ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزىلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپنىڭ تارىخى

ئورنى Wikipedia

ئاپتۇرى: ئېرىكت. ت. شىلۇسسېل Erict T. Shluessel

ئېنگىلىسچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: زۇلھايات ئۆتكۈر

جۇڭگونىڭ تىل سىياسىتىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ كېيىنكى دەۋرىدىلا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ،كېيىنچە ستالىنچە تىل پەلسەپىسىنى يىلتىز قىلغان تىل سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈپ كەلگەن.

1933-1944 يىللارغىچە شېڭسىسەي ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە ئۇيغۇر دىيارىدا ستالىن يۈرگۈزگەن مىللەت پەرقىنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئەندازىسى قوللىنىلغان. ئوقۇتقۇچىلار مۇتلەق كۆپچىلىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا بىلىم ئاشۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇبىۋېرسىتېتلار ئارا ئالماشتۇرۇش ناھايىتى تەرەققىي قىلغانندى. 1938-يىلى بۇ خىل بىرلەشمە مەكتەپلەر پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا جەمىئىي 73.2% ئىگلىگەن بولۇپ، 1944-يىلى 66.4%نى ئىگىلىگەن. بۇ خىل تۈردىكى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 199،300 بولۇپ، جەمىئىي ئوقۇغۇچى سانى 266،035 ئىدى. ئىچىدە قازاق ئوقۇغۇچىلار 29،543، خەنزۇ ئوقۇۈۇچىلار 20،010 نەپەر ئىدى. بۇنىڭدىن ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ئىچىدە زور تۈركۈم زىيالىلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا ئېتىبار بېرىلگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇيغۇرلار خەنزۇچە ياكى روس تىلىنى، خەنزۇلار ئۇيغۇرچە ياكى روس تىلىنى چەتئەل تىلى قىلىپ ئۆگنىنىشكە بولاتتى.

1947-يىلى يەنە باشقىچە تۈزۈم ئۆزگىرىشى بولغان. يەنى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاجىك، تاتار ۋە تارانچى باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە تاكى تولۇقسىز مەكتەپلەرگە چىققۇچە ئۆز تىلىدا دەرس ئاڭلاش، ئاندىن ھەپتىدە 6-8 سائەت خەنزۇ تىلى دەرسى ئېلىش بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئۇندىن كېيىن ئۇيغۇرچە ياكى خەنزۇچە مەكتەپلەردە ئوقۇشقا بولاتتى.

1961-يىلىدىن باشلاپ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ مائارىپى يولغا قويۇلغان بولۇپ، مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى بىلەن 1978-يىلى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان بۇ خىل ئالىي مەكتەپلەردە خەنزۇ تىلى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ھەپتىدە 4 سائەت دەرس قىلىپ ئۆتۈلەتتى. بۇ خىل مەكتەپلەرنىڭ خەنزۇ مەكتەپلەرگە قارىغاندا ئومۇمىي ساپاسى تۆۋەن ئىدى. سەۋەبى ھەققانىي بولمىغان ئىقتىسادىي تەقسىمات ۋە ئاجىزلىق بولۇپ، بۇ كېيىن خەنزۇ تىلى مەجبۇرى مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىشىنىڭ بىر سەۋەبى بولۇپ قالغان.

1982-يىلى بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر چوقۇم خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش بەلگىلەنگەن. شەھەرلەردە 1980-يىلى باشلانغۇچنىڭ 3-يىللىقىدىن باشلاپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە خەنزۇ تىلى دەرسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 2500 دانە خەت ۋە 3500 سۆزنى بىلىش ۋەخەنزۇ تىلى گىرامماتىكىسىنى ئىگىلەش ئۆلچەم قىلىنغان. ئاز سانلىق ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بېرىدىغان خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ مىللىي تىل يېزىقنى بىلىشى شەرت قىلىنغان. 1985-1987 يىلغىچىلىك يېڭى قانۇن ماقۇللىنىپ بارلىق يېزا ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى مەكتەپلەردىن تارتىپ خەنزۇ تىلىنى ئوملاشتۇرۇشى بەلگىلەنگەن.

2002-يىلى ئۇيغۇر دىيارى ئۇنىۋېرسىتىدا چاغاتاي تىلى كەسپىدىن باشقا كەسىپلەرنىڭ بارلىق دەرسلىك كىتاپلىرىنى خەنزۇچىلاشتۇرۇش يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويغان ئورۇن بولۇپ قالدى.

2004-يىلىدىن باشلاپ ھۆكۈمەت بارلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەلىپى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ قوش تىللىق ئوقۇتۇشقا ماسلاشتۇرۇش، يەنى ئۇلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش ئەگەر يەنىلا ماسلىشالمىسا ئورنىغا خەنزۇ تىللىق ياكى مىنكاۋخەن (خەنزۇۋان) ئوقۇتقۇچىلارنى سەپلەش قارار قىلىندى.

2004-يىلى 50 دانە خەنزۇ مەكتىپى ئۇيغۇرچە مەكتەپلەر بىلەن قوشۇۋېتىلدى. 2005-يىلىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى، چۆچەك، ئىلى ۋىلايەتلىرىدە بۇ خىل مەكتەپ باشقۇرۇش ئۇسۇلى يولغا قويۇلدى.

2006-يىلىدىن باشلاپ 7 دېھقانچىلىق رايونىدا يەسلىدىن باشلاپ قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇشنى باشلىدى. ئۇ بالىلارنىڭ ئائىلىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى بالىلىرىنى بۇ خىل ئۇسۇلدا تەربىيىلىگەنلىكى ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئايرىم پۇلدىن بەھرىمەن بولدى.

يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن باشلاپ قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇش يىللاپ زور كۈچ بىلەن ئېشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، 2011-يىلغىچە شەھەرلەرنىڭ 50%، يېزىلارنىڭ 30%، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ 20%، تاغلىق رايونلارنىڭ 10% قوش تىللىق مائارىپ بىلەن قوراللىنىپ بولۇش كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن.

Central Asian Survey ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىللىق 1-سانىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.

ئەسكەرتىش: ماقالىدىكى «شىنجاڭ» دىگەن سۆز «ئۇيغۇر دىيارى» غا ئۆزگەرتىلدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى