ئەلمۇئجەم ئەلئەۋسەت

ئورنى Wikipedia

ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت (ئېلىپبە تەرتىپلىك ئوتتۇرا ھەجىملىك ھەدىس توپلىمى / المعجم الأوسط) مۇئجەملىرى بىلەن مەشھۇر مۇھەددىس مۇسنىدۇددۇنيا شىھابۇددىن سۇلايمان ئىبنى ئەھمەد تەبەرانىي (ھ. 260 – 360 / م. 873 – 971) نىڭ ئۇستازلىرىدىن ئاڭلىغان ھەدىسلەرنى ئۇستازلىرىنىڭ ئىسىملىرى بويىچە ئېلىپبەلىك شەكىلدە تىزغان ۋە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ: «بۇ كىتاب مېنىڭ روھىمدۇر» دېگەن ئەسىرىدۇر.

كۆپىنچە «غەرىب» ۋە «فەرد» (يەككە) رىۋايەتلەر ئېلىنغانلىقى بىلەن دارەقۇتنىينىڭ «ئەلئەفراد»ىغا ئوخشىتىلىدۇ.

تۈرلۈك دەرىجىلەردىكى 9489 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كاتتا ئەسەر 10 تومدا نەشر قىلىنغان.