بەنى نەزىر غازىتى

ئورنى Wikipedia

«تارىخى مۇھەممىدى» كىتابىدىن پارچىلار

ئاپتورى: ئەلىخان تۆرە ساغۇنى

ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇپ نەشىرگە تەييارلىغۇچى: ئابدۇرېشىتھاجى كېرېمى

بەنى نەزىر غازىتى

مەدىنە ئەتراپىدا سەھرالىق بولۇپ ياشايدىغان بىر تائىپە يەھۇدىيلار بار ئىدى، ئۇلار بىز ھارون ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى بىز، دېيىشەتتى. ئىسلام كەلمەستىن ئىلگىرى مەدىنىلىك ھەزرەقەبىلىسى بىلەن بىرلىشىپ دۇستلوق ئەھدىنى تۈزگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە ھىجرەت قېلىپ كەلگەندىن كېيىن شۇ يەردىكى يەھۇدىيلار بىلەن تىنجلىق ھەققىدە بىر شەرتنامە تۈزگەن ئىدى. لېكىن يەھۇدىيلار بۇ شەرتنامىنى بۇزدى. كۆڭۈلىرىدىكى يوشۇرۇن ھەسەدلىرى يەنە قوزغالدى. ۋەقە شۇنداق بولدىكى:

بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ بىر نەچچە ساھابىلەرنى ئېلىپ، بىر ئىش توغرىسىدا شۇ يەھۇدىيلار بىلەن سۆزلەشگىلى كەلدى. ئۇلارمۇ ھۆرمەت كۆرسىتىپ: «ئەي ئەبۇل قاسىم، خوش كەپسەن، ساڭا زىياپەت تەييارلىدۇق، ئۇنى يېگىن، ئاندىن نېمە ھاجىتىڭلار بولسا، ئەلبەتتەئادا قىلىمىز» ـ دېيىشىپ رەسۇلۇللاھنى بىر ئۆيگە جاي ھازىرلاپ ئولتارغۇزدى. كېيىن بۇلارنىڭ كۆڭلىگە شەيتان كىرىپ، نىيىتى بۇزولدى. رەسۇلۇللاھقا قەست قىلماقچى بولۇپ، يەھۇدىيلار ئۆزئارا شۇنداق قارارغا كېلىشىپتۇ: ـ «مۇھەممەدنى ئۆلتۈرۈشكە بۇندىن ياخشى پورسەت ھېچ ۋاقىت كەلمەيدۇ، ئەمدى بۇ پورسەتنى قولدىن بەرمەي ئۇنىڭ ئىشىنى شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا تامام قىلايلى، بىر كىشى يوشۇرۇنچە تام ئۈستىگە چىقسون ۋە يوغان تاش بىلەن مۇھەممەدنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ ئۆلتۈرسون، شۇنىڭ بىلەن بۇندىن ھەممىمىز قۇتۇلومىز، قالغان يولداشلىرىنى قاچۇرماي بارلىقىنى ئەسىر ئالايلى، بۇلارنى مەككىگە ئەككېتىپ، قېنىغا تەشنا بولغان قۇرەيش خەلقىگە ناھايىتى چوڭ باھا بىلەن ساتايلى» ـ دېيىشىپ، شۇ خىيانەتنى قېلىش ئۈچۈن ئەھدە نامە قېلىشىپتۇ.

مانا شۇچاغدا جىبرىھىل ئەلەيھىسسالام ۋەھيىى كەلتۈرۈپ بۇ خەۋەرنى پەيغەمبىرىمىزگە يەتگۈزدى. رەسۇلۇللاھ دەرھال ھاجەت قىلماقچى بولۇپ، تاشقىرىغا چىققان پىتى ئۇيەرگە قايتىپ كىرمەسدىن يولغا چىقىپ مەدىنە شەھىرىگە قاراپ ماڭدى. ئەمما بۇ ئىشتىن ساھابىلەرنىڭ خەۋىرى يوق ئىدى. رەسۇلۇللاھ قايتىپ كىرمەسدىن كېچىكىپ قالغانلىقى ئۈچۈن تەشۋىشلىنىپ، ھەممىسى تاشقىرىغا چىقىپ، رەسۇلۇللاھنى كۆرمىگەچ ھەيرانلىقتا قالدى. شۇ ئارادا مەدىنە تەرەپتىن كېلىۋاتقان بىر ئادەم رەسۇلۇللاھلانىڭ كېتىۋاتقانلىقىنى يولدا كۆردۈم، دەپ خەۋەر بەردى. بۇنى ئاڭلىشىپ ساھابىلەر يۈگۈرگىنىچە رەسۇلۇللاھقا يىتىشتى. ئاندىن ئېيتتىكى:

― سىز بىر ئىشقا ئالدىرىغاندەك بولۇپ ئۇ يەردىن چىقىپ، قايتىپ كەلمىدېڭىز، بىز خەۋەرسىز قېلىپ، سىزدىن كۆپ تەشۋىشلەندۇق، بۇنىڭ سەۋەبىنى بىزگە ئېيتىپ بەرسىڭىز ـ دېدى رەسۇلۇللاھ:

يەھۇدىيلار مېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قەست قىلغان ئىدى، بۇ ھەقتە جىبرىھىل ئەلەيھىسسالام ۋەھيىى كەلتۈرۈپ، ماڭا يەتگۈزدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردىن ساقلىنىپ قايتىپ كەلدىم، ـ دېدى.

شۇنداق قېلىپ، يەھۇدىيلارنىڭ قىلغان خىيانەتلىرى مەلۇم بولدى. ئوتتورىدا تۈزۈلگەن ئىلىگىرىدىكى شەرتنامىلەرنى ئۇلار بۇزدى. رەسۇلۇللاھقا قىلغان خىيانەتلىرى ئوتتىرغا چىقتى. بۇ ئىشلار ئوچۇق ئوتتورىغا چىققاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇھەممەد ئىبىن سەلەمەنى ئۇلارغا ئەۋەتىپ، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە خائىنلار ئەرەب تۇپرىغىدىن چىقىپ كەتسون، دەپ ئەمر قىلدى. بۇ پەر مان بارغاندىن كېيىن بېشىغا قىيامەت كېلىپ، ئۆز ئىچىدىن غۇلغۇلا چىقتى. بۇ ئىشقا سەۋەب بۇلغۇچىلارنى ئەيپلاپ تەنەقېلىشقا باشلىدى. ئىسلام ئەھلىگە قازغان ئورىغا ئۆزى كېلىپ يىقىلدى. ئۆزى كولىغان ئورىغا ئۆزى چۈشۈدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھتىن ئەپۈ سوراشقىمۇ ھېچ بىر ئاساس يوق ئىدى. مانا شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ناچار ھالغا چۈشۈپ، ئۆي ماكانلىرىنى، باغ ۋارانلىرىنى تاشلىشىپ، كىتىشكە مەجبۇر بولدى. مانا شۇچاغدا بۇلارنىڭ دۇستلىرى مەدىنە مۇناپىقلىرىدىن يوشۇرۇنچە خەۋەر كەلدى: ـــــــــــــ«بىز سىلەر بىلەن بىرگە تۇرىمىز، ئەگەر مۇھەممەد بىلەن ئۇرۇشىدىغان بولساڭلار، ياردەمگە تەيياربىز» ـ دەپ يەھۇدىيلارگە ۋەدە قىلدى، بۇلارنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ كۆچۈشنى كىچكتۈردى.

بۇنى كۆرۈپ رەسۇلۇللاھ ئۇرۇش ھازىرلىغىنى قېلىشقا بۇيرۇق بېرىپ يېتەرلىك ئەسكەر توپلىدى. تۇغ ـ بايراقلار راسلىنىپ، باش تۇغنى ھەزرىتى ئەلىگە تۇتقازدى. مەدىنە شەھىرىگە ئىبنى ئۇممى مەختۇمنى ۋالىي قېلىپ، دۈشمەن ئۈستىگە يۈرۈش قىلدى. بۇ خەۋەر يەھۇدىيلارغا ئاڭلاندى. قارشى چىقىشقا پىتىنالمىغان يەھۇدىيلار قورقوشۇپ قاچقىنىچە قورغانغا كىرىۋىلىشتى. رەسۇلۇللاھ ئالتە كېچە كۈندۈز قورغاننى قامال قىلدى. ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلغان مەدىنە مۇناپىقلىرىدىن ھېچ بىر خەۋەر كەلمىدى. ئۇلاردىن ئۇمىدى ئۆزۈلگندىن كېيىن باشقا يول تېپىشقا ئامالى قالمىغانلىقتىن رەسۇلۇللاھقا ئەلچى ئەۋەتىپ:

― ئۇرۇش قۇراللىرىمىزنى پۈتۈنلەي تاپشۇروپ، ھەر بىر ئائىلىگە ئۆزىمىز خالىغىنىمىزچە بىر تۆگە مال ئېلىپ ئەرەب زىمېنىدىن چىقىپ كىتەيلى، جىنىمىزغا ئامانلىق بەرسۇن، دەپ تەلەپ قويدى.

رەسۇلۇللاھ بۇنىڭغا رازىلىق بىلدۈرۈرپ ئۇلارنىڭ كىتىشىگە قوشۇلدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەيبەرگە قېچىپ كېتىشتى، بەزىلىرى شام تەرەپدىگى ئەروۋەت دېگەن جايغاكىتىشتى. بۇلاردىن قالغان پۈتۈن مال دۇنيالار خەزىنىگە تاپشۇرولدى. رەسۇلۇللاھ بۇ غەنىيمەت ماللاردىن پەقىر مىسكىنلەرگە، يىتىم بالىلارگە، تۇل خوتۇنلارگە نەسىۋە چىقىرىپ، ئۇلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. ئوتتورىدا قان تۈكۈلۈپ، ئۇرۇش بولمىغانلىقتىن ئەسكەرلەرگە بۇ مالنى بەرمىدى. بۇ ۋەقەدە ئولجا چۈشكەن ماللارنى بەزى ساھابىلەر ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئەرەب ئادەتلىرى بويىچە بۆلىشىپ ئېلىشنى ئىستىگەن ئىدى.

مانا شۇ چاغدا چۈشكەن«ھەشىر» سۈرىسىدىكى ئايەتلارنىڭ ھۈكمىگە قاراپ، رەسۇلۇللاھ بۇ ماللارنى خەزىنىگە ئېلىپ شەرىئەت بۇيرۇغان ئورونغا بەردى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇرۇشدا ئىلىنغان ئولجا ماللارنى بۆلۈش ئۇسۇلى ئەرەب ئادىتى بويىچە بولماي، بەلكى قۇرئان ھۈكمى بويىچە بولدى. شەرىئەتتە بۇنداق ماللار «ھەشىر» سۈرىسىدە ئېيتىلغان ئايەت بويىچە بولۇشى لازىمدۇر. شۇنداق بولۇپ، بۇ سەپەردە ئۇرۇش تالاش بولمىدى. بۇلارنىڭ شەررىدىن مۇسۇلمانلارنى ئاللاھ قۇتقۇزدى.

زاتۇررىقا غازىتى

شۇ يىلى رەببيەل ئاخىر ئىيىدا رەسۇلۇللاھقا خەۋەر كەلدى. نەجىد ئاھالەلىرىدىن بەنى مۇئارىب ۋەبەنى سەھلەبە باشلىق بىر نەچچە قەبىلىلەر بىرلىشىپ، رەسۇلۇللاھقا قارشى ئۇرۇش ئاچماقچى بۇلۇشۇپتۇ. بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇلارغا قارشى ھازىرلىق كۆرۈپ، 700كىشىلىك قوشۇن تۈزۈپ سەپەرگە چىقتى. بۇ قېتىم ھەزرىتى ئوسمان مەدىنىگە ۋالى قېلىپ قالدۇرۇلغان ئىدى.

بىر نەچچە كۈن يول بېسىپ، دۈشمەنگە قارشى ماڭغاندىن كېيىن، بېرىپ قارىسا خوتۇن بالىلاردىن باشقا ھېچ كىم قالماي ھەممىسى قىچىپتۇ، ئۇلار ئەسكەرلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، قورققىنىدىن ئۈلگۈرەلمەي، خوتۇن بالىلىرىنى قالدۇرۇپ، تاغنىڭ بېشىغا چىقىپ ئۇيەردىن تارقېلىپ كەتكەن ئىكەن. قالغانلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئەسىرگە ئىلىندى. بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قاچقانلىرى نومۇس قېلىشىپ قايتىدىن توپلىشىپ ئۇرۇش قېلىشقا تەييارلاندى. ئەسىر ئىلىنغان خوتۇنلاردىن بىرسىنىڭ ئىرى بۇ ئىشقا قاتتىق غەزەپلىنىپ، قەسەم ياد قېلىپ ئېيتتىكى:

يا مۇھەممەدنى، ياكى ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىدىن بىر نەچچە كىشىنى ئۆلتۈرمىگۈنچە قايتىپ كەلمەيمەن، ― دېدى.

شۇنىڭ بىلەن دېگەن گىپىنى ئىجرا قېلىش ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھ چۈشكەن مەنزىلگە قاراپ كەتتى. ئىسلام قوشۇنى كېلىپ، شۇ كېچىدە بىر جىلغا ئاغزىغا چۈشكەن ئىدى. ئۇ كېچىسى ھاۋا بۇزۇلۇپ، قاتتىق بوران چىقتى. رەسۇلۇللاھ ئىككى كىشىنى قوشۇمچە قاراۋۇللوققا قويدى. ئۇلارنىڭ بىرسى ئاممار ئىبنىياسەر، ئىككىنچىسى ئۇبباد ئىبنى بىشىر ئىدى. «بۇ كېچىنى ئىككىگە بۆلۇپ، ئالدىنقى يىرىم كېچىدە مەن قاراۋۇللوققا تۇراي» ــــ دەپ يولدىشى ئاممار ئىبنى ياسەرنى ئۇخلاشقا بۇيرۇپ، ئۆزى نامازغا قەئىم بولدى. شۇ ئارىدا قەسەم قېلىپ، دۈشمەن تەرەپتىن كەلگەن كىشى جىلغا ئالدىغا كەلگەندە بايقاپ قارىسا يىراقتىن بىر كىشىنىڭ قارىسى كۆرۈندى. بۇ چوقۇم دۈشمەن قاراۋۇلى بۇلغاي دەپ، دەرھال نىشان ئېلىپ ساداقتىن ئۇنىڭغا قارىتىپ ئوق ئاتتى. بۇ كىشى داڭدار مەرگەنلەردىن بولغاچقا، ئاتقان ئوقى ناماز ئوقۇپ تۇرغان ئۇبباد ئىبنى بىشىرگە توغرا كېلىپ تەگدى. نامازنى بۇزماي، ئوقنى سۇغۇرۇپ تاشلاپ، يەنە نامازىنى داۋاملاشتۇردى. دۈشمەن ئاتقان ئوقوم تەگمىدى دەپ خىيال قېلىپ، يەنە ئىككى قېتىم ئوق ئۆزدى. بۇ ئىتىلغان ئوقلارنىڭ ھەممىسى توغرا تەككەن بولسىمۇ، لېكىن ئەجەللىك يېرىگە تەگمىگەن بولغانلىقى ئۈچۈن، نامىزىنى بۇزماي، نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن قارىسا، جارائەت ئورنىدىن قان تولىمۇ بەك ئېقىپ كېتىپتۇ، دەرھال ئاممار ئىبنى ياسەرنى ئويغاتتى، ئۇ،كۆرۈپ:

― ئەي بىرادەر، بىرىنچى ئوق تىگىشى بىلەن نېمە ئۈچۈن مېنى ئويغاتمىدىڭ؟ بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ـ دەپ سورىدى.

ئاندىن ئۇ ئېيتتى:

نامازگە تۇرۇپ «كەئىف» سۈرىسىنى باشلىغان ئىدىم، لەززەتلىنىپ ئوقوۋاتقىنىمدا بىر ئوق كېلىپ تەگدى. ئۇنىڭ لەززىتىدىن ئۈچ ئوق كېلىپ تەككۈچە قۇرئاننى توختىتىپ، نامازنى بۇزۇشقا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى. ئەگەر رەسۇلۇللاھنىڭ تاپشۈرغان خىزمەتلىرىگە ھال يىتىشتىن قورقمىسام، جىنىم چىقىپ كەتكۈچە نامىزىمنى بۇزمىغان بۇلار ئىدىم ـ دېدى. رەزىيەللەھو ئەنھوم.

ئىمان ھەقىقىتى كىشى كۆڭلىگە ھەقىقىتەن ئورونلاشقان بولسا، بەندىنى بۇنىڭدىنمۇ، يۇقورى دەرىجىگە يەتگۈزرشتە شۈھبە يوقتۇر. دىننىڭ ھەقىقىتىنى ھەر كىم ئۆزى تىتىمىغونچە ئۇنىڭ لەززىتىنى چۈشۈنەلمەيدۇ.

ئەي رەببىم. ھەببىبىم. ھۆرمەتدىن بىزلەرگىمۇ شۇنداق ئىماننى نەسىپ قىلغايسەن! ئامىن!

شۇنداق قېلىپ ئاممار ئبىن ياسەر ئۇيقۇدىن ئويغونوپ ئولتورغان ئىدى. ئوق ئاتقان دۈشمەننىڭ كۆزىگە تۈن قاراڭغۇسىدا تىك تۇرغان كىشى ئولتورغان بولۇپ كۆرۈندى. «مېنىڭ ئاتقان ئوقوم تەگمىگەن ئوخشايدۇ، ئەمدى ئۇ مېنى قارغا ئېلىپ ئوق ئاتقىلى ئولتۇردى» دەپ خىيال قېلىپ، ئارقىغا قاچتى. شۇنىڭ بىلەن قاچقان كىشى ئۆز قوشۇنىغا قوشۇلوپ، ئەسىر چۈشكەن خوتۇن بالىلىرىنى ئاجرىتىش ئۈچۈن ئىسلام ئەسكەرلىرىنى ئوراپ، تۇتماقچى بولدى. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەسكەرلىرى يېقىنلىشپ كەلدى. مانا شۇ ھالدا ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى بولغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئېھتىيات يۈ زىسىدىن «خەۋف» نامىزى ئوقۇدى. بۇ نامازنى ئوقۇش قۇرئان ئايىتى بىلەن سابىتدۇر. بۇنى ئوقۇش تەرتىپى مەسھەلە كىتابلىرىدا ئوچۇق يېزىلغانلىقتىن بۇ يەردىە سۆزلەپ ئولتۇرۇشنى لايىق كۈرمىدۇق. رەسۇلۇللاھ نامازدىن بۇشۇنغىچىلىك، دۈشمەنلەر ھۇجۇم قېلىشقا جۈرئەت قىلالماي، قارىشىپ تۇردى. ئاندىن كۆڭلىگە قاتتىق قورقونوچلوق چۈشۈپ، ئۇرۇشۇشقا تاقىتى قالماي بىردىن ئىككىدىن تارقېلىپ قىچىشتى. ئىسلام ئەسكەرلىرىمۇ بىر قانچە ئولجا ئۈلىشىپ ئۇرۇشماستىن مەدىنىگە قايتىپ كىلىشتى.

شۇ قايتىشىدا بىر مۆجىزىلىك ۋەقە پەيدا بولدى. يەنى ناھايىتى قىلىن بىر تىكەنلىك دەرەخزارلىققا كېلىپ چۈشكەن ئىدى. ياز مەۋسومى بولۇپ، كۈن ئىسسىغى ناھايىتى ئۈرلىگەن ئىدى. پۈتۈن ئەسكەر سايە يەر ئىزلىشىپ، دەرەخ تۈۋىگە تارالغان ئىدى. شۇ ئارىدا پەيغەمبىرىمىز ئۆزىمۇ يالغوز بىر دەرەخ ئاستىدا يېتىپ كۆزى ئۇيقۇغا كەتتى. بىر قەبىلە مۇشرىك ئەرەبلەر بۇنى بايقاپ تۇرۇشقان ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ يالغۇز ياتقانلىقىنى ئۇلاردىن بىرسى كۆرۈپ قالدى. غەۋرەس ناملىق رەئىسى ئۇلارغا ئېيتتىكى: ـ «بۇنداق ئىش كىشىگە كەم ئۇچرايدۇ، بۇ پۇرسەتنى قاچۇرماي، ئۆزۈم يالغوز بېرىپ، مۇھەممەدنى ئۆلتۈرىمەن، ئۇنىڭ تەشۋىشىدىن بۇ كېچە خەلق قۇتۇلىدۇ» ـ دەپ ھېچ كىمگە تۇيدۇرماسدىن تاغدىن چۈشۈپ، ئۈمىلەپ، يوشۇرۇنچە يېتىپ بېرىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈستىگە كەلدى. قىلىچنى سۇغۇرغان چاغدا ئويغىنىپ قالدى. قارىسا قىلىچ يالىڭاچلانغان بىر كىشى چاپقىنى تۇرۇپتۇ. غەۋراس: ـــ «ئەي مۇھەممەد، ئەمدى سىنى مېنىڭ قولومدىن كىم قۇتغۇزالايدۇ.» ـ دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: ـ «ئاللاھ قۇتغۇزىدۇ» ـ دەپ ئۈچ قېتىم ئېيتتى. دەرھال قولى تۇتماس بولۇپ قىلىچ يەرگە چۈشتى.

رەسۇلۇللاھ دەرھال قىلىچنى قولىغا ئېلىپ: ــ «ئەمدى سىنى كىم قۇتغۇزالايدۇ؟» ـ دېدى. ئاندىن ئۇ:ـــ «سىنىڭ ـ فەزلى كەرەمىڭ قۇتغۇزىدۇ، بولمىسا باشقا كىم مېنى قۇتغۇزالىسون» ـ دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: ـ «شائادەت ئېيتقىن،ئۆلۈمدىن قۇتۇلىسەن» ـ دېدى. ئاندىن ئۇ«شۇ ھالدا شائادەت ئېيتسام، ئۆلۈمدىن قورقۇپ شائادەت ئېيتقان بولىمەن، ئەمما، ئەھد قېلىپ ۋەدە بېرەي ،ئىككىنچى سىاڭا قارشىلىق قېلىپ ساڭا قارشى چىققان قوشۇنغا قوشۇلمايمەن» ـ دەپ ئەفۈ سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ گۇنايىدىن ئۆتتى.

شۇندىن كېيىن ئۇ ئادەم ئۆز قەبىلىسىگە بېرىپ: ـ «بۇ دۇنيادا ئەڭ ياخشى ئادەم ئالدىدىن كەلدىم. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ تۇتقان يولى ياخشى بولسا كېرەك» ـ دەپ ئۇلار ئالدىدا ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدى. بۇنى كۆرۈپ پۈتۈن قەبىلىسىمۇ ئىسلام دىنىغا كىردى. رەزىيەللەھو ئەنھوم.

ئىككىنچى بەدر غازىتى

بۇ ۋەقە مۇنداق يۈزبەرگەن. ئۆتكەنكى ئۇھود ئۇرۇشىدا قۇرەيش مۇشرىكلىرى مۇسۇلمانلارنى يەڭگەن ئىدى. ئۇرۇش توختاپ قايتىدىغان چاغدا ئەسكەر باشلىقى ئەبۇ سوپيان: ـ «ئى مۇھەممەد كېلەر يىلى بەدرىدە سىلەر بىلەن يەنە ئۇرۇشىمىز» ― دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: ـ «ئىنشائاللاھ، ئۇ ۋاخىتتا بىزمۇ تەييار» ـ دەپ ۋەدە قېلىشقان ئىدى.

بەدردە ھەر يىلى شەئبان ئېيىدا سەككىز كۈن بازار بولاتتى. قۇرەيش مۇشرىكلىرى ئۇھود ئۇرۇشىدىن قايتىپ، مەككىگە باردى. ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن شەئبان ئېيى كىردى. ئۆتكەنكى قېتىم ئۇھودتا قىلغان ۋەدىلىرىگە ئاساسەن يەنە ئۇرۇش سەپىرىگە تەييارلىق قېلىشقا كىرىشتى. 1500 كىشىدن تەركىب تاپقان قوشۇن ھازىرلانغاندىن كېيىن ئابدۇللا ئىبنى ئۇبەينى مەدىنىگە ۋالى قېلىپ قالدۇروپ، يولغا چىقتى. بۇلار ئىچىدە ئون كىشى باھادىرلاردىن ئىدى (ئاتلق ئىدى). قالغانلىرى تۆگىلىك ئىدى.

ئەسكەرلەر يولغا چىقىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، ئەنجاد قەبىلىسىنىڭ رەئىسى نۇئەيىم ئىبنى مەسئود مەدىنىگە كەلدى. بۇ كىشى مەككىگە بارماقچى ئىدى. ئۇ يەرگە بارغان ھامان، خەۋەرنى ۋەھىمىلىك قېلىپ، ئەبۇ سوپيانغا يەتگۈزدى. بۇنى ئاڭلاپ ئۇ غەمگە پاتتى. چىقماي دېسە ئۆزى قىلغان ۋەدە ئىدى ھەمدە باشقىلار ئالدىدىمۇ، ئۇرۇشتىن قورقۇپ چىقمىدى دېيىشەتتى. يەنە كېلىپ رەسۇلۇللاھ قوشۇن تارتىپ ۋەدىلەشكەن يەرگە كەلگەن ئىدى. قۇرەيش مۇشرىكلىرى بۇنى بىلىپ، ئۇرۇشقا چىقمىسام ئەرەبلەر ئىچىدە ئابرويىمىز تۆكېلىدۇ دەپ، بۇنىڭغا بىر ھىيلە ئىشلەتمەكچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ سۇپيان نۇئەيىم ئىبنى مەسئودقا: ـ «سەن مەدىنىگە بېرىپ قورقونچلۇق خەۋەر تارقىتىپ كەل، قۇرەيش خەلقى سان ـ ساناقسىز ئەسكەر يىغدى، ئىككىنچى قېتىملىق بەدرە ئۇرۇشىغا قاتتىق تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، قۇرالىنىڭ ھەددى ـ ھېسابى يوق، سىلەرنىڭ ئۇلارغا تەڭ كىلەلىشىڭلار مۇمكىن ئەمەس، دېگەندەك گەپلەر بىلەن داۋراڭ سېلىپ، ئۇلارنى ئۇرۇشقا چىقىشتىن قورقۇتقىن، ئەگەر شۇ ئىشنى بىجىرەلىسەڭ، مۇھەممەددىن بۇ قېتىم قۇتۇلۇپ قالاتتۇق، سىېنىڭ بۇ ئىشىڭ ئۈچۈن ساڭا يىگىرمە تۆگە بېرىمىز» ـ دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئىش پۈتكەندىن كېيىن مالنىڭ ساق قولىغا تېگىشىگە سەھل ئىبنى ئۆمەر كېپىل بولدى.

شۇنىڭ بىلەن نۇئەيىم ئىبنى مەسئود مەدىنىگە كېلىپ مۇسۇلمانلار ئارىسىغا قورقونچلۇق خەۋەر تارقىتىشقا باشلىدى. بۇنىڭ سۆزىگە مۇناپىقلار، يەھۇدىيلار گۇپپاڭ سېلىپ، خەلق ئارىسىغا شاۋقۇن سېلىپ جار سېلىشقا باشلىدى. يالغان خەۋەرلىرى، باتىل سۆزلىرى ۋاقىتىلىق بولسىمۇ تەسىرسىز قالمىدى. بىر قىسىم ئادەملەر ئارىسىغا راستتىنلا قورقۇنچ چۈشتى. ئۇرۇشقا بارماسلىق تەرەپدارلىرى كۆپىيىشكە باشلىدى. ئاندىن ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى، ھەزرىتى ئۆمەر باشلىق كىشىلەر خەلق ئاغزىدىكى داۋراڭنى ئاڭلىغاچ رەسۇلۇللاھ قىشىغا كەلدى:

يا رەسۇلۇللاھ، بىزگە مەلۇمكى، ئاللاھ تائالا ئۆز پەيغەمبىرىنىڭ ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ، ئۆزى ئەۋەتكەن بۇ ئىسلام دىنىنى ھەممە دىنلاردىن غالىپ قىلىدۇ، بۇنىڭغا ئىشەنجىمىز كامىل، لېكىن شەيتان مەلئون كۆپچىلىك خەلقنىڭ كۆڭلىگە قورقونچ سېلىۋاتىدۇ، بۇلارغا قاراپ، سەپەردىن توختايدىغان بولساق، بىزنى ئۇرۇشتىن قورقۇپ قاچتى، دەپ دۈشمەنلىرىمىز كۆرەڭلەپ كېتىدۇ، بىزنىڭ مەسلىھەتىمىز قوشۇن تارتىپ بەدرە بازىرىغا بارايلى، ئەگەر دۈشمەنلىرىمىز كېلىدىغان بولسا، ئاللاھ ياردىمىگە تايىنىپ سوقوشايلى، ئەگەر ئۇلار كەلمىسە قىلغان ۋەدىلىرىنى ئۆزى بۇزغان بولىدۇ، شۇنداق قىلساقلا ئىشىمىز خەيرلك بولغاي، ئىشائاللاھ» ـ دېدى.

رەسۇلۇللاھ ئۆز يارانلىرىدىن بۇ ياخشى مەسلىھەتنى ئاڭلاپ، سۆيۈنگەنلىكىدىن مۇبارەك يۈزلىرى گۈلدەك ئېچىلىپ كەتتى، ئاندىن: ـ «ئاللاھ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر بۇ غازاتقا ھېچ كىم قوشۇلماي، يالغۇز قالساممۇ ئۆزۈم بارىمەن» ـ دېدى. مۇسۇلمانلار بۇسۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كۆڭۈللىرىگە چۈشكەن قورقۇنچ پۈتۈنلەي كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن مەدىنىدىن چىقىپ بەدرە غازىتىغا كەلدى. بۇ غازاتتا ئىسلام تۇغىنى ھەزرىتى ئەلى كۆتۈرگەن ئىدى. بېرىپ قارىسا بۇ يەرگە ھېچ بىر دۈشمەن كەلمەپتو. ئۇلارنى كۈتۈپ بۇ يەردە سەككىز كۈن تۇردى.

رەسۇلۇللاھنىڭ كەلگەن خەۋىرى پۈتۈن ئەرەب قەبىلىلىرىگە يېتىپ مەلۇم بولدى. ئەبۇ سوپياننىڭ بۇ توغرىدىكى خىياللىرى بەربات بولغاندىن كېيىن، نۇئەيىم ئىبنى مەسئۇدنىڭ تارقاتقان يالغان خەۋىرىدىن مۇھەممەدىنىڭ ئەسكەرلىرى قورقۇشۇپ، بۇ سەپەرگە چىقماي قالسا ئەجەب ئەمەس دېگەن ئۇمىدى كېسىلدى.

ئىش ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى. شۇنداق بولسىمۇ نومۇس كۈچىدىن 200 كىشىلىك ئەسكەر ئېلىپ يولغا چىققان ئىدى. مەجەننە دېگەن يەرگەچۈشكەندە ئەبۇ سوپيان ئەسكەر باشلىقلىرىغا قاراپ:

بۇ يىل يامغۇر ياخشى ياغمىغانلىقتىن يۇرتىمىزدا ئاچارچىلىق بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنداق ئاچارچىلىق كۈنلىرىدە ئۇرۇش قېلىش بەك قىيىن ئىش. بۇنىڭدىن خەلققە كۆپ زىيان كېلىدۇ. قاچان قەھەتچىلىك خەلقنىڭ بىشىدىن كۆتۈرۈلىدىكەن شۇ چاغدا بۇ ئۇرۇشنى قىلساقمۇ بولىدۇ. ـ دېدى.

بۇ سۆزنى باشقىلارغىمۇ شۇنداق چۈشەندۈردى. شۇنى باھانە قېلىپ يولدىن قايتتى. ئەسكەر باشلىقلىرىدىن سەۋبان بىلەن ئۇمەييە ئەبۇ سۇپياننىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا مالامەت قىلغىلى تۇردى، ـ «بۇ ۋەدىنى قېلىشتىن بۇرۇنراق مەن سېنى قايتۇرغان ئىدىم، مۇھەممەد ۋەدىسىگە ۋاپا قېلىپ، بەدرە بازىرىغا كەپتۇ. بىز ئەمدى پۈتۈن ئەرەب خەلقى ئالدىدا ۋەدىنى بۇزۇپ، ئۇرۇشتىن قاچقاندەك كەتسەك بۇ ئىش بىز ئۈچۈن چوڭ نومۇس،» ـ دېدى.

شۇنداق قېلىپ دۋشمەننىڭ يولدىن قايتقان خەۋىرى ئاڭلىنىپ رەسۇلۇللاھمۇ بەدرىدىن قايتىپ مەدىنىگە كەتتى.

دەۋمە تۇل جەندەل غازىتى

ھىجرەتنىڭ تۆتىنچى يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا رەسۇلۇللاھقا مۇنداق بىر خەۋەر كەلدى. دەۋمەتۇل جەندەل دېگەن جايدا بىر توپ ئادەملەر يىغىلىشىپتو، بۇلارنىڭ مەقسەتلىرى مەدىنىگە ھۇجۇم قېلىش ئىكەن، دېگەن خەۋەر كەلگەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ 1000كىشىلىك بىر ئەسكىرى قوشۇن ھازىرلاپ، يولغا چىقتى. بۇ يەر مەدىنىنىڭ شام تەرىپىدە بولۇپ، 15كۈنلۈك يىراقلىقدىكى بىر يەر ئىدى. بۇئادەملار يولدىن ئۈتىۋاتقان ئادەملەرگە زۇلۇم سېلىپ زوراۋانلىق قىلىۋاتقان ئادەملەر ئىدى. دۈشمەننى تۇيدۇرماي ئۇلارنى بىسىش ئۈچۈن، كۈندۈزى يوشۇرۇنوپ كېچىسى يولغا چىقتى.

شۇنداق قېلىپ ئىسلام ئەسكەرلىرى دۈشمەن ئۈستىگە يېتىپ كېلىپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى. نېمە ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلمەي قىچىشقا ئاران ئۈلگەردى.

پۈتۈن مال چارۋالىرىنى ئوتلاققا قالدۇروپ، ھەر تەرەپكە قېچىپ كېتىشنى. ئۇلاردىن قالغان نەرسەلەرنىڭ ھەممىسى ئولجىغا چۈشتى. دۈشمەن تەرەپتىن ھېچ قانداق قارشىلىققا ئۇچرىماي مەدىنىگە قايتىپ كەلدى.

شۇ قايتقىنىچە فىزار قەبىلىسىنىڭ رەئىسى ئۇياينا ئىبنى ھېسىن رەسۇلۇللاھقا ئۇچراپ، ئوتتورىدا كېلىشىم قىلىىشتى. بۇ چاغدا بۇ قەبىلە كىشىلىرى دىنغا كىرمىگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ بۇ ئادەمنى «ئەھمەكۇل مۇتاھ» يەنى:«ئابرويلوق ئەخمەق»، دەپ ئاتايتتى، خەلق ئىچىدە شۇنداق ئادەملەر بىلەنمۇ، مۇرەسسە مادارا قېلىش لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ بۇ ئادەم بىلەن سۇلھى تۈزۈپ، مۇرەسسە قېلىپ، پۈتۈن ئۇممەتلىرى ئۈچۈن بىر قانۇن قالدۇردى. بۇنىڭ بىلەن مۇرەسسە قىلغاندىن كېيىن چارۋا ماللىرىنى ئوتلاقتا ئوتلوتوش ئۈچۈن مەدىنىدىن ئوتتوز ئالتەمىل يىراقلىقدىكى بوش بىر يەرنى ئۇنىڭغا ئوتلاق قېلىپ بەردى. چۈنكى ئۆزىنىڭ يېرىدە شۇ يىلى يامغۇر ياغماي قۇرغاقچىلىق يۈز بەرگەن ئىدى.

رەسۇلۇللاھنىڭ قىلغان بۇ ياخشىلىقلىرىنى ئۇلار بىلمىدى. بۇ جايغا كېلىۋېلىپ ئات ئۇلاغ ئارتوق تۇياقلىرى سەمرىگەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھنىڭ سىغىن تۈگىلىرىنى ھەيدەپ ئۆزىنىڭكىگە قېتىپ ئېلىپ قاچتى. بۇ ۋەقەنى ئۆز ۋاقتى كەلگەندە يەنە بايان قىلارمىز. ئىنشائاللاھ. ئۇ كىشى ھەققىدە بۇ ھەدىس بايان قىلىنىدۇ:

:«ئادەملەر ئىچىدە ئەڭ يامان كىشى شۇكى. ئۇنىڭ ئۇياتسىزلىقى، ئاغزىنىڭ بۇزۇغلىقىدىن كىشىلەر ئەزەر قېلىشى كېرەك. زىيان يەتمىسون دەپ ئۇنى ھۆرمەت قىلىدۇ، ئەڭ يامان ئادەم شۇدۇر». ئەمدى بۇ جايدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇ كىشى ھەققىدە «ئابرويلوق ئەخمەق» دېگەن سۆزىدىن ئىلھام ئېلىپ بۇ يەردە ئوقوغوچىلار ئۈچۈن بىر نەچچە پايدىلىق سۆز يېزىپ قالدۇروشنى لازىم تاپتىم. ئەلۋەتتە شۇنى بىلىش كېرەككى، ئىنسان ئالىمىگە بېرىلگەن نىھمەتلەر ئىچىدە ئەڭ ئۇلۇغى ـــــ ئەقىل مىھنىتىدۇر. شۇنىڭغا ئوخشاش ئالەمدە بارلىق بالالەر ئىچىدە ئەڭ يامېنى ــــــــ ئەخمەقلىق بالاسىدۇر. بۇنداق زىيانلىق يامان نەرسە دۇزاخدىمۇ يوقتۇر.

ئەگەر كىشى ئەقلىنى ھەقلىق يولىدا ئىشلەتسە ئۇ كىشى پەرىشتىلىك ماقامىغا يېتىپ، بەلكى پەيغەمبەرلەر كەبى ئۇلاردىن ئۆتۈپ، كامىل ئىنسان بولىشى شۈبھىسىزدۇر. ئەگەر ئادەم ئەخمەقلىق يولىغا كىرىپ، ھايۋانلىق سۈپىتىگە بېرىلىدىغان بولسا، شەيتانغا قۇل بولۇپ، دۇزاققا يەم بولىشىدا شەك يوق. دۇنيا يارىتىلغاندىن باشلاپ، ناھەق تۆكۈلگەن قانلار يەرو ـ ئاسمانغا گۇناھى سىغمايدىغان ئىنسانلارنىڭ قىلغان زۇلۇم ـ خىيانەتلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ ئەخمەقلىقنىڭ نەتىجىسىدىن چىققان ئاقىبەتتۇر. ئەگەر كىشى بىرسىنى ـ ئاللاھ سىنى ئەخمەق قىلسون، ئەخمەقلارگە يولداش قىلسون، ـ دېسە، ئۇنى ئەڭ ئالقىشلىغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن جالالىدىن رومى«مەسنەۋىي شەرىف» كىتابىدا بۇنداق يازىدۇ:

: «ئىيسا پەيغەمبەر ئەخمەقلەردىن قاچتى، سەنمۇ شۇنىڭدەك ئۇلاردىن قاچ، چۈنكى پۈتۈن دۇنيادا بارلىق بۇزوق ئىشلار ناھەق تۆكۈلگەن قانلارنىڭ ھەممىسىگە شۇلار جاۋاپكەر» دېگەن بولىدۇ. بۇ بىيىتنىڭ كىتابتا ھېكايىسى بار.

بىر كۈنى ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىر نەچچە ئەخمەق ئادەملارنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ قاچتى. ئۇنى كۆرگەن شاگىرتلىرى: ـ«يا رەسۇلۇللاھ سىزنىڭ مۇبارەك نەفسىڭىزدىن قانچە كۆپ تۇغما گۇڭلار، قارىلارمۇ شىفا تاپتى، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە ئاللاھ ئىزنى بىلەن بىر نەچچە ئۆلىگلەر تىرىلدى. شۇنداق بولغاچ بۇ ئەخمەقلارگە بىر «دەم» ئۇرسىڭىز بۇلارمۇ شۇ ئەخمەقلىق بالاسىدىن قۇتۇلۇپ، قالسا ياخشى بولاتتى» دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ـ«مېنىڭ نەفسىم ئاللاھ ئىزنى بىلەن ئۆلۈگلەرنى تىرىلدۈردى. ھەر قانداق دەردمەنلەرگە شىفا بېغىشلايدۇ. ئەمما ئەخمەق ئادەملەرگە تەسىر قىلمايدۇ. چۈنكى ئەخمەقلىق ـ ئاللاھ نىڭ قەھرىدۇر» ـ دېدى.

مانا شۇنىڭغا ئوخشاش ھازىرقى كۈنلەردە يەنى ھېچرىيى 1380، (مىلادى 1960 -) يىلدا پۈتۈن يەر ـ زېمىن ئەنە شۇ ئەخمەقلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. دىنسىزلىق، دەرھىيلىك، پۈتۈن دۇنيانى قاپلىدى. ئىسلام ھۆكۈمىتى ئىسلام مەملىكىتى دېيىشكە ئىككى ھەرەمدىن باشقا ھېچ بىر جاي قالمىدى. ئاللاھ ئەۋەتكەن پەيغەمبەلەر كۆرسەتكەن توغرا يوروق دۇنيا خەلقى پۈتۈنلەي چەتكە چىقتى. مەھرىفەت نۇرلىرى ماڭىدىغان يوللىرىمىزنى يوروتالمىدى. تاپقان ئىلمى ھۈنەرلىرىنى خەلققە پايدا بېرىدىغان قېلىپ ئىشلەتمىدى. بەلكى ئىنسانلارنى قىرىپ، يوقوتۇش، پۈتۈن ئالەمگە ھالاكەت يەتگۈزۈشدەك، دەھشەتلىك قۇراللارنى تەييارلىدى. پەيغەمبىرىمىز ئېيتقاندەك، دۇنيا ئىلمى كۈندىن كۈنگە راۋاجلىنىپ، تەرەققىي تاپتى، ئەمما دىنىي ئىلمىنى بىلگەن پۈتۈن مەملىكەتتە «بىر ئىككى» دەپ سانىلىپ قالدى. ئىنسان ئالىمىدە ھەقىقىي مەدىنىيەتگە يىتىش ئۈچۈن بۇ ئىككى ئىلمى ئارقاق ئۇرۇشقا ئوخشاش بىر بىرىگە قاتتىق باغلىنىش لازىم ئىدى. چۈنكى قۇرئاندا كەلگەن بۇ ئايەت بىزنىڭ سۆزىمىزگە ئوچۇق دەلىلدۇر:

«رەببەنا ئاتىنە فىددۇنيا ھەسەنەتەن ۋەفىل ئاخىرەتى ھەسەنەتەن ۋە قىننا ئازابەن نار». يەنى:”ئى ئاللاھ، بىزلەرگەبۇ دۇنيادا ۋە ئۇ دۇنيادا ھەر ئىككى دۇنيادا ئاخىرەتلىك بەرگىن ۋە دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغايسەن،»

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ھەر ئىككى دۇنيانىڭ ياخشىلىقىنى سوراشنى بەندىلەرگە بۇيرۇدى. بۇ دۇلەتگە يىتىش يولىنى ئۇلارغا ئۆزى كۆرسەتتى. دۇنيا دۆلىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئىلىم ئۆگىنىشكە بۇيرۇدى. ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىغا يىتىش، دوزاخ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دىننى چىڭ تۇتۇشقا ئەمر قىلدى. ئىلىم ئۆگىنىپ تەبىئەت سىرلىرىنى ئىچىشقا ئەسباب(سەۋەب) قېلىپ، ئەقىل ئىدراك بەردى. دىننى ئۈگۈتۈپ ئىلمې ئىنساپ يولىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزنى ئەۋەتتى. ھەر ئىلىمنىڭ ھەر پەننىڭ مېھرى ئالىم ئۇستازلىرى ھەر شەھەردە يۈزلەپ، مىڭلاپ، تىپىلىشى مۇمكىن. ئەمما، ئۇلار ئىچىدە خەلق ئۈچۈن قايغۇرىدىغان دانا ئادەملەرمۇ تىپىلىدۇ، ئىلىم تەرەققىي قىلغانلىقتىن ئەگەر ئەخمەق قولىغا چۈشۈپ قالىدىكەنمىز، پۈتۈن ئالەمنى خاراب قىلغۇدەك ئەڭ دەھشەتلىك قۇراللارنى شۇ ئالىملار ئويلاپ چىقاردى. نادانلار قولىغا قورال بېرىش مەست ـ مەجنۇنلار قولىغا ئوت بەرگەن بىلەن بارابەر. بۇلار بىركۈنى پۈتۈن ئالەمگە ئوت قويۇپ، بىرىشتىنمۇ يانمايدۇ.

سۆزنىڭ خۇلاسىسى، ھەقىقەتنىڭ توختىغان جايى شۇكى، ئاللاھ بىر بولغاندەك ئۇنىڭ كۈسەتكەن يولىمۇ بىر. ئۇ بولسىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتكەن ئىسلام دىنى يولىدۇر. ئاللاھنىڭ 1001ئايىتى بار. ئۇنىڭ ئىسمى ئەھەددۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن «قۇلۋەللاھو ئەھەد» سۈرىسى قۇرئاندا يېزىلغاندۇر. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىسمى ئەھمەددۇر. ئاللاھ ئەھەد ئۆزى كۈسەتكەن ھەق يولغا پۈتۈن ئىنسانلارنى باشلاش ئۈچۈن ھەبىبى ئەھمەدنى يولباشچى قېلىپ ئەۋەتتى. ئەمدى ئىنسانلار ئاللاھ ئەۋەتكەن يولباشچىسى مۇھەممەدگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ يولىغا كىرىدىغان بولسا، بۇ دۇنيادا راھەتتە ياشاپ ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرگەي. ئەگەر ئۇنداق بولمىسائۇ ئادەملەر مايىل باشقا دىن تۇتسۇن. ياكى تۇتمىسۇن بۇ دۇنيادا قولى ئىشتىن بوشىماي كۆڭلى غەمدىن خالى بولالمايدۇ. قىيامەت كىرگەندە نەخ ئۆزىنى دوزاخ ئىچىدە كۆرىدۇ. قۇرئان ھۈكمى، ئىسلام ئىھتىقادى شۇدۇر. ئەخمەق ئادەم ئۈستىدە، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئېيتقان قۇتلۇق سۆزلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ شۇ قەدەر سۆزنى ئېيتىپ ئۆتتىم. ئوقورمەنلارگە ئىنشائاللاھ پايدىسى تېگىپ قالار. ئامىن!

بەدرە جىڭى غازىيلىرىنىڭ ئىسىملىكى

مۇھەممەد مۇستاپا

ئەبۇبەكىر سىددىق

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب

ئەلى ئىبنى تالىپ

ئۇبەي ئىبنى كەئب

ئەل ـ ئەھنەس ھەبىب

ئەرقەم ئىبنى ئابى ئەرقەم

ئەسئەد ئىبنى يازىد

ئەنەس ئىبنى مۇئاز

ئەنەسە مەۋلا رەسۇلۇللاھ

ئۇنەيىس ئىبنى قەتادە

ئاۋس ئىبنى سابىت

ئەبس ئىبنى ھەۋلىي

ئىياس ئىبنى ئەۋس

ئىياس ئىبنى بۇكەيىر

بۇجەيىر ئىبنى ئەبى بۇجەيىر

بەھھەس ئىبنى مەھرور

بەسبەسە ئىبنى بەرور

بىشىر ئىبنى سەھىد

بىلال ئىبنى رەيەخ

تەمىم مەۋلا ھىراش

تەمىم مەۋلا بەنى غۇئىم

تەمىم ئىبنى يائار

سابىت ئىبنى ئەركەم

سابىت ئىبنى سەھلەبە

سابىت ئىبنى خالىد

سابىت ئىبنى ئەمر

سەھلەبە ھاتىب

سابىت ئىبنى ھەززەل

سەھلەب ئىبنى غەنەمە

سەھلەبە ئىبنى ئەمر

سەقەف ئىبنى ئەمر

جىبىر ئىبنى ئابدۇللا

جابىر ئىبنى ئابدۇللا ئىبىر ئەمر

جاببار ئىبنى سەھىر

جەبىر ئىبنى ئاتىك

جەبىر ئىبنى ئەتىك

ھەرەس ئىبنى ئەنەس

ھەراس ئىبنى ئەۋسھەرەس

ئىبنى ئەۋس ئىبنى مۇئاز

ھارىس ئىبنى ئەبى ھەزمە

ھارىس ئىبنى ئەرفەجە

ھارىس ئىبنى قەيس

ھارىس ئىبنى نۇھمان

ھارىس ئىبنى قەيس

ھارىس ئىبنى سۇراكا

ھارىس ئىبنى نۇھمان

ھارىس ئىبنى ئەبى بەلتەئە

ھاتىب ئىبنى ئۆمەر

ھەباب ئىبنى مۇنزىر

ھەبىب ئىبنى ئەسۋەد

ھەرەم ئىبنى مىلخان

ھەرىس ئىبنى زەيد

ھۈسەين ئىبنى ھارىس

ھەمەئە ئىبنى ھۇمەيىر

ھەمەئا ئىبنى ئابدىل مۇتەللىب

ھارىجە ئىبنى زەيد

ھارىجە ئىبنى ئەكبەر

ھەبباب ئىبنى ئەرت

ھەبباب ئىبنى ئەتەبە

ھەبىب ئىبنى ئەسەك

ھەددەش ئىبنى قەتادە

ھىراش ئىبنى ھىممە

ھۇرەيىم ئىبنى فاتىكە

ھەللەد ئىبنى رەفەھ

ھەللەد ئىبنى ئەمر

ھەللەد ئىبنى قەيس

ھەللەد ئىبنى سۇۋەيد

ھۇلەيد ئىبنى قەيس

ھەلىفە ئىبنى ئەدىي

ھۇۈنس ئىبنى ھىزافە

ھەۋۋەن ئىبنى جۇبايىر

ھەۋەلىي ئىبنى ھەۋەلىي

زەكۋەن ئىبنى ئۇبەيد

زۇششىمالەين ئىبنى ئەبد

راشىد ئىبنى مۇئەللا

رەفىە ئىبنى ھارىس

رەفەھ ئىبنى ئۇنجۇدا

رەفەھ ئىبنى مالىك

رەفەھ ئىبنى مۇئەللا

رەفەھ ئىبنى يازىد

رەبھىي ئىبنى رەفەھ

رەبەھ ئبىن ئەكسەم

رەجىلە ئىبنى سەھلەبە

رىفائە ئىبنى رەفەھ

رەفەھ ئىبنى ئابدىل مۇنزىر

رەفەھ ئىبنى ئەمر زۇلايىر ئىبنى ئاۋام

زىياد ئىبنى سەكەن

زىياد ئىبنى ئەمر

زىياد ئىبنى لەبىد

زىياد ئىبنى ئەسلەم

زىياد ئىين مىزيان

زىياد ئىبنى ھارىسە

زىياد ئىبنى ھەتتاب

زىياد ئىبنى ۋەدىئە

زىياد ئىبنى مۇئاللاھ

ساىلم ئىبنى ئۇمەيىر

سەلىم مەۋلا ئابى ھۇزەيفە

سائىب ئىبنى ئۇسمان ئىبنى مەزھون

سەبۇرە ئىبنى فاتىك

سۇراكا ئىبنى ئەمر

سۇراكا ئىبنى كەھف

سەھىد ئىبنى ئابى ۋەققاس

سەھىد ئىبنى ھەۋلە

سەھىد ئىبنى ھەيسەمە

سەھىد ئىبنى زەيد ئەۋسىي

سەھىد ئىبنى زەيىد مۇھاجىرىي

سەھىد ئىبنى رەبەھ

سەھىد ئىبنى سەھىا

سەھىد ئىبنى ئۇبادۈ

سەھىد ئبىن ئۇبەيد

سەھىد ئىبنى مۇئاز

سەھىد مەۋلا ھاتىب

سەھىد ئىبنى ئوسمان

سۇفيان ئىبنى ناسىر

سەلەمە ئىبنى ئەسلەم

سەلەمە ئىبنى سابىت

سەلەمە ئىبنى سەلامە

سەلىت ئىبنى ڭەيس

سۇلايىم ئىبنى مىلھان

سۇلايىم ئىبنى ئەمر

سۇلايىم ئىبنى سەھىد

سىنان ئىبنى ئابى سىنان

سەھل ئىبنى ھەنىف

سەھىل ئىبنى ئەتىك

سەھىل ئىبنى قەيس

سەھىل ئىبنى ۋەھىب

سۇھەيىل ئىبنى رافىئە

سەۋاد ئىبنى رەزىن

سەۋەد ئىبنى غەزىييا

سۇۋەيبىت ئىبنى ھارمۇلا

شۇجاھ ئىبنى ۋەھب

شۇرەيك ئەنەس

سوماس ئىبنى ئوسمان

سەبىھ مەۋلا ئەبىل ئاس

مىنۋان ئىبنى ۋەھىب

سەيفىي ئىبنى سەۋاد

سۇھايب ئىبنى سىنان

زۈھھاك ئىبنى ھارىسە

ز ەھھاك ئىبنى ئابدى ئەمر

زۈمرە ئىبنى ئەمر

تۇفەيل ئىبنى ھارىس

تۇفەيل ئىبنى مالىك

تۇفەيل ئىبنى نۇھمان

تەلھە ئبىن ئۇبەيدۇللا

تۇلەيب ئىبنى ئۇمەير

ئاسىم ئبىن سابىت

ئاسىم ئىبنى ئادىي

ئاسىم ئىبنى قەيس

ئاقىل ئىبنى بۇكەير

ئامر ئىبنى رەبىئە

ئامىر ئىبنى ئۇمەييا

ئامىر ئىبنى بۇكەيىر

ئامر ئىبنى سەھىد

ئامىر ئىبنى سەلەمە

ئامر ئىبنى فۇھەيرە

ئامر ئبىن مۇھەللەد

ئامر ئىبنى سەكىن

ئۇببەد ئىبنى بىشر

ئۇببەد ئىبنىقەيس

ئۇبەد ئىبنى سامىت

ئابدۇللا ئىبنى قەيس

ئابدۇللا ئىبنى جۇباير

ئابدۇللا ئىبنى سەھلەبە

ئابدۇللا ئىبنى جەھش

ئابدۇللا ئىبنى جەدد

ئابدۇللا ئىبنى ھۇمەير

ئابدۇللا ئىبنى رەبەھ

ئابدۇللا ئىبنى رەۋاقە

ئابدۇللا ئىبنى سۇراكە

ئالدۇللا ئىبنى زەيد

ئابدۇللا ئىبنى سەلەمە

ئابدۇللا ئىبنى سەھىل

ئابدۇللا ئىبنى شۇرەيك

ئابدۇللا ئىبنى تارىك

ئابدۇللا ئىبنى ئامر

ئا بدۇللا ئىبنى ئابدمەناب

ئابدۇللا ئىبنى ئەرەفەت

ئابدۇللا ئىبنى ئامر

ئابدۇللا ئىبنى قەيس

ئابدۇللا ئبىن كەئب

ئابدۇللا ئىبنى مەرھرەمە

ئابدۇللا ئىبنى مەسھەد

ئابدۇللا ئىبنى مەزھۇن

ئابدۇللا ئىبنى نۇھمان

ئابدۇللا ئىبنى جەبر

ئابدۇللا ئىبنى ئەۋف

ئابدۇ راببىھ ئىبنى ھەق

ئابدا ئىبنى ھەسھاس

ئاباس ئىبنى ئامر

ئاتىيا ئىبنى مائىس

ئۇبەيد ئىبنى ئەۋس

ئۇبەيد ئىبنى تەيھەن

ئۇبەيد ئىبنى زەيد

ئۇبەيد ئىبنى ئابى ئۇبەيد

ئۇبەيد ئبىن ھارىس

ئۇتبا ئىبنى رەبىئت

ئەتەبە ئىبنى فەزۋەن

ئاتەبە ئىبنى ئابدۇللا

ئەتبان ئىبنى مالىك

ئەجلان ئىبنى نۇھمان

ئۇسمان ئىبنى مەوھۇن

ئادىي ئىبنى ئابى زەھباھ

ئىسمەت ئبىن ھۇسەين

ئۇسەيمە ئىبنى ئەشجەئىن

ئاتىيا ئىبنى نۇبەيرا

ئەقەبە ئىبنى ئامر

ئەقەبە ئىبنى ئويمان

ئەقەبە ئىبنى ۋەھبىل ـ مۇھاجىرىي جەھبەل

ئەقەبە ئىبنى ۋەھبىل ـ ئەنسارىي

ئەككلشە ئىبنى ياسەر

ئەممەرە ئىبنى ھەزىم

ئەممەرە ئىبنى زەيد

ئەمر ئىبنى ئىياس

ئەمر ئىبنى ھارىس

ئەمر ئىبنى جەمۇھ

ئەمر ئىبنى ھەرىسىل ـ ئەنسارىي

ئەمر ئبىن سۇراكا

ئەمر ئىبنى ئابى سەرھ

ئەمر ئىبنى تەلك

ئەمر ئىبنى مەھبەد

ئەمر ئىبنىقەيس

ئەمر ئىبنى مۇئاف

ئەمر ئىبنى سەلەھبە

ئۇمەير ئىبنى ھارام

ئۇمەير ئىبنى ئەفۋ

ئۇمەير ئىبنى ھۇمەم

ئۇمەير ئىبنى ئامىر

ئۇمەير ئىبنى ئابى ۋەققاس

ئەۋف ئىبنى ھارىس

ئۇۋەيم ئىبنى ساندە

ئىياز ئىبنى زۇھەيىر

فەمەن ئىبنى ئەۋس

فەقىھ ئىبنى بىشر

فەرۋە ئىبنى ئەمر

قەتەدە ئىبنى نۇھمان

قۇدلمە ئىبنى مەزھۇن

قەتەبە ئىبنى ئامر

قەيس ئىبنى ئەمر

قەيس ئىبنى مۇخسىن

قەيس ئبىن مۇھەللەد

كەئب ئىبنى جەمماز

كەئب ئىبنى زەيد

لىبدا ئىبنى قەيس

مالىك ئىبنى قەيس

مالىك ئىبنى ئابى ھەۋلە

مالىك ئىبنى جەھشەم

مالىك ئىبنى رەبىئە

مالىك ئىبنى ئەمر

مالىك ئىبنى رىفەائە

مالىك ئىبنى قۇداما

مالىك ئىبنى مەسھود

مالىك ئبىن نەمىلە

مۇبەششىر ئىبنى ئابدىل ـ مۇنزىر

مەجزار ئىبنى زىياد

مۇھەررەر ئىبنى ئەمر

مىھرەز ئىبنى نەزلە

مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە

مىدلاۈ ئىبنى ئەمر

مۇرسىد ئىبنى ئابى مۇرسىد

مستاھ ئىبنى ئۇساسە

مەسھود ئىبنى ئەۋس

مەسھود ئىبنى خەلدە

مەسھود ئىبنى رەبىئە

مەسھود ئىبنى زەيد

مەسھود ئىبنى سەھىد

مەسھود ئىبنى ئابدى سەھىد

مەسھ ئىبنى ئۇمەير

مۇئاز ئىبنى جەبەل

مۇئاز ئىبنى ھارىس

مۇئاز ئىبنى سەممە

مۇئاز ئىبنى ئەمر

مۇئاز ئىبنى مەيس

مەخبەد ئىلن ئىلاد

مەھبەد ئىبنى قەيس

مۇئەتتەب ئىبنى ئۇبەيد

مۇئەتتەب ئىبنى ئەۋف

مۇئەتتەب ئىبنى قۇشەير

مەۋقەل ئىبنى مۇنزىر

مۇئەممەر ئىبنى ھارىس

مەئەن ئىبنى ئەدىي

مەئەن ئىبنى يازىد

مۇئەۈۈەز ئىبنى ھارىس

مۇئەۋۋەز ئىبنى ئەمر

مىقداد ئىبنى ئەسۋەد

مۇلايل ئىبنى بەررە

مۇنزىر ئىبنى ئەمر

مۇنزىر ئىبنى قۇدامە

مۇنزىر ئىبنى مۇھەممەد

مىھجەھ ئىبنى سالىھ

نەزر ئىبنى ھارىس

نۇھمان ئىبنى ئابدى ئەمر

نۇھمان ئىبنى ئەھرەج

نۇھمان ئىبنى سىنان

نۇھمان ئىبنى ئەمر

نۇھمان ئىبنى ئابى ھۇزما

نۇھمان ئىبنى ئەسىر

نۇھمان ئىبنى مالىك

نۇھمان ئىبنى ئەمر

نۇھمان ئىبنى ئابدۇللا

ھانە ئىبنى نىيار

ھۇبەيل ئىبنى ۋەبرە

ھىلال ئىبنى مۇئەللە

ۋەقىد ئىبنى ئابدىللا

ۋەرەقە ئىبنى ئىياس

ۋەدىىە ئىبنى ئەمر

ۋەھىب ئىبنى ئابى سەھر

يازىد ئىبنى ئەھنەس

ۋەھىب ئبىن سەھىد

يازىد ئىبنى ھارىس

يازىد ئىبنى ھىزام

يازىد ئىبنى رۇقەيس

يازىد ئىبنى سەقەن

يازىد ئىبنى مۇنزىر

ئەبۇ ئەييوب

ئەبۇل ئەھۋەر

ئەبۇ ئىبە سابىت

ئەبۇ ھەننە ئىبنى مالىك

ئەبۇ ھەبىب ئىبنى زەيد

ئەبۇ ھۇزەيفە ئىبنى ئەتەبە

ئەبۇل ھەسن ئەنسارىي

ئەبۇ ھارىجە

ئەبۇ ھۇزەيما

ئەبۇ داۋۇد

ئەبۇ نەسبارە

ئەبۇ سەلىت

ئەبۇ سەلەمە

ئەبۇ سىنان

ئەبۇ شەيخ

ئەبۇ سەرمە

ئەبۇ تەھبەھ

ئەبۇ تەلھە

ئەبۇ ئۇبەيد ئىبنى ھەررەج

ئەبۇ ئەقىل

ئەبۇ قەتەدا

ئەبۇ قەيس ئىبنى مۇئەللە

ئەبۇ قەبشە

ئەبۇ مۇئابە

ئەبۇ مۇرشىد

ئەبۇ مەسھود بەدرىي

ئەبۇ مۇلەيىل ئىبنى ئەزھەر

ئەبۇ ئىبنى تەيھەن

ئەبۇ يوسر

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى