بىر مەكتۇپ

ئورنى Wikipedia

ئەھمەد فەرىت

(«ئۈچ خىل سىياسەت »ناملىق ماقالە  ۋە ئۇ ماقالىگە يىزىلغان «جاۋابىمىز» ماۋزۇلۇق ئوبزورغا يىزىلغان مەكتۇپ)

تۈركچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى: مۇھەممەت ئابدۇمىجىت

بىر مەكتۇپ

ئەھمەد فەرىت

«ئۈچ خىل سىياسەت»ناملىق ماقالە ۋە «جاۋابىمىز» ماۋزۇلۇق ئوبزورغا يېزىلغان مەكتۇپ

ھۆرمەتلىك مۇھەررىر

«تۈرك» گېزىتىنىڭ بىر قانچە سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئۈچ خىل سىياسەت» ناملىق ماقالىنى ئوقۇدۇم.

ئاپتۇر ماقالىسىدە بەزى كەسكىن ھۆكۈم خاراكتېرلىك ئىبارىلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئەمما، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا گۇمانىي نۇقتىئنەزەر بىلەن ھەرتۈرلۈك ھۆكۈمدىن ئۆزىنى تارتىپ ماقالىسىنى سوئال ئىشارىتى بىلەن تۈگىتىدۇ. شۇنداقلا، ئۈچ خىل سىياسەتتىن قايسىسىنى تاللاش كېرەك دىگەن سوئالنىڭ جاۋابىنى«تۈرك» گېزىتى ۋە ئوقۇرمەنلەردىن كۈتىدۇ.

كەمىنە تەبىئىيىتىمدىكى گۇمانخۇرلۇق بولماسلىقىم ۋە تۈركلەرنىڭ بۈگۈنگىچە تولىمۇ ئاز ئىشلەتكەن ۋە چارچىمىغان مېڭىسىنىڭ مۇشۇنداق سۆھبەت ۋە ئىلمىي مۇنازىلەر ئارقىلىق چىنىقىشقا، تەرەققىي قىلىشقا پىشىپ يېتىلىشكە ئېھتىياجى بار دەپ ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈن «ئۈچ خىل سىياسەت» ناملىق ماقالىگە قارىتا بىر جاۋاپ تەييارلىغانىدىم. جاۋابنى ئېلان قىلدۇراي دەپ تۇرغېنىمدا گېزىت تەھرىرات تەرىپىدىن ئەدەبىي ۋە تەنقىدىي تەرزدە يېزىلغان ئەسەردىن بىرسى ئېلان قىلىندى. مەن «ئۈچ خىل سىياسەت» ناملىق ماقالىنى تەتقىق قىلىشقا ۋە مۇنازىرە قىلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن جاۋاپ يازغانىدىم. «تۈرك» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «جاۋابىمىز» «ئۈچ خىل سىياسەت» دېگەن ماقالىنىڭ خىيال ۋە تەسەۋۋۇردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپتۇ. بۇ ئىددىئالار كۆز قارشىمغا تەسىر كۆرسىتەلمىدى. پەقەت جاۋابىمنى ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولدى. چۈنكى «تۈرك» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «جاۋابىمىز» تىلىدىكى قوپاللىقى بىلەن ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنى، بولۇپمۇ بەزى تارىخ ۋە ئىجتىمائىي پەنچىلەرنى قايىل قىلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال بۇ«جاۋابىمىز»نى رەت قىلىش پوزىتىسيەمنى، ئاندىن «ئۈچ خىل سياسەت» كە قارىتا تەييارلىغان جاۋابىمنى يېزىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى. بۇ ئۇزۇن «رەت» ۋە «جاۋابىم» «تۈرك» گېزىتىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا يەر ئالالىسا ئۆزۈمنى بەخىتلىك ھېس قىلىمەن.

«جاۋابىمىز»نىڭ ھۆرمەتلىك مۇھەررىرى سەل مۇرەككەپ، تەرتىپسىز يازغان ماقالىسىدە تۆۋەندىكى ئاساسى نۇقتىئىنەزەرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان:

o       پادىشاھلىرىمىز، ۋەزىرلىرىمىز ۋە مۇتەپەككۇرلىرىمىز ئىچىدىن ھېچكىم ئۆتمۈشتە ياكى يېقىن تارىخىمزدا ئىسلام بىرلىكى، ئوسمانلى مىللىتى، تۈركلەرنىڭ بىرلىكى قۇرىمىز دەپ ئۆزىنى ئۇپراتمىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى تەتبىقلاش مۇمكىن بولمايدىغان غايىۋىي تەسەۋۋۇر ۋە ئەمەلگە ئاشمايدىغان خىيالدىن ئىبارەت. خىيالغا سىغمايدىغان ئىش، ئۇخلىماي چۈش كۆرۈشتۇر. ئۈچ خىل سىياسەتنىڭ ئاپتورى بۇ سىياسىي پىكىرلەرنى چۆكۈك تارىخقا ئاساسلىنىپ بىرقانچىگە بۆلۈپ، ئىسلاھ قىلىپ، ھادىسنىڭ ماھىيىتىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ ئوتتۇرغا چىقارغان.

o      تارىخ تارىختۇر، لېكىن بىز تارىخقا ئەقلىمىز بىلەن، ئىنساپ بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمز كېرەك. ئاڭلىماققا يىقىملىق تۇيۇلىدىغان تارىخىي ۋەقەلەرگە دەلىل كەلتۈرۈشتە، تارىخىي ئەرباپلارنى ۋە ۋەقەلەرنى شاھىت قىلىش ئۇ شاھانە ئىلىمگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق.

o       بىزگە نىسبەتەن تۈركنى ئىسلامدىن، ئىسلامنى تۈركتىن، تۈرك ۋە ئىسلامنى ئوسمانلىلىقتىن، ئوسمانلىلىقنى تۈركتىن، ئىسلامدىن ئايرىيمەن دېيىش بىرنى ئۈچ قىلىمەن دېگەنلىك.

o      بىز ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىشلارغا بەكرەك ئىجابىي پوزىتىسيە تۇتىمىز.

o       بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشى ئۇ توپنى مەيدانغا كەلتۈرگەن شەخىسلەرنىڭ ياخشىلىنىشغا، تەرەققى قىلىشىغا باغلىق.  بىز تۈركلەرنىڭ شەخىس سۈپىتىدە ئۆزىنى يېتىلدۈرۈشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدىغانلار قاتارىدىن ھېساپلىنىمىز.

o      تۈركلەر مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالايدىغان بولسۇن، مىللەت خاراكتېرلىك يوقىلىپ كىتىش تەھدىدىن بىر قۇتۇلسۇن، ئىقبالغا قاراپ يۈزلەنسۇن، ئاندىن ئوسمانلى مىللىتى بىرلىكى بولامدۇ، ئىسلام بىرلىكى بولامدۇ ياكى تۈركلەرنىڭ بىرلىكى بولامدۇ قايسىسى پايدىلىق بولسا شۇنى ئويلاشسۇن.  پۈتۈن بۇ پىكىرلەرنىڭ مەنبەسى، باشلىنىش نۇقتىسى دۇرۇس، ئوچۇق، ئاددى نىيەتلىرىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئوسمانلى مىللىتى بىرلىكى بولامدۇ، ئىسلام بىرلىكى بولامدۇ ياكى تۈركلەرنىڭ بىرلىكى بولامدۇ، قايسىسىسنى خالىساڭ شۇنى تاللا. ئەمما بۇ ئۇلۇغۋار پىكىرلەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن دەسلىپىدە كەل، بىز بىلەن بىللە خىزمەت قىل.

o       بۇ قېتىم بۇ مۇپەسسەل بايانلارغا لاتىن شائېرلىرىدىن بىرىنىڭ مۇنۇ ئاددى ئەمما ھېكمەتلىك سۆزى بىلەن چىكىت قويىمىز: تىرىشايلى...

مەن شۇنداق ئويلايمەنكى، بىر قاتار تارىختىن، جەمئىيەتشۇناسلىقتىن ئېغىز ئاچقان، بىرقاتار ۋەقە-ھادىسىلەرنى نەقىل كەلتۈرگەن بۇ ئۆگۈتلەر پايدىسىز بولۇپلا قالماي، «ئۈچ خىل سىياسەت» ناملىق ماقالىنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسى ۋە ئۇسلۇبىغا قىلىنغان ئېتىرازلارمۇ جايىدا بولمىغان. ماقالىنىڭ ئاپتورى (ئۈچ خىل سىياسەت) سىياسىي مەۋقەدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ نەزەزىيە ۋە مەنتىقىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇنىڭ تارىختىن دەلىل كەلتۈرۈش ئۇسلۇبى ۋە تەھلىللىرىنى پۈتۈنلەي ئورۇنلۇق دېيىشكە بولىدۇ.

«پادىشاھلىرىمىز، ۋەزىرلىرىمىز ۋە مۇتەپەككۇرلىرىىمىز ئىچىدىن ھىچكىم ئۆتمۈشتە ياكى يېقىن تارىخىمزدا ئىسلام بىرلىكى، ئوسمانلى مىللىتى، تۈركلەرنىڭ بىرلىكى قۇرىمىز دەپ ئۆزىنى ئۇپراتمىدى» دېگەنلىك كىيىنكى ئەسرنىڭ سەرخىل ۋەزىرلىرىنى سىياسەتسىزلىك ۋە ئىقتىدارسىزلىق بىلەن قارلىغانلىق بولىدۇ.

شۇنداق، تۈركلەرنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتى كەلگۈسىدە چوڭ بىر كۈچ ھاسىل قىلىدۇ، ئەمما بۇ پىكىر تېخى بەكلا يېڭى بولۇپ سۈت ئۇيقۇدىكى بوۋاققا ئوخشايدۇ. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئوسمانلى سىياسىتىنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرى يوق دېيەرلىك بولغاچقا، سىياسىيۇنلىرىمىز ئۇنىڭغا ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمىدى. «ئۈچ خىل سىياسەت» نىڭ ئاپتورىمۇ بۇنىڭغا باشقا مەۋجۇدىيەت ئەندىزىسى، باشقا شەكىلدە مەيدانغا چىقىش يولى تەۋسىيە قىلمىغان.  ئەمما ئىسلامىي سىياسەت، بولۇپمۇ ئوسمانلى سىياسىتىنى بۇنداق چۈشەندۈرمىگەن. ئىسلامىي سىياسەتتە بۈگۈنكى پادىشاھنىڭ (سۇلتان 2-ئابدۇلھەمىت) سىياسىتىنى ئاساسى تېما قىلغان، ئەمما ئوسمانلى سىياسىتىدە بارلىق سىياسىيەتچىلىرىمىزنىڭ سىياسىي پائالىيىتى نىشان قىلىنغان.

سۈرىيە، مىسىر، ھىجاز، يەمەننى پەتىھ قىلغان چوڭ سەلىمنىڭ، بۇ تۇنجى ئوسمانلى خەلىپىسىنىڭ سىياسىتىنى ئوسمانلى تارىخچىلىرىنىڭ بەزىلىرى پۈتۈنلەي توغرا دەپ قاراپ ئىسلام بىرلىكى سىياسىتى دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ھەتتا بۇ قاراشقا ئاساسلىنىپ، ئوغلى سۇلايمان قانۇنىينىڭ ئوسمانلى سىياسىتىنى غەربكە تەقلىد قىلىشىنى، دادىسىنىڭ ئىزىدىن تېيىپ خاتا قىلدى دەپ قاراپ  تەنقىد قىلىدۇ. بىز بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ يېقىن تارىخىمىزدا ئىسلام بىرلىكى تەبىرىنى، ياۋروپالىقلار باشقىلارغا قىياسەن بىزگە تەشۋىق قىلغان دېگەن گۇمانىي نەزەر بىلەن ئۇزۇن ئۆتمۈشنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ تۇرۇپ كىيىنكى سىياسەتكە، نۆۋەتتىكى سۇلتاننىڭ سىياسىتىگە دىققەت بىلەن قىسقىچە قاراپ چىقىش بىلەن كۇپايىلىنىمىز.

ئىسمى زىكىر قىلىنغان سۇلتان، ئۆزى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان نام بىلەن«مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى» ئەلچىلەرنى، ھۆكۈمدارلارنى، ۋەكىللەرنى، مۇخلىسلىرىنى،  ئىمكانىيەت دائىرىسدە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنى، پۈتۈن دۇنياغا تارالغان مۇسۇلمانلارنى خەلىپىلىك ماقامى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقۇزۇشقا، ئۇلارنى ئوسمانلىلىققا يېقىنلاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئوسمانلى تۇپراقلىرىغا ئايىغى تەگكەن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى ئىززەت-ئىكرام بىلەن كۈتۈۋالىدۇ. ئىسلام دۇنياسىنىڭ بەخىت-سائادىتىنى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ. ھىجازنى مۇداپىئە قىلىشنى ئانادولۇنى مۇداپىئە قىلىشتىن مۇھىم دەپ بىلىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ بولۇپمۇ ئىلىمسىز، ساددا مۇسۇلمانلارنىڭ سەبى تۇيغۇلىرىنى پەپىلەيدىغان خىزمەتلەرنى  خۇشاللىق بىلەن بىجا كەلتۈرىدۇ.  ئىبادەتنىڭ زاھىرى قىسمىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەملىكەتنىڭ دىنىي تەئەسسۇپلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن ھەرقايسى شەھەر-ئايماقلارغا موللىلارنى ئەۋەتىشكە، مەكتەپلەردىكى دەرىسلىك پىروگراممىلىرىغا دىنىي دەرىسلەرنى كۆپەيتىشكە قەتئىي سەل قارىمايدۇ.

بىز نۆۋەتتىكى سىياسەتنىڭ نۇقسانلىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق شەرتى بىلەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىسلامىي سىياسەتنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى دەپ قارايمىز. بىلەلمەيمىز، بۈگۈن بىر ئوسمانلى پادىشاھى بۇ خۇسۇستا نىمىلەرگە تەشەببۇس قىلالىشى مۇمكىن؟

مانا... «جاۋابىمىز» نىڭ ئاپتورى چۈشىنىشنى خالىمىغان نۇقتا دەل مۇشۇ ئاخىرقى بىر جۈملىگە يىغىنچاقلانغان. ئەيتاۋۇر ئاپتور بۇنى چۈشىنىشنى خالىمىغانمۇ «رۇمەلىدىكى مۇسۇلمانلارنى مۇھاپىزەت قىلىشقا كۈچىمىز يەتمەيۋاتسا، ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى بىرلەشتۈرىمىز دېسەك ئۇخلىماي چۈش كۆرىمەن دېگەنلىك بولىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا تۈرك بىرلىكى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن دۇنيانى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىش، ھىچ بولمىغاندا  كۈچتۈڭكۈر  روسىيەنىڭ گەۋدىسىدىن قانچىلىك يوناش كىرەك؟ ئويلاپ بىقىلسۇن!» دەپتۇ.

ھۆرمەتلىك ئۇستاز! مەيلى ئىسلام بىرلىكى، مەيلى تۈركلەرنىڭ بىرلىكى بولسۇن، بۈگۈن ئۇ بىر سىياسى غايە ۋە توغرا بىر نىشان. ھەرئىككسىنى ئېتراپ قىلىپ كۆزەتسىڭىز تەسەۋۋۇرىڭىزدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ھېچبىرى يۈز بەرمەيدۇ.  بۇ تەسەۋۋۇر بىر ئىدېيەۋى كۈچ، ھەرگىزمۇ ئۇخلىماي چۈش كۆرۈش ئەمەس. سىز شەخىس سۈپىتىدە تەرەققى قىلىپ، تاكامۇللىشىش ئويىڭىزنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز. بۈگۈن ئىسلام ياكى تۈرك سىياسىتىنى تەتبىقلاش دېگەنلىك بۇ ھەرىكەتنى، بۇ نىشاننى، تەرەققىي قىلىش ۋە تاكامۇللىشىشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان ئۇ شەخىسلەرنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرۈشكە تىرىشىش دېگەنلىكتۇر.

ئوسمانلىلار باشقىلارنى قىلىچى بىلەن قايىل قىلىشقا ئۇرۇنمايدۇ. مۇسۇلمانلار ياكى تۈركلەر روھىدىكى مەنىۋىي كۈچ ئارقىلىق بىرلىشىشكە تەييار.  ھەرقايسى دۆلەت ۋە  جەمئىيەتلەر سىياسىتىدە ئەسكىرىي كۈچى ۋە باشقا قورال كۈچلىرىنى داملاپ كۆككە كۆتۈرمەسلىكى كىرەك. بۇ ماددىي كۈچلەرنى پىكرىي كۈچ بىلەن سىلىشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنىمۇ تونۇپ يېتىشىمىز لازىم. شۇنى ئىتراپ قىلىشىمىز كىرەككى، قىلىچ ۋە  كۈچ- قۇۋۋەتنىڭ ئىلھام مەنبەسىمۇ ئاڭدۇر (پىكىردۇر).

ئوسمانلى مىللىتى بەرپا قىلىش سىياسىتىگە كەلسەك،  مىللىي ھاياتىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ، ئىدارىي سىستېمىمىزدا تەڭشەش ئېلىپ بىرىشقا تەشەببۇس قىلىنغاندىن بۇيان ئاساسەن دېگۈدەك پۈتۈن تىرىشچانلىقلىرىمىز مۇشۇ يولغا سەرپ قىلىندى. ياخشى ئىسلاھات دەپ بۇنى دەيمىز. بەزىلەر بۇنى ئىتىبارسىزلاشتۇرسىمۇ، مەرھۇم ئابدۇلمەجىدخاننىڭ[12]، رەشىد، ئەلى، ڧۇئات ۋە مىتھات پاشالارنىڭ تۇتقان يولى مۇشۇ ئىدى. بىر«ئوسمانلى مىللىتى» بەرپا قىلىش ئارزۇسىدىن ئىبارەت ئىدى.

ۋەكىللىك قىلىش سىياسىي تىلدا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان مىللەتنىڭ باشقا مىللەتتىن بولغان پۇقرالارنى دىن، تىل، ئەخلاق ۋە ۋىجدان جەھەتتىن ئۆزى بىلەن بىردەك ھالەتكە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ پوزىتىسيە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تەقدىردە ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى مىللەتلەر تامامەن ئوخشاش مىللىي تۇيغۇغا ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىغا ئىگە بولىدۇ. لېكىن بۇ ۋەكىللىك قىلىش ھەر خىل ۋەكىللەر تارمىقىغا بىرلا ۋاقىتتا ماس كېلىشى مۇمكىن ئەمەس . مەسىلەن، ئىلگىرى ئەڭ ئۈنۈملۈك دەپ قارىلىدىغان دىننىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى بىزنىڭ دەۋرىمىزگە كەلگەندە ئىلغار مەدەنىيەتكە ئىگە قەۋملار ئارىسىدا نەزەردىن ساقت قىلىندى، تەتبىقلىنىشى مۇۋاپىق كۆرۈلمىدى. بۇنداق ئەھۋالدا، تىل بىرلىكى نۇرغۇن كىشىلەرنى تەبىئىي ئالاقىلىشىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەپ، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئىلغار قەۋملەر ئارىسىدا ئەدەبىيات بىرلىكى دىنىي بىرلىكنىڭ ئورنىنى ئىگەللەيدۇ. شۇڭا، ئوخشىمىغان مىللەتتىن پۇقرالىرى بولغان ھەرقايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرى مەملىكەتتىكى تۆۋەن سەۋىيەلىك پۇقرالارغا، بولۇپمۇ دىنغا مايىل كىشلەرنىڭ قېشىغا دەۋەتچى، مۇدەررىس ۋە مۇئەللىملەرنى ئەۋەتىدۇ. بۇ ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ ئارىسىغا ھۆكۈمران مىللەتتىن بولغان كىشىلەرنى كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ ئۇلارنى تەسىرسىزلەشتۈرۈشكە تىرىشىدۇ. مەھكۇم مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە گۈللىنىشگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. شۇنداقلا ئىمكانىيىتى يېتىىدىغان بارلىق ۋاستىلەرنى ئىشقا سېلىپ مائارىپ ساھەسىدە ھاكىم مىللەتنىڭ تىلىنى ئورتاق تىل ھالىتىگە ئېلىپ كىلىشكە ئۇرۇنىدۇ. ھاكىم مىللەت ئەگەر بۇ بېسىملارغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان بىرەر مىللەتكە يولۇقۇپ قالسا، بۇ مىللەتنى چەتئەلگە چىقىپ كىتىشكە تەشۋىق قىلىشتىن باشقا چارىسى قالمايدۇ. بۇمۇ مۇمكىن بولماي قالسا، ھۆكۈمران مىللەت شۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىشى كىرەككى، ئۇ مەھكۇم مىللەت مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قىلىشقا، بەلكىدە مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشۋاتقان مىللەتتۇر.

ئوسمان ئىمپىرېيەسىنىڭ دەۋرىمىزگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بىر ئەسىرلىك ھاياتى مانا مۇشۇ مۇجادىلىدىن ئىبارەت. ئوسمانلى ھۆكۈمىتى تانزىماتتىن بىرى بۇ ۋەكىللىك قىلىش ۋاستىلىرىنى ئىمكانى يەتكەن دەرىجىدە تەتبىقلاشقا تىرىشىپ باقتى.

دىنىي جەھەتتىن ۋەكىللىك قىلىش بىر دىنىي ئەمىر بولۇپ، ئىسلام تەلەپ قىلغان ئىشلار قاتارىدىن سانىلىدۇ. ھىچبىر ئىسلام ھۆكۈمىتىنى بۇ پرىنسىپلارسىز تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئانادولۇ بىر ياقتا تۇرسۇن، گىرىت، بوسنىيە، ئالبانىيە، بۇلغارىستان، يېغپ ئېيىتقاندا پۈتۈن رۇمەلى مۇسۇلمانلىرى ھېچقاچان ئوسمانلى مىللىتى يارىتىشقا ئۇرۇنمىدى دەپ قارالغان پادىشاھ ۋە ۋەزىرلىرىمىزنىڭ بۇ ۋەكىللىك قىلىش تەرزىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ بىرقىسمى مەسىلەن، ئانادولۇنىڭ شەرقى نۆۋەتتە دىنىي جەھەتتىن بىرلەشتۈرۈشكە ناھايىتى مۇۋاپىق جاي بولغاچقا، دىندار موللىلار تۈركۈم-تۈركۈملەپ بۇ جايلارغا  ئەۋەتىلىۋاتىدۇ.

تانزىمات ئوتتورا چاغ ئادەتلىرىنىڭ تەرىك ئېتىلىشى دېگەنلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ دەۋىرنىڭ ۋەكىلى تېخىمۇ ئەستايىدىل، تېخىمۇ مەدەنىي  شەكىلدە زاھىر بولغان. تانزىمات دەۋرىدە (ھاكىم مىللەت) ئەڭ دەسلەپ قانۇنىي، ئىدارىي جەھەتتىن باشقا مىللەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىشقا ئۇرۇنغان. تانزىماتتىن ئىلگىرى ئوسمانلى دۆلىتى گېرىژدانلىرى  پۈتۈنلەي باراۋەر  ۋە  بىر- بىرىگە ئارىلىشىپ كىتىگلىك  ئەمەس ئىدى. ھەر ئىرق، ھەر دىن ئۆز ئالدىغا ئىدارە قىلىناتتى. خۇسۇسىي بىر پىرقە، بىر مىللەت، ھۆكۈمەت ئىچىدە ئايرىم بىر ھۆكۈمەتكە ئوخشايتتى.

ئىسلاھات دەۋرىدىكى سىياسەتچىلەر چوڭ ئىستىلانىڭ باراۋەرلىك  قائىدىسنى، ئۇ مەدەنىيەت قورغىنىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە بۇ ئايرىمچىلىقنى بۇزۇشقا، ئوسمانلى پۇقرالىرىنى ئىدارىي جەھەتتىن بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشتى. 1856-يىلى ھاتتى ھۇمايۇندا( پادىشاھ ئۆز قولى بىلەن يازغان ئەمىر-پەرمان)  تىلغا ئېلىنغان«مائارىپ ۋە زاماننىڭ تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىپ ئىسلاھات» نىڭ مەزمۇنى «پاترىكلەرنىڭ سىياسىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، پوپلارنىڭ مائاشىنى توختىتىش، ئەدلىيە ئىشلىرىنى ئوسمانلىنىڭ يېڭى مەھكىمىلىرىگە ھاۋالە قىلىش، خىرىستىيانلارنىڭ مەكتەپلىرىنى، چىركاۋلىرىنى نازارەت ئاستىدا تۇتۇش» دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ دېگەنلىك  ئوخشىمىغان مىللەتلەرنى مىللىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن داۋاملىق باستۇرۇش ۋە قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرۇش دېگەنلىك ئىدى. ئوسمانلى دۆلىتى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى قىسمىلىرىغا، بولۇپمۇ غەيرى مۇسۇلمان خەلق توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلارغا مۇھاجىر يۆتكەش سىياسىتىگىمۇ سەل قارىمىغان ئىدى. ئاخىرقى قېتىملىق روس ئۇرۇشىدىن بۇرۇن روسىيە ۋە كاڧكازيادىن كەلگەن مۇھاجىرلارنى كۈنىمزدىكى بۇلغارىستانغا ئورۇنلاشتۇرغانىدى. كۈنىمزدىكى گىرىت مۇھاجىرلىرى ئىزمىر ئەتراپىغان، بوسنىيەلىكلەرنىڭ بىرقىسمى رۇمەلىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا ئوسمانلى دۆلىتى مائارىپ ساھەسى ۋە تىل مەسىلىسىگە ئالاھىدە زېھىن سەرپ قىلدى. 1865- يىلىدىكى ھاتتى ھۇمايۇندا ئۇ چاغقىچىلىك ئىجازەت ئېلىنماستىن بىۋاستە رىمۇنت قىلىنسا ۋە سېلىنسا بولىدىغان خىرىستىيان مەكتەپ ۋە چىركاۋلىرىنىڭ رىمۇنت قىلىنىشى ۋە يېڭىدىن سېلىنىشى ئۈچۈن رەسمىي ئىجازەت ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. ئوقۇتۇش ئۇسلۇبى ۋە ئوقۇتقۇچى تاللاش ئىشلىرىنى ھۆكۈمەت نازارەت ئاستىغا ئالدى. 1869-يىلىدىكى مائارىپ نىزامنامىسىدا ئالى مائارىپ ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرىسلىكىنى ھەممە مىللەت تۈركچە ئوقۇيدۇ دەپ بەلگىلەندى. ئوقۇتۇش ئۇسلۇبى ۋە دەرسىلىك كىتاپلارنى تاللاش خىزمىتىنى مائارىپ ئىدارىسى ئۈستىگە ئالغاندىن سىرت، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن تاتىپ پۈتۈن غەيرى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ مەكتەپلىرىدە تۈركچە ئىشلىتىش مەجبۇرى قىلىندى.

بۇنىڭغا ئالاقىدار ماتىرىياللارنى تولۇق رەتلەپ بولالمىدىم. ئەمما، مەن يۇقارقىلار ئارقىلىق ئوسمانلى سىياسىتىنى تەتبىقلاش بۇرۇنمۇ ئويلىشىلغان دېمەكچى. پادىشاھلىرىمىز، ۋەزىرلىرىمىز ئوسمانلى مىللىتى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. بۇلارنى نەزەرگە ئالغاندا ئۇلارنى قابىلىيەتسىز دېگىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ چاغدا ئوسمانلى سىياسىتىنى پۈتۈنلەي تەتبىقىلىغلى بولغان بولسا بۈگۈن نەتىجە  باشقىچە بولغان بولاتتى.

ئەلى پاشانىڭ پەرمانىغا ئوخشاش مىتھات پاشا دەۋرىدە تۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇندىمۇ مۇشۇ ئۈمىد بىلەن ئوسمانلى خەلقلىرىنى بىرلەشتۈرۈشكە ۋە  چاڭلاشتۇرۇشقا، مۇشۇلاردىن بىر ئوسمانلى مىللىتى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشكە، بۇ مىللەتكە تۈركچىنى ئورتاق تىل سۈپىتىدە قوبۇل قىلدۇرۇشقا ئىنتىلىش بار ئىدى.

ئاساسى قانۇننىڭ 8-ماددىسى: ئوسمانلى تۇپراقلىرىدا ياشايدىغان كىشلەرنىڭ ھەممىسى قايسى مىللەت، قايسى دىنغا مەنسۇپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىستىسناسىز ئوسمانلى دەپ ئاتىلىدۇ.

18- ماددىسى: ئوسمانلى پۇقرالىرىنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئىشقا ئىلىش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ رەسمىي تىلى بولغان تۈركچىىنى بىلىش شەرتى قوشۇلدى.

16- ماددا: بارلىق مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولىدۇ. ئوسمانلى  مائارىپى بىر بىرلىك ۋە بىر ئىنتىزام شەكلىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك ۋاستىلارغا مۇراجىئەت قىلىدۇ، دەپ يىزىلغان.

«جاۋابىمىز» نىڭ ھۆرمەتلىك ئاپتورىنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلەرنى چۈشىنىشى ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئېنىقراق بىرەر سىياسى تىل يوق.

بۇنىڭدىن سىرت «جاۋابىمىز» نىڭ ئاپتورى تىلسىز، زۇۋانسىز بىچارە تارىخقا ئىچ ئاغرىتىپ «ئۈچ خىل سىياسەت» تە تىلغا ئېلىنغان تارىخىي بىر ۋەقەگە ئىتىراز بىلدۈرىدۇ. ئۆزىگە خاس بىر ئۇسلۇپ بىلەن «ناپوليۇن تۈرك مىللىتى پىكىرىنىڭ قوللىغۇچىسى ئەمەس، بەلكى تۈركلۈكنى پارچىلاشقا تىرىشقان كىشى» دەيدۇ.

شۇنداق!...

ھەقىقەتەن ناپولىيۇن ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا پارچىلىنىپ نەچچىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن تۈركىيەنى كۈچلەندۈرۈشكە تىرىشتى. روسىيەنىڭ قارشىسىدا يالغۇز قالغان بۇ مىللەتنى كۈچلەندۈرۈشكە، بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشتى. روسىيەگە قارشى سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيتىنىڭ شۇ پىتى ساقلىنىپ قېلىشىغا، تۈرك مىللەتچىلىك سىياسىتىنىڭ كۈچلىنشىگە ۋە باشقا مىللەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىشتا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىغا كۈچ چىقاردى. بۇلارنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن فرانسىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىدىكى بىر مەمۇرنىڭ مەلۇم بىر ئەسىرىدىن قىسقىچە نەقىل كەلتۈرىمەن. ياۋروپالىقلار شەرقنى بىلمەيدۇ. لىكىن فرانسۇزلار ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى «جاۋابىمىز» نىڭ ئاپتورىدىن بەكرەك چۈشىنىدۇ.

« فرانسىيە ھۆكۈمىتى شەرقنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش سىياسىتىگە سەل قاراۋاتقاندەك بىر گۇمانىي قاراش تۇغدۇرىدۇ. لېكىن بەزى تاسادىپى ئۆزگىرىشلەر بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، ھەردائىم «ھاتتى ھۇمايۇن» دا ئوتتۇرغا قويۇلغان پەرمان ۋە چاڭلىشىش پىكرىگە سادىق بولىدۇ.»

3-ناپولىيۇننىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ دېگىنىدەك، فرانسىيە ئوسمانلىدىكى ھەرخىل مىللەتلەر ئارىسىدا پەرق كېلىپ چىقشىنى قوللايدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى. قىلغان ياردەملىرىدىمۇ مۇسۇلمانلار بىلەن غەيرى مۇسۇلمانلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلمايتتى. ئىككىلى خەلقنىڭ بەخىت-سائادىتى ماددىي ۋە سىياسىي باراۋەرلىك ئاساسىنىڭ پەيدىنپەي سەمىمىي شەكىلدە تەتبىقلىنىشىنى شەرت قىلاتتى. ھەرئىككى خەلق ھوقۇق ۋە مەنپەئەتتە باراۋەر نىسىۋىگە ئىگە بولۇشى كېرەك ئىدى.

خۇلاسە شۇكى، تۈيلەرىس سارىيى[13] چاڭلاشتۇرۇش ۋە مىللەتلەرنى ئېرىتىۋىتىش غەرزىدە ئىدى. تۈركىيەدە بۆلۈنۈشنى يوقىتىپ بىرلىكنى روياپقا چىقىرىشنى،  ئۆزئارا قۇتۇپلىشىش ئەۋج ئالغان چەت رايونلارغا ھاكىم مىللەتلەرنى كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى.

«تارىخ تارىختۇر، لېكىن بىز تارىخقا ئەقلىمىز بىلەن، ئىنساپ بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمز كېرەك. ئاڭلىماققا يىقىملىق تۇيۇلىدىغان تارىخىي ۋەقەلەرگە دەلىل كەلتۈرۈشتە، تارىخى ئەرباپلارنى ۋە ۋەقەلەرنى شاھىت قىلىش ئۇ شاھانە ئىلىمگە بىر مەرتىۋە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولماسمۇ؟»

«جاۋابىمىز»نىڭ ئاپتورىنىڭ قارىشىچە، بۇ ھەقىقەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاقماس ئش. ئۇ «ئۈچ خل سىياسەت» تە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن «ھەرىكەت جەدىۋىلى» كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ھەتتا پىكىرلەرنى پەقەتلا كىتاپتا كۆرسەم دەپ ئويلايدۇ. شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كىرەككى، تارىخ پەقەت ماقالىلەرنىڭ تېكسىتىدىن، ئەسلىمىلەردىن، ئۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي توقۇنۇشلاردىن چىقىرىلمايدۇ. بۇلارنىڭ بولۇشى ئەۋزەل، ئەمما بۇلار بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ كىچىك ھادىسەلەردىن ئىشىنىڭ ماھىيىتىنى قىياس قىلغىلى بولىدۇ. «جاۋابىمىز» نىڭ ئاپتورى بۇلارنى تەتقىق ۋە تەنقىد قىلىدۇ، باپ ۋە پاراگىرافلارغا ئايرىيدۇ.

يۇقارقى قاراشلىرىمىز شۇنى ئەكس ئەتتۈرىدۇكى، «ئۈچ خىل سىياسەت» نىڭ ئاپتورى بۇ سىياسىي پىكىرلەرنى خىيالىغا تايىنىپ ئويدۇرۇپ چىقارمىغان. ئاپتور ماقالىسدە بىر-بىرىدىن پەرقلىق ئۈچ خىل سىياسەت پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويغان. بۇلار بىر غايە ۋە ھەقىقىي نىشان بولۇپ تەتبىقلاشقا بولىدۇ. ھەتتا، بۇنىڭ ئىچىدىن ئىككىسى مىللىي تارىخىمىزنىڭ ئوخشىمىغان دەۋرلىرىدە تەتبىقلانغان. مۇشۇنداق تۇرۇغلۇق «جاۋابىمىز» ئاپتورىنىڭ لەتىپىگە ئوخشايدىغان سەپسەتە بىلەن «تۈركنى ئىسلامدىن، ئىسلامنى تۈركتىن، تۈرك ۋە ئىسلامنى ئوسمانلىلىقتىن، ئوسمانلىلىقنى تۈركتىن، ئىسلامدىن ئايرىشتىن، بىرنى ئۈچ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى، ئۇرۇشنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغان بالىلارنىڭ، قورقۇنچلۇق مەنزىرىلەرنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن  كۆزلىرىنى چىڭ يۇمىۋېلىشىغا ئوخشىماسمۇ؟» ئۇنىڭ «ھەقىقەتچىل، ئەمەلىيەتچىل» پوزىتسىيە تەبىرى بۈيۈك بىر ئېمپىرىيەنى، بىر ئىجتىمائىي توپنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

شۇنداق، «بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ئومۇمىي ئىسلاھاتى ئۇ جەمىئيەتنىڭ ئەزالىرىنىڭ شەخىس سۈپىتىدە تەرەققى قىلىشىغا، پىشىپ يېتىلىشىگە باغلىق». بۈگۈنكى ئىجتىمائىي تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسى بەلكى تېخىمۇ قايىل قىلارلىق بولۇشى مۇمكىن. شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كىرەككى، ئوسمانلىلىق شەخىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، ىىر مەنىۋىي كىملىكنىمۇ كۆرسىتىدۇ. شەخىسلەرگە تەۋسىيە قىلىنغان خىزمەت نىشانى مەنىۋىي كىملىككە كەلگەن چاغدا مۇجمەللىشىپ، ئەسلى مەنىسىنى يوقىتىپ قويىدۇ.

«تۈركلەر مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالايدىغان بولسۇن، مىللەت خاراكتېرلىك يوقىلىپ كىتىش تەھدىدىن بىر قۇتۇلسۇن» دېيىش ئۈچۈن دەسلەپتە ئۇ توپنىڭ، ئۇ مەنىۋىي كىملىكنىڭ نىشانىنى، سىياسىي نىشانىنى، ھەرىكەت لىنيەسىنى بېكىتىش لازىم. شەخىسلەرنىڭ يېتىلىشى، تەرەققىي قىلىشى بىلەن بەنت بولۇپ كىتىپ، دۆلەت كېمىسىنى يۆنىلىشسىز، ھەرىكەتنى نىشانسىز تاشلاپ قويساقمۇ بولىدۇ، دەيدىغان ئىش بولسا ئۇ باشقا گەپ. ئۇنداق بولمىغان تەقدىردە بىراز سەزگۈر ۋە ئەستايىدىلراق بولۇپ «ئۈچ خىل سىياسەت»نى رەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، قىزىقىدىغانلارغا بۇ ئۈچ يولدىن بىرىنى تاللىشىغا ئىمكان يارىتىش كىرەك.

«ئۈچ خىل سىياسەت» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورىنىڭ سۇئالىمۇ مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت ئىدى. مۇرەككەپ كۆز قاراشلارنى، مۇجمەل ئىجتىمائىي ھاياتنى ئاددى قائىدىلەرگە قىياس قىلىش بۈگۈنكى ئىلمىي مەنتىقىگە ماس كەلمەيدۇ. گېزىتنىڭ مۇھەررىرىگە ئوخشاش سىياسىي بىر جەمىئيەتنىڭ يىتەكچىلىرى جەمئىيەت پەلسەپىسىنى مۇشۇنداق ئاددى تەھلىل قىلسا، سىياسەتكە مۇشۇنداق نىشانسىز مۇئامىلە قىلسا توغرا بولامدىغاندۇ؟ بىلمەيمەن...

«ئۈچ خىل سىياسەت»نىڭ ئاپتورى بىزدىن تېخىچە جاۋاپ كۈتۈۋاتىدۇ. ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن ئىسلام بىرلىكى، تۈرك بىرلىكى ۋە ئوسمانلىلىقتىن قايسىسىنى تاللىساق ئەڭ پايدىلىق؟

ماقالىنىڭ ئاپتورى ئوسمانلىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ پايدىلىق ۋە تەتبىقلاش مۇمكىنچىلىكى بار دەپ قارىغان ئۈچ خىل سىياسەتنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئىچىدىن بىر سىياسەتنى، يەنى «ئوسمانلى مىللىتى» سىياسىتىنى تەتبىقلاشقا مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. قالغان ئىككى خىل سىياسەتنى يەنى، ئىسلام بىرلىكى ۋە تۈرك بىرلىكى سىياسىتىگە نىسبەتەن بىرنەچچە ئىچكىي ۋە تاشقىي توسالغۇلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش ئارقىلىق قولغا كېلىدىغان پايدا ۋە زىياننىڭ نىسبىتى ئوخشاش دېگەن خۇلاسىگە كېلىدۇ.

پېقىر ئاپتۇرنىڭ بۇ قارىشىنى دېگەندەك توغرا بولغان، دەپ قارىمايمەن. يۇقاردا زىكىر قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ماقالىنىڭ ئاپتورى مەنتىقىلىق پىكىر قىلىشقا بولغان ئەستايىدىللىقى تۈپەيلى بۇ سەۋەنلىكنى سادىر قىلغان. بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئىسلام بىرلىكى سىياسىتى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان، كەلگۈسى غۇۋا (كۈچى ئاجىز)، ئەمما نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە نىسبەتەن تەتبىقلاشقا بولىدىغان ۋە پايدىلىق بىر سىياسەت. تۈرك بىرلىكى سىياسىتىنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق، تېخىمۇ نەتىجىلىك بولىدۇ، لېكىن نۆۋەتتە ئۇ سىياسەت مەۋجۇت ئەمەس، مەۋجۇت بولمىغان بىر نەرسىدىن پايدىلانغىلى بولمايدۇ. ئوسمانلى مىللىتى سىياسىتى دەل بۇلارنىڭ ئەكسىچە، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئانچە مەنپەئەتلىك بولۇپ كەتمىسىمۇ، نۆۋەتتە ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تەتبىقلاش ئەڭ قولاي ۋە پايدىلىق سىياسەتتۇر.

نۆۋەتتە بىز مۇنازىۋە قىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يېرىمى ساۋاتلىق بولۇپ بولغان مىللەتلەر دېيىشكە بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئاڭ سەۋىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى، پىكرىي ۋە مەنىۋىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەڭ جانلىق قىسىملىرىنى دىن كونترول قىلىدۇ. شۇڭلاشقا بۈگۈن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا دىنىي سىياسەتنى تەتبىقلاش ھەرقانداق بىر سىياسەتتىن ئۈنۈملۈكرەك بولىدۇ. بۈگۈن ئسىلام بىرلىكى پىكىرى ۋە ھەرىكىتىنى ناھايىتى ھاياجان ۋە لەززەت ئىچىدە تەسەۋۋۇر قىلىدىغان نۇرغۇن ئىلغار مۇسۇلمانلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئىسلام بىرلىكى سىياسىتىنى تەتبىقلاش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا ناھايىتى مۇۋاپىق پەيىتنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويساق خاتا بولماس. شۇ نۇقتىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىشىمىز كىرەككى، ئىسلام بىرلىكىنى روياپقا چىقىرىشقا بولىدۇ دېمەيۋاتىمىز، بەلكى ھەرگىز مۇمكىن بولمايدىغانلىقىغىمۇ ئىشىنىمىز. دىمىسىمۇ غايىۋىي بىر ئارزۇنى روياپقا چىقىرىش مۇمكىنمۇ؟

ماقالە ئاپتورى ئوتتۇرىغا قويغان بىرقاتار توسالغۇلار بۇ سىياسەتنى نۆۋەتتە تەدبىقلاشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرغىنىدەك، سىياسىي ئىشلاردا مىللەت پىكرىنىڭ دىنىي ئىتىقاتتىن ئۈستۈن تۇرۇشى كەلگۈسىدە دىنىي سىياسەتنىڭ پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقت قىلىنشىنى شەرت قىلىدۇ. لېكىن بۇنداق دېگەنلىك ئوسمانلى ھۆكۈمىتى ئوسمانلىنىڭ سىياسىي مەۋجۇتلۇقىنى قوللىمايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلانماسلىقى كىرەك دېگەنلىك بولمايدۇ. ھەتتا، مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋىي بىرلىكىنى ھەرخىل ۋاستىلار ئارقىلىق كۈچلەندۈرۈشتىن تېخىمۇ بەك پايدا ئالغىلى بولۇشىمۇ مۇمكىن. مۇشۇ سەۋەپلەردىن ئوسمانلى دۆلىتى ئىسلام سىياسىتىگە، ئىسلام بىرلىكى سىياسىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى كىرەك.

تۈرك بىرلىكى سىياسىتىنىڭ كەلگۈسىدە ئىسلامىي سىياسەتتىنمۇ بەكرەك ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.  بىر-بىرىگە چېتىشلىق تۈركلەر 35 مىليۇنلۇق بۈيۈك بىر قەۋىمنى تەشكىل قىلىدۇ (1904-يىلىدىكى تۈركلەرنىڭ ئومۇمى نۇپۇسىنى دېمەكچى-ت). روسىيە زېمىنىنىڭ چوڭلىقىغا نىسبەتەن، روسىيەنىڭ سىياسى ئەرباپلىرىدىن تاتىپ كۆرۈلۈشكە باشلىغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئاجىزلىقلىرى نەزەرگە ئېلىنغاندا، يىراق كەلگۈسىدە بۈيۈك بىر تۈرك دۆلىتى مەيدانغا كېلىدۇ، دەپ تەسەۋۋۇر قىلىش پەقەت بىر خىيالدىنلا ئىبارەت ئەمەس.

ھازىرقى ئۇسلۇپ بىلەن دەۋرىمىز مەدەنىيىتى ۋە ئېھتىياجى ئىلگىرى سۈرىۋاتقان «ئىنسانىيەت» دەۋرىگە قاراپ ئىلگىرىلەش داۋاملىشىۋەرسە، بەلكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇشۇنداق بىر تۈرك ئېمپىرىيەسى مەيدانغان كىلەر. بۇ سىياسەتنىڭ ئاساسىنى، روھىنى تەشكىل قىلىدىغان مەنىۋىي رىشتىلەر -خاتالاشمىسام- زەرەتلىنىش زەنجىرلىرى تېخى ئۇلىنىپ بولالمىغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈن بۇنىڭغا ئاساسلىنىپ ھىچبىر ئىشىنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدۇ. پەقەتلا تەتقىق قىلىش ۋە تەھقىقلاش دائىرىسگە داخىل قىلىنغان بۇ سىياسەتلەر ئوسمانلي دۆلىتىنى نىشان قىلىۋالسا بولمايدۇ. چۈنكى  بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ھىچبىر پايدىغا ئىرىشكىلىمۇ بولمايدۇ.

ئوسمانلى سىياسىتى دۆلىتى ئالىييەنىڭ بۈگۈنگىچە ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتبىقلاپ كەلگەن سىياسىتى بولۇپ، مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان ئۈچ خىل سىياسەت ئىچىدە ئەڭ ئاساسلىقى ۋە تەتبىقلىنىشى ئەڭ ئاسىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. باشقا ئىككى خىل سىياسەت ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ مەۋجۇتلۇق كۆرىشىدە بىرەر ياردەمچى، بىرەر مۇئاۋىن بولالايدۇ، خالاس. ئوسمانلى سىياسىتى ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۇبۇلغىسى، ئەڭ كۈچلۈك قوغدىنىش قورالى ۋە ئەڭ توغرا نىشانىدۇر. «ئۈچ خىل سىياسەت» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورىنى بۇ خۇسۇستا خاتا ھۆكۈم چىقىرىشقا تۈرتكەن ئامىل ئاپتورنىڭ ھەقىقەتتىن، ماددىي رىئاللىقتىن بەك مەنتىق ۋە پەلسەپىگە ئەھمىيەت بېرىشىدۇر. مەنتىق ھۆكۈملەرنى كەسكىن ۋە خاتىمە خاراكتېرلىك بېرىدۇ. ئەمما رېئاللىق، ئىجتىمائىي ھايات كۆپىنچە ھاللاردا بۇ ھۆكۈملەرگە قارشى چىقىدۇ.

ئەلۋەتتە، «ئۈچ خىل سىياسەت» ئاپتورىنىڭ ئوتتۇرغا قويغانلىرى ناھايىتى ئورۇنلۇق. ئوسمانلى مەملىكەتلىرىنى نۆۋەتتىكى چېگرالىرى بىلەن مۇداپىئە قىلىش، بۇ چېگرالار ئىچىدىكى ئاھالىلەرنى پۈتۈنلەي ئوسمانلىلاشتۇرۇش، تۈركلەشتۈرۈش ( چۈنكى ئوسمانلى تەبىرى كىيىنكى چاغلاردا تۈرك ھاكىمىيتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن يېڭى بىر مەنا بىلەن قوبۇل قىلىنغان ئىسىم بولۇپ، ئاساسىي تۈرك ئىدى. ئاھالىلەرگە تۈركلەرنىڭ ۋەكىللىك قىلىشى تەلەپ قىلىناتتى) ئەقىلگە سىغمايدىغان خىيالدىن ئىبارەتتۇر. ئەمما سىياسەت ھەرىكەتتۇر، ھاياتتۇر. شۇڭلاشقا سىياسەتتە قەتئىيلىك، مۇكەممەللىك، تاكامۇللۇق شەرت قىلىنسا بولمايدۇ. تۈركىيە نۆۋەتتىكى چېگرالىرىنى مۇداپىئە قىلالمايدۇ، باشقا خەلقلەرنى تۈركلەشتۈرەلمەيدۇ دەپ پەرەز قىلايلى: بۇ يەردىكى زىيان نېمە؟ زىيان نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھازىر شۇنداق كۈچلۈك بىر مىللەت تۇرمامدۇ؟ ئوسمانلى مىللىتى، مانا بۇ جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ تۇرۇپ مۇداپىئە قىلىدىغان چېگرا، مانا بۇ ئوسمانلى مەملىكەتلىرى ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە. بىز نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە نىسبەتەن ئوسمانلى مىللىتى سىياسىتىنى تەتبىقلاش ھەققىدە باش قاتۇرىمىز. بۇ سىياسەتتە مۇۋەپپىقىيەتلىك بولالىغان يەرلەر بىزگە مەنسۇپ بولار، مۇۋەپپىقىيەتلىك بولالمىغان يەرلەر قولدىن كىتەر. تەقدىر-قىسمەت ياكى تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى مۇشۇنداق ئىكەن دەمىز. مەغلۇپ بولۇشىمىز مۇقەررەر بولغان ئىشلاردىن باشقا ھىچقانداق بىر ئىشتا مەغلۇپ بولمايمىز. ئەمما مۇۋەپپىقىيەت قازىنىپ قالساق پەقەت مۇشۇ سىياسەت ئارقىلىقلا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمىز.

مۇشۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مېنىڭ پىكىرىم، دۆلىتىمىزنىڭ بىرىنچى نىشانى تانزىماتنىڭ، ھاتتى ھۇمايۇننىڭ مەقسەت مۇددىئاسى، مەرھۇم سۇلتان ئابدۇلھەمىتنىڭ، رەشىت، ئەلى، فۇئات ۋە مىتھات پاشالارنىڭ غايىسى بولغان ئوسمانلى سىياسىتىنى تەتبىقلاشنى داۋاملاشتۇرۇش بولۇشى كىرەك. بۇ سىياسەت مىللىي مەۋجۇتلۇقىمزنى قوغداپ قالىدىغان سىياسەتتۇر. ئسىلام دۇنياسى شۇتاپتا كۈنسىرى ئويغىنىۋاتىدۇ، كۈچلىنىۋاتىدۇ. خىلاپەت ۋاستىسى بىلەن بۇ كۈچنى ھۆكۈمىتىمىزگە، ئىجتىمائىي توپىمىزغا بىر تايانچ بازىسى قىلىشقا تىرىشساق، ھۆكۈمەتنىڭ يادرۇسىنى زەئىپلەتمەي، ئىسلام بىرلىكى شۇئارى ئاستىدا ماھىرلىق بىلەن ئسىلام دۇنياسىنى ئوسمانلى مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرساق خاتا بولمايدۇ. ئەكىسچە ناھايىتى پايدىلىق بىر ئۇسۇل ھېساپلىنىدۇ. تۈرك بىرلىكى سىياسىتى بۈگۈن مەۋجۇت ئەمەس، ئەمما ئوسمانلى سىياسىتى مىللىي مەۋجۇتلىقىمىزنى مۇھاپىزەت قىلسا، بەلكى كەلگۈسىدە ئسىلام بىرلىكى سىياسىتى كۈچىنى يوقاتقاندا بىزگە بىر تايانچ بولۇپ قالار.

سىياسى ئىشلاردا پۇرسەتتىن پايدىلىنىشتىنمۇ بەكرەك توغرا، بەكرەك پايدىلىق بىرە ئۇسۇل بارمىدۇر؟ بۇنى بىلمەيمەن.

1904- يىلى ئىيۇن،  مىسىر


ئۈچ خىل سىياسەت ناملىق ماقالىنىڭ ئادرسى: ئۈچ خىل سىياسەت

جاۋابىمىز ناملىق ماقالىنىڭ ئادرىسى:  https://www.akademiye.org/ug/?p=14105


مەنبە: يۈسۈپ ئاكچۇرانىڭ «ئۈچ خىل سىياسەت» ناملىق كىتابى، ئۆتۈكەن نەشىرىياتى


ئەسكەرتىش: ئەسكەرتىش: بۇ كىتاپچە بۇرۇن ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى تو بېتىدە بۆلۈم-بۆلۈم يوللانغان.