بىناكارلىق ۋە نەققاشلىق

ئورنى Wikipedia

     قاراخانىيلار دەۋرىدە بىناكارلىق، نەققاشلىق، ساراي، ئوردا، ئۆي – ئىمارەتلەرنى لايىھىلەش خېلى تەرەققىي قىلغان. ئوردا  – ساراي، مەسچىت، جامە، مەدرىسلەر كۆركەم، ھەشەمەتلىك سېلىنغان. بۇ قۇرۇلۇشلار ئاساسەن خىشتىن ياسالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشىك – دېرىزىلىرى، دەرۋازىلىرى، مۇنار، پەشتاقلىرى كۆركەم ئىشلەنگەن. ئوردا مەركىزىدىكى ساراي، دىۋان، مەسچىتلەرنىڭ قۇرۇلۇشلىرى كۆك ياكى يېشىل رەڭلىك گۈللۈك كاھىش بىلەن بېزەلگەن.[1]

    قەدىمكى ئۇيغۇر گۈزەل سەنئىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان نەقىش نۇسخىلىرىنى شۇ دەۋردىكى بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئۈلگىسى، دېيىش مۇمكىن. ئوردۇكەنت(خانساراي)، مەدرىسە، مەسچىت، جامەلەرنىڭ قۇببىلىرى، گۈمبەزلىرى ۋە مۇنار –  پەشتاقلىرىغا ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن، تاملىرى ھەرخىل رەڭدىكى كاھىشلار بىلەن بېزەلگەن. شۇنى قەيت قىلىش زۆرۈركى، قاراخانىلار دەۋرىدە ئەينەك ياساش، ئەينەككە گۈل بېسىش، تەخسە، قەندەل، جام، دۈۋەت قاتارلىق ئەينەك بۇيۇملارنى كۆركەم، نەپىس ئىشلەش تەرەققىي قىلغان. بولۇپمۇ ئىشىك – دېرىزىلەرگە گۈللۈك، رەڭلىك ئەينەكلەرنى قويۇپ زىننەتلەش ئادەتكە ئايلانغان. تارىخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا قاراخانىلارنىڭ قەدىمكى ئوردىسى(ئاتۇشتىكى ئوردىسى)، تۇنجى ئوردىسى ۋە 10 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئىككىنچى ئوردىسى (قەشقەرنىڭ شەرقىدىكى ‹‹خان ئۆي››) ناھايىتى چىرايلىق ياسالغان. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئاتۇش مەشھەتتىكى مەقبەرىسىمۇ تولىمۇ ھەشەمەتلىك ياسالغان.

  1. مۇھەررىر : قـەيسەر؛ مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى؛ ۋاقىت: 2009- 04- 03 12:24؛ تور ئادىرسى: http://uy.ts.cn/wenhua/content/2009-04/03/content_175683.htm