تاھىر تالىپ

ئورنى Wikipedia

 ئاتاقلىق شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان، تەتقىقاتچى تاھىر تالىپ 1946 - يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يامانياردىكى دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۆز يېزىسى ۋە ناھىيە مەركىزىدە باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئوقۇپ تاماملىغان. 1963 - يىلىدىن باشلاپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ۋە ناھىيەلىك پارتكومدا تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن. 1978-يىلى «قەشقەر گېزىتى» ئىدارىسىگە يۆتكىلىپ، مۇھەررىر، ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن.

ئىش-ئىزلىرى[تەھرىرلەش]

تاھىر تالىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1960-يىلى «قەشقەر گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «يېزىغا چۈشكەن كادىرغا» ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە «چۈنكى، مەن ئادەم»، «ئادەمنىڭ <سۈنئىي ھەمراھى>» قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلارنى يازغان. تاھىر تالىپ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆزى يالغۇز ياكى باشقىلار بىلەن بىللە «لارسىننىڭ ئۆلۈمى» قاتارلىق ھېكايىلەرنى، «پەرھاد – شېرىن» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى، «دىيانەت»، «دەھشەتلىك تېھران» قاتارلىق رومانلارنى، «قاچقۇن ما جۇڭيىڭ» قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان. ئۇنىڭ «چۈنكى مەن ئادەم» ناملىق شېئىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. تاھىر تالىپنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن «خەير، ياشلىقىم» (1989 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، «مەن-ئادەم» (2014 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، «ئەتىكى قۇياش» (2016-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) قاتارلىق ئۈچ پارچە شىئىرلار توپلىمى بار. شۇنداقلا، بىر قىسىم شېئىرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. «ئادەم ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي ماھىيىتى» (ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى) ۋە «زادى كىملەر زىيالىي» (چوڭ ھەجىملىك ئىلمىي ئەسەر) قاتارلىق ئىككى پارچە كىتابى پات يېقىندا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. تاھىر تالىپ ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

مەنبە[تەھرىرلەش]

خەلق تورى http://uyghur.people.com.cn/157635/15602595.html