باكتېرىئوفاگلار

ئورنى Wikipedia


باكتېرىئوفاگلار ھەققىدە[تەھرىرلەش]

باكتېرىئوفاگ(باكتېرىيە يۇتقۇچى تەنچە) باكتېرىيىنى يېيەلەيدىغان بىر خىل باكتېرىيە ۋىرۇسى بولۇپ، قەيەردە باكتېرىيە بولسا، شۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئىزناسى بولىدۇ. باكتېرىئوفاگلار مىكرو ئورگانىزملاردىن پايدىلىنىدىغان بارلىق ئېچىتىش زاۋۇت-كارخانىلىرىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى، چۈنكى ئۇلار ئۆستۈرگۈچ سۇيۇقلۇقتىكى پايدىلىق مىكرو ئورگانىزملارنى ئاساسەن دېگۈدەك تامامەن يەپ قۇرۇقداپ قويغاچقا، غايەت زور زىيان سالىدۇ. مەسىلەن، بەزى پايدىلىق مىكرو ئورگانىزملاردىن پايدىلىنىپ ئانتبىئوتىك، ئىسپىرت، سىركە كىسلاتا، تېتىقۇ، ئاتسېتون، بۇتانول قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا، ئەگەر پايدىلىق مىكرو ئورگانىزملارنى يەيدىغان باكتېرىئوفاگلار ئارىلىشىپ قالسا، پايدىلىق مىكرو ئورگانىزملارنى يەپ تۈگىتىۋېتىپ، كۆپلىگەن خام ئەشيانى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دورا زاۋۇتى ۋە ئېچىتىش زاۋۇتىدىكى ئىنژېنېرلار ئامال تېپىپ باكتېرىئوفاگلارنىڭ ئۆستۈرگۈچ ئىدىشقا كىرىۋېلىشىنى توسىدۇ.

كۆپ ساندىكى باكتېرىئوفاگلارنىڭ شەكلى قۇمچاققا ئوخشايدۇ. تەبىئىي مۇھىت شارائىتىدا، ئۇلار پەقەت باكتېرىيە ۋە بەزى ئىپتىدائىي جانلىقلارغىلا يۇقىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك، ھايۋانلارغا ھۇجۇم قىلىپ كېرەلمەيدۇ.

باكتېرىئوفاگلارنىڭ مىجەزى بىر-بىرىگە ئانچە ئوخشىمايدۇ. كۈچلۈك خۇسۇسىيەتلىك باكتېرىئوفاگلار باكتېرىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، دەرھال ۋېگېتاتىۋلىق كۆپىيىپ، باكتېرىيە ھۈجەيرىسىنى پۈتۈنلەي پارچىلىۋەتكەندىن كېيىن ئارام تاپىدۇ.

مۆتىدىل خۇسۇسىيەتلىك باكتېرىئوفاگلار باكتېرىيە ھۈجەيرىسىگە كىرىپ ئالدى بىلەن مۆكۈنۈپ، پارازىت ئىگىسى ھۈجەيرىسىگە زىيان سالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە پارازىت ئىگىسىنىڭ گېن گۇرۇپپىسى بىلەن ماس قەدەمدە نۇسخىلىنىپ، پۇرسەت كۈتىدۇ. ئەگەر سىرتقى ئامىلنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىسا، مەسىلەن، رادىئاتسىيىگە ئۇچرىسا، مۆكۈنگەن باكتېرىئوفاگلار قىلچە ئىككىلەنمەستىن پارازىت ئىگىسى ھۈجەيرىسىدىن بۆسۈپ چىقىدۇ-دە، باكتېرىيىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ.

باكتېرىئوفاگلارنىڭ كۆپ ھاللاردا ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس «يېمەكلىكلەر تىزىملىكى» بولىدۇ. مەسىلەن، مەخسۇس سۈت كىسلاتا تاياقچە باكتېرىيىسىنى ياخشى كۆرۈپ» يەيدىغان «باكتېرىئوفاگ ۋە مەخسۇس شالنىڭ ئاق يوپۇرماق كېسەللىك باكتېرىيىسىنى يەيدىغان باكتېرىئوفاگ قاتارلىقلار. ئالىملار باكتېرىئوفاگلارنىڭ مۇشۇ خۇسۇسىيىتىگە قاراپ، باكتېرىيىلەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىدىن باكتېرىئوفاگلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلالايدۇ.

باكتېرىئوفاگلار گەرچە ئىنسانلارغا ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر باكتېرىئوفاگلارنىڭ باكتېرىيە يۇتۇشىنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغان ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ئىنسانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردى.

دوختۇرلار باكتېرىئوفاگلارنى تەكلىپ قىلىپ كۆيۈك يارىسىنى داۋالاشتا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. چۈنكى، كۆيۈپ يارىلانغان بىمارنىڭ تېرىسىدە ئوڭايلا يېشىل يىرىڭ تاياقچە باكتېرىيىسى كۆپىيىدۇ، بۇ دەل يېشىل يىرىڭ تاياقچە باكتېرىيە باكتېرىئوفاگلىرىنىڭ «تويغۇچە يېيىش» تەلىپىنى قاندۇرىدۇ. بۇ خىل ئالاھىدە داۋالاش ئۇسۇلى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشمەكتە.

باكتېرىئوفاگلاردىن ئىبارەت ماتېرىيالنىڭ تېپىلىشى ئوڭاي، ئۆستۈرۈلۈشى ئاسان، ئۆسۈشى تېز، ئوزۇقلىنىشىدا خاسلىق بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، بىئولوگىيە ئالىملىرى ئۇلاردىن پايدىلىنىپ نۇكلېئىن كىسلاتانى نۇسخىلاش، كۆچۈرۈش، قايتا گۇرۇپپىلاش قاتارلىق ئۇل نەزەرىيە تەتقىقات خىزمەتلىرىنى ئىشلىمەكتە.