باي دادام نامرات دادام

ئورنى Wikipedia

«باي دادام ۋە نامرات دادام »(خەنزۇچە: 富爸爸穷爸爸) دېگەن كىتاپنىڭ ئاپتورى كىيۇساكىنىڭ ئىككى دادىسى بولۇپ «نامرات دادا» بولسا ئۇنىڭ ئۆز دادىسى ،بىر يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە مائارىپ ئەمەلدارى ؛«باي دادا» بولسا ئۇنىڭ يېقىندوستىنىڭ دادىسى ،بىر تولۇق ئوتتۇرىنىمۇ پۈتتۈرمىگەن لېكىن مەبلەغ سېلىش ،مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا ئىنتايىن ماھىر بىر ئادەم ،كىيۇساكى ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن بايلىق ھېكايىسى ئارقىلىق «باي دادام » ۋە «نامرات دادام» نىىڭ تۈپتىن ئوخشىمايدىغان پۇل ۋە بايلىق نۇقتىنەزىرىنى ،يەنى نامرات ئادەملەر پۇل ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ،باي ئادەم پۇلنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردىغانلىقىنى نامايەن قىلغان ،مەزكۇر كىتاپ 1999-يىلى 4-ئايدا ئامرېكىدا نەشىر قىلىنىپ ،قىسقىغىنە يېرىم يىل ئىچىدە 1 مېليون دانىنى سېتىپ چىقىرىشتىن ئىبارەت يۇقىرى نەتىجىنى ياراتتى .

ئاساسىي مەزمۇنى[تەھرىرلەش]

روبېرتنىڭ ئىككى دادىسى بولۇپ «نامرات دادىسى »ئۇنىڭ ئۆز دادىسى، بىر يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە مائارىپ ئەمەلدارى؛ «باي دادىسى» بولسا ئۇنىڭ يېقىن دوستىنىڭ دادىسى، تولۇق ئوتتۇرىنىمۇ پۈتتۈرمىگەن لېكىن مەبلەغ سېلىش، مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ئىنتايىن ماھىر كارخانىچى،كىيۇساكى «نامرات دادىسى»نىڭ پىلانلاپ بەرگەن ياشاش يولى بويىچە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش بىلەن ئاددى ھالدا ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىنى ئۆتكۈزگەن، 1977 –يىلغا كەلگەندە، كىيۇساكى ئۆز كۆزى بىلەن بىر ئۆمۈر جاپا تاتقان «نامرات دادىسى » نىڭ ئىشسىز بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەن، «باي دادىسى » بولسا شىياۋېيييىدىكى ئەڭ باي ئادەمنىڭ بىرىگە ئايلانغان .شۇنىڭ بىلەن روبېرت. كىيۇساكى «باي دادىسى»نىڭ باسقان يولىنى قەتئىيلىك بىلەن ئىزدىنىپ سودا ساھەسىگە قەدەم قويغان ،شۇنىڭدىن باشلاپ باي بولۇش يولىغا قاراپ قەدەم قويغان .

كىيۇساكىنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بايلىق ھېكايىسى «نامرات دادام » ۋە « باي دادام» نىڭ تۈپتىن ئوخشاش بولمىغان پۇل ۋە بايلىق كۆز قارىشىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن، يەنى نامراتلار پۇل ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، بايلار پۇلنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ .

بۇ كىتاپ 1999-يىلى 4- ئايدا ئامرېكىدا نەشىردىن چىققان، پەقەت يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە بىر مېليون دانىسى سېتىلىپ بولغان . «باي دادام » قاتارىدىكى كىتاپلار 109 دۆلەت ۋە رايونغا تارقالغان، ئومۇمىي سېتىش مىقدارى 29 مېليوندىن ئېشىپ كەتكەن .

ئاپتور نەقىلى (ئۈزۈندىسى )[تەھرىرلەش]

دۇنيادا مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشلەر بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىدۇ ئەمما باي بولالمايدۇ ،چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن پۇل ھەققىدىكى بىلىمنى ھەقىقى ئۆگىنىپ باقمىغان ،شۇڭلاشقا ئۇلار پەقەت پۇل ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىشنىلا بىلىدۇ ،بىراق پۇلنى قانداق قىلىپ ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى بىلمەيدۇ .

- روبېرت .كىيۇساكى

مەن بالىلىرىمنى ياخشى كۆرىمەن ھەم ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى تەربىيەگە ئېرىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ، ئەنئەنىۋى مەكتەپ مائارىپى ئەلۋەتتە مۇھىم . ئەمما ئۇ بۈگۈنكى تەلەپتىن تولىمۇ يېراق ،بىز بالىلىرىمىزنى پۇلنى ۋە پۇلنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىنى ھەقىقىي چۈشىنىدىغان قىلىشىمىز كېرەك .

- شارون .L .لېستىر

كىتاپنىڭ ئالاھىدىلىكى[تەھرىرلەش]

1. ئەنئەنىۋى مالىيە باشقۇرۇش ئىدىيىسىگە قاتتىق زەربە بېرىپ ،باي بولۇش مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارلاپ بەرگەن.

2. «يۇقىرى مائاش-بايلىق يارىتىدۇ »دىن ئىبارەت بايلىق قائىدىسىنى چۆرۈپ تاشلىغان .

3.مۇقىم ھالەتتىكى «نەق پۇلنىڭ ئېقىشى » تۇرمىشىڭىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلغان .

4. سىزگە مال –مۈلۈك ۋە قەرزنى ھەقىقى ئايرىشىنى ،شەخسى مالىيەنىڭ داۋالغۇشلىرىغا تەمكىنلىك بىلەن يۈزلۈنىشىنى ئۆگەتكەن .

5.سىز ۋە باللىرىڭىزغا قانداق قىلغاندا « بايلىق ئەركىنلىكى» نىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن .

6.بۇ بىر رىغبەتلەندۈرۈش تۈرىدىكى كىتاپ بولۇپ، كىشلەرنىڭ يامان ئادەتلەرنى تۈزىتىپ ،ئاكتىپ كەيپىيات شەكىللەندۈرىشىگە تۈرتكە بولغان .

نادىر ئۈزۈندىلەر[تەھرىرلەش]

1. قانداق قىلغاندا  پۇلنى ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىش ھەرگىزمۇ پۇل ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئەمەس .

2. مال –مۈلۈك ،كاپىتال دېگەن نېمە ؟ ئۇ يانچۇقىڭىزغا پۇل سېلىپ بېرىدىغان نەرسە .قەرز دېگەن نېمە؟ قەرز دېگىنىمىز پۇلنى يانچۇقىڭىزدىن تارتىپ چىقىرىدىغان نەرسە .

3. ئۇزۇن مەزگىلدىن قارىغاندا ،مۇھىم بولغىنى سىزنىڭ قانچىلىك پۇل تاپقىنىڭىز ئەمەس ،بەلكى سىز قانچىلىك ئېلىپ قالالىدىڭىز ،يەنە قانچىلىك ۋاقىت ئېلىپ قالالايسىز.

4.بايلار مال-مۈلۈكنى سېتىۋېلىپ ئەكىرىدۇ ،نامراتلارنىڭ پەقەت چىقىمىلا بولىدۇ .

5.پۇل ھەرگىزمۇ ھەقىقىي مال-مۈلۈك ئەمەس ،بىزنىڭ بىردىنبىر ،ھەقىقىي مال –مۈلىكىمىز بىزنىڭ كاللىمىز ،ئەقىل –ئىدراكىمىز .

6، بايلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئۇلارنىڭ مال –مۈلىكى ،نامراتلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئۇلارنىڭ ھازىرقى كىرىمى .

7 .ھەقىقى مال-مۈلۈك تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرگە بۆلىنىدۇ يەنى نەق مەيدانغا بارمىساقمۇ نورمال يۈرىشىۋېرىدىغان كەسىپ ،ئۇ بىزنىڭ قول ئىلكىمىزدە، بىراق باشقىلار كېلىپ باشقۇرۇش ۋە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ پاي چېكى ؛ئاكسىيە ؛ئورتاق مەبلەغ ؛ كىرىم پەيدا قىلىدىغان تۇرالغۇ –ئۆي ؛پاتنېت ھوقۇقى قاتارلىقلار .

8.پۇل توغرىسىدا ،ئەڭ ياخىشى بولغىنى پۇلنى بىر كۈن 24 سائەت خىزمەت قىلدۇرۇڭ ھەمدە سىزنىڭ كېيىنىك ئەۋلادلىرىڭىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇڭ . ئېسىڭىزدە بولسۇنكى : تىرىشىپ خىزمەت قىلىدىغان خاردىم بولۇپ خىزمىتىڭىزىنى ساقلاپ قالسىڭىز مەيلى ،لېكىن ئۈزلۈكسىز ھالدا مال-مۈلۈك تۈرىڭىزنى مۇستەھكەملەڭ .