ئەنئەنىۋى ئۆيلىرىمىز

ئورنى Wikipedia

       خەلقىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئادىتى ، ئىشلەپچىقىرىش ئادىتى ، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئائىلىۋى ئەخلاق قاتارلىق جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى ئولتۇراق ئۆيلەردە روشەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن . ئېتىقاد نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، تۇرمۇش ئادىتىمىزدە پۇتىنى قىبلە تەرەپكە قارىتىپ يېتىش چەكلىنىدۇ ، بۇ ئولتۇراق ئۆيلەردىكى يېتىپ – قوپۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۆيلەرنىڭ ئىچكى تۈزۈلۈشىنى بەلگىلىگەن . ئۆرپ – ئادەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ، كۈننى ئۇلۇغلاش ۋە قىش پەسلىدە ئىسسىنىش سەۋەبىدىن ئۆي – ئىمارەتنىڭ ئىشىكى جەنۇپقا قارىتىشتىن ئىبارەت بىر خىل ئادەت شەكىللەنگەن . ئەجدادلىرىمىز يەنە ئۇزاق ئەسىرلىك تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئىشىكنى جەنۇپقا قارىتىپ ئاچسا قىش پەسلىدە ئۆينىڭ يورۇق ۋە ئىللىق بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن .

      خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئولتۇراق ئۆيلىرى باغۋارانلىق ، ھويلا – ئاراملىق ، پېشايۋان سۇپىلىق ، دەھلىز – دالانلىق ، ئايۋان – سارايلىق ، ئاشخانا – قازناقلىق ، زەگۈندە – ئەۋرەزلىك ، ئەگمە – ئىشىك دېرىزىلىك ، ئېغىل – قوتانلىق بولۇشتەك قۇرۇلۇش شەكلىنى ئالغانلىقى بىلەن باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ . بۇمۇ خەلقىمىز ئولتۇراق ئۆيلىرىنىڭ تەكشىلىكتىكى مۇناسىۋىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىپ ، ئىشلىتىلىش رولىغا ئاساسەن ئىچكىرى – تاشقىرى ، ئالدى – كەينى ، ئوڭ – سول ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى بەلگىلىگەن .

      خەلقىمىز ئۆي – ئىمارەت سالىدىغان ئورۇننى تاللاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ، ئادەتتە  تۇپرىقى مۇنبەت ، سۈيى مول ، باغۋاران قىلىشقا ، دەل – دەرەخ ئۆستۈرۈشكە باپ كېلىدىغان جايلارغا ئۆي سالغان ، دەريا –ئېقىنلارغا يېقىن ، زەي ئورۇنلاردا ئۆي سالغاندا ئۆينى يۇقىرىغىراق سالغان . ئۆي – ئىمارەتنىڭ ئالدى ئاساسەن شەرقىي جەنۇپ تەرەپكە قارىتىلغان .

       خەلقىمىز ئۆيلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا ، مەيلى قايسى رايوندا بولسۇن ئاتا – ئانا ، بويىغا  يەتكەن ئوغۇل – قىز پەرزەنتلىرىنىڭ يېتىپ قوپۇش ئۈچۈن ئايرىم – ئايرىم ھۇجرىلارنى سالغان . يېتىپ قوپىدىغان ئۆيلەردىن سىرت مۇۋاپىق ئورۇنلارغا ھاجەتخانا ، تازىلىق ئۆيى ، توخۇ – كەپتەر كاتەكلىرى ، ئېغىل – قوتان ئورۇنلاشتۇرغان ، باغۋاران بىلەن ئۆيلەر قوشۇلۇپ چوڭ قورۇ ئىچىگە ئېلىنغان بولۇپ ، يولغا قارىتىپ دەرۋازا ئورنىتىلىغان .

       خەلقىمىزنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرىنىڭ تەكشىلىكتىكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى خىلمۇ خىل بولۇپ ، ئۇنى تۈرگە ئايرىش بىر قەدەر قىيىن بولغان ، چۈنكى ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ھاۋا كېلىماتى ، ئىشلىتىدىغان قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ، ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادىتى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن ، ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىمۇ پەرق بولغان . تۆۋەندە ئەنە شۇ پەرقلەرنى كۆزدە تۇتۇپ ، ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولغان بىر قانچە خىل تەكشىلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز .

        بىرىنچى : پىشايۋاننى مەركەز قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش . ئولتۇراق ئۆينى پىشايۋاننى چۆرىدەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى قەشقەر ، خوتەن ، ئېلى رايونلىرىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ . بۇ خىلدىكى پىشايۋان بىر  قەدەر كەڭ بولۇپ ، كەڭلىكى ئىككى مېتىردىن ئاشىدۇ . پىشايۋان كۆرۈنۈشتە ئۆينىڭ سىرتىدىكى كاردىدورغا ئوخشىسىمۇ ، ئەمالىيەتتە ‹‹ كارىدور ›› لۇق ئىقتىدارىنى ئۆتىمەيدۇ . ئۇ سۇپىلىق بولۇپ ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش پائالىيەتلىرىدە ، ئارام ئېلىش ، ئۆي ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ، تاماق تەييارلقىنى قىلىش ، تاماق يېيىش ، ياز كۈنلىرى يېتىپ – قوپۇش رولىنى ئوينايدۇ . بەزى پىشايۋان سۇپىلىرى بىر قەدەر ئىگىز  كۆتۈرۈلۈپ ئاستى ئامبار قىلىنىدۇ ، بۇنداق ئۆيلەرگە نىسبەتەن پېشايۋان بېزەش ئوبېيكت قىلىنىدۇ .

        پىشايۋاننى مەركەز قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغاندا ، ئۆي بىلەن ھويلىنىڭ ، ھويلا بىلەن باغنىڭ ئۆزئار مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغىلى بولغاچقا ، ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشىغا تەبىئىي مۇھىتنى ئەڭ ئۈنۈملۈك سىڭدۈرگىلى ، ھەر خىل پائالىيەتلەردە ھويلا بىلەن ئۆيدىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ . پىشايۋاننى مەركەز قىلىش نىسبەتەن قۇرغاق ھاۋا كىلىماتىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭدا بىر نەچچە خىل تىپقا ئايرىلسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىدىكى رولى يەنىلا تۇرمۇش پائالىيەت سورۇنىنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت .

         ئىككىنچى : ھويلىنى مەركەز قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش . بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇش خەلقىمىزنىڭ يەرگە قاراپ ئۆي سېلىش ، يەردىن تولۇق پايدىلىنىپ ئولتۇراق ئۆي مۇھىتىنى يارىتىش ئەنئەنىسىنىڭ تىپىك ئۈلگىسى بولۇپ ، مەيلى ئۆيلەرنىڭ تەكشىلىكتىكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى جەھەتتە بولسۇن ياكى ئۆيلەرنىڭ بوشلۇقتىكى ئۇسلۇبى جەھەتتە بولسۇن ، كىشىنى جەلپ قىلارلىق ئۆزگىچە ئۇسلۇب ۋە شەكىلگە ئىگە . ئەپچىللىك بىلەن چىقىرىلغان بالىخانىلار ، ھويلا ئىچىگە ئۆستۈرۈلىدىغان گۈل – گىياھ ۋە فونتانلار ، ئۆزگىچە بېزەلگەن پەلەمپەيلەر تۇرالغۇ ئۈچۈن ئالاھىدە مۇھىت يارىتىپ ، تۇرالغۇنى بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغان تۈسكە كىرگۈزىدۇ . تۇرالغۇنى بۇنداق ئورۇنلاشتۇرغاندا ، ھويلا بىلەن ھەرقانداق ئۆيلەرنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇق ، ئۆزئارا گىرەلەشكەن بولىدۇ .

        ھويلا تاشقى ۋە ئىچكى ھويلا دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ ، تاشقى ھويلا ئىمارەتنىڭ ئالدى ياكى يان تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ ، باغ بىلەن ھويلا ياغاچ رېشاتكا ئارقىلىق ئايرىلىپ ئىشلىتىش تەلىپى بويىچە ئۆزئارا مۇۋاپىق تۇتاشتۇرۇلۇپ ، ئىمارەت ، باغ ۋە ھويلا بىرلەشتۈرۈلۈپ ، بىناكارلىقتىكى بىر پۈتۈنلۈكنى ھاسىل قىلىدۇ .

        ھويلىنى مەركەز قىلغان تەكشىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ، تۇرالغۇنىڭ تەكشىلىكتە ئىگىلىگەن ئورنىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتىئينەزەر ، ئۆيلەر ئاساسەن ھويلىغا قارىتىپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ . يەنە بىر مۇھىم مەسىلە ئۆي ئىچىنى يورۇتۇش بولۇپ ، كۆپلىگەن تۇرالغۇلاردا سىرتقا قارىتىپ دېرىزە ئېچىش ئىمكانىتى يوق ، بۇنداق ئەھۋالدا ھەرقايسى خانىلارنىڭ دېرىزىسى ھويلىغا قارىتىپ ئېچىلىدۇ . بەزى ھويلىلاردا پېشايۋان ئورۇنلاشتۇرالماي دەم ئېلىش ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش ۋە غىزالىنىش ئۈچۈن سۇپا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ . بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب يەنىلا خانىلارغا يورۇقلۇق چۈشۈرۈش ۋە ھويلىنى پائالىيەت سورۇنى قىلىشتىن ئىبارەت . شەھەر ئىچىدە يەر قىس بولغانلىقتىن ، بۇنداق تۇرالغۇلاردا باغ ۋە قورۇ – قوتان ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ . لېكىن گۈل – گىياھ ئۆستۈرۈش ، گۈل تەشتەكلىرىنى قويۇپ ئائىلىۋى مەنزىرە ھاسىل قىلىش ئۈچۈن يەنىلا مەلۇم ئورۇن ئاجرىتىلىدۇ .

         ئۈچىنچى . ئايۋاننى مەركەز قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش. بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇش خەلقىمىزنىڭ ئولتۇراق ئۆيلەرنى تەكشىلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى ئەنئەنىۋى شەكىللىرىنىڭ بىرى ، ئايۋاننىڭ ئاساسلىق رولى ئۆي ئىچىگە يورۇق چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ ، ئۇ يېرىم ئوچۇق ھويلا ھېسابلىنىدۇ . ئۇ پۈتۈن تۇرالغۇنىڭ مەركىزى بولۇپ ، ئۆيلەر ئايۋاننى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چۆرىدەپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ .

        ‹‹ ئايۋان›› يورۇق جاي دېگەن مەنىدە بولۇپ ، خوتەندىكى ئالىي ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ داڭلىق شەكلى بولۇپ، كۆرۈنەرلىك مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە .

        قەشقەردىكى ئايۋانلار پېشايۋاننى ئاساس قىلىدۇ . قارىماققا خوتەننىڭ تۇرالغۇلىرىدەك روشەن ئايرىلمايدۇ . يەنى پېشايۋاننىڭ ياكى بىز دەۋاتقان ئايۋاننىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى تۈڭلۈككە ئوخشاش بولۇپ ، ئۈستى يېپىلمايدۇ ، قارىماققا ھويلا ئىچىدىكى يېپىق پېشايۋانغا  ئوخشايدۇ . ئۆيلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ھويلىنى مەركەز قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش شەكلىگە ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ ، ئۆيلەر پېشايۋان سوپىسىغا قارىتىلىپ ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ .

        مېھماندارچىلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا ، ئايۋان پۈتۈنلەي ئۆي ئىچىگە تەۋە بولسىمۇ ، ئىشلىتىش جەھەتتە  يەنىلا سىرتقى پائالىيەت سورۇنى ھېسابلىنىدۇ . ئايۋاننى ئۆي سىرتىدىكى باشقا  پائالىيەت سورۇنلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا قىش پەسلى بىلەن بوران چىققان كۈنلەردە ئىشلىتىشكە تازا باب كېلىدۇ . ئۇ سىرتقى بوشلۇق بىلەن ئۆي ئىچىنى بىرىكتۈرۈشنىڭ مۇكەممەللىشىشى بولسىمۇ ، ھەددىدىن ئارتۇق يېپىق بولغاچقا ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۆيلەرگە يەنىلا سىرتقى پائالىيەت سورۇنى قوشۇمچە قىلىنىدۇ .

        ئايۋان ئولتۇراق ئۆينىڭ بىر قىسمى بولسىمۇ ، ئۇ ھەرقايسى ئۆيلەردىن كۆرۈنەرلىك پەرقلىنىدۇ . ئىقتىدار جەھەتتىن سىرتقى پائالىيەت سورۇنى بولۇپ ، ئۆيگە ئوخشىمايدۇ . ئۇنىڭ شەكلى ئالاھىدە بولغاچقا ، ئۆيلەرنىڭ ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئاممىۋى سورۇنى ھېسابىنىدۇ ، يەنى مېھمان كۈتۈش ، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدىغان سورۇن ھېسابلىنىدۇ .

        ئايۋاننىڭ يۇقىرىغا چىققان قىسمىنىڭ ئابيۇمى كىچىك بولسا ، قەپەس ئايۋان دەپ ئاتىلىدۇ ، ئۇ ئۆزگەرتىلگەن بىر خىل يېپىق ئۆي بولۇپ ، ئۈستىگە چىقىرىلغان قىسمى پەقەت ھاۋا ئالماشتۇرۇش بىلەن يورۇقلۇق چۈشۈرۈش ئۈچۈن قويۇلغان ئالاھىدە تۈڭلۈكتىن ئىبارەت ، بۇ خىل ئايۋان سىرتقى پائالىيەت مەيدانى ھېسابلانمايدۇ .[1]

  1. مۇھەررىر : ئامانگۈل ؛ مەنبە: شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى؛ ۋاقىت: 2009- 06- 03 12:55؛ تور ئادىرسى: http://uy.ts.cn/wenhua/content/2009-06/03/content_200647.htm