ئەركىن سىدىق

ئورنى Wikipedia
ئەركىن سىدىق
ھازىرقى ئورنىئامېرىكا
مىللىتىئۇيغۇر
كەسپىتەتقىقاتچى
خىزمىتىNASA
تور بەتhttp://www.meripet.com


ئامېرىكىنىڭ ئىنگلىزچە "Nasa" دەپ ئاتىلىدىغان ھاۋا قاتناش ۋە ئالەم بوشلۇق تېخنىكىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تارمىغىدا، پۇتۇن دۇنيادىكى ھەر خىل مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان ئادەمدىن 5000 كىشى بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 1700 دەك تېخنىكىلىق خادىمىنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بار، ئىنگلىزچە ئىسمى "Jet Propulsion Laboratory" بولۇپ، قىسقارتىلىپ "JPL" دەپ ئاتىلىدىغان بىر دۇنياغا تونۇلغان تەتقىقات مەركىزى بار. بۇ ئىدارىنى 1930-يىللىرى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپ -- كالىفورنىيە تېخنىكا ئىنستىتۇتى قۇرغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن JPL ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى سۇنئى ھەمراسىنى ياساپ چىقتى. تۇنجى قېتىملىق ئالەم ئۇشقۇرىنى ئايغا چىقاردى. ھەمدە قۇياش سىستىمىسىدىكى 8 پلانېتانىڭ ھەممىسىگە ئالەم ئۇشقۇرى ئىۋەرتتى. ئاشۇ ئىدارىدە ھازىر بىر ئۇيغۇر ئالىي دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىنجىنىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ مۇشۇ ئىدارىدىكى تۈركىي مىللەتلىرىدىن كېلىپ چىققان بىردىن-بىر يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكا خادىمى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئەركىن سىدىق.

ئوقۇش تارىخى[تەھرىرلەش]

ئەركىن سىدىق 1950-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى جۇڭگودا باشلانغان "مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى" نىڭ قالايمىقانچىلىقى ھەممە يەرنى قاپلىغان مەزگىللەردە ئاقسۇدا تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىنى ئۇيغۇر دىيارىنى ئاچارچىلىق بېسىپ كەتكەن مەزگىلدە قوسىقى تويغۇدەك تاماق يېيەلمەي ئۆتكۈزگەن. باشلانغۇچ مەكتەپنى "مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى" نىڭ قالايمىقانچىلىقى ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاقسۇ شەھەرلىك 4-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان(بۇ مەكتەپ ھازىر خەنزۇ مەكتەپ قىلىۋېتىلگەن ‏ـــــ مۇھەررىردىن). ئوتتۇرا مەكتەپنى "دېڭ شياۋپىڭنى كۆرەش قىلىپ، ئىشىكنى ئېچىپ قويۇپ مەكتەپ باشقۇرۇش" ھەرىكەتلىرى بولىۋاتقان دەۋىردە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. نۇرغۇن ۋاقىتلىرى سىياسىي ھەرىكەتكە قاتنىشىش ۋە يېزا ئىگىلىك بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، يېزا-زاۋۇتلارغا بېرىپ ئىشلەش بىلەن ئۆتكەن. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايىتى كونىشەھەر ناھىيىسىدىكى(ھازىر ئونسۇ ناھىيىسى دىيىلىدۇ ـــــ مۇھەررىردىن) بىر يېزىغا "قايتا تەربىيە" ئېلىش ئۈچۈن بېرىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ يەردە بىر يېرىم يىل دېھقان بولۇپ ئىشلىگەن. دەل شۇ چاغدا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىمتىھان ئارقىلىق تاللاش تۈزۈمىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ئەركىن سىدىق 1977-يىلى 12-ئايدا تۇنجى قېتىملىق ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر تىلى بويىچە ئېلىنغان ئىمتىھاندا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە 2-بولغان. ھەمدە 1978-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رادىئو-ئېلېكترونىكا كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا 1-يىلىدىكى پەقەت خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىدىغان "تەييارلىق باسقۇچى" نى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئەركىن سىدىق بىر تەرەپتىن باشقا ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش كەسپىي دەرسلەرنى ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن ھەر خىل ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىگىدىن چەت ئەل تىلىنى ئۆگەنگەن. ھەمدە ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى (ئۇ چاغدا ھازىرقىدەك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى دېيىلمەيتتى--مۇھەررىردىن) نىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون (ئۇ ئا ر) لۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇ ئا ر لىق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ۋە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەندىن سىرت، دەسلەپكى 2 يىل ئىچىدە ئىنگلىز تىلىنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ تۈگەتكەن. ئاخىرقى 2 يىل ياپون تىلىنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ بارلىق گرامماتىكىلىرىنىمۇ تاماملىغان. شۇنداق قىلىپ ئالىي مەكتەپتىكى 5 يىللىق ھاياتى جەريانىدا، ئەركىن سىدىق خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلى ۋە ياپون تىلىدىن ئىبارەت 3 تىلنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ بولغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە ئوقۇتقۇچى قىلىپ ئېلىپ قېلىنغان. 1983-يىلى ئەركىن سىدىق شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر يىل ئېلېكترو-ماگنېتىكىسى ۋە مىكرو-دولقۇن تېخنىكىسى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان. 1985-يىلى 9-ئايدا ئۇ ئا ر ھۆكۈمىتى ياپونىيىدە ئوقۇشقا ئەۋەتىش ئۈچۈن تاللىغان ياش ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىچىگە ئەركىن سىدىق 1-بولۇپ تاللىنىپ، ياپونىيىگە ئوقۇشقا بارغان. ھەمدە ئۇ يەردە 1988-يىلى 4-ئايغىچە ئىككى يېرىم يىل بىلىم ئاشۇرغان. 1991-يىلى چىققان "ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" نىڭ بىر سانىدا ئەركىن سىدىقنىڭ ئىش-ئىزلىرى مۇنداق خۇلاسىلەنگەن.

"ئەركىن سىدىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ 77-يىللىق ئوقۇغۇچىسى. ئۇ، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىدىلا خەنزۇ تىلىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەن. كېيىن ئاقسۇدا شىنجاڭ بويىچە ئىككىنچى (ئۇيغۇرچە قوبۇل قىلىش نومۇر ئۆلچىمىدە) نەتىجە بىلەن ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە كىرگەن. رادىئو-ئېلېكترونىكىسى كەسپىدە ئوقۇغان. ئۆگىنىش جەريانىدا جاپاغا چىداپ، ئىخلاس بىلەن تىرىشىپ ئەلا ئوقۇغانلىقتىن، مەملىكەت بويىچە ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلار ئۈلگىسى بولۇپ باھالانغان. مەكتەپتە ئېلىپ قېلىنغاندىن كېيىن، ياپون تىلىنى ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىپ، ئىمتىھان بېرىپ ياپونىيىگە ئوقۇشقا بارغان. تىرىشىپ ئىلگىرىلەپ ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن 72 دۆلەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە تۆتىنچىلىككە ئېرىشكەن. ھازىر ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتىدۇ. ئىككى يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە ئۇ ياپون، ئىنگلىز تىللىرىدا 19 پارچە دىسسېرتاتسىيە ماقالىسى ئېلان قىلدى. بەزى دىسسېرتاتسىيە ماقالىلىرى ئامېرىكىدىكى دۇنيانىڭ ئالىي قاتلىمىغا مەنسۇپ ئىلمىي ژورناللىرىدا ئېلان قىلىندى. ..." <div class="references-small " style="-moz-column-count:1991-يىلى شىنجاڭ نەشرىياتى بېسىپ تارقاتقان <<دەۋر ئىلھاملىرى>> دېگەن شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى. (بەزى سۆزلۈكلەر تۈزىتىلدى.); column-count:1991-يىلى شىنجاڭ نەشرىياتى بېسىپ تارقاتقان <<دەۋر ئىلھاملىرى>> دېگەن شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى. (بەزى سۆزلۈكلەر تۈزىتىلدى.);">


ئەركىن سىدىق 1988-يىلى كۈزدە ئامېرىكىغا بېرىپ، ئامېرىكىدىكى ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان مەزگىلدە، يەنى 90-يىللاردا، ئەركىن سىدىقنىڭ يۇقىرىدا خۇلاسىلاپ تىلغا ئېلىنغان نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پۈتۈن مەكتەپ بويىچە ئەركىن سىدىقتىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان. ھەمدە بۇ پائالىيەتنى "ئەركىن سىدىق ھادىسىسى" دەپ ئاتىغان. بۇ يەردىكى "ھادىسە" بىر ئۇيغۇرنىڭ تەبىئىى-پەن ساھەسىدە خەلقئارادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلمىي تەتقىقات ژورنىلىدا تۇنجى بولۇپ ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغانلىقى، ھەمدە قىسقىغىنە 2 يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە ئىلمىي تەتقىقاتتا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مىللەتلەرنىڭ بىرسى بولغان ياپونلۇقلارنىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىك ھادىسىسىنى كۆزدە تۇتقان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا "ئەركىن سىدىق ھادىسىسى" پائالىيىتى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ قورۇسىدىن ھالقىپ چىقىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشقا ئالىي مەكتەپلەرگىمۇ كېڭەيتىلگەن. 1991-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى داڭلىق شائىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شۇ چاغدىكى رەئىسى تۆمۈر داۋامەت ئەركىن سىدىقنى مەدھىيىلەپ تۆۋەندىكى شېئىرنى يازغانىدى:

تەڭرىتاغ بۈركۈتى ئەيلىدى پەرۋاز

ھازىرقى نەتىجىلىرى[تەھرىرلەش]

ئەركىن سىدىق ئۆزىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپتىكى ھاياتىغا ئاساسەن، مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشنىڭ تۆۋەندىكى بىر فورمۇلاسىنى خۇلاسىلاپ چىققان ئىدى:

مۇۋەپپەقىيەت = تالانت + تىرىشچانلىق + پۇرسەت

ئەركىن سىدىقنىڭ ھاياتى يۇقىرىقى فورمۇلانىڭ ئىسپاتى بىلەن لىق توشقان. بۇ فورمۇلادىن باشقا، ئۇيغۇر مىللىتىگە بولغان يۈكسەك دەرىجىدىكى كۆيۈمى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى ئاساسىغا قۇرۇلغان پولاتتەك ئىرادە، ھىچ قانداق جاپا-مۇشەققەتكە باش ئەگمەيدىغان غەيرەت-شىجائەت، توختىماي بىلىم ئۆگىنىدىغان، ئۆزىگە ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان ۋە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئىزچىل ئىپادىسى بىلەن، ئەركىن سىدىق پۈتۈن دۇنيا جامائىتىگە يەنە بىر نەرسىنى ئىسپاتلىدى: باشقىلار قىلالىغان ئىشنى ئۇيغۇرلارمۇ قىلالايدۇ. ئەركىن سىدىق بۇ بىر پاكىتنى ھازىرمۇ داۋاملىق ئىسپاتلىماقتا. ئۇنىڭ قىلىۋاتقان كەسپى تەبىئىى-پەن ۋە ئېنژېنىرلىك ساھەسىدىكى ئەڭ قىيىن كەسىپلەرنىڭ بىرسى تۇرۇپمۇ، ئۇ ھازىرغىچە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خەلقئارا ئىلمىي تەتقىقات يىغىنى ۋە ژورناللىرىدا 60 پارچىدىن كۆپ ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ ھازىر NASA-JPL دە شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئامېرىكا دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغان ئىشلار بولۇپ، ئۇلار توغرىسىدا ئىدارە سىرتىدا سۆزلەشكە، ياكى ئۇ توغرىسىدا ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغان بولسىمۇ، دۇنياۋى تېخنىكا ساھەسىدە ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋاقتىنىڭ پەقەت 20 پىرسەنتىدە ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەتقىقاتى بويىچە، 2006-يىلى بىر يىل ئىچىدىلا، خەلقئارادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلمىي تەتقىقات ژورنىلىدا ئۇ جەمئىي 3 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. NASA نىڭ "ئىنسانىيەتنىڭ مەنبەسى پروگراممىسى" (ئىنگلىزچە "Origins Program") دەپ ئاتىلىدىغان بىر پروگراممىسى بار بولۇپ، بۇ پروگراممىنىڭ نىشانى تۆۋەندىكى 3 سوئالغا جاۋاپ تېپىش ئىكەن:

1. بىز (ئىنسانلار) نەدىن كەلدۇق؟

2. بىز كائىناتتا يالغۇزمۇ؟

3. بىز نەگە بارىمىز؟

ئەركىن سىدىق ھېلىقى 3 ئىلمىي ماقالىسىنى يازغان تەتقىقات يۇقىرىقى 2-سوئالغا جاۋاپ تېپىش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، يېقىندا ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 2014-يىلى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلىدىغان "James Webb ئالەم تېلېسكوپى" نىڭ تەتقىقاتىغىمۇ قاتنىشىشقا باشلىغان.

ئەركىن سىدىق ئامېرىكا 1-قېتىم ئايغا ئادەم چىقارغاندا ئىشلەتكەن ئايغا قونغۇچى (ئىنگلىزچە "Moon Lander") نىڭ مودېلىنىڭ يېنىدا.

ئەركىن سىدىق بىر كەمبەغەل، ئاددىي ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ جاپالىق تۇرمۇشلارنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ جاپالىق ئىشلارنى قىلىپ باققان. مەسىلەن، باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن، ئۇ يېزىدا كالىغا مىنىۋېلىپ خامان تەپكەن. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە يېزىدا ئېشەك ۋە كالا ھارۋىسى ھەيدەپ، ئېتىزلىققا ئوغۇت توشىغان. كالا سۆرەيدىغان قوشنى ھەيدەپ يەر ئاغدۇرغان. كالا سۆرەيدىغان سۆرەمدە يەرگە سۆرەم سالغان. بۇغداي، قوناق، ۋە كۆكتات تېرىغان. كالىغا سۆرىتىپ، قىچا ۋە زىغىرلاردىن ماي چىقىرىدىغان جۇۋازدا ماي تارتقان. كېچىچە تۈگمەندە ئۇخلاپ، تۈگمەندە ئۇن تارتقان. قوناق يىلتىزىغا توپا يۆلىگەن. شاللىقتا مايسا تىككەن ۋە شاللىقتا ئوت ئوتىغان. ئورغاقتا بۇغداي، شال ۋە قوناق ئورىغان. ۋە باشقىلار. ئۇ ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدا، ئالەم بوشلىقىدا تۇرۇپ، پۈتۈن كائىناتنى كۆزىتىش ئۇچۇن ئىشلىتىلىدىغان ئالەم تېلېسكوپلىرىنىڭ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.

ئەركىن سىدىق قانداق مۇساپىلەرنى بېسىپ، ھازىرقى ھالەتكە كېلەلىدى؟ ئۇ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە قانداق يول تۇتىدۇ؟ ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى نېمە؟ ئۇنىڭ ئائىلىگە ۋە پەرزەنتلەرگە بولغان قارىشى قانداق؟ مۇشۇنداق بىر ياپونىيە ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت 2 دۆلەتتە 20 نەچچە يىل ياشاپ باققان، دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەبىئىى-پەن ۋە ئىنژېنېرلىق مۇتەخەسسىسلىرى قاتارىدا ئىشلەۋاتقان بىر ئۇيغۇر بىز ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ھەر خىل ئۇيغۇر مەسىلىلىرىگە قانداق قارايدۇ؟ ئېھتىمال نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنىڭ يوقۇرقىدەك سوئاللىرى باردۇر. 2005-يىلى 3-ئايدا، ئامېرىكىدىكى بىلىۋال تور بېتى ئەركىن سىدىق بىلەن بىر ئىنتېرنېت يازما سۆھبىتى ئۆتكۈزۇشكە باشلىدى. بۇ سۆھبەت ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەرەبچە يېزىقى (UEY) ۋە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY) نۇسخىلىرى http://www.Biliwal.com ، http://www.bilik.cn ، https://web.archive.org/web/20211127124925/http://bostan.cn/ قاتارلىق تور بەتلىرىدە بار.

بۇ سۆھبەتتە ئەركىن سىدىق يۇقىرىقىدەك سوئاللارنىڭ نۇرغۇنلىرىغا جاۋاب بېرىۋاتىدۇ. بىز ھەر بىر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ سۆھبەتنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. شۇنداقلا، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۇرلىرىدىن، ئەركىن سىدىق ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ياسىغانhttp://www.meripet.com دېگەن تور بېتىنى زىيارەت قىلىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەركىن سىدىقنىڭ كەسپىگە ۋە تەتقىقاتىغا قىزىقىدىغانلار https://web.archive.org/web/20101011193603/http://www.meripet.com/Main/Erkin_Bio.htm {{|url=https://web.archive.org/web/20101011193603/http://www.meripet.com/Main/Erkin_Bio.htm |date=2010-10-11 }} تور بېتىنى ۋە ئۇنىڭدىكى ئىلمىي ماقالىلارنى كۆزدىن كەچۈرسە بولىدۇ.

ژورنالىزم ساھەسىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر كەسىپ ئەھلىلىرىدىن بىر قانچىسى ئەركىن سىدىققا ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى بىر كىتاپ قىلىپ يېزىپ چىقىرىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن، ھەمدە بۇنى قىلىشقا ئۆزلىرى مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، 40 نەچچە ياشلىق ئەركىن سىدىق بۇ ئىشنى ھازىر قىلىش سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ دەپ قاراپ، كىتاپ چىقىرىشنى كەلگۈسىگە قالدۇرغان. شۇڭا بۇ "ئەركىن سىدىقنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى" دا بېرىلىدىغىنى ئەركىن سىدىق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ۋە ئىنتايىن جىددىيچىلىك ئىچىدە ئىنتېرنېت ئۈچۈن تەييارلىغان، ئۆز ھاياتىنىڭ قىسقىچە تەسۋىرىدۇر. بىز ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ يازمىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

يازمىلىرى[تەھرىرلەش]

  1. قالغان يازمىلارنى ئەركىن سىدىق ئەسەرلىرى دىن كۆرۈڭ.
  2. ئەركىن سىدىق بىلەن بىلىۋال تورى ئۆتكۈزگەن يازما سۆھبەت

پايدىلانمىلار[تەھرىرلەش]