلۇپ ھاسىل بولغان بولسىمۇ، ھازىر بوغۇملىرى قىسقىرىپ، بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن سۆزلەر:

سەككىز + ئون = سەكسەن بۇ + كۈن = بۈگۈن

بىلەك + ئۈزۈك = بىلەزۈك تۈنە + كۈن = تۈنۈگۈن

كۆك + ئوت = كوكات ئاغا + ئىنى = ئاغىنە

بىر مۇستەقىل سۆز ۋە بىر ياكى ئىككى – ئۇچ ياسىغۇچى قوشۇمچە ئارقىلىق ياسالغان بولسىمۇ، تارىخىي فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە بوغۇملىرى قىسقىرىپ قېلىپلىشىپ قالغان سۆزلەر:

ئور + مە + چۇك = ئۆمۈچۈك بىلە – + گۈ = بىلەي

يىغا + لا = يىغلا – (يىغلىماق) قۇرۇ – + غ + سا + ق = قورساق

تارىخىي فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن تاۋۇشلىرى ئۆزگەرگەن ياكى قىسقارغان ۋە ئۇزاق زامان شۇنداق قېلىپلىشىپ قالغان سۆزلەر:

تاۋىشغان = توشقان تاقاغۇ = توخۇ

يوغۇرقان = يوتقان

قائىدىگە خىلاپ بولسىمۇ، ئەنئەنە بويىچە قوشۇلۇۋاتقان بەزى قوشۇمچىلار، بەزى ئومۇمىي بولمىغان فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر:

كەل + تۇر = كەلتۈر – ئول + تۇر = ئولتۇر

(بۇلارغا قائىدە بويىچە “- دۇر” قوشۇمچىسى قوشۇلۇشى لازىم ئىدى)

چەت تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ جانلىق تىلىمىزغا ئۆزلىشىپ، ئەسلىدىن پەرقلىنىپ كەتكەنلىرى:

چەيدو (خەنزۇچىدا چەيداۋ) كالاش (رۇسچىدا گالوش)

لازا (خەنزۇچىدا لازى) پەتنۇس (رۇسچىدا پوندنوس)

مىجەز (فارسچىدا مىزاج) ھويلا (فارسچىدا ھاۋلى)

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىملاسى تارىخىي پرىنسىپ بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان مۇنداق سۆزلەرنىڭ سانى خېلى بار. شۇڭا، تىلىمىزدىكى تۈپ سۆزلەرنىڭ تۇرغۇن ھالەتتىكى ئىملاسى مورفولوگىيىلىك پرىنسىپ بىلەن تارىخىي پرىنسىپنى ئاساس قىلغان دېيىشكە بولىدۇ.

3) فونېتىكىلىق پرىنسىپ

بۇ پرىنسىپ تىلنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىكى يىلتىز ياكى ئۆزەكلەرنىڭ يەككە تەلەپپۇز ھالىتىدە ياكى ئۇلارنىڭ مورفولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرگە كىرگەندە كۆرۈلىدىغان، شۇنىڭدەك سۆزلەرنىڭ ئۆز-ئارا قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولىدىغان فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنى يېزىقتا ئىپادىلەش پرىنسىپىدۇر.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىملاسىدا بۇ پرىنسىپ كۆپىنچە پېئىللارغا ياردەمچى پېئىللارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ھاسىل بولغان بىر قىسىم ئانالىتىك شەكىللەرنىڭ سىنتېتىك شەكىللەرگە ئايلىنىشى ياكى يۈزلىنىشىدىن پەيدا بولىدىغان بىر قىسىم بىرىككەن سۆزلەردە، قوشۇمچىلار ئارقىلىق ياسالغان بىر قىسىم ياسالما سۆزلەردە سۆزنىڭ ئوچۇق بوغۇمىدا ئۇرغۇسىنى يوقاتقان “ئا، ئە” تاۋۇشلىرىنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن ئىبارەت فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنى ئىپادىلەشتە قوللىنىلدى.

سۆزنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بوغۇملىرىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنى ئاجىزلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە فونېتىكىلىق پرىنسىپ مۇتلەقلەشتۈرۈلمىدى.

سۆز تۈرلىگۈچى ۋە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ مۇتلەق كوپ قىسمى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى بولغان تاۋۇشلارنىڭ ئۆز-ئارا ماسلىشىش قانۇنىغا ئاساسەن چەكلىك فونېتىكىلىق پرىنسىپ بويىچە مۇقىملاشتۇرۇلدى.

4) ئايرىش (پەرقلەندۈرۈش) پرىنسىپى

بۇ پرىنسىپ كۆپىنچە بىر يىلتىز ياكى ئۆزەكتە مەلۇم فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئۇ سۆزنى ئىككىگە ئايرىش ۋە يېزىقتا ئىككى خىل قوللىنىشقا قارىتىلغان.

مۇنداق ئىككىگە ئايرىش بەزەن سېمانتىكىلىق مەنىنىڭ تەلەپ قىلىشى سەۋەبىدىن تىلنىڭ ئوز تەرەققىياتىدا يۈز بەرسە، بەزەن جانلىق تىل بىلەن يېزىق تىل ئوتتۇرىسىدىكى پەرقتىن ۋە كېيىنچە ھەر ئىككىسىنىڭ يېزىقتا ئوخشاش ئىپادە قىلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا بۇ پرىنسىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان سۆزلەرنىڭ سانى كوپ ئەمەس، ئەمما مۇنداق قىلىش ئۇيغۇر تىلى سۆز بايلىقىنىڭ ئېشىشىغا مەلۇم ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەن.

بۇ پرىنسىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان سۆزلەر ئەسلى ئۇيغۇر تىلى سۆزلىرىدىمۇ، سىرتتىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر (مەسىلەن، ئەرەب – پارس تىلى سۆزلىرى، رۇس تىلى ئارقىلىق كىرگەن سۆزلەر) دىمۇ ئوخشاش كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇ ئوخشاش بىر مەنىنى بىلدۈرىدىغان قوشۇمچىلارنىڭ قوشۇلۇش شارائىتى ئوخشاش بولغان ئورۇنلىرىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن:

تارتۇق (سوۋغا) تا (ر) تۇق (يارا ئىزى)

تىنچىق (دىمىق) تۇنجۇق- (ھاۋا يېتىشمەسلىك)

ئاغدۇر – (تەتۈر ئۆرۈمەك) ئاختۇر – (ئىزدىمەك)

ئاچىق (ئېچىلغانلىق) ئاچچىق (سۈپەت)

قېتىق (ئىسىم) قاتتىق (سۈپەت)

ئۇلۇغ (ئالىي مەرتىۋىلىك) ئۇلۇق (چوڭ)

تاۋۇش (ئاۋاز) تىۋىش (بىلىنەت – بىلىنمەس ئاۋاز)

قورۇ (ھويلا) غورۇ

ئۇتتۇرا ئۇدۇل

دالا تالا (ئوينىڭ سىرتى)

خەلق ھەق (باشقىلار، كىشىلەر)

دوكتور (ئۇنۋان) دوختۇر (كېسەل داۋالىغۇچى)

مېھنەت (ئەمگەك، جاپا) مەينەت (پاسكىنا)

ۋاقىت ۋاھ (ۋاھ قالماق)

ئېتىبار (ئېتىبار بەرمەك) ئەتىۋار (سۈپەت)

قارار قەرەل

ئۇستاز ئۇستا

ئۇلاغ (ئات – ئۇلاغ) ئۇلاق

ئىششىق ئۇششۇق (مۇتىھەم)

ئوچۇق ئېچىق (ئېتىزنىڭ ئېچىقى)

يويۇق (ئاتنىڭ يويۇقى) يېپىق (سۈپەت)

ئىزدە – (ئىزىنى ئىزدىمەك) ئىزدە – ، ئىستە –

باشقۇر – (باشقۇرۇش) باشقارما

كېسەك كېسىك (سۈپەت)

كېزەك (نۆۋەت) كېزىك (كېسەل)

توغرىلىق (ئىسىم) توغرۇلۇق (تىركەلمە)

دۆلەت (مەملىكەت) دەۋلەت (بايلىق)

زېھىن (پاراسەت) زەن (زەن سالماق)

تەيىن (تەيىنلىمەك) تايىن (تايىنى يوق)

شان (شان – شەرەپ) شەن (شەنىگە …)

شەرم (شەرم-ھايا) شەم (بىشەم)

ئەدەبىي تەلەپپۇز ھەققىدىكى پرىنسىپلار

مەلۇمكى، ئىملا قائىدىلىرى بىر يېزىق ئەدەبىي تىلنىڭ يېزىق شەكلىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلسە، تەلەپپۇز قائىدىلىرى بىر ئەدەبىي تىلنىڭ جانلىق تىل (ئېغىزچە) شەكلىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلىدۇ. مەلۇم بىر ئەدەبىي تىل ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئالاقە شارائىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ئۇنىڭ مۇشۇ ئىككى جەھەتتىن، ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن قېلىپلاشتۇرۇلۇشى لازىملىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئورتاق بىر مىللىي تىلنى مۇنداق ئىككى جەھەتتىن قېلىپلاشتۇرۇشتا ئۇلارنىڭ مەلۇم بىر تەرىپىنىلا تەكىتلەپ، ئىككىنچى بىر تەرىپىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. مۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنىڭ چوڭىيىشىغا ۋە بارغانسېرى جانلىق تىل بىلەن يېزىق تىلنىڭ بىر – بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ، نەتىجىدە، ئوقۇش – ئوقۇتۇش، ساۋات چىقىرىش ئىشلىرىغا، ئومۇمەن ئىجتىمائىي ئالاقىگە مەلۇم قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئەدەبىي جانلىق تىلنى قېلىپلاشتۇرۇش بىلەن ئەدەبىي يېزىق تىلنى قېلىپلاشتۇرۇش پەقەت بىر مەسىلىنىڭ ئىككى تەرىپى بولۇپ سانىلىدۇ.

مۇشۇ نۇقتىلارنى كۆزدە تۇتقاندا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي جانلىق تىلىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆلچەملىك تەلەپپۇز قائىدىلىرىنى تۈزۈش ھەققىدىكى پرىنسىپلارنى تۆۋەندىكىچە بېكىتىش ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا ئىجابىي رول ئوينايدۇ، دەپ قارايمىز.

ئومۇمىي جەھەتتىن ئەدەبىي تەلەپپۇزدا يېزىق ئەدەبىي تىل نورمىلىرىنى ئۆلچەم قىلىش يەنى يېزىق ئەدەبىي تىل بىلەن بىردەك بولۇشنى تەكىتلەش.

ئايرىم ئەھۋاللاردا يېزىق ئەدەبىي تىلنى قوغلاشماسلىق.

يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، ئەدەبىي جانلىق تىلمۇ ئۆزىگە خاس بەزى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. يەنى كونكرېت ئالاقە شارائىتىدا يېزىقتا مەلۇم بەلگىلەر بىلەن ئىپادىلەنمەيدىغان ياكى بەلگىلەنسىمۇ تەلەپپۇزدىكى راۋانلىق ۋە ئاسانلىقنى قوغلىشىش زۆرۈرىيىتىدىن يېزىقتىكىدىن ئۆزگىچە تەلەپپۇز قىلىش لازىم بولغان فونېتىكىلىق ھادىسىلەر بولىدۇ. بۇلار ھەققىدىكى قائىدىلەرنى بېكىتىشتە ئەلۋەتتە يېزىق ئەدەبىي تىل بىلەن بىر خىلدا بولۇشنى تەلەپ قىلغىلى بولمايدۇ، مۇنداق قىلىش جانلىق ئەدەبىي تىلنىڭ ساغلاملىقى ۋە يېقىملىقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ يېزىق شەكلى ۋە تەلەپپۇزىغا ئائىت قائىدىلەر بېكىتىلگەندە، يەنىلا شۇ بىر دەۋرلىك نىسپىي مۇقىملىق كۆزدە تۇتۇلدى. بۇ ھەقتىكى قائىدىلەرنىڭ بىر تەرىپى ئىككىنچى بىر تەرىپىگە بېقىندۇرۇپ قويۇلمىدى، يەنى ھەرقايسى دىئالېكتلاردا ئوخشاشلا نۇتۇق ئېقىمىدا فونېمىلارنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدىغان تەبىئىي فونېتىكىلىق ھادىسىلەردە يېزىق تىل ئۆلچىمى ئاساس قىلىنمىدى. مەسىلەن، نۇتۇقتا بوغۇم ئاخىرىدىكى پارتلىغۇچى ياكى پارتلىغۇچى – سىيرىلاڭغۇ تاۋۇشلارنىڭ سىيرىلاڭغۇ تاۋۇشلارغا ئايلىنىپ كەتىشى، پەس سوزۇق تاۋۇشلاردىن كېيىن بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن ‹ر، ل› تاۋۇشلىرىنىڭ تەلەپپۇزدا چۈشۈپ قېلىشى قاتارلىقلار. دىئالېكتلار ئارا پەرقلىق بولغان، لېكىن يېزىق تىل ئۆلچىمىدە تەلەپپۇز قىلىش نۇتۇقنىڭ راۋانلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغان فونېتىكىلىق ھادىسىلەردە يېزىق تىل ئۆلچىمى ئاساس قىلىندى. مەسىلەن، “ق، ك، پ” تاۋۇشلىرىنىڭ ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئارلىقىدىكى ئاجىزلاشماسلىقى قاتارلىقلار.

“ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى” دىن ئېلىندى.

مەنبە: ئۈندىدار ئاناتىل سالونى

ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىلىرى

2013-11-22 anatilim

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى